يىگىتلەرگە سۆز
يىغلاش دىگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىسام ئادەمنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتۇپ كىتىدۇ..كىمنىڭ كۆزىدىن نە سەۋەپتىن ياش تۈكۈلگەندۇ...؟ بۇ دۇنيانىڭ كۈلكىسى بىلەن يىغىسى تەڭ نىسبەتتە تۇرىدۇ... بۇلارنىڭ نىسبەت يۇقۇرى تۈۋەنلىكى پەقەت مەنا بىلەن ئۆلچىنىدۇ...مەنىلىك ياشاش ئۈچۈن كۆپ كۈلۈش ئەمەس ئەھمىيەتلىك ياشاشنى كۆرسىتىدۇ... مەسلەن،ئەھمىيەتسىز كۈلكىدىن ئەھمىيەتلىك ياش ئەۋزەلدۇر. ئەل ئارسىدا بۇرۇندىن ھازىرغىچە قىزلار يىغلاڭغۇ،يىگىتلەر ئوغۇل بال يىغلىمايدۇ دەپ گەپ بار..بەلكىم بۇ ئوغۇللارنىڭ مەسئوليەت ئىڭىنى يۇقىرى پەللىگە كۈتۈرۈش ئۈچۈن مەدەت ئۈزۈندىلىرى بولسا كىرەك.... راست ئۇ قىز- ئوغۇللارنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئايرىمىسىنىڭ يارقىن بىر نوقتىسى . مەنا بىلەن ئايرىساق قىزلارمۇ بوش ئەمەس،نام بىلەن ئايرىساق ئىتىڭلار ئۇلۇغ..(..ئوغۇل،ئەركەك.... )ئۇلۇغلىقىدىن ئىغىزغا بىر كىلىدۇ ،لىكىن سىلەر نىمە قىلىپ بەردىڭلار جەمىيەتكە سىلەرنى شۇنداق ئۇلۇغ نام بىلەن چاقىرسا، ئىتراپ قىلسا... ئادەم ئادەم بىلەن ئادەمدۇر،دۇنيا مىھىر مۇھەببەت بىلەن ئىللىقتۇر،دۇنيادۇر. دۇنيا دىگەن بايلىق دىمەكتۇر،بىزنىڭ بارلىقىمىز دۇنيا ئىدىغۇ.. ئىلىڭلار دۇنيانى قۇلۇڭلارغا مىھرىڭلار بىلەن ... كۈتۈرۈڭلار بىر نىيەت بىر مەخسەتتە ئالقىنىڭلارغا ئىلىپ كۈكتە..كىملىكىڭلارنى شۇ كۈككە ئىسىڭلار كۆزنى قاماشتۇرسۇن..ئەزىز ياشاڭلار ،ياشايلى ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن... ئىغىزلاردىن سۈكۈش،دۆڭگەش ...چىقىدۇ بىرەسى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە ئويلىشىپ كۆرمەيدۇ... زامان ئىقىنلىرىدا يەنە ئايال كىشىلەر نى ئەيىپلەيدىغان ۋەزنى ئىغىر سۆزلەر سۇدەك ئاقماقتا....ئارتۇق سۆزلىگىم يوق ،پەقەت دەيدىغىنىم شۇكى مەسئۇليەت تۇيغۇسى بولمىغان يىگىتكە كۆڭلىڭىزنى،ئۆزىڭىزنى تاپشۇرماڭ..ئەخلاقى،دىيانىتى ،مىھىربانلىقى يوق قىزغا كەلگۈسىڭىزنى تاپشۇرماڭ. ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنمايۋاتقانلار بىلىڭلاركى ھوقوقۇڭلارنى ئىشىلتەلمىسەڭلەر ھۈججەت يىزىڭلار قول قۇيۇڭلار ئىستىپا بىرىڭلاركى، قىزلارنى سۆكمەڭلار... نىمىشقا دەمسىلەر؟جاۋابى تۇلىمۇ ئاددى چۈنكى سىلەر خاتالىقىڭلارنى تۇنمايۋاتسىلەر...تۇنۇش تۈگۈل خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۈتكۈزۋاتسىلەر..نىمە خاتالىق دەمسىلەر ؟دەپ بىرەي ئاڭلاڭلار،بىر مىللەتنىڭ ئانىسى بۇلدىغان قىزلارنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ تىللايسىلەر،ھاقارەتلەيسىلەر...بىر مىللەتنىڭ ئانىسى تۇرۇپ ،ئۇنداقيەي مۇنداقيەي دەپ ئەيىپلەشكە باھانەڭلەر كۆپ ،سەۋەپچىسى بولغان ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر،بىز قىلغان دەپ ئىتراپ قىلاممايدىغان جىنىڭلارغا بىچارە مەزلۇملارنىڭ قان ياشلىرىغا سەۋەپ بولغان تۇرۇقلۇق قىزارماستىن قىزلارغا باھايىڭلار كۆپ ....شېرىكى سىلەر ئەمەسما شۇ نۇمۇسسىز قىزلارنىڭ ،قىنى ئۇلارنىڭ نۇمۇسى...؟نەگە كىتىپتۇ ...سىلەرگە تاپشۇرغان ئەمەسمۇ ..؟قايتۇرۇڭلار ...!!! ..سىلەر باھالىغۇچىما ،ئىگە بۇلاممىغاندىكى نىمە قىلسىلەر باھالاپ ......نىمىشقا تىللايسىلەر كىم بەردى ئۇ ئالى ھوقوقنى سىلەرگە،قانداق باردى تىلىڭلار...؟! ھەر بىرىڭلار تىلىڭلارنى يىغىپ زىھنىڭلارنى يىغىپ ئۆزەڭلارنىڭ قىزلىرىغا ،ئاچا-سىڭىللىرىڭلارغا ئوغول بالىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى،رولىنى،ئىسىللىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇڭلار ،قىزىڭ،سىڭلىڭ،ئاچاڭ بولسا خەخنىڭمۇ ئاتىسى ،ئاكىسى ئىنىسى بار..ئۆزۈڭلار ئىگە بولساڭلار كىم كىمنى بوزەك قىلالايدۇ بۇ قانۇنلۇق جەمىيەتتە..... سىلەرسىز ئۇلار بۇزۇلمايدۇ،خىرىدارى يوق مالنىڭ بازىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ بىلىڭلار..مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل كىمنىڭ پۇشتى ؟جۈملىدىن سەنمۇ بىر ئەر بىر ئايالدىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن بۇ يورۇق دۇنياغا ئاپرىدە بولۇنغان..نەسلىڭ پاك بولسا يۇلۇڭ ئاق بۇلۇر... بەلكىم مەن ئۇنداق ئەمەس ،ھەمىمىزنى بىر تاياقتا ھەيدىمە دەرسەن،سۈرۈشتۈرسە گۇناھسىز ئىنسان يوق بەلكىم... قارا،بىر كۆلنىڭ سۈيى تامچە-تامچە سۇدىن تەركىپ تاپقان،بىر تامچىسى لاي بۇلسا قالغان تامچىلىرى سۈزۈك بولسا ئۇلار قۇشۇلسا قانداق رەڭ پەيدا بولىدۇ؟لاي دەمدۇق سۈزۈك دەمدۇق...؟ يەنە شۇ سۇنى ئۆزىمىز ئىچىپ كەلدۇققۇ...؟سۇنىڭ بىشى لاي ئاخىرسىمۇ لاي .....قۇتاندىكى قويلارنىڭ تاماق قاچىسى بىلەن ئۇبۇرنىسى بىركەن ئۇيلاپ باقسام..،،،. تۇشقان جىنىدا ئۇۋىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتنى يىمەيدىكەن...سىلەر(بەزى) بولساڭلار تاللىمايسىلەر پەقەت قان قىرىنداش بولمىسىلا يات سىلەرگە... سىلەرنىڭ ھامىيلىقىڭلار ئاستىدىكى قىزلارغىمۇ ياتلارنىڭ بارلىقىنى تامامەن ئۇنتۇيسىلەر ،ياكى كۆزۈڭلارنى قىسىۋىتسىلەر...مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان قىزلارغا بىلىم ئۈگۈنۈش شارائىتى يارىتىپ بىرىڭلار قۇلۇڭلاردىن كەلسە.... ئۇلار تەربىيلەنسۇن.. ئۇلارنى قانداق شارائىت بىلەن تەمىنلىسەڭلار كەلگۈسى پەرزەنتىڭلارغا شۇنداق ئۇقۇتقۇچى تەكلىپ قىپ بىرسىلەر....... ئاتالمىش مۇھەببەتنىڭ قۇربانى بولغان قىزلار ئاز ئەمەس بەزى ئالدامچى كاززاپلارنىڭ دەستىدە... توغرا چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ،لىكىن بىر بەدەندىن بىر يۈرەكتىن چىقىدۇ بىلۋال....يۈرۈكىڭ ئاغىرمىدىما ئاغىرۋاتقان نى يۈرەكلەرنىڭ تەسىرىدىن...؟ ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ توغرا ،لىكىن ھەممىز ئۆزىمىزنىڭ شورى دەپ ئۈتۈپ كەتسەك بولمايدۇ دە..! ئاز تۇلا تىرىشمايلىمۇ،ماۋۇ جەمىيەتنىڭ پاكىزلىقى،مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە... بىزمۇ شۇ جەمىيەتنىڭ ئەزالىرى بولغاندىكىن...!ئاڭلىق پۇقرا بۇلۇپ ئىناق،گۈزەل جەمىيەت قۇرۇشقا تۆھپە قۇشايلى ،ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلاپ... . يىگىتلەر مىڭلىغان قىزلار ئىچىدىن تاللاپ ئەلچى ماڭغۇزدۇ،قىزلار بولسا كەلگەن شۇلاردىن تاللايدۇ. ھوقوق كىمدىكەن ئۇيلاپ باقايلى... شۇڭا ئۈمۈرلۈك ھەمراھ تاللىغاندا بولغۇسى پەرزەنتىڭىزنىڭ تەربىيلىنىش شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تاللاڭ...ئۇ جەمىيەتكە،ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولغانلىقتۇر. ھايالىق قىزلار دىيانەتلىك يىگىتلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ئۈچۈن بىلىم ئىلىڭ..ئۇقۇڭ ئۇقۇتۇڭ..! سىز ئۈچنى تەربىيلەيسىز ئۈچ پەرزەنتىڭىز تۇققۇزنى....شۇڭا ..........ئەمدى گۇناھ كىمدىكەن ئويلاپ بىقىڭ يۈرۈكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەت مەركىزىدە تۇرۇپ.قايتا قايتا ئويلاڭ.... قىزلار يىغلىسا ھىسداشلىقنى قوزغايدۇ ئۇغۇللار يىغلىسا ئادەمنى ئىچىندۇردۇ ...ئىچىندىم ،ئىچىنۋاتىمەن....... بەزى قىز يىگىتلەرگە،.ئىچىنىشمۇ ،ھىسداشلىقمۇ بار بىر ھىسىياتتا يىگىتلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلايدىغىنىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم ...بەزى يىگىتلەر تۇختىماي يغلايدىكەن ئۇلارنىڭ يىشى يۈرىكىگە ئاقىدىكەن،ئۇلارنىڭ ئايرىمىسى پەقەت ياشاش مەنتىقىسىدە بۇلدىكەن ..... ياخشى قىز يىگىتلەرگە بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە بارلىق قىز يىگىتلەرگە ئىنساپ تىلەيمەن... ئەھمىيەتلىك تۈكۈلگەن ياشنىڭ ئىگىسى يۈرەكلەرگە قانداق تەسەللى بىرىشنى بىلمىدىم،پەقەت ياشلىرىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قالماي ياشاشقا تىرىشىمەن... ھەممە يىگىتلەرگە دىمىدىم،دەل ئاشۇنداقلارغا دىدىم.ۋىجدانىنى ئىت،غورۇرىنى مىت يەپ كەتكەنلەرگە..دىدىم.... ئەر دەپ تۇرۇپ ئۆزۈڭنى يەر قىلدىڭغۇ قەددىڭنى دەسسىۋەتتى نۇمۇسسىز قىزلار ئىشلىمەيدىغان قاپاق كاللاڭنى.
قەلەمدە ~ئاق ئەتتىرگۈل
450 قېتىم كۆرۈلدى | ئاق ئەتتىرگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 16:34:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-9 14:14:50 | شادىيە |
بەك ياخشى يېزىپسىز،كىسىپ ئېيتىمەكى 90%قىزغا تەربىيە قىلىشقا لايىق ئادەم تەربىيە قىلسا ئاڭلىماي قالمايدۇ،ئەمما 90%يىگىتكە تەربىيە قىلىدىغان ئادەمغۇ يىراقتا تۇرسۇن تەربىيە قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەممۇ چىقمايدۇغۇ. |
2015-8-7 23:46:09 | ئىلياس |
ياخشى يىزىپسىز ،بىراق كېسىپ ئېيتىمەنكى 90%قىزغا تەربىيە قىلسا ئاڭلىمايدۇ .پۈتۈن دۇنيا قىزلارنى ئەقىللىق دەپ ئېتراپ قىلىدۇ ،شۇ ئەقىل ئىگىلىىرىنىڭ ئەقلى نەدە؟ ئەسرىڭىزنى ياقتۇردۇم |
2015-8-6 7:42:33 | aziz |
yahxi asar kan |
2015-8-6 5:19:15 | nilufar |
yahxi asarkan |
2015-8-4 12:22:51 | ئەلقۇت |
ياخشى ئەسەركەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|