خوتۇن باشقۇرۇش تۈزۈمى

مۇشۇ كۈنلەردە خوتۇننى باشقۇرماق بەكلا تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەجدادلىرىمىز خوتۇن دېگەننى يىپتەك باشقۇرۇپتىكەن، بىزگە كەلگەندە يا ئۇرغىلى بولمىغان. ئۇرسا ئائىلە زۇلۇمى دېيىلىۋاتقان، شۇڭا خوتۇننى باشقۇرۇشتا يەنىلا تۈزۈمگە تايىنىش ئاقىلانىلىك. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تۈزۈم تۈزۈلدى. بۇ باشباشتاق، تۇرمۇشى تەرتىپسىز ياش چوكانلارغا تەتبىقلىنىدۇ. ئەھلى مەزلۇملىرىمىز ۋاقىپلانغاي:
1.خوتۇنلار ئائىلىۋى مەشغۇلات ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك، يەنى ئەتىگىنى سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەسلىك، ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق، كەچتە سائەت 11:30 دىن كېيىن ئۇخلاش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۈز يۇيۇش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، بالىنىڭ قىيا-چىيا قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھېيت- بايرام ۋە ئارام كۈنلىرىدە دەم ئېلىش چەكلىنىدۇ.
2.خوتۇنلار ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، ئۆينى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تۇتۇشى، ئۇيغۇر تېبابىتىدىن ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كېرەك.
3. خوتۇنلار ئائىلىدە رەتسىز، قالايمىقان كىيىنىپ يۈرمەسلىكى، سىرتقا چىققاندا، ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەسلىكى، ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇستا ئاشپەز، ئاشخانىدىن چىقىپلا لېۋەن يارلار بولۇشى كېرەك.
4.خوتۇنلار ھەر ئايلىق ئىش ھەققى، مۇكاپاتى ۋە بارلىق كىرىملىرىنى ئېرىگە تولۇق تاپشۇرۇشى ھەم بۇنىڭغا قارشى ئىدىيەدە بولماسلىقى، يوشۇرۇن پۇل ساقلىماسىلىقى، ھەر كۈنلۈك چىقىمى 10يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
5.ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆز ئاتا-ئانىسى ئورنىدا كۆرۈشى، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى كەلسە گاژ-گۇژ، ئەرنىڭ تۇغقانلىرى كەلسە غاژ-غۇژ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.
6. ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، ئىچىش-چېكىشىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى، يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا كەلسە كۆپ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى لازىم.
7.خوتۇن ئېرىگە خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون بېرىپ، ئەرنىڭ خۇش كەيپىنى بۇزۇشغا روخسەت قىلىنمايدۇ. تېلېفون بەرمىسە بولمايدىغان ئىش چىققاندا تېلېفون بېرىش، پەقەت ئاساسىي مەقسەتنىلا سۆلەش لازىم. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقىت بىر مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
8. ھە دېسىلا ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە روخسەت يوق. داۋاسى يوق كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن باشقا كېسەللىكلەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز تاماقلىنىش بىلەن داۋالىشى، ئىڭراپ يېتىۋالماسلىقى لازىم.
9. خوتۇن پەرزەنتىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ئارام كۈنلىرىمۇ «نۆۋەتچىلىك» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى تاماقنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پەرزەنتىنى سىرتتا ئوينىتىش ياكى قېيىنئانىسىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك.
10. ھېيت-بايرامدىن باشقا كۈنلىرى خالىغانچە تېلېۋىزور كۆرۈشكە روخسەت يوق، ئەردىن تىزگىنەكنى تالىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. تېلېۋىزور كۆرۈش زۆرۈر بولغاندا، ئەر ياقتۇرمايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
11. يات ئەرلەرگە قاراش ۋاقتى ھەر قېتىمدا ئۈچ سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ئەرگە قارىغان ئومۇمىي ۋاقتى بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن خەت يېزىشماسلىقى، كۆرۈشمەسلىكى ۋە توردا ئۇچراشماسلىقى، باشقا ھەر قانداق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تېلىقىپ كۈلمەسلىكى ۋە قېرىنداشلىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشماسلىقى كېرەك.
12. خوتۇننىڭ بىرەر ئىش توغرىسىدا ئېرىگە داتلىشى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەرد تۆككەندە ئاۋازىنى پەس، مۇلايىم چىقىرىشى كېرەك.
13. مۇبادا يۇقىرىدا دېيىلگەن تارماقلارغا خىلاپلىق قىلىنسا، دەرھال نىكاھتىن ئاجرىشىش شەرت، ئاجراشقاندىن كېيىنكى بارلىق مال-مۈلۈك ئەرگە تەۋە بولىدۇ، خوتۇن بولغۇچى قاق سەنەم قىلىنىپ ئۆيدىن قوغلىنىدۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.





1331 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-21 20:55:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-28 2:48:18 نىجاتكارى
مەنچە بۇمەزمۇننىڭ ئ‍ېشىپكەتكىن يەرلىرىبار بىراق بەزى ئ‍اياللارنى راسلا باشقۇرماق تەس
2016-4-15 13:23:41 gul mira
Arlar tuz gan bu tuzim maga katti yak midi ayallarni buzak kilgan lik bu arlar awal xun da yaxap bak sun
2016-3-11 4:09:41 نامسىز
ھى ھى
2016-2-14 13:19:53 huma
amsa ayalka gela bulsa kaeda tuzumla arla ga taxa yah xi buldekabn da un dak bulsa arla kuqeda axnauynap nim kelsa bula werdekan da buni man kullemay ma bukarax tup tin hata hata
2016-1-9 14:00:38 gulnar
muxini yazgan yazhuqining anis aqa singl yoh ohxaydu dolmisa dundah yazmasti bakim bukizzikqilik bolsimu
2016-1-4 23:14:43 گۈھەر
بۇ ئ‍ايالارغا ،توي قىلىش ئ‍الدىدىكى مەلىكلەرگە ،ۋە ئ‍ۇلۇغ ئ‍انىلىرمىزغا قىلنغان ھۆرمەتسىزلىك ،گەرچە بۇ قىزقارلىق بولسىمۇ ،شۇ
2015-12-31 11:33:07 abdulla
bumaz mun bak yahixi amskan bu ayalarha kartihan zulum
2015-12-25 14:52:34 Tolon ay
Bu garqa kizzikqilik bolsimu,likin yanila ayallarha kilinhan hormatsizlik.
2015-8-9 14:46:28 شادىيە
ئ‍اياللارغا با قائىيدە-تۈزۈم ئ‍ەرلەرگە يوقما؟ ئ‍ەرلەرنىڭكىنى مەن تۈزۈپ بېرەيمۇ يا!
2015-7-31 18:23:12 mayira
Bu hill tuzumda hair hizmatqinimu baxkurgili bulmaydigu dayman
2015-7-29 16:17:48 فىرۇزە
ئاياللارغا شۇندا قايدا تۇزۇم تۇزۇلگەن بۇلسا ئەرلەرمۇ ئاياللارغا。ئايدا 10000ئايلىق ئىشلەپ بەسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ