ئاڭ ۋە ئۈمۈت
ئىلغار يازمىسى
ئاڭ ئىددىيەنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ئاڭ ئىددىيەسى تۆۋەن ئادەملەر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدۇ،قاخشاش،ئورۇنسىز كۆڭۈل ئاغىرقى،ھەم ئەڭ ياخشىسىنى ئىزدەش،قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشخۇل بولىدۇ،مەسلەن ئۆزىنىڭ قولىدا ئالتۇن تۇرۇپ رازى بولمايدۇ،باشقىلار قولىدىكى تۆمۈرنى رازى بولۇپ ،قەدىرلەپ خۇشاللىق بىلەن ئىشلەتسە ،ئۇ تۆمۈرگە ئىنتىلىپ ياشايدۇ،ئالتۈننى تۆمۈرچىلىك كۆرمەيدۇ،ئاخىردا ئالتۇننىڭ قەدىرى ئۆتۈلگەندە ئالتۇننى قولىغائالايدەپ ئالتۇن تاپالماي تۆمۈرنى ئىلىپ ئالتۇننى ئەسلەيدۇ،يەنەشۇ قاخشاش. تۆمۈرنى قاخشىماي ئوپتان پايدىلنىپ ئىشلەتكەن ئادەم ئاخىردا ھەممىگە ئىرىشتى ئالتۇنغىمۇ تۆمۈرگىمۇ. بىز يىراقتىكى تاغقا قارىغاندا پاھ نىمدىگەن ھەيۋەت دەپ قالىمىز. يىقىن بارغاندا نىمە دىگەن ئىگىزھە دەيمىز،تاغنىڭ يىرىمىغا يامامىشىپ پەسكە قارىساق پەستىكى نەرسىلەر شۇنداق كىچىك كۆرىنىدۇ،تاغنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ ئەڭ چوققىسغا ئەڭ ئىگىز يەرگە چىقىپ قارىساق دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىنى،بىپايان ئاسماننى، نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى كۆرەلەيمىز، ئىختىيارسىزلا قاتتىق ۋاقىرۋەتكىمىز كىلىدۇ،ھەم ۋاقىرايمىز.ئاڭ ،ئىددىيە ،ئىلىم نى مۇشۇ نىڭغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى،ئاڭ ئىددىيەرىمىز تەرەققىي قىلغان سىرى شۇنچە جىق نەرسىنى كۆرىمىز ھىسقىلىمىز،ئىگىزگە چىقمىغان ئادەم بۇخىل ھىسىياتنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ، ئاڭ ئىددىيەنى يۇقىرى كۆتۈرمىگەن ئادەم نىڭ كۆرىدىغىنى چەكلىك خالاس،ھىسقىلىدىغىنى ئادەتتىكىچە. ئەقىلسىز ئادەملەر باشقىلار گۆھەرقىپ قويغان نەرسىنى ئىزدەپ ياشايدۇ، ئەقىللىق ئادەملەر ھەرقانداق نەرسىنى گۆھەر قىلالايدۇ، ئالغا ئىنتىلىش روھى ئاجىز،قەدىر-قىممەت ئۇقۇمى يوق ئادەمنىڭ دەيدىغىنى پەقەت باھانى خالاس.
ئۈمۈت سىز ئادەم قىلالماسلىققا سەۋەپ ئىزدەيدۇ،قىلىش ئىمكانىيتى بولسىمۇ،قىلالماسلىققا باھانە ئىزدەيدۇ، مەن بىر ئۈمۈت نۇرى،ۋازكىچىش مىنىڭ ئاخىرقى نەپسىم،مەن ھەرقانداق ئىشقا تەۋەككۇل قىلالايمەن. مەن بىر ئورمان غا كىرىپ قالدىم ماڭدىم ماڭدىم مەنزىلىمدىن ئادىشىپ قالدىم،يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقى بوپ كەتكىلى تاس قالدىم،نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ ھۇجىمىدا زەھەرلىنىپ ئۆلگىلى تاس قالدىم، مىڭۋاتىمەن مىڭۋاتىمەن ،بىردەم ئۇياق بىردەم بۇياق، قوسقۇم ئىچىپ كەتتى، ئاھ مەن ئۆلدىغان بولدۇم دەپ ئۈمۈتسىز مىڭۋاتىمەن،توختۇدۇم، بىر دەرەخكە يۆلەندىم،ھاياتتىن ئۈمۈتنى ئۈزدۈم،مەن مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كىتەمدىم، مەندىكى قەيسەرلىك قىنى،مەندىكى جاسارەتقىنى،ئاھ خۇدا … ئاسمانغا قارىدىم قۇياش ئىللىق نۇر بەردى ،پاھ نىمە دىگەن ئىللىق ھە ،ھاياتلىق نىمە دىگەن تاتلىق. مەن بايامدىن بىرى نىمىلەرنى كۆردۈم، نۇرغۇنلىغان ھايۋانلار قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلىپ ياشاۋاتىدۇ، بەزىللىرنىڭ پۇتى يوق ،بەزىللىرى نەچچە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ يەنە ئۆز توپلىرغا قايتىپ ئەركىن ، غەيرەت بىلەن ياشاۋاتىدۇ. مەن نىمىدىن ئۈمۈتسىزلىنىمەن،ئاچلىقتىنمۇ؟ ئىزىپ قىلىشتىنمۇ؟ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ۋەھىمىسىدىنمۇ؟ ياق مەن ئۇلاردىن ئەقىللىق ھالسىزلانغىنىم بىلەن قوسقۇم ئاچقىنى بىلەن مەن ئۆلمۈدۈم،مەن تىخى ھايات،مەن ياشىشىم كىرەك،مەن ياشايمەن، مەن چوققۇم بۇيەردىن قايتىپ چىقالايمەن، توساتتىن زەھەرلىك يىلان ماڭا ئىتىلدى،ئاھ بىلكىمنى يىلان چاقتى،نىمە دىگەن قاتتىق ئاغىرىق كۆزۈمدىن ئوت ياندى،يىلانىڭ بىشىنى ئىزۋەتتىم،زەھەرنىڭ تاراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كىيمىمنى يىرتىپ بىلكىمنى بوغۋالدىم، ئەمدى مەن ئۈمۈت بىلەن يۈگىرەۋاتىمەن، تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ سىگىنال ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئۇ ئاۋاز مىنىڭ ئۈمۈدۈم. مەن ئاخىرى يولغا چىقتىم.كۆزلۈرۈم قاراڭغۇلاشتى،مەن يىقىلدىم، ئىككى ئۈچ كىشىلەرنىڭ مىنىڭ ماشىنىسىغا ئىپچىققىنىنى غۇۋا كۆردۈم. ئۈمۈتنىڭ تومۇرى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ.
374 قېتىم كۆرۈلدى | ئىلغار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-28 0:00:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|