سىزنىڭمۇ شۇنداق چاغلىرىڭىز بولغانمۇ

سىزنىڭمۇ شۇنداق چاغلىرىڭىز بولغانمۇ

 

يىغلىغۇڭىز بار تۇرۇپ ئەكىسچە كۈلگەن ۋاقتىڭىز بولغانمىدى؟ بىراۋلارغا كۆڭۈل بۆلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە دىققەت قىلمىغان قىيپاپەتكە كىرىۋالغانمىدىڭىز؟ كېتىشنى شۇنچە خالىمىسىڭىزمۇ يەنە ئايرىلغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ شۇنچە ئازابلانغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنە:« بەختلىكمەن» دېگەنمىدىڭىز؟ ھەر قانچە قىپمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمىگەننى «ئۇنۇتتۇم» دەپ يالغان ئېيىتقانمىدىڭىز؟ بىز ھامان ئىككى دۇنياغا مەنسۇپ ئادەملەر، دەپ يۈرۈپ يەنە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ ئۇنىڭ ئالدىدا قەلبىڭىزدىكى گەپلىرىڭىزنى «بۇ يالغان، ئېرەن قىلىپ كەتمەڭ» دېگەن چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ ؟ ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنە كەچمىشلەرنى ئەسلەۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ يالغاندىن خۇشال بولغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ھېرىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى داۋاملاشتۇرغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ ئەلۋەتتە ھەم بولغان ھە؟ سەۋەبسىزلا كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ، ئادەم خالىماي، يالغۇز ئولتۇرۋېلىپ بۇرۇنقى ئىشلارنى ھەم كىشىلەرنى ئەسلىگەن ۋاقتىڭىزنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ دەمسىز؟ ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆزىڭىزنى چۈشەنمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، يالغۇزلۇق ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىڭىزنى مەندىن يوشۇرماقچىمىدىڭىز ئەجەبا! يەنە شۇنداق يىغلىغۇڭىز بار تۇرۇپمۇ يىغلىيالمىغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بولغانمىدى؟ يېنىڭىزدا دوستلىرىڭىز كۆپ تۇرۇپمۇ يەنە يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتىسز ھە!؟ تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويۇپ تاپالمىغاندەك بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزچۇ؟ شۇنداق بىر ناخشىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىختىيارسىز شۇنداق بىر كىشىنى ئەسكە ئالدىڭىز، بۇ چاغدا بىر تۇرۇپ ناخشىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرسىز، يەنە بىر تۇرۇپ تەكرار ئاڭلاشنى خالايسىز. قانداق تېپىۋالدىممۇ؟ ئۆزىڭىزگە كۆيۈنىدىغان، سىزنى ئاسرايدىغان بىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ۋاقىتلىرىڭىزنى قانداقمۇ يوشۇرالايسىز؟ شۇنداق، ئاشۇ چارىسىزلىك ئىچىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە سىزبار، ئۇ بار، مەنمۇ بار .............چۈنكى بۇ بىر كەم دۇنيا ,

يازغۇچى: ئ‍اشىق 520…………





289 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍اشىق 520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 9:57:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-7 17:10:26 UMAKKINA
BURUNK IXLANI ASLIGIMNI BILIWAP SIZDA APSUS MIG APSUS HEQ OZGIRIP KAL MAYDU XUNDAKMU…
2015-8-5 21:55:31 رۇقىيە
سىز مىنى مەندىنمۇ بەكرەك چۈشىنەمسىز ھە، بۇ ھەسرىتىمنى ئادىلجان چۈشەنسىچۇ
2015-8-4 23:32:16 ئىپارە
بۇ سانسىز يۈرەكلەرئۈچۈن ھەقىقەت بۇلۋاتقان،ئەمما شۇ نازۇك قەلىبلەر ئېتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان يازمىلار ئىكەن.
2015-8-3 19:10:58 pakzad
bolgan mini quxunwapsiz...mining xahzadka xundak digim ba likin u yok
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ