ھايات ۋە تۇرمۇش يەكۈنى
ئايىمگۈل
ھايات دىمەك تۇرمۇش دېگەنلىكتۇر. سەن بۇ دۇنيادا ھەر بىر تىنىقىڭ توختىغىچە تۇردىكەنسەن سەن چوقۇم تۇرمۇش ئۈچۈن ياشىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭنىڭ ئىستقبالى دەل ئاشۇ قىسقىغىنە ھاياتىڭنىڭ ئىچىدىكى تۇرمۇشىڭدا.سېنىڭ تۇرمۇشۇڭنى قانداق ئۆتكۈزۈشىڭ ، ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلشىڭ ھەممىسى ئۆز ئىختىيارلىقىڭدا.
سەن ھاياتىڭىدىكى ھەر بىركۈنىڭنى ئەھمىيەتلىك ، مەنلىك، رەڭدار ئۆتكۈزگىنىڭدە ئاندىن ھەقىقىي تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىيالايسەن. سەن كۈنلەپ-كۈنلەپ ئەسلەش،ئازاپلىنىش، پۇشايمان ئىچىدە يۈرسەڭ رەھىمسىز تۇرمۇشنىڭ رەزىل قۇرۇتلىرى سېنى توختاۋسىز غاجاپ ھالىڭنى قويمايدۇ.
ئەكسچە سەن ھەربىر كۈنۈڭنى خۇشال-خورام،مەنلىك ئۆتكۈزگىنىڭدە تۇرمۇش گۈللىرىڭ پورەكلەپ ئېچىلىدۇ. سەن بىر مۇھەبەتتلىك ئىنسان. سەن نىمدىن زارلىنسەن، نىمىگە خار بولسەن. سېنىڭ تۇرمۇشىڭ جايىدا، ئاتا-ئاناڭ ھايات گەرچە سەن بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە بولالمىسىمۇ شۇ ئەزىزلەرنىڭ ئالامچە مۇھەبتتى سەن بىلە ھەر ۋاقىت بىللە. سەن يەنە قايسى تارتىپ كەتكەن جاپالىرىڭغا تۇرمۇشتىن زارلىنسەن. مۇھەبتتە كىچىكىنە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقساڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىلماي، ئەكسىچە ئۆزۈڭگە كۆڭۈل ئاغىرقى تېپىۋالسەن. سەن بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ ئىسىق-سوغۇقلىرىدا ئۇرلۇپ سوقۇلسەن. ھەر قېتىملىق توسالغۇ سېنى تاۋلايدۇ ھەمدە تەجىرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەيسەن.
ھايات مانا مۇشۇنداق، تۇرمۇشمۇ ھەم شۇنداق.
467 قېتىم كۆرۈلدى | ayimgvl0509 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-23 13:19:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|