قېرىنداشلىرىم بىزنى ياشىغىلى قويامسىلەر يوق؟!

قېرىنداشلىرىم بىزنى ياشىغىلى قويامسىلەر يوق؟!


 


تۇرسۇنگۈل مەترۇزى


 


       كەچمۇ بولاي دەپ قاپتۇ، بۇ يەردە قانچە ئۇزۇن ئولتۇرغاندىمەن؟ كۆزۈمدە ياش، يۈرىكىم ئاچچىق بىر ئەلەم دەستىدىن ئۆرتەنمەكتە. نىمىدىگەن ھاقارەتلىك سۆزلەر،بىر ئادەمگىلا ئەمەس پۈتۈن سۈرۈك بىر مىللىتىمنىڭ ئۈستىگە يېغىۋاتقان بۇ ھاقارەت، مىنى تولىمۇ تولىمۇ بىئارامسىزلاندۇردى.       ئىلگىرى”ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە ئۇنداق قىلىدۇ يەي، مۇنداق قىلىدۇ يەي!“ دەپ كۆپ ئاڭلىغانمەن،ئەمما مەن ئۇچرىتىپ باقمىغانىدىم. باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇنداق،ئۇيغۇرلار مۇنداق دىگىنىنى ئاڭلىسام، قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كىتەتتى،زادىلا ئۆزۈمنى بېسىۋالالمايتتم. چۈنكى مەن ئۇيغۇر،مىللىتىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان،ھەربىر ھۈجەيرىلىرىم ئۇيغۇردەپ سوقۇپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر، ئەمما بۈگۈن ئاشۇ ھاقارەتلىك سۆزلەر ئالدىدا قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كىتەلمىدى،ھېچ بولمىغاندا” ئۇنداق ئەمەس مۇنداق “ دەيدىغانغا باھانىمۇ تاپالمىدىم، پەقەتلا كۆزلىرىمنى يوغان ئاچقىنىمچە ئۇلارغا غەزەپلىك قاراپ تۇرۇپلا قالدىم.نىمىمۇ دىيەلەيمەن، بۈگۈن يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار كۆڭلۈمنى بۆلەكچىلا غەش قىلىپ قويدى.

       بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى بولغىنى ئۈچۈنمۇ تاڭ، ياتاقتىكى قىزلار سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلى دىيىشىپ چىقىپ كىتىشتى. ئەمما مەن چىقمىدىم. چۈنكى ئۇلار سىرتقا چىقسا خالىغانچە نەرسىلەرنى ئېلىپ يەيدۇ، لىكىن مەن يىيەلمەيمەن، خالىغان يەرلەرگە ئوينىغىلى بارىدۇ، مەن يەنىلا بارالمايمەن. نۇرغۇن ئىشلاردا گىپىمىز بىر يەردىن چىقماي قالىدۇ ، شۇڭا بۈگۈنمۇ ياتاقتا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلاشنى توغرا تاپتىم.

        ئۇلار چىقىپ كىتىپ خېلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كىيىن يېنىپ كىردى، ئەمما چىرايلىرى بۆلەكچىلا تۇتۇلغان، كىرىپلا كىملەرگىدۇ تېلىفۇن قىلىپ سۆزلەپلا كەتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئايفۇن تېلىفۇنىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ، ئاندىن ساقچىخانىغا بېرىپ ئەھۋالنى دىگەنمىش، ئون مىنۇتلاردىن كىيىن يەنە چىقىپ كىتىشتى. تېخى ئۆزۈمچە نەدە چۈشۈرۈپ قويغان بولغىيدى، خۇدايىم بۇيرىسا تېپىلىپ قالار دەپ كەتتىم. ئاڭغىچە چۈشلۈك تامىقىمنى يەپ، ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرى بىلەن بۇلۇپ كىتىپتىمەن. بىر چاغلاردا يەنە قايتىپ كىلىشتى.” قانداق بولدى؟“ دەپ سورايمۇ سورىمايمۇ دەپ تۇراتتىم، تۇيۇقسىز ياتاقدىشىمدىن بىرسى تېلىفۇندا كىملەر بىلەندۇ سۆزلەشتى.

       _ ئا، يىجىڭ جېداۋ شېي نا لې! شى يى گې شىنجىياڭ رېن، ۋېي ۋۇ ئېر زۇ…(ھە، كىمنىڭ ئالغانلىقىنى بىلدۇق، شىنجاڭلىق ئۇيغۇركەن…)

        مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئىختىيارسىز بېشىمنى بۇراپلا ئۇلارغا قارىدىم. ئۇلارنىڭ مىنى كۆرەرگە كۆزى يوقتەكلا ئۆزلىرىنىڭ پارىڭى بىلەن، يەنە شۇ تىمىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى. ئورنۇمدا ئولتۇرۇپلا قاپتىمەن، خۇددى ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى مەن ئېلىۋالغاندەك، ئۇلارنىڭ گەپلىرى مەخسۇس ماڭا قارىتىپ دىيىلگەندەكلا…

          _ مەي ۋەن دوڭشى جىيۇۋ گېن ما ما توڭ دىيەنخۇا دې، شى فېن جوڭ خوۋ جىيۇۋ مېي يوۋ لې! (نەرسە كىرەكلەرنى سېتىۋېلىپ بولغاندىن كىيىن، ئاپام بىلەن تېلىفۇندا پاراڭلاشقان، ئون مىنۇتتىن كىيىن يوق تۇرىدۇ. )

          _ تا مېن زا جې مې بۇياۋلىيەن، سوڭ نا مې يۈۋەن دې دىفاڭ داۋ جېر لەي جۈەن مېر توۋ دوڭشى دې ما؟ ۋو ساۋ… (ئۇلار نىمانداق يۈزى قېلىن، شۇنچە يىراقتىن بۇ يەرگە مەخسۇس نەرسە ئوغرىلىغىلى كەلگەنمىدۇ؟ ھۇ ئاناڭنى…)

        پەقەتلا چىداپ بۇلالمىدىم، ئۇلارنىڭ گىپى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قېتىلالمايتتم، ئۇلارچە بولغاندا ئاشۇ تېلىفۇن ئوغرىسىنى بولىشىغا تىللاپ، مىللىتىمنىڭ ئوغرى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلسام، ئۆزۈمنى ئۆزۈم تىللاپ سېسىتىپ يۈرسەم خۇش بۇلاتتى… ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمىدىم، ھەم قىلالمايمەن. نىمىشقا زادى بۇنداق بۇلىدۇ؟…

        خېلى ۋاخلاردىن كىيىن ئىسىمگە كەلسەم، كىتاپتىكى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن، لىكىن ئۇلارنىڭ گەپلىرى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس.

       _ يى چىيەن يې تىڭ شو گو، جې شىيې رېن جىيۇ جې ياڭ… (بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان ئۇلار مۇشۇنداق…)

   ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمىدىم.

      _ نا نىمېن يې شىياۋ شىن دىيار، جې ئېر يې يوۋ گې شىنجىياڭ رېن، ئېرچىيې شى ۋېي ۋۇ ئېر زۇ … (ئۇنداقتا سىلەرمۇ ئىھتىيات قىلىڭلار، بۇ يەردىمۇ بىر شىنجاڭلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ئۇيغۇر…)

    زەرد بىلەن دىگەن بۇ گىپىم، گۈلدۇرمامىدەك چىققان ئاۋازىمغا قوشۇلۇپ ياتاق جىمجىت بولدى ھەم ھەممىسى چۆچۈپ قاراشتى. ئەمدى ياتاقتا تۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدى، چوڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتىم. نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن، مەكتەپ قوروسىدا كىتىۋېتىپ، ئىختىيارسىز يىغا تۇتۇپ كەتتى.

     ھەي غېرىپلىق! ئۆز يۇرتۇڭدا بولساڭچۇ، بۇنچە ئېغىر تۇيۇلۇپ كەتمەس بولغىيدى، شۇ تاپتا مەن خۇددى گۇناھىنى بوينىغا ئالغان كىشىدەك ھىسياتتا ئىدىم. ھاۋانىڭ سوغۇق بۇلىشىغا قارىماي مەكتەپ ھويلىسىدىكى تاش ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم. تاش ئورۇندۇق ئۇدۇلىدا بىر ھەيكەل بار ئىدى، ھەيكەل كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بۇلۇپ خۇددى ئۇمۇ مىنى مەنسىتمەيۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاندا-ساندا ئۆتۈشۈپ تۇرغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇيەر بەك جىمجىت ئىدى. ئالدىراش ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارسىز ماڭا قاراپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتتى. بەلكىم ئۇلار ئۇدۇلۇمدىكى ئاۋۇ ھەيكەل بىلەن بەس تالىشىپ شۇنچە سوغۇقتا ھەيكەلدەك ئولتۇرىۋالغان ماڭا ھەيران قېلىۋاتقاندۇ؟ ۋەياكى مىنى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بىچارە مەشۇق ئوخشايدۇ دىگەن قىياسنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەندۇ؟ ئەمما مىللىتىنىڭ ئېغىر ھاقارەتكە ئۇچراۋاتقىنىغا ئېچىنىپ، يۈرىكىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان ياشلارنى مۇنۇ سوغۇقتا مۇزلىتىپ قويغۇسى كىلىۋاتقان بىچارە ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەندۇ؟

     قۇلىقىمنىڭ، بۇرنۇمنىڭ پىژىلداپ ئېچىشىپ كىتىشى بىلەن ئۆزۈمگە كەلدىم. خاربىننىڭ زىمىستان قىشتىكى بۇ سوغۇقى ئادەمنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كىتەتتى. كەچمۇ بولۇپ قاپتۇ، ئەمدى كىرىپ كەتمىسەم بولمايتتى. ياتاققىمۇ كەلدىم، ھەممىسى ماڭا يەر تىگىدىن قارىشىپ قويدى. شۇ تاپتا ياتاق ماڭا دوزاختىنمۇ بەتتەر تۇيۇلۇپ كەتتى. ماتىرياللىرىمنى يۇغۇشتۇردۇمدە، ياتاق بىناسىنىڭ ئۆگىنىش قىلىش ئۆيىگە چىقىپ كەتتىم. ئۆگىنىش ئۆيىدىكى پارتىلارمۇ توشۇپ كەتكەن بۇلۇپ، مىڭ تەسلىكتە بىكار ئورۇندىن بىرگە جايلىشىۋالدىم. مىڭەمگە ھېچ دەرس چۈشىدىغاندەك ئەمەس، توختىماي ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم:<< جېنىم قېرىنداشلىرىم، بىزنى ياشىغىلى قويامسىلەر يوق؟!…>>



 ــــــ قاراقاش


 2014- يىل 21- دىكابىر(يەكشەنبە)              ـــــ شەھىرى خاربىن


     





1525 قېتىم كۆرۈلدى تۇرسۇنگۈل مەترۇزى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-16 18:18:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-7 18:06:29 ئىزچى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، ياخشى ئۇقۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن ،ئىشلىرىڭىز غا ئۇتۇق تىلەيمەن،سىز ئۈچۈن بۇلا ئاسان ئەمەس بىلىمەن ،لىكىن شۇ رىيالىقتىكى ئىشلا ئۈچۈن سەۋىر ھەم ئەقىك بەرسۇن ئىنشا ئاللا، مىللىتىمىز سىلەدەك ياشلاغا ھەر قاچان مۇھتاج،
2016-3-6 15:44:13 تۇرسۇنگۈل مەترۇزى
رەھمەت ھەدە، چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن.... سىزگىمۇ ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن!
2016-2-6 1:15:03 ھەبىبە غۇلجا دادامتۇ
تۇرسۇنگۇل سىڭلىم نىم ئامال بىزگە بەش قۇل ئو خشاش بۇلمايدۇكە بۇپتۇ ئولارمۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ قالار .ياخشى ئوقوڭ ئۇكام. سىزگە ئامەت يار بۇلسۇن.
2015-10-2 20:14:43 تۇرسۈنگۈل مەترۇزى
رەھمەت سىزگە ! قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتقان ھەر بىر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن!
2015-9-28 9:52:43 nuramina
assalammu alaykum kerendexem telfunimga uygurqa yazdegan sestima kaqligeli bolmegaqka amal yok muxundak yezexka maibur boldum manmu szga ohxax bu yurtka musaper manmu sz uqurgandak bundak exlga uqurgan kexelanig melletimezni tohtimay ayeplaxlere aldeda manmu lewemni qexlap sukut kelip turewerexka amalsz kalgandem hayretegezga barekalla aperen
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ