سىزنى ئۇچراتقىنىمغا خۇشالمەن لىكىن سىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمغا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىپ قويغىنىمغا ئەپسۇسلىنىمەن .سىز مەن بۇ دۇنيادا تۇنجى كۆڭلۈم چۈشكەن ئەر ئىكەنسىز لىكىن بۇنى كىچىكىپ بىلگىنىمگە ئەپسۇسلىنىمەن .سىزدىن ئايرىلغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچەسىزنى سىغىنىش ئىلكىددە ككۈتۈپ تۇرۇپتىمەن . سىزسىزنىڭ ىىشىمىز مۇشۇ يەرگچە بولسۇن دىگەن ئۇچۇرىڭىزدىن كىيىن سىزگە ھەقىقى كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم ،كۆڭلۈم شۇنچىلىك پەرىشان يىرىم بولدى.سىزنىڭ غۇرۇرىڭىزغا تىگىدىغان شۇ بىر ئىغىز سۆزنى ،سىزنى سىناش مەقسىتىدە قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم،ئۆۆزەمنى نەچچە رەت ئەيىپلىدىم. شۇندىن ئىتىبارەن كۈنۈم سىزنى كۈتۈش،سىغىنىش بىلەن ئۆتتى،بىرەر كۈنمۇ كاللامدىن نىرى كەتمىدىڭىز ،نىمشقا شۇنداق بولىدۇ ، بۇ دەل مۇھەببەت ئىكەن ئەمەسمۇ ،مەن بۇنى تولىمۇ كىچىكىپ ھىس قىلىپتىمەن .سىز بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا ئىككىمىزىڭ ئىشىنى ئەستايىدىل ئويلاشماپتىمەن، خىيالى يۈرۈپتمەن، سىزدىن ئايرىلغىنىمدىن كىيىن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،ھەرقانداق ئىشقا يۈزەكى قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى،باشقىلار سۆز قىلغاندا ئاۋۋال باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ،ئااندىن توغرا خاتاسىغا تەمكىنلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كىرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم.بۇ ئۆمرىمدە سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا خۇشالمەن لىكىن سىزنى يوقىتىپ قويغانلىقىمغا ئەپسۇسلىنىمەن .نىمىشقا دەمسىز چۈنكى مەن ئۇزۇندىن بىرى ئىزدەۋاتقان كۆڭلۈمدىكىدەك يىگىت ئىكەنسىز ئەمەسمۇ،بۇنى دەل سىزدىن ئايرىلغاندىن كىيىن تولىمۇ كىچىكىپ ھىس قىلدىم .سىزنىڭ خۇيىڭىزنى ئۆزگەرتكەن ئادەم سىز سۆيدىغان ئادەم ،سىزنىڭ خۇيىڭىزغا كۆنگەن ئادەم سىزنى سۆيدىغان ئادەم دەپ توغرا ئىيتىلغان ئىكەن ،مەن دەل سىزنى سۆيدىغان ئادەمكەنمەن .سىزنى ئاشىقىم دەپ چاقىرغۇم كىلىۋاتىدۇ .ئااشىقىم بىلەمسىز ،سىزنىڭ ئىشىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن دىگەن ئۇچۇرىڭىزدىن كىيىن مەن ئۈندىدارىڭىزنى يۇيىۋەتكەن ئىدىم ،كىيىن ئىككىمىزنىڭ بىر بىرىمىزگە ئەۋەتكەن رەسىملىرىمىزنى بولسىمۇ ساقلاپ قويمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. كۈنلىرىم سىزنى كۈتۈش ،سىغىنىش ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى .كۈن ساناپ سىزنىڭ تىلفۇن كۈتىۋاتاتتىم .سىزدىن تىلفۇن كەلسىلام ،ئاالدى بىلەن كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتقان سۆزلىرىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ، سىزنى ياخشى كۆردىغانلىقىمنى ئىيتىمەن دەپ يۈرەتتىم لىكىن ئاشىقىم سىزدىن پەقەت سادا كەلمىدى .يەنىلا كۈن ساناپ ئۈمۈد بىلەن سىغىنىۋاتىمەن .كۈندە كاللامدىن نىرى كەتمىدىڭىز، مەيلى ئۆيدە بولاي ،مەيلى سىرىتتا بولاي، شۇ زامان خىيالىمدا سىز،سىزنى بىرەر قىتىم ئۇچرىتىپ قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم،لىكىن ئۇچرىتالمىدىم .تولىمۇ ئەپسۇس شۇنداق سىغىنىپ تۇرۇپ پەقەتلام چۈشۈمگە كىرمىدىڭىز ،كۆڭلىمدە مەن ياخشى كۆرگەن بىلەن مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ،شۇڭا بىرەر قىتىمۇ چۈشۈمگە كىرىپ باقمىدى دەپ ئويلىدىم لىكىن سىزدىن پەقەت رەنجىمىدىم، رەنجىيدىغىنىم ،ئەپسۇسلىنندىغىنى دەل ئۆزۈم ،چۈنكى قەلبىڭىزدىكى ئورنۇمنىڭ تۆۋەن ئورۇنغا ،ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىمغا ئەپسۇسلىنىمەن .سىزنى ياخشى كۆردىغانلىقىمنى،سۆيدىغانلىقىمنى ،سىزدىن ئايرىلمىغان ۋاقىتتا بىلگەن بولسام،بەختىم ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسام، سىزدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتىم، مىنىمۇ خاتا چۈشەنمىگەن بولاتتىڭىز، مەنمۇ بۇنچىلىك ئاھ ئۇرمىغان بولاتتىم .سىز ئاخىرى چۈشۈمگە كىردىڭىز،ئەتىىسى ئويغىنىپ چۈشۈمنى ئەسلەپ شۇنداق خۇشال بولۇپ كىتىپتىمەن .بىر كۈنى ئاچامغا ناخشا ئەۋەتىپ ،ئااچامنىڭ ئۈندىدارىدىن ئاچامنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ ئەۋەتكەن سىزنىڭ رەسمىڭىزنى يۇيۋەتمىگەنلىكىمنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتىم، ئۇندىن كىيىن رەسمىڭىزمۇ تىپىلدى .بىلەمسىز ئاشىقىم سىزنىڭ رەسمىڭىز بىلەن ئۆزۈمنىڭ رەسمىنى ئالدى كەينى تىزىپ ،كۈندە سىز نى سىغىنغاندا كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈمگە تەسەللى تاپتىم . رەسمىڭىزگە قاراپ بۇرۇنقى سىقىلىشلىرىم خىلى يوقىغاندەك بولدى .بىلەمسىز ئاشىقىم، مەن ھەر بىر رەسىمىڭىزگە قارىغان، سىزنى سىغىنغان ۋاقتىمدا ،سىزنىڭمۇ مىنى سىغىنغانمىدۇ،مىنى ئويلاۋاتقانمىدۇ،دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .خەيىر ئاشىقىم ،بۈگۈندىن باشلاپ ئەمدى سىزنى ياد ئەتمەيمەن،ئاللا نىسىپ قىلسا ،رىسقىمىز قوشۇلسا ،تەلىيىم، بەختىم ،رىسقىمىز قوشۇلمىسا ،ئاللادىن بەختىڭىزنى تىلەيمەن .
79 قېتىم كۆرۈلدى | خەندان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-5 22:02:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|