بىر كۈنى ھەممىمىز كېتىپ قالىمىز
رەيھانگۈل (مىسكىن)
(رەھمەتلىك مىرادىل ۋە ئابدىقاھار ئۇكاملارنىڭ ۋاپاتىنى ئەسلەپ)
بىر كۈنى ھەمىمىز كېتىپ قالىمىز ، قېرىنداشنىڭ يۈرەكلىرىگە ، سۆيگۈمىزنىڭ تىلەكلىرىگە ئۇلۇغ بىر يىغا ، مىڭ دەرت-ئەلەم ، چۇڭقۇر بىر ساقايماس يارا قالدۇرۇپ تېنىچلا كېتىپ قالىمىز .
ئەزرائىلنىڭ قارا قوللىرى سۇزۇلغاندا ئەجەلنىڭ كۆزى يوقلىقىنى ، ياش-قېرى ، قىز-ئۇغۇل دەپ ئايرىمايدىغانلىقىنى پۇشايمان ئىلكىدە ھىس قىلىپ جىمجىت كېتىپ قالىمىز .
ھاياتنىڭ شىرىن بۇلاقلىرىنى قانماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ ئىچىۋاتقاندا تەقدىرنىڭ رەھىمسىز قىسمەتلىرىنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يالغۇز كېتىپ قالىمىز .
ھاياتلار ئۈلۈمنى ئويلىمايدۇ ، ھاياتنىڭ ناھايىتى قىسقا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ .مەيلى ھاياتقا كۈلۈپ بېقىپ چاچ-ساقاللىرىمىز ئاقارغىچە ياشاپ كىتەيلى ۋە مەيلى شۇنداقلا تۇيۇقسىز ياش كىتەيلى ھامان بىر كۈنى مەلۇم بىر يەردە ، مەلۇم بىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇغۇلىشىدىن تەمكىن يارالغان كۆزلەرنى ئازاپتىن ياشلاپ ، شىرىن كۈنلەرگە ئاھ-زار ، داد-پەريادلارنى باشلاپ تۇيۇقسىزلا كىتىپ قالىمىز.
بىر چاغلاردا نەپسى يامانلىق قىلىپ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئۈزىمىزنى ۋە ئۆزگىلەرنىڭ كوڭلىنى ئاغرىتقانلىقىمىزنى ، مىھرىمىزنى ئەمەس قەھرىمىزنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى دەقىقە ئىچىدە ھىس قىلىپ ئازاپتىن ئۆرتەنگەن يۈرەكلىرىمىزنى ئىغىر بارماقلىرىمىز بىلەن مۇجىغان ھالدا كىتىپ قالىمىز .
بۇرنىمىزغا ئۈلۈم پۇرىقى پۇراپ ئەزرائىلنىڭ ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن قەدەم باسقان ئاشۇ ئاخىرقى بىر نەچچە مىنۇتلۇق نەپسىمىز قالغان مىنۇتلاردا سىز ، مەن، بىز نىمىلەرنى ئويلارمىز ؟ نىمىلەرگە پۇشايمان قىلارمىز ؟ ئاھ ، ھايات ........ھەممە قەدىرلىشلەر ، پۇشايمانلار ، كىچىكىشلەر ئەنە ئاشۇ تۇيۇقسىز كېتىپ قىلىشلاردىن بۇرۇن بولسۇن ، خەيىر !
2015-يىلى 30-دىكابىر
298 قېتىم كۆرۈلدى | رەيھانگۈل (مىسكىن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-30 11:48:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|