مىنىڭ ھاياتىم پەقەت بىر كۈن. تاڭ بىلەن تەڭ دۇنياغا كۆز ئاچتىم. قاتتىق ئاچچىق يېغلىدىم بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلـمىگەنلەر ياق بىلـمىگەنلەر دىسەم يالغان ئېيتقان بولغۇدەكمەن. يىغىلىشىمنىڭ سەۋەبىگە ھىچكىم قىزىقمايتى، پەقەت ئانام بىلەن دادام مىنى يېغلىماي كۈلۈپ ياشاشقا ئۈندەپ كۈننى كەچكە ئۇلاپ بولغۇچە ئۇلارغا كەچ قاراڭغۇ چۈمبىلىنى ئوراشقا ئالدىرايتى، مەنمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆز ئاچقاندىكى يېغامنىڭ سەۋەبىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتىم. ئاتاـ ئانامغا كەچ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن بولسا كېرەك ئۇ مىنى يەنىمۇ بەك سېغىندىغان بولۇپ قالدى. مەن مەن ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئۆزەم ئۈچۈن خوشاللىق ئىزدەپ ياشىماقتا ئىدىم. مىنىڭ قەلبىمدە بۇ بىر كۈننىڭ تولىمۇ تىز ئاخىرلىشىدىغانلىقى، پۇرسەتتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش دىگەن ئۇقۇم بەكمۇ غۇۋا ئىدى. مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ قايسىنىڭ ھەقىقى مۇھىم قايسىنىڭ ھەقىقى مۇھىم ئەمەس ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلالـماي ياشىماقتا ئىدىم. مانا مىنى ئاپىرىدە قىلىپ، مەن ئۈچۈن پەرۋانە بولۋاتقان ئاتا-ئانام ماڭا قانماي تۇرۇپ بۇ بىر كۈننى كەچ قىلاى. مەن تولىمۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئازاپلاندىميۇ يەنە بۇرۇنقىدەك نام نىشانسىز ياشىماقتا ئىدىم. مال دۇنيا يىغىپ كاتتا ياشاش ئۈچۈن توختامسىز تىرىشماقتا ئىدىم. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك كاتتا بايغا ئايلاندىم. لىكىن يەنىلا مال دۇنيا يىغقۇم، كائىناتقا خۇجا بولغۇم كىلەتتى. تۇرمۇش، خىزمەت جەريانىدا نىمىلەر ئۈچۈندۈر ئەتراپىمدىكىلەرنى رەنجىتەتتىم. قول ئاستىمدىكىلەرنىڭ قىلغانلىرىدىن رازى بولـماي ئۇلارغا ئازار بىرەتتىم. ئۇلارغا يۇقىرى تەلەپ قۇياتتىم - يۇ ئۆزەم ئۇنداق قائىدە ـ تۈزۈملەرگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتىم. قايسى بىرى دىتىمغا سىغمىسا كۆزۈمگە بەئەينى مەن ئۈچۈن يۇقاتمىسام بولـمايدىغان دۈشمىنىمدك كۆرۈنەتتى...مەن مۇئەللەقتە لەيلەپ ياشىماقتىىمەن، قۇلۇمنى نەگە سۇنسام يىتەتتى، نىمىنى خالىسام شۇنى قىلالايتىم. تۇيۇقسىز قاراڭغۇ تۇن پەرىدسى ماڭا قارا رومالىنى ئارتماقچى بولۇپ ئۇچقاندەك كەلدى.كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتراپتىكىلەرگە نەزەر سېلىقشقا باشلىدىم. تۇنجى رەت بولۇپ ماڭا تەلـمۈرۈپ قاراۋاتقان ئايالىم، باللىرىم، ۋە قېرىنداشلىرىم كۆزلىرىدىن قايغۇ دەرىجىگە تىزىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قارا رومالنى ماڭا بىرى تەڭلەپ تۇراقتا. كىملەرگىدۇ نىمىلەرنى دىگۈم كىلەتتى. ئاغزىمنى بىلىنەر بىلىنمە مىدىرلاتتىم - يۇ قار رومال پۇتۇمدىن باشلاپ مىنى پۈركەشكە باشلىدى. دۇنياغا كۆز ئاچقان تاڭدىكى يېغامنى ئاۋازسسىز يەنە بىر يېغلاپ چىقىشقا ئۈلگۈردۈم. مەن شۇ ئاچچىق يېغامنىڭ مەناسىنى تاپقان ئىدىم. لىكىن بۇنى بىرەر يېقىنلىرىمغا، بېشىمدا يۈرەكلىرىنى قايغۇ بىلەن تولدۇرۇپ ماڭا تەلـمۈرۈپ تۇرغانلارغا ئېيتىپ ئەسكەرتىشكە ئاللىبۇرۇن كىچىككەن ئىدىم. مىنىڭ بىر كۈنۈم ئاخىرلاشقان ئىدى. يەنە كىملەرگە تاڭ ئاتماقتا، يەنە كىملەرگە بىر كۈن ئۆزىنىڭ قىسقىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرماقتا ئىدى . مىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر كۈن ..... [流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪][流泪]
117 قېتىم كۆرۈلدى | Turki0997 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-5-1 16:58:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|