ئاجراشماڭلار ئاتا ئانىلار - يىگانە شاتۇت

ئاجراشماڭلار ئاتا ئانىلار 


 ئاپتۇرى: يىگانە شاتۇت 


 ئاجراشماڭلار    ئاتا     ئانىلار
 يىتىم بۇلمىسۇن سەبى بالىلار


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :مەن ئۈزۈم بىر يىتىم قىز يىتىملىكنىڭ دەردىنى تاتىپ چۇڭ بۇلغان ئەمدىلا 20 ياشقا كىرىپ بىر بالىنىڭ ئاپىسى بۇلغان بىر قىزمەن،
ئۆزۈم كىچىك بالىلىق بۇلدۇم ھەمدە بىشىمدىن نۇرغۇن كۈلپەت ۋە كۈڭۈلسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ مۇشۇ ياشقا كەلدىم ،
مانا مەن يىتىملىكتە چۇڭ بۇلۇپ ئەمدىلىكتە قۇچۇقۇمدىكى تىخى يىشىغا تۇشمىغان ئۇماق ئوغلۇمنىمۇ بۇ يىتىملىك سەپىرىگە ئەكىرىپ قۇيدۇم، شۇ پەرزەنتىمنى ئۈزۈم كۆرگەن كۈنلەنى كۆرسەتمەسلىك ۋا شۇ جاپا كۆڭۈلسىزلىككە قۇيماسلىق ئۈچۈن ئىللىق ئائىلە ئاتا ئانا مىھرىدە چوڭ قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشتىم ھەم قۇربانلىقلارنى بەردىم،ئەپسۇس يەنىلا بۇ زۇلمەتلىك سەپەردىن ئۇنى تاتىپ چىقالمىدىم،
ئەمدىلا يىشىغا تۇشمىغان بۇ سەبى ئۇماق ئوغلۇم مەن بىلەن تەڭ يىتىملىك سەپىرىدە سەرسانە بۇپ يۈرۋاتىدۇ ئۆزۈمنىڭ ئىللىق مىھرىدىن باشقىنى بىرىشكە ماغدۇرۇم يەتمەيقالدى،
بۇنىڭ دادىسى بۇلسا ئائىلىسىدىن ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ھەم خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئۆزىنى تاتتى پەرزەنتىم قانداق چۇڭ بۇلار؟ ئاپىسى يالغۇز قانداقمۇ بىقىپ كىتە؟ دىگەنلەرنى ئۇيلىمىدى، شۈكرى نىم كۈن كۆرسەم مەيلى دەپ ئۇغلۈمنى ئاچ قۇيماي كىيىمسىز قۇيماي ئۆزكۈچۈمگە تايىنىپ بىقىپ كىتۋاتىمەن ،
سىلەرگە شۇنى دىگۈم كىلىدۇ ھەي ئوغۇللىرىمىز ئۆزىنى ئەركەك چاغلايدىغان ئوغلان لىرىمىز قىنى سىلەردىكى شۇ ۋىژدان سىلەرگە ئۇيۇن تاماششا قىز چوكانلار بۇلسىلا بۇلامدۇ شۇ ئۆز پۇچتۇڭلاردىن بۇلغان پەرزەنتىڭلانى ئۇيلاپمۇ قۇيمامسىلەر؟ مەنلام ئەمەس نۇرغۇن ئانىلار ماڭا ئۇخشاش بىر ياكى ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ يىتىملىك سەپىرىدە بىللە مىڭۋات ماقتا شۇ بالىلارنى ئۇيلىماي ئۆزەڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاجراشقان ۋە شۇ ئائىلىدىن ۋازكەچكەن يىگىتلەر سىلەردىكى شۇ ۋىژدان ئەركەكلىك دادىلىق قەيەرگە كەتتى؟ جەمىيتىمىزگە قارساق يۈتۈپ كىتۋاتقان بۇزۇلۇپ جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇ لىقىغا چۈكۈپ كىتۋاتقان  بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يىتىم بالىلار ئاتا ئانا مىھرىگە تەشنا بۇلۇپ چۇڭ بۇلغان بالىلار ،
ئەجىبا سىلەرمۇ شۇ پەرزەنتىڭلارنىڭ شۇ يۇللاردا مىڭىشىنى شۇ قاراڭغۇلۇققا چۈكىشىنى خالامسىلەر؟
مەيلى ئاجرىشىشىقا نىمسەۋەپ بۇلسۇن بالىلاردا نىمگۇناھ ؟
ئۇلارنىڭ سەبى قەلبىنى پۇچىلاپ زىدە قىلدىغان سىلەردە نىم ھەق با؟
ئۆزەڭلارنى دادا ئەمەس بىر ئەركەك ئۇرنىغا قۇيۇپ ئۇيلاپ بىقىڭلار شۇپەرزەنتىڭلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش ياكى يۈرىكىدىن ئاققان قان بۇلسۇن ھەممىسىنىڭ ئۆتنىسى با،
ئەي ئوغلانلىرىمىز سىلەر ئۈچۈن نەچچە سائەتلەپ تۇلغاق يەپ 9ئاي 9كۈن قۇرساق كۈتۈرۈپ سىلەرنىڭ پۇشتۇڭلارنى تۇغۇپ بەرگەن شۇ ئاياللىرىمىزنىڭ مىھرىڭلارغا بەخىتلىك ئائىلىگە ئىرىشىش ھەققى يۇقمۇ ئۇلار سىلەردىن تاغنى ئەمەس مىھرىڭلارنى بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدۇغۇ؟
سىلەر بىلەن نىم كۈن كۆرسە ۋايسىماي يەنە شۇ كۈنلەرنى تەڭ تارتىدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇ پاك سۆيگىسىگە تەز سالىدىغان نىم ھەققىڭلار با؟
ئۇيغۇنۇڭلار ھەي ئەركەك لىرىمىز دادا بۇلدۇڭلار ئەمدى كۆڭۈل خۇشى ئۇيان تاماششانى ئاخىرلاش تۇرۇپ پەرزەنتىڭلارنى يىتىم قىلماي دادىلىق مىھرىڭلاربىلەن ياخشى تەربىلەپ قاتارغا قۇشۇڭلار سىلەردىكى ئەركەكلىك يۇقاپ كەتمىسۇن !
ئاجراشماڭلار ئاتا ئانىلار!!





258 قېتىم كۆرۈلدى يىگانە شاتۇت 5703 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 5:37:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-15 12:02:11 妈妈的爱。
توغرا ئەمەسمۇ ؟پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن ، ئاتا ئانىلار تېخىمۇ مەسۇلىيەتچان بولمىسا بولمايدۇ.ئاتا ئانا دېگەن پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى دەيدۇ.ئۇلارنى تېخىمۇ بەختكە ئېرىشتۈرۈشبىزنىڭ بۇرچىمىز.
2017-4-11 17:06:42 1509020671
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرداش ياخشى يېزىپسىز ماڭا يارىدى ؟؟؟؟؟؟؟
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ