ھاياتتا مۇنداق ياشا
باشقىلاردىن ئاغرىنما. چۈنكى سېنىڭ ئاغرىنىشقا ھەققىڭ يوق.
ئۆزۈڭنى چۈشۈرمە، پەس كۆرمە. چۈنكى سەندىن ئۈستۈن تۇردىغانلارمۇ ئۇنچە ئالاھىدە ئادەم ئەمەس، ئوخشىمايدىغىنى ئۇلار ئىزدىنىشچان، تىرىشچان.
باشقىلارنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ غاجىما. چۈنكى ئۇلارنى ئەسكى قىلىپ قويغان مەن سەنگە ئوخشاش ئادەملەر .
غەلبەڭدىن پەخىرلەنمە، مەغلۇبىيەتكە ئۆكسۈمە. چۈنكى غەلبە سېنىڭ نەتىجەڭ، نەتىجەڭ مەغلۇبىيەت بولسا يېڭى ئالاھىدە نەتىجەڭ .
روناق تاپاي، باي بولاي دىسەڭ ئاناڭغا جىق سوۋغا بەر. پۇلنى ئاشنىغا، قىمماغا، دىباغا، ئېتىبارسىز سورۇنغا ئەمەس، ئۆيۈڭدىكى ساڭا سەت كۈرۈنۈپ قالغان گۈزەل خۇتۇنۇڭغا خەجلە…خۇتۇنۇڭغا خەجلىگىدەك پۇل قالمىسا بېشىنى سيلا، پىشانىسىگە سۆي. ساقلىقدىمۇ، ئاغرىقىدىمۇ كۆڭۈل بۆل، ۋاپادار بول. باللىرىڭغا كۆيۈمچان، چوڭلارغا ۋاپادار بول. باشقىلارنىڭ يۇقرى تۆۋەنلىگىنى ئايرىماي ھاجەتنىڭ، مۇھتاجلىقنىڭ، چوڭ كىچىكلىكىنى ئايرىغىن …
دەسسىلىپ كەتكەن يەنجىلىپ ئۆلگەن چۈمۈلە بولسىمۇ ئاستا ئېلىپ تۇپراققا كۆمۈپ قوي ……رازى بولسۇن، زىمىن كۈلسۇن. ئادەملەر تەسىرلەنسۇن. بەلىكىم كۈندە سېنى دورايدىغاندىن بىرسى چىقىپ قالار !!!!
742 قېتىم كۆرۈلدى | majnun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 2:03:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|