ئەركەكلىرىمىز تىرىشايلى
ئەلۋەتتە تۇرمۇشتا بىر ئەرنىڭ مەسسۇلىيىتى خېلىلا ئېغىر ، مەيلى خىزمەت بېسىمى بولسۇن ، ئائىلە ئىشلىرى بولسۇن ، ئالاقە مۇناسىۋىتى بولسۇن ، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۇنۇڭغا يۈكلەنگەن بولىدۇ. . مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئاياللارنىڭ يۈكىنى يىنىك ياكى ئۇلانى مەسسۇلىيەتسىز دېگىنىم ئەمەس . لېكىن مەن تېمىدا ئەرلىرىمىزنى ئاساس قىلغاچقا ، مۇشۇ تېمىدا توختىلاي . ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، نۇرغۇن ئەرلىرىمىز ئۆز تىرىشچانلىقىغا ،ئەقىل پاراسىتىغا تايىنىپ بەكمۇ ياخشى ،نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ ،ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دوس -بۇرادارلىرىنىڭ ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ،ھەم جەمىيەتتىكىلەرنىڭ ،قىزغىنلىقىنى قوزغىماقتا ، ئەلۋەتتە بۇنۇڭغا سېلىنغان تەۋەككۇلچىلىك ھەم ئەقىل پاراسىتىنى پۇل بىلەن ھېسابلىغىلى بولمايدۇ . شۇنداق قارايدىغان بولساق يەنە ، نۇرغۇن مىيىپ قېرىنداشلىرىمىزمۇ ، ئۆزىنىڭ جىسمى كەمتۇكلىكىنى يېڭىپ ، نۇرغۇنلىغان تېنى ساق ئادەملىرىمىز مۇ قىلالمىغان ، ئىشلەرنى قىلىۋاتىدۇ ، ھەرخىل يېڭىلىقلارنى يارىتىۋاتىدۇ ،ئىجاد قىۋاتىدۇ ،بىر كۆرسەكلا دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغايدىغان ، بىزگە ئۇلگە بولغۇدەك ئىنتايىن ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ ئەل يۇرۇتقا بىزگە سۇنىۋاتىدۇ . مانا بۇلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنىڭ ،مۇشۇنداق ياخشى چىقالىشىغا ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلىرى ، جىسمى ساقلاردىنمۇ ئارتۇق ،روھى ساغلاملىقى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن نەتىجىلىرى ئەلۋەتتە . توغرا ئەركەكلىرىمىز تېخىمۇ ، ئۆز -ئۆزىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ، بىر قەدەم -بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ، جاپا مۇشەققەتكە چىداپ داۋاملىق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاتا -ئانىمىزغا ، ئائىلىگە ، جەمىيەتكە ، ئەڭ مۇھىمى ئۆز مىزگە ھاياتلىققا ياخشى جاۋاپ قايتۇرالايمىز ، ياشاش ھەرگىزمۇ يەپ ئىچىش ،ئويناپ كۆڭۇل ئېچىش ئۈچۇنلا بىزگە بېرىلگەن ئەمەس . ئۇ بىزگە شۇنداق سوئال قويۇدىكى ، ئۆز ھاياتىڭغا يۈز كېلەلەمسەن ؟ دېيەلەيدۇ . بىزدە بىركۇن ئۆتسە ،بىركۈنگە خوش . دەيدىغان ھورۇن ئەرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس .ئويۇن كۈلكىنى كۆرسە قىلىۋاتقان ئىشىنىمۇ تاشلاپ قويۇپ ئويۇنغا يۈگۇرەيدىغان ، ھەتتا تولا ئويناپ ئۆيگە قايتىشنىمۇ ،ئۇنتۇپ قالىدىغان ئۆزىنى ھەقىقى ياشاشنى بىلىدىغان ئەركەك دەپ ئويلاۋاتقان نادان ئەرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس، توغرا ئويناپ كۆڭۇل ئېچىش ،ياخشى لېكىن ھەر ئىش ئۆز لايىقىدا بولسا ،بۇ تېخىمۇ ياخشى . ئەرلەر ئەتراپقا قاراپ باقايلى بىزمۇ ئەنە ئاشۇ ، تىرىشچان غايىلىك ، باشقىلارنى ئالغا يىتەكلىيەلىگىدەك ، ئەركەكلەردىن بولۇپ چىقايلى !!!!!!!!!! ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۆز ھاياتىمىزغا يۈز كېلەيلى ، ئاشۇ كاتتا كارخانىچىلىرىمىزدەك ، ئەل غىمىنى يەپ يوقسۇل بېشىنى سىلايدىغان ساخاۋاتچى ،ئېسىل ئادەملەردىن بولالمىساقمۇ ، ئۆز ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلىگىدەك ئەركەكلەردىن بولۇپ ياشىيالايلى! ئىنساننىڭ ھاياتى پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ ، شۇڭا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كەينىمىزگە چېكىنمەي ، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ھايات قىبلىنامىسى تىكلەپ ، ئالغا ئىلگىرلەيلى ، ئۆزىمىزنى توختىماي يۈكسەلدۇرەيلى ، جاپا تاتمىغىچە ھالاۋەت نەدە ؟ ئوبدان ئويلۇنۇپ ياخشى ئەمەل، ياخشى ئىشلارنى ، توغرا ئۇسۇلدا تىرىشچانلىقىمىز ھەم ئەقلىمىزگە تايىنىپ قىلايلى ، ماددى ۋە مەنىۋىي دۇنيايىمىزنى كۆپەيتەيلى ، شۇنداق قىلغاندىلا ھاياتقا ئۆزىمىزگە ھەقىقەتەن ئەركەك بولۇپ ياشىدىم دېيەلەيمىز ، ھەقىقەتەن ئەر باشقا ،ئەركەك باشقا ، ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان بىر جۇملە سۆز ، ياشلىقىمىزدا تىرىشمىساق ، قېرىغاندا تىرىشايلى دېسەكمۇ ، ئورنىمىزدىن تۇرالىشىمىزنىڭ مۇمكىنچىلىكى ناھايىتىمۇ ئاز ، گەپنى ئوچۇق قىلغاندا يوق دېسەكمۇ ھەرگىز خاتا كەتمەيدۇ ، جېنىم دوسلار بىز يارىماس ئەمەس ھورۇن، بىز دۆت ئەمەس بەلكى ئەقلىمىزنى جايىغا ئىشلىتىلمەيمىز پەقەت ، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ تىرىشىپ قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيلى ، ئەقلىمىزنى جايىغا ئىشلەتسەكلا ، بىزدىن ئۆتەرى يوق . دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ، پەقەت مۇمكىن قىلالمايدىغان ئادەم بار . تىرىشىش جەريانىدا نۇرغۇن جىسمانىي ۋە ئەقلىي ھەم ئىقتىسادىي كۈچىمىز سەرىپ بولىدۇ ئەلۋەتتە ، بۇ جەرياندا مەغلۇپ بولۇشتىنمۇ ساقلىنىمەن دېگىلى بولمايدۇ ، لىكىن مەغلۇپ بولۇپلا بەلنى قويىۋېتەمدۇق ؟؟؟؟؟؟ ياق ياق ھەرگىزمۇ ئۇنداق بوشاڭغۇلۇق قىلىشقا بولمايدۇ . مەغلۇبىيەتنىڭ ئۆزىمۇ بىر قېتىملىق غەلبە ،بىز ئۇنىڭدىن تەجىربە ساۋاق ئىگەللىسەكلا كېيىنكى غەلبە دەرىخىنى شاخلىتىپ تېخىمۇ كۆپلەپ مېۋىگە ئېرىشەلەيمىز . يەنە نۇرغۇنلىرىمىز بىر ئىش قىلماقچى ، بولىمىزيۇ مەغلۇپ بولىشتىن قورقۇپ ئىككىلىنىپ قالىمىز ، يا ئۇياققا ماڭالماي ، يا بۇياققا ماڭالماي مۇشۇنداق تۇرامدۇق دوستۇم ، ئىسىڭىزدە بولسۇن مىڭ خىيال قىلغاندىن، ھەشەمەتلىك بىر يېقىلىش ئەۋزەلدۇر ..... بىر نەچچەيلەن بىر سوروندا ئولتۇرۇپ قالغىنىمىزدا ،باشقىلارنىڭ غەملىرىنى قىلىشىپ ، غەيۋەت- شىكايەت بىلەن بولىمىز يۇ ،ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرى توغرىسىدا كەلگۇسىمىز توغرىسىدا ، ئويلاشقىلى ۋاقىت يوق ياكى بولمىسا قولدىن تېلغۇننى چۇشەرمەي ، كۆچمە خەۋەرلىشىننىڭ تېلغۇنۇسلىرىدەك تېلغۇنلىرىمىز ئۈزۇلمەي قالىدۇ ، بىز شۇنچە ئالدىراشمۇ دوسلار ؟؟؟؟؟ ئەسلى دوسلار بىلەن ھال -مۇڭ قىلىشىپ تاماقنى ئىسسىقىدا يەپ ، بىر - بىرىمىزگە يول كۆرسۇتۇشۇپ ، ئۆز ئاراھەمكارلىشىپ ، كەلگۇسىمىز توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىشىمىز كېرەتتىغۇ . ئامال بولسا دوسلۇرۇم ئەركەكلىرىم ، كەلگۇسى ئۈچۇنمۇ جىقراق ئويلاپ قويايلى ،ئەل قۇرغاقچىلىقتا قالسا يامغۇر بولۇپ ياغالمىساقمۇ ئەلگە يامغۇر تىلىيەلىگىدەك بولايلى دوسلۇرۇم ، چوڭ كارخانىچىلاردەك بولالمىساقمۇ ، ئاددىغىنە خىزمەت ئورنىمىزدا ، ئۆزىمىزگە خاس بولغان، نەتىجىلەرگە ئېرىشكىدەك ئەركەكلەردىن بولۇپ چىقايلى. ھەرگىزمۇ بىكار تەلەت ، ھورۇن ،يارىماس ، قارىسا ئەردەك كۆرۇنۇپ ئاجىزغىنە ئاياللاردەك بولۇپ قالمايلى . بۇ يەردە يەنە ئاياللارنى تىلغا ئېلىپ قويدۇم ، ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ئاياللارنىڭ ئورنىىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ .ئۇلارنىڭ قازانغان ئۇتۇقلىرى نۇرغۇنلىغان، ئەركەكلىرىمىزنىمۇ قاتتىق ئويغا سالدۇرۇپ قويۇۋاتقان بۇ ۋاقىتتا ، بىز ئەرلەر ئەركەكلەر قول قويۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق قاملاشمايدۇ ئەلۋەتتە . مەيلى سىز قايسى كەسىپ ، قانداق سودا ، قايسى ئىدارىدە ئىشلەڭ تىرىشمىسىڭىز تەبىيلا شاللىنىپ ، يەۋاتقان ئېشىڭىز دىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز ، شۇنداقمۇ ؟؟؟؟؟؟ مەيلى سىز بورۇن تىرىشىپ يېرىم يولدا توختاپ قالغان بولۇڭ ياكى تىرىشىپ باقمىغان بولۇڭ ، ياكى بۇرۇندىنلا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇڭ ، ئەمدى قايتىدىن ياكى تېخىمۇ تېرىشىڭ. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن ، ئالغا ئەركەكلەر توختىماي تىرىشايلى، ئۆزىمىزگە ھاياتلىققا يۈز كېلەلىگىدەك ، ھەقىقىي بىر ئەركەك بولۇپ چىقىش ئۇچۇن ئالغا ئالغا باسايلى !! دۇنيا گۇزەل ئەر بىلەن ، ئەرئىچىدىكى ئەركەك بىلەن . يەركۆكلىتەر ئەركەك دېگەن ، پىشانىدىن ئاققان تەر بىلەن . بۇ ئەسىرىمنى ئاددىغىنە قەلەملىرىم ، بىلەن يېزىپ قويدۇم . ئوقۇرمەن دوسلۇرۇمنىڭ ماڭا تەكلىپ پىكىر بايان قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ....
ئاپتور :::مەنزىلىم سەن
519 قېتىم كۆرۈلدى | manzilimsan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 2:04:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-18 21:39:39 | ئاپتور |
دوسلۇرۇمنىڭ مېنى قوللىغىنىغا رەخمەت |
2015-8-17 1:26:18 | كامىلجان |
ئەھمىيەتلىك تېما ،ئەھمىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ئەسەر بوپتۇ،ھارمىغايسىز! |
2015-8-9 16:23:08 | شادىيە |
بەك ياخشى يېزىپسىز، تېخىمۇ تىرىشىڭ. |
2015-8-3 3:10:40 | ئاق ئەتتىرگۈل |
ياخشى يىزىپسىز ياخشى قىلىشقا تىرشىڭ تىلەكداشمەن.. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|