قىزلار، بىز ئۇيغۇر! بۇ تەكلىماكان

قىزلار، بىز ئۇيغۇر! بۇ تەكلىماكان!


(پاشاگۈل ئىسمايىلغا ئوچۇق خەت)


ئەيساجان تۇردى ئاچچىق


پاشاگۈل ! سىلەر قىزلار بىز ئەركەكلەرگە «يىگىتلەر، سىلەر كىم؟ بۇ قەيەر...»دېگەن سوئالنى قويغىنىڭلاردا بىز ئەركەكلەردىن «بىز ئۇيغۇر، بۇ تەكلىماكان...» دېگەن سادا چىقمىسا قانداقمۇ مەۋجۇدلۇقىمىزدىن دېرەك ئالالايسلەر... بىز سىلەرگە جاۋاب قايتۇرالمىساق، سىلەرنى قايىل قىلالمىساق... ئۇ ھالدا بىز ئەركەكلەر «ئاياللار دۆلىتى»گە كىرىپ، ھېچنىمىنى تۇيماستىن، پەرۋاسىز ھالدا بەھۇزۇر ئۇخلايدىغان «راھىب» بولۇپ قالمامدىمىز...

يېقىنىقى يىللاردىن بېرى غەرب پەلسەپە ئېقىمىنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن تەكلىماكان بوستانلىقىغا ئۈسسۈپ كىرىپ، تەڭرى تېغىغا سوقىلىشىدىن پەيدا بولغان ئەكس سادا بىز ئويغۇر ياشلىرىنىڭ تۇيغۇ سېستىمىسىنى غىدىقلاپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان بالاغەتكە يەتكەن ئەخلاق رامكىمىزنى پاچاقلاپ تاشلاپ، بىزنى«ئەخلاقسىزلىنىش مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىدى. نەتىجىدە چىراي قىزلارنىڭ «ئىستېمال بويۇمى»غا ئايلىنىپ قالدى. تەكرار-تەكرار ئېلىپ بېرىلغان مانىۋېرلار... بىزنى ئەسلىدىكى ئۆزىمىزدىن ياتلاشتۇردى. بۇ خىل ياتلىشىش ئەڭ ئاۋۋال كىيىنىش ھەم چاچ پاسونىدا ئەكىس ئەتتى... بارا-بارا ئىمانسىزلىنىش گۈللىرى قەلب باياۋانىمىزدا چېچەكلەشكە باشلىدى... روھىمىز ھەم تېنىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل «ئىسلاھات» بۈگۈنكى كۈندە شەيتانغا ئادرېسىنى ئاشكارىلاپ قويمىغان، ئەقلى ئويغاق... قىز–يىگىتلەرنىڭ كاللىسىدا «؟» بەلگىلىرىنى ئۈندۈردى. بۇ جەريانىدا يەنىلا ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا ئالدىراپ، بەزى قىزلىرىمىز «بارلىق گۇناھ ئەرلەردە، ئۇلار بىزگە قاش ئېتىپ قويمىغان بولسا، بىز بۇ كوچىغا كىرمىگەن بولاتتۇق...» دەپ دوقچىلىق قىلىشتى. يەنە بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىز بولسا «گۇناھنىڭ مەنبىئى ئەزەلدىنلا قىزلاردا، قىز بالا شەيتان دەپ بىكار ئېيتمىغان؟ ئۇلارنىڭ بەل تولغاپ، غىلجىڭلىق قىلىشى، جاننى ئالغۇچى ناز-كەرەشمىسى بىزنى ئازدۇردى.» دەپ ئۆكتەملىك قىلىشتى. دېمەك، بىز ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلماستىن «گۇناھ دېڭىزى»دا لەھەڭ بۇلۇپ ئۈزدۇقكى، «پاكلىنىش كۆلى»نى ئىزدەشنى خالىمىدۇق.

پاشاگۈل! ماقالىڭىزنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئەركەك چۆچىمەي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىشى، ئۆزىگە «مەن كىم» دەپ سوئال قويىشى ۋە قىز-ئاياللار ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە قايتا-قايتا ئويلىنىشى كېرەك. بولمىسا ئەر-ئايال، قىز-يىگىت دېگەن ئاتالغۇلار بىرلىشىپ كەتمەمدۇ؟!

يېقىنقى دەۋىرلەردىن بۇيان بىرقىسم ئەركەكلەر قىز–ئاياللارغا ئاتىدارچىلىق، ئاكىلىق قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئەمگەك نورمىمىزنى سىلەرگە ئارتىپ قويدۇق، ھەمدە ئىدىيەدە قاتماللىشىپ، سىلەرگە شەكلى ئۆزگەرگەن زوراۋانلىقنى يۈرگۈزدى، سىلەر يولدىن چىقىپ كەتسەڭلار، بىز سىلەرگە ئۆز سىڭلىمىزدەك كۆيۈنۈپ، (ئەمىليەتتىمۇ سىلەر بىزنىڭ ئۆز قېرىندىشىمىزغۇ؟) مەسئۇل بولساق، سەمىمىي ۋاپادارلىقنى يەتكۈزۈپ، شىركەت قۇرۇپ، مەكتەپ ئېچىپ، سىلەرگە پاكىز، ھالال خىزمەت تېپىپ بېرىپ (رادىل ئابلالارغا... ئوخشاش) ئۆز مەۋجۇدلۇقىڭلارنى نامايان قىلساڭلار، ئالقىش ياڭرىتىپ، يۈكسىلىشىڭلارغا ھەقىقىي شوتا بولالىساق، يېڭى ئوربېتالارنى ياساپ بەرسەك بولاتتىغۇ؟! سىلەر يېرىم-يالىڭاچ يۈرسەڭلار بىز غەزەپلىنىپ تولۇق كىيىنىش بۇيرىقىنى بېرەلمىدۇق. ئەكسىچە ياتلارنىڭ ئالدىدا ھېجىيىپ، تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن ياتلار سىلەرنىڭ ئەسلىدىن تەبىئىي ئۇزلۇقۇڭلارنى ئېچىلمىغان بوز يەر دەپ قارىدى. چۈنكى بىزدە سىلەرنى ھاي دېگۈدەكمۇ جۈرئىتىمىزنىڭ يوقلىقىنى ئۇلار بىلىپ قالدى ئەمەسمۇ؟ ئەسلىدە بىزدە جۈرئەت، ۋىجدان تولۇپ تاشىدۇ، لېكىن، نەزىرىمىزنىڭ تار، ئومۇملۇق ئىدىيىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن سىلەرنى مۇشۇ كۈنگە قويدۇق. بۇنىڭ جاۋابكارلىقى بىزدە. مەيدەمنى كېرىپ تۇرۇپ، دىيەلەيمەن. دائىم سىلەرنىڭ يىغا ئاۋازىڭلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، كۈلمەكچى بولۇشتۇق. سىلەرگە توغرا مەسلىھەت بېرىشنى خالىمىدۇق. ئازغىنا ھەۋەسنى دەپلا، سىلەر قانچە يالىڭاچ يۈرسەڭلار، قانچە بەڭۋاش بولۇپ كەتسەڭلار، قانچە نادان قالساڭلار، نامراتلىق قانچىكى سىلەرگە يېقىنلاشسا... بىز سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلاردىن شۇنچە كۆپ پايدىلانماقچى بولۇشتۇق. ئانىمىز، ئايالىمىز، سىڭلىمىزنى ئويلىمىدۇق. مانا، ئەمدى پۇشتىمىزدىن تامغان قىزلىرىمىز بولىۋىدى. تەقدىرىدىن چۆچۈدۇق. پاشاگۈل سىز دەل ۋاقتىدا بىزگە بۇ زەمبىرەكنى ئېتىپ، كەينىمىزگە ئوبدان قاراپ، ئۆزىمىزنى ئوپىراتسىيە قىلىشىمىزنى چاقىردىڭىز. مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ دەسلەپتە، سىزدىن رەنجىدىم، گەرچە سىزنى تونىمىساممۇ، ئاغىنىلىرىم، ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتتۇق. سىزنى ژورنال مۇھەررىرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈردۇق. مۇھەررىرنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمىتى چوڭقۇر بولۇپ، بۇ ماقالىڭىزغا 40 پارچىدەك ئوبزورنىڭ كەلگەنلىگىنى، لېكىن، ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە جىددىي ئويلىنىۋاتقانلىقىنى، كۆپىنچىسىنى ئەرلەر يازغان بولۇپ، ماقالىدىن ھەم ئىشلەتكەن ژۇرنالدىنمۇ خاپا بولغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتتى. بىز بىر نەچچىمىز ماقالىڭىزنىڭ ئۈچەي-باغرىنى چۇۋۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ چىقتۇق. تالاش-تارتىش قىلدۇق. ئاخىرى مەن قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ئەرلەرنىڭ سىلەردىن رەنجىگەنلىكىنى، شۇنداقلا مىللىي ئەخلاقتىن ياتلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى زامانىۋىي ئادەم «ئالەمچى ئادىمى»-سۈپىتىدە قەيىت قىلشتۇق. چۈنكى، بىز سىلەرگە بۇ ھەقتە قانچىكى كۆپ لېكسىيە سۆزلىسەك... سىلەرنى ئالدىمىقىمىز ئاسانغا چۈشەتتى ئەمەسمۇ؟! توغرا، بىز سىلەرگە سېرىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، سىلەرنى ئۆزىمىز ئازدۇرۇپ، ئۆزىمىز يولدىن چىقىرىپ... ھەممە قىلغۇلۇقنى ئۆزىمىز قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا «ھاڭگا ئېشەك بالىسىغا ئىگە بولمىغاندەك» سىلەرنى بىرەر قېتىممۇ ئۇچراتمىغان قىياپەتتە، ئىككى كۆزىمىزنى چىڭ يۇمۇۋېلىپلا جالاپ، پاھىشە، بۇزۇق، دېگەن «ئۇنۋان»لارنى ھەدىيە قىلىشتۇق. ئۆزىمىزچە، يەنە «جاھاندا ياخشى قىز قالمىدى»، «قىزلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا مومايغا ئايلىنىپ كەتتى...» دېيىشىپ، سىلەردىن ئاغرىندۇق، سىلەرگە قەبرە قاتۇردۇق... سىلەرنىڭ گۇناھلىق يوللارغا مېڭىشىڭلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بەردۇق. جەمىئىيەتمۇ شېرىك. ئەڭ يېڭى ئىستاستىكىلارغا قارىغاندا، ھازىر شىنجاڭدا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئويغۇر قىزى زامانىۋىي يېڭىچە قۇللار سۈپىتىدە، بايۋەتچىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە «باۋمۇ» دېگەن نام بىلەن ئىشلەۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرىدا ئىقتىسادقا ئېرىشەلمەي، ئوقۇشسىز قېلىپ، مۇددىتىدىن بۇرۇن «يوتقان مەدەنىيتى»گە يۈرۈش قىلىپ، ئېتىزلىقلارغا سۇدەك سىڭىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئانچە ئاز ئەمەسلىكى، ھەربىر غۇرۇر ئىگىسىنى تەڭسىز سوئاللار دۇنياسىغا سەپەر قىلدۇرماي قالمايدۇ. جەمئىيەت ئۇلارغا ئۇقۇش پۇرستىنى يارىتىپ بىرەلىدىمۇ؟ «قىز بالا كۆپ ئوقىسا يامان بولىدۇ؟!» دېگەن بىمەنە قاراش نېمە ئۈچۈن پاچاقلىنىپ تاشلانمايدۇ؟ ئەنە شۇلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالا بېقىش جەريانىدا، «ئىككىنچى خوتۇن» سۈپىتىدە ئالدىنىدۇ، يولدىن چىقىدۇ! شۇلارمۇ ئوقۇسا، بىلىم ئالسا، دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىنى، ھوقۇق، ئەركىنلىك، ئادالەت، تۇغۇلۇش، ئۆلۈش ۋە مەنىلىك ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي، چىن ھېس قىلالىسا، ئۇلارمۇ قىن-قېنىغا پاتماي، بىرەر قېتىم كۈلەلىسە نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟!

ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى سەۋەبلەرمۇ بار: 1-ئائىلىۋىي تەربىيىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشى. 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە مىللىيچە ئەخلاق ئوقۇشلۇقى تەسىس قىلنماسلىقى. 3-ئەرلەردىكى سۈر-ھەيۋە ۋە يىگىتلىك جاسارەتنىڭ شەيتانلار بىلەن ئاشنا بولىۋالغانلىقى. 4-باشقا پۇل تېپىش يوللىرىنىڭ تاقاقلانغانلىقى. 5-بىر قىسىم ئىدارە–ئورگانلارنىڭ ئايال ئىشچى–خىزمەتچىلەرگە كىيىنىش ۋە يۈرۈش–تۇرۇشتا چەك قويۇپ تۇرىۋاتقانلىقى. 6-تېلىۋېزور مەدەنىيتىنىڭ غەيرى تەسىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى. 7-كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ تاشقى گۈزەللىك ۋە پۇلغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقى. 8-ئۇچۇر-ئالاقە قوراللىرىنىڭ مىكرولىشىپ، يەر شارىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كىچىكلەپ بېرۋاتقانلىقى. 9-ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە دائىر تېلىۋېزىيە فىلىملىرىنىڭ كەم ئىشلەنگەنلىكى ھەم ئويغۇر تارىخىدىكى بالىلارغا خاس ئاجايىپ ئىسىل ئەسەرلەر بولسىمۇ، بالىلار كارتون فىلىمى قىلىنىپ ئىشلىنىپ تارقالماسلىقى. 10-مىللىي مائارىپ بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تولۇق بىر گەۋدىگە ئايلىنماسلىقى. 11-ئاجرىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى... قاتارلىق ئەھۋاللار قىز-ئاياللارنىڭ بىز تەكىتلەۋاتقان «گۇناھ دېڭىزى »غا غەرق بولىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىر قىسىمى بولۇشى مۇمكىن. بىزدە مىللىي ئەخلاقنى تۈگەشتى دېگىلى بولمىسىمۇ، كەم دېگەندە، ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالدى، دېيىشكە بولىدۇ. ئەرلەر يارىشىملىق دوپپىسىدىن ۋە يانغا ئېسىپ، يۈرىدىغان ئۇيغۇر پىچىقىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، بەلكى، غۇرۇر ۋە شىجائەتنى نامايەن قىلىدىغان يارىشىملىق ساقال-بۇرۇتلىرىغا كۈيە چۈشۈرۈپ قويدى. ۋۇجۇدىمىزدىكى ياۋايىلىق، جەسۇرلۇق، ئىسيانكارلىق، باتۇرلۇق ئاللا قاياقلارغىدۇر غايىب بولدى. تۇزكورلۇق، قويمىچىلىق، مۇناپىقلىق روھىمىزنى بۇلغىدى. ئاياللاردىكى چىمەن دوپپا، قىرىق ئۆرۈم چاچ، ئۆزگىچە نازۇكلۇق، ئەۋرىشىملىك ۋە يارىشىملىق ئەتلەس كۆينەك خېرىدارسىز قالدى. سېرىق چاچ ۋە قىسقا يوپكا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىردىن-بىر بەلگىسى بولۇپ قالدى. ئۇلار قەلب باياۋانلىرىنىڭ مەلۇم قاشاقلىرىغا «چاقچاق ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى» قۇردى-يۇ، ئەمما، دېرىكتورلىقىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تارتقۇزۇپ قويۇشتى.

مەن تۆۋەندە ئاياللارنىڭ خورلىنىشى ھەققىدە بىر نەچچە ئەمەلىي مىسال كەلتۈرمەكچى:

1985-يىلى جەنۇبتىكى مەلۇم بىر يېزىدا ئاينۇر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتاتتى، ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەن ھاراقكەش ئېرى توكنى ئۆچۈرۈش بويرۇقى بەرگەن. بىراق، ئاينۇر ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتقان... دېگەن باھانە بىلەن پىچاق تىقىپ ئۆلتۇرۈپ قويغان، بىراق بۇ ئىش چاقچاقلاشقان دېگەن سۆز بىلەن چىرايلىق ئاياغلىشىپ كەتكەن. 1999-يىلى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى 22 ياشلىق مۇنەۋۋەر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قېيىنئانىسى بىلەن زاكۇنلىشىپ قېلىپ ئانىسنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتكەن ۋە ئاچچىقىدا ئېرىگە ئاجرىشىش تەلىپىنى قويغان. ئېرى «بۇ گەپنى يەنە بىر قېتىم دەپ باققىنا؟» مۇنەۋۋەر بۇ گەپنى ئېغىزدىن ئۈچىنچى قېتىم چىقىرىشىغا ئېرى پىچىقىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى تىلىۋەتكەن. بۇ رەھىمسىز ئەر قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ مۇنەۋۋەر ئۆمۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولغان...

يەنە جەنۇبنىڭ مەلۇم يېزىسىدا بىر ئۆگەي ئاتا 17 ئايلىق قىز بوۋاققا باسقۇنچىلىق قىلغان، بۇ «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق غەزەب-نەپرىتىگە ئۇچرىغان. ئۆز ھويلىسىغا ئەكىرىۋالغان، 80 ياشتىن ئاشقان دادىسىنى يالغۇز ياتمىسۇن دەپ بىر ئاتا ئۆزىنىڭ 15 ياشلىق قىزىنى ھەمراھ قىلىپ، ياتقۇزۇپ قويسا، ھېلىقى نائەھلى بوۋىسى ھامىلىدار قىلىپ قويۇپ، ئۆمۈرنىڭ ئاخىرى ئىتنىڭ كۈنىدە ئۆتۈپ، ئەل-مەھەللىنىڭ لەنىتىگە قالغان.

قېنى ئەرلەر، بىز ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى! پاشاگۈلنىڭ بىزگە قامچا ئۇرۇشى لىللا بوپتۇمۇ؟...

بۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بىز ئەرلەر ئاياللار ھەققىدە ئاز بولمىغان ئەقىدىلەرنى بازارغا سېلىپ كەلمەكتىمىز؛ مەن «تارىخ ئەزەلدىنلا ئەرلەرنىڭ تارىخى بولۇپ كەلدى. ئاياللار ھاياتلىقتا قوشۇمچە رول ئېلىشىنىلا بىلىدۇ»، «ئاياللار سۇيۇق ئەرلەرنىڭ سۇيۇق دۇنياسى»، «گۈزەل قىزلار كۆڭۈل ئېچىشقىلا يارايدۇ، خوتۇنلۇققا ئەمەس»دېسەم، ئۇ: «ئايال دېگەن بەرىبر ئايال»، «ئايال بار يەردە پېشكەللىك ياغۇر»، «خوتۇن دېگەن ئەرلەرنىڭ مۈلكى، قانداق ئىشلەتسە بولىدۇ»، «خوتۇننى ئۇرۇش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس»... دەيدۇ. يەنە بىرسى بولسا «ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا»، «ئاياللار قانداقمۇ ئەرلەر بىلەن تەڭ تۇرالىسۇن»،«ئەر خەق خوتۇن خەقنىڭ پات-پات نۇخۇلىسىنى ئېلىپ تۇرمىسا بولمايدۇ...» دېيىشمەكتە...

ماھىيەتتە، بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھېچقايسىسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ سىلەر قىز-ئاياللارغا: «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس »، «ھىڭگايمىسا دىڭگايماس »، «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەندەك سۆزلەرنى ئەسكەرتىپ تۇرغىنىمىز تۈزۈكمىكىن!

بىز سىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويالماي تۇرۇپ، سىلەردىن گۇمانلانساق، سىلەردىن ئاغرىنساق... قېنى بىزدىكى ئەركەكلىك؟! قېنى بىزدىكى ۋىجدانىي بۇرچ؟!

ھۆرمەتلىك پاشاگۈل! بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇن «ئۆزۈڭنى بىل، ئەدەبكە قايت!» دېگەن مەشھۇر ھېكمەت بارلىققا كەلگەنىكەن، بىز پىكىر قىلغاندا «بەزىلەر...» دەپ سۆز باشلاشقا شۇ قەدەر ئۇستا بولۇپ كەتتۇق، ئۆزىمىز ھەققىدە تەنقىدىي پىكىر قىلىشقا پېتىنالمىدۇق. مېنىڭچە، بۇ ئىنسانىيى پەزىلەتكە مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلە. كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، سىلەر قىز-ئاياللارغا قارايدىغان ھەم تۇرمۇش غەلۋىرىدە ئادىل تاسقايدىغان بولساق، زاۋۇتتا قايتا باسسىمۇ ئادەم قىياپىتگە كىرمەيدىغان قىز–ئاياللارمۇ مەۋجۇت، ئەلۋەتتە. ئەلۋەتتە ئەرلەرمۇ مەۋجۇت. بىر قىسىم قىزلار ئەۋزەل شارائىت قۇچاق ئېچىپ تۇرسىمۇ ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچكەن، يەنە بىر قىسىم قىزلار، بايۋەتچىلەرنى «تىللا تۆكىدىغان دەرەخ»دەپ قاراپ، ئۈچىنچى شەخس سۈپىتىدە ئىناق ئائىلىلەرنى بۇزۇش كويىدا غەلىتە كومىدىيەلەرنى ئويناشماقتا، يەنە بىر قىسىم ئاياللار ئېرىنىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ نادانلىقىدىن ياكى خىزمەتتىكى جىددىيلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئېرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، تەكرار گۇناھ سادىر قىلماقتا، مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن سەبىي بالىلار يېتىملىك ئۆتەڭلىرىدە قايمۇقۇپ يۈرمەكتە...

يەنە بىر قىسىم ئاياللار پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالماقتا. ھەتتا ئۇلار «ئورۇقلاپ كېتىمىز، فىگورىمىز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» ياكى «ھۆسىن-جامالىمىزغا تەسىر يېتىدۇ» دېگەن پىكىرلەرنى بازارغا سېلىپ، ئۆز باغرىنى يېرىپ چۈشكەن بوۋاقلارغا ئوغۇز سۈتىنى بېرىشكە پىقسىقلىق قىلىپ، ئۆزى تۇغالايدىغان تۇرۇپمۇ، ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ، بوۋاقنى ئاسانلا دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ، ھەرخىل ناملاردىكى تەييار ئىش قوشۇلغان سۈت پاراشوكلىرىنى بەرمەكتە... مۇشۇنداق بىمەنە قىلىقلىرى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا ھازىر ھايۋان سۈتى بىلەن چوڭ بولىۋاتقان بىر تۈركۈم بالىلاردا ھايۋانىي خىسلەت كۈچىيىپ بارماقتا... بۇ بىر بۆلۈك ئاياللارنىڭ ئۆز بالىسىغا ئاسىيلىق قىلغىنى. ماھىيەتتە، بىر پۈتۈن مىللەت ساپاسىغا ئاسىيلىق قىلغىنى بولماي نېمە؟! نۆۋەتتە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى تەكىتلەنمەكتە. ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان تونۇشى، كۆز قارىشى كۆپ قىرلىشىپ كۈندىن-كۈنگە گارمۇنىيەلىك تۈس ئالماقتا... ئاياللارنىڭ ئەھمىيەتسىز قاتار چايلىرىنىڭ كۆپىيىشى، بالىلارنى غېرىبسۇندۇرۇپ، تورخانىغا يۈگۈرۈتسە، ئەرلەرنى ھارام بولغان ھاراققا چىلاشتۇرماقتا.

گوركى: «ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن ئىكەن، بۇ ھۆكۈمدىن ئاياللار ئەرلەرگە ھەرقانداق مۇئامىلە قىلسا بولىۋېرىدۇ دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلمەيمىز، تارىخقا ۋە بۈگۈنىمىزگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، تەكلىماكان بوستانلىقىدا تۆرۈلۈپ، يۇرت بىنا قىلىپ، ئىنسان سۈپىتىدە ياشىغان ھەم ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىمۇ ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، غەيرەت-جاسارىتى، باتۇرلۇقى ۋە تىرىشچانلىقى... بەدىلىگە مۇشۇ گۆھەر زېمىننى قۇرۇپ چىقىشتا، گۈللەندۇرۈشتە باش رول ئالغان ئەمەسمۇ؟! ئۇلار ھەر جەھەتتىن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقان، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن مەردلەرچە قۇربان بولغان %90 ئەرلەر ئەمەسمۇ؟! ھەتتا، ئۇلار سىلەرنى ئاسراپ، سىلەردە ئۇيغۇرچە نازۇكلۇق، ئۇيغۇرچە ئەۋرىشىملىك ۋە ئۇيغۇرچە ھېس–تۇيغۇنىڭ شەكىللىنىشگە ئاساس تىكلەپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟!

ھېلىمۇ، تەكلىماكاننىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئاجايىپ روھ بىلەن ئىزدىنىۋاتقان، سىلەرگە مەردانە قىياپەت بىلەن ئاتىلارچە مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان، ئاجايىپ باھادىر ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ھېلىمۇ تولۇپ يېتىپتۇ.بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قىز-ئاياللار ئومۇمىي قىز-ئاياللارنىڭ بىر قىسىمى بولغىنىغا ئوخشاش، پاشاگۈل، سىز تىلغا ئالغان ۋە بىز ئېتىراپ قىلغان ئەركەكلەرمۇ ئومۇمىي ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بىر قىسمى. دادىللىقىڭىزغا، جاسارىتىڭىزگە قايىلمەن، پاشاگۈل. مەن سىزنىڭ ئاز، لېكىن تېتىملىق ئەسەرلىرىڭىزگە ئىزچىل دىققەت بىلەن قاراپ، ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. بولۇپمۇ يېڭىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان، ھېسسياتقا تويۇنغان شېئىرلىرىڭىز، كىشىگە ئالەمچە زوق بېغىشلايدۇ. شۇ نەرسىمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، پاشاگۈل. سىلەر قىزلارغا: «ئەركەك تۈكى بار، مەرد، باتۇر، مەسئۇلىيەتچان، ئىجادچان... يىگىتلەر كېرەك» بولغىنىغا ئوخشاش، بىز ئەركەكلەرگىمۇ ئەقىللىق، بىلىملىك، كۆپ كىتاب كۆرىدىغان، نازۇك، نۇمۇسچان، تىرىشچان، يۈزى تۆۋەن، ئائىلە ئىشىغا پۇختا، ئۆي تۇتۇشقا ماھىر... قىزلار كېرەك. ئەلۋەتتە، سىز «يىگىتلەر، تۇپراق ھەرقانچە مۇنبەت بولسىمۇ ئۇنڭغا پۇچەك، ناچار ئۇرۇق چۈشىۋەرسە مۇنبەت تۇپراقنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك بولماقچى ئىدى» دېگەن سوئالنى قويۇپسىز، دېمەكچى بولغىنىڭىز ناھايتى توغرا. بىراق، شورلىشىپ كەتكەن، قۇرغاق، ئۈنۇمسىز تۇپراققا ياكى زەيكەش تۇپراققا ھەرقانچە دانلىق، ئېسل ئۇرۇق چۈشسىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇپراقنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلمىغايسىز؟! ئەگەر سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى قېدىرىپ، تەكشۇرۇپ مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنالىساڭلار، بىزمۇ ئۆزىمىزگە توغرا دىياگنوز قويۇپ، ئۇرۇق سورتىمىزنى ئەلالاشتۇرالىساق، چوقۇمكى، ئالغان ھوسۇلىمىزنىڭ دېنى پۇچەك بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئەركەكلەر سىلەردىن ئاغرىنىپ، بارلىق گۇناھنى سىلەرگە ئارتىپ قويساق، سىلەر بىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، گۇناھنىڭ مەنبىئىي ئەرلەردىلا دەپ كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىپ، خالىغان قىلىقلار بىلەن شۇغۇللانساڭلار... ئۇ ھالدا ئەتراپىمىز «گۇناھ دېڭىزى »غا ئايلىنىپ «پاكلىنىش كۆلى »نىڭ ئادرېسىنى تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز.سىزچە قىز-ئاياللاردا پەقەتلا گۇناھ يوقمىدۇ؟ پۈتۈن گۇناھ بىز ئەرلەردىلارمىدۇ؟

ھۆرمەتلىك پاشاگۈل، سىز ئايال ئاپتۇرلار ئىچىدە بىر قەدەر كۆزگە كۆرۈنگەن يۇلتۇز، قىز–ئاياللار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز، يازغان ئەسەرلىرىڭىز ھەققىدە چوڭلارمۇ بەلگىلىك باھالارنى بەرگەن. سىز چوقۇم ھەقىقەت مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەر-ئاياللارغا، ھەققانىي باھا بېرىشىڭىز كېرەك، بىر قىز بولغىنىڭىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە، قەلبىڭىزنىڭ قىز-ئاياللارغا مايىللىقىنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. بولسا قىز-ئاياللار ئىچىدىكى يېتىشسىزلىكلەرنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇپ، پات-پات قامچىلاپ تۇرسىڭىز، مەن ئەرلەر ئىچىدىكىنى ئوتتۇرىغا تاشلىسام، ئاندىن پۈتۈنلۈك بىلەن ئاۋامنى مۇكەممەللىككە يۈزلەندۈرسەك قالتىس ئىش بولاتتى. ئەڭ يېقىملىق گۇمراھلىققا قارىغاندا، ئەڭ ئاچچىق ھەقىقەت ئەۋزەل.

بۇ ماقالە «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.





291 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 2:44:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-7 22:29:50 ahmatjan
yahturdum.bak.yahxi.yizilhan.asar.ikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ