گۈل ۋەزىپىسى - فېليەتۇن

گۈل ۋەزىپىسى

 

 (فېليەتۇن)

 

 مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئ‍ۈچۈن، بىر تەشتەكتىن گۈل ئ‍ەكىلىشنى ۋەزىپە قىلدى. بالىلار ئ‍ۆيگە قايتىپ ئ‍اتا-ئانىلىرىغا دىگەن بولسىمۇ ، لىكىن كۆپلىگەن ئ‍اتا-ئانىلار خىزمەت ۋە باشقا تىجارەت ئ‍ىشلىرىنى باھانە قىلىپ بۇ ئ‍ىشقا ئ‍انچە ئ‍ىرەنشىپ كەتمىدى.بالىلار مەكتەپكە،مۇئەللىمنىڭ ئ‍الدىغا گۈل ئ‍الماي بېرىشتىن قورىقسا، ئ‍ۆيىدىكى دەرىزىلەرگە تىزىقلىق گۈللەردىنمۇ خالىغىننى ئ‍ېلىپ بېرىشتىنمۇ قورقاتتى. ئ‍ەمما بۇ سىنىپتىمۇ (ئ‍الاھىدە ئ‍ىقتىدار)لىق ئ‍وقۇچىلارمۇ يوق ئ‍ەمەسكەن.ئۇلاردىن ئ‍ىككىسى مەسلىھەت قىلشىپ ئ‍اخشىمى كەچتە، شەھەر كۆكەرتىش ئ‍ىدارىسىدىن مەبلەغ سېلىپ شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش ئ‍ۈچۈن يول بويىغا رەتلىك تىزىلغان تەشتەك گۈللەردىن ئ‍ەڭ چىرايلىق،ئەڭ كۆركەملىرىدىن تاللاپ ئ‍ەكىلىپ ئ‍ەتىسى مەكتەپكە ئ‍اپىرىشتى،مۇئەللىم ماختىدى،،،، بۇ ئ‍ىككى بالا قىلغان ئ‍ىشلىرىنى باشقا ساۋاقداشلىرىغىمۇ دەپ بېرىۋىدى شۇنىڭ بىلەن گۈل تاپالمىغان ئ‍ون-نەچچە بالا ئ‍ەتىسى ئ‍اخشىمى شەھەر يولىدىن گۈللەرنى تاللاپ ئ‍ەكىتىپ سىنىپقا ئ‍اپىرىشتى،،،مۇئەللىممۇ ناھايىتى خۇرسەن بولدى،سۆيۈندى. بەزى ئ‍اتا-ئانىلارمۇ چىقىمدار بولۇپ يۈرمىدى،ئەمما شەھەر كوچىسىدىكى چىرايلىق گۈللەر بىر -ئ‍ىككى ئ‍اخشامدىلا ۋارا-چۇرۇڭلۇق سىنىپقا يۆتكۈلۈپ قالدى.

 

 مەخمۇتجان مەمەت تەشنائى "(ئىجادىيەت)





266 قېتىم كۆرۈلدى 151999 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-7 23:37:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ