ئالىي مەكتەپ

      ئالىي مەكتەپ 

زۇلفىيە ھەزىرتىلى 


   ئاززۇلاپ،تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن،ئەينى ۋاقىتلارداشۇ بىر كۈنلۈك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن نەچچە كىچىلەر ئۇيقىسىز قالغان،يەنە شۇ ئۇيقىسىرىغان كۆزلەرنى يىرتىپ ئېچىپ ئەتىكى دەرىسكە كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇزۇن مۇساپىلەرنى يۈگۈرۈش بىلەن تاماملىغان،دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىملەرنىڭ مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىسى بىلەن كەلگۈسىدىكى ئالىيى مەكتەپلەرنى چۈشلىرىمىز ئارقىلىق كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان، قەدەمدە بىر تاپشۇرۇق،قەدەمدە بىر ئىمتىھان سوئال قەغىزى ، يەلكىگە بېسىلغان بۇ تاغ  دۆۋىسى، قاچانمۇ قۇتۇلارمىز دەپ بىزار بولغان شۇ بېسىملار،ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ شۇ ئىمتىھانداياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز بىلەن تەڭ تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاشلىرى،بىز بىلەن تەڭ يېتىپ كىچىنى كىچىگە ئۇلاشلىرى، تەكرار قىلىپ ئۈستەل ئۈستىدە مۈگىدەپ چىراغ ئاستىدا ئۇخلاپ قالغاندا ئاستا كىرىپ بىزگە يېپىنچا ياپقانلىرى،
ئاتىلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ دەرىسنى ياخشى تەكرار قىلىشىمىز ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىشلىرى ،گەرچە ئۆزى باشقا ياقا-يۇرتلاردا .مۇساپىر بولۇپ يۈرسىمۇ بىزگە ھارغان-تالغىنىنى بىلدۈرمەي،شۇ مەغرۇرانە قامىتىدىن جۈرئەت-جاسارەت ئۇرغۇپ بىزگە مەدەت بېرىچاتقانلىقى،ئالدىمىزدا بىز ئۈچۈن قاتتىق تەلەپ قويۇپ قاتتىق تەككەن بولسىمۇلىكىن،شۇ قاتتىق تىگىشلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان دەل مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى، بىز تا ئاتا-ئانا بولمىغىچە ھىس قىلالمايدىغان بۇ خىل كۈچ،بۇ خىل روھ،بۇ خىل قۇدرەت ئىلكىدە  ئىمتاھان دەرۋازىسى بوسۇغىسىدىن قەدەم ئاتلەدۇق.
رىقابەتكە تولغان بۇ دەۋر،ئىمتاھان بىلەن سىنىلىدىغان بۇ جەمىيەت،نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى شۇ بىر كۈن ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا،    قوڭغىراق چېلىندى!  قىقاس-چۇقان ئىچىدە بەزىلەرنىڭ يىغا ئاۋازى،بەزىلەرنىڭ كۈلكە ئاۋازى،يەنە بەزىلەرنىڭ جاۋاب سېلىشتۇرۇش ئاۋازلىرى تەرەپ-تەرەپتىن ئاڭلانماقتا ئىدى.
ئوت لاۋۇلداۋاتقان بۇ پىژ-پىژ ئىسسىقتا دەرۋازا ئالدىدا تەقەززالىق بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزلەر، ھەر تەرەپتىن « بالام! مەن بۇ يەردە !؟» « قىزىم ! مەن بۇ يەردە ؟!»   دىيىىشسە،  ئانىسى يوق،ئاتىسى يوق بىچارە قارا كۆزلەر، «دادا سىلەر قەيەردە؟»   « ئاپا سىلەر قەيەردە؟» دەپ سېغىنىش ياشلىرىنى ئاققۇزغان ھالدا ئاكىسى،تاغىسى بىلەن ئۆيلىرىگە قايتماقتا.
نەچچە كۈنلۈك جەڭ ئاياقلىشىپ،ھەممە ئازاتلىققا، چىقىپ،شۇنچە ئەركىن،شۇنچە خوشال،ئەمما شۇ خوشاللىقنىڭ ئىچىگە قانداقتۇر بىر ئەندىشە يوشۇرۇلغانىدى......
ئىمتاھان نەتىجە چىقىپ بەزىلەر سەكرەشتە،بەزىلەر ھەسرەتتە، يەنە بەزىلەر ئەندىشىدە، ئەمما،ھەممە ئاياقلاشقان،ھەسرەتتە قالغانلارغا نە بىر يىغا پايدا،نە بىر ئۆلۈم،خوشنىلارنىڭ ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ«  قاراڭ، قىزىم ماۋۇ مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ،»   « ئوغلۇم ماۋۇ داڭلىق مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ » دەپ پەخىرلىك ھالدا دىيىلگەن گەپلىرى،تېخىچە چاقىرىق قەغىزىنى ئېچىپ كۆرۈپمۇ باقمىغان بۇ ئاتا-ئانىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ لەقتە-لەقتە قىلماقتا ئىدى.
ئارزۇلىغان چوڭ ئالىيى مەكتەپ دەرۋازىسى،كەڭ كەتكەن پۇتبول مەيدانى، مۇھىتى ياخشى،ئازادە ئوقۇتۇش بىناسى،ھەممە جىمجىتلىققا چۆمگەن، ئۆز دۇنياسىنى ئۆزى يارىتىش ئۈچۈن كۈتۈپخانىلاردا ئولتۇرغان شۇ ئارىفلار، ھەر مىللەت بالىلىرى بىلەن قۇرۇلغان نەچچە كىشىلىك ئائىلە،ئاغىرىپ،قىيىنچىلىقتا قالغاندا. سۇنۇلغان قوللار، ئۇنتۇلغۇسىز  ھالدا ئۆزىنى شام قىلىپ،ئوقۇغۇچىلار قەلبىنى يورۇتىۋاتقان ئۇستازلار،توختاۋسىز پىچىرلاپ،گۈللۈك ئۈستىدە ئولتۇرغانلارغا سىمفونىيە چېلىۋاتقان قۇشلار،  خۇش. ھىدىنى ھەر تەرەپكە  چېچىۋاتقان گۈل-گىياھلار كىشىگە باشقىچە ھوزۇر ئاتا قىلاتتى.
مانا مۇشۇنداق گۈزەل مۇھىتتا ئۆز روھىتىمىزنى كاماللاشتۇرماقتىمىز،توختىماي ئىلگىرلىمەكتىمىز،  رەڭدارلىققا تولغان بۇ مەكتەپ. قوينىدا ئۆز رىسقىمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتىمىز......


      مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار  2041420589





149 قېتىم كۆرۈلدى زۇلفىيە ھەزىرتىلى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-14 16:44:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ