نىكاھسز مۇھاببەت

  مۇھاببەت!  


«مۇھاببەتكە تولسۇن بۇئالەم»دىگەندەك بىرقىسىم ئىسىل سۆزلەردە دىيىلگەن مۇھاببەت بولسۇن، ياكى شىئېرلاردا مەدھىلەنگەن، ماقالىلەردە ماختالغان مۇھاببەت بولسۇن،ۋە ياكى كىتاپلاردا ئۇلۇغلانغان مۇھاببەت بولسۇن نۇرغۇنى ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى ھەتتاكى پۈتكۈل كائىناتتىكى مىھرى-مۇھاببەتنى ۋە نىكاھتىن كىيىنكى سۆيگۈ-مۇھاببەتنى كۆرسىتىدۇ.قانداقكىن نىكاھ سىرتىدىكى ئاتالمىش ئىشقى-مۇھاببەتنى ئەمەس.
ھازىر جەمىيىتىمىزدە مۇھاببەت ئۇقۇمى قالايمىقانلىشىپ ئاتالمىش ئىشقى-مۇھاببەتكە ئېتىبار بېرىلىپ نىكاھتىن كىيىنكى سۆيگۈ-مۇھاببەت سۇسلۇشۇپ ئادەملەر ئارىسىدىكى، ھەتتا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھاببەت يوقۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن ياشلار ھەتتا بالىلار مۇھاببەتكە قارغۇلارچە بېرىلىپ مۇھاببەتنىڭ قۇربانى بولاپ كىتىپ بارىدۇ.(ھەتتا ئايرىلىپ كەتسە دەرتلىرىنى قايغۇ ھەسرەتلىرىنى ھەرخىل سۆزلەربىلەن خەققە قاخشاپ دوسلا چەمبىرىكى، كىيۋ-كىيۋ بوشلۇقلىرى، تورنىڭ بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىمۇ تېش قالمىدى نە بىر ياخشى ئۈگىنىش نەبىر ياخشى خىزمەت..........) بۇنى تەپسىلى دەپ يۈرمىسەممۇ ھەممىمىزگە ئايان.
چۈنكى مۇھاببەتلەشكەنلەرنىڭ نۇرغۇنى توي قىلالمايدۇ. توي قىلسىمۇ بىرىنچى مۇھاببىتىدە ئەمەس.
ئەمدى قىز-يىگىت ئايرىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن  (ھەممە دادىلار قىزىنىڭ ئۈزى بېرىمەن دىگەن ئادەمگە تىگىشىنى،ئانىلار ئوغلىنىڭ ئۈزى ئېپ بېرىمەن دىگەن قىزنى ئېلىشىنى ئويلايدۇ. نۇرغۇنلىرى شۇنداق بولىشى كېرەك دەپ قارايدۇ) ياكى باشقا سەۋەب بىلەن باشقىلاربىلەن تويقىلىپ كەتسە قىزلار قانداق ئويلايدۇ بۇنى  ئۇخمۇدۇم.
يىگىتلەر مانداراق ئويلىسا :ئۈزىنىڭ چىندىلىدىن سۆيگەن يايرى باشقىلارغا خوتۇن بولۇپ، باشقىلار بىلەن.......................ئاھ خۇدا!
ئەمما ھەقىقەتتىن ئويلىسا ئەمەلىيەتتە: تەقدىرى بىكىتىلىشتە(نىكاھ تەقدىر پۈتۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ)ئۇ باشقىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى خوتۇنى! سەنشۇ باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن ئۇنى-بۇنى دىيىشىپ، ھەتتا ئۇنى-بۇنى قىلىشىپ يۈردۈڭ. نىمدىگەن نۇمۇس! نىمدىگەن نۇمۇس!
ئېچىنىشلىق يېرى ئەمدى سىنىڭ تەقدىرىڭگە پۈتۈلگەن كەلگۈسىدىكى  خوتۇنۇڭمۇ باشقىلاربىلەن ھەممىنى دىيىشىپ ھەتتاھەممىنى قىلىشىپ...........................ئاھ خۇدا!!!
مۇھاببەت مۇھاببەت نىكاھ سىرتىدىكى مۇھاببەت!  بۇ يولغا ئەمدى «بىرىنچى» مېڭىپ قالدىغان بولسام پاچىقىمنى چېقىۋېتىمەن! ! !
شۇڭا:


 نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەت لىشىپ
.

كۈندۈزلىرى دەرتكە پاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ،
ئاخشاملىرى بەك كەش ياتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
دەرتلىرىڭگە دەرتنى قاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ،
دەپ باققىنە نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
.
سېغىنىشتا ئۆتەر ئىكەن كۈنلۈرۈڭ،
ھەم ئۇيقۇ يوق تاڭ ئاتاركەن تۈنلۈرۈڭ.
دەرسخانىدا چىقماس ئىكەن ئۈنلۈرۈڭ،
ئېيتقىنا بىر نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
.
بىر كۈنۈڭمۇ خوشال-خورام ئۆتمەس ئىكەن،
ھەرخىل خىيال ئويلىرىڭ كەتمەس ئىكەن.
شاخى ئىگىز قوللىرىڭ يەتمەس ئىكەن،
بولدى قىلغىن نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
.
تېخى بولمىغان ئەتتىگەندە خەت يازمىساڭ،
ئىسىل يىزىپ كۆڭۈللىرىنى ھەم قازمىساڭ.
بۇ ئىشلار يوق مۇھاببەتكە گەر ئازمىساڭ.
جاپا ئارتىپ نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
.

بىلسەڭ خۇددى ئۇشۇق ئاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ،
لاتارىيەدە چەكنى تارتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ،
ئۇتىشىڭدىن ئۇتتىرىشىڭ كۆپ ئىكەن،
شۇڭا دەيمەن نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىـشىپ.
.
دارا يوقمۇ بۇ كۆڭۈلنى ياندۇرار،
مۇھاببەتتىن سىنى ئەسلا تاندۇرار.
ھەقتە ماڭساڭ خۇشاللىققا قاندۇرار،
قايت يولۇڭغا نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
.
ھەقىقەتەن شىرىن ئىكەن مۇھاببەت،
مۇھاببەتلەشسەڭ ئەمما لىكىن باسار دەرت.
ئەڭ ياخشىسى مۇھاببەتتىن يىراق كەت،
ئويلاپ باقە نىم قىلاتتىڭ مۇھابەتلىشىپ.
.
خەير دەپتى قېلىپ قالدىڭ ئاھ ئۇرۇپ،
تاپالمىدىڭ ئاندىن يۇرتنى ئاختۇرۇپ.
بۇ دەرتلەردە خازان بولدۇڭ ئاھ قۇرۇپ،
ساراڭمۇسەن نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
.
قاچساڭ دەرتتىن مۇھاببەتتىن پەرھىز تۇت،
يارنىڭ ئەمەس ئاتا-ئاناڭ كۆڭلىنى ئۇت.
ئاشۇ چاغدا باشلىرىڭغا قونار قۇت،
شۇنداق قىلغىن،نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ .
.
نىكاھسىز مۇھاببەتنى رەب خالىماس،
ئىنسانلارغا زىيىنى كۆپ دەپ خالىماس.
ھالاللاپ ئالامىساڭ ھەي يارىماس،
ئېيتە قېنى نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
.
نىكاھ سىز بولمىسۇن مۇھاببەت،
نىكاھتىن كىيىن سوۋمىسۇن مۇھاببەت.
توغرا يولنى كۆرسەتكەندۇر مۇھەممەت(س.ع.و)
شۇ يولدا ماڭ نىم قىلاتتىڭ مۇھاببەتلىشىپ.
-غۇلامىدىن مەردان تالبي
     





321 قېتىم كۆرۈلدى talib ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-20 16:43:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ