زوراۋان تىرورچىلارنىڭ بىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزدىغانغا ھەققى يوق!

 زوراۋان تىرورچىلارنىڭ بىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزىدىغانغا ھەققى يوق!

  ئاپتۇرى :جاپاكەش  دېھقان دادىمىز  مۇتەللىپ ياسىن !


مۇشۇ  بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى بىزگە كىم يارتىپ  بەرگەن، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىزنىڭ تىنىچ تۇرمۇشىمىزنى بۇزىدىغانغا نېمە ھەققى بار !
   ئىسىمنى بىلسەم بىز يەتتە بالا بولۇپ كونىراپ كەتكەن كىچىك بىر ئۆيدە ئولتۇراتتۇق·قورساق تويغۇدەك تاماق يوق،كىيىملىرمىز ياماق ئۈستىگە ياماق چۈشكەن·چوڭلىرىمىز كىيىپ پاتمىغان كىيىمنى كىچىكلىرمىز كىيەتتۇق·ئاتا -ئانىمىز كۈن بويى كامونانىڭ ئەمگىكى بىلەن ئالدىراش ئىدى،بىز بەش بالا ئاچام بىلەن ئاكامنىڭ خەۋەر ئېلىشى بىلەن چوڭ بولغان ·ئۇلارنىڭ قارشى ئاستىدا مەكتەپتە ئوقۇدۇق ·ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە دۈينىڭ ئوپچە  ئەمگكىگە قاتنىشاتتۇق ·تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن جاپالىق ئىدى·ياز كۈنلىرى بولسا پۇتىمىزغا كىيدىغان ئاياقمۇ يوق ئىدى ،مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى گەرچە ئىككى كىلومېتىر كەلسىمۇ بىراق يول قۇم -تاش پۇتلىرمىز ئىسسىق دەستىدىن كۆيۈپ كېتەتتى ،مەكتەپتە تۈزۈك جوزا -ئورۇندۇقمۇ يوق ئىدى ·ھازىرقىدەك تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتۇق·بازارغا بېرىپ بىر مېتىر رەخت سېتىۋالماقچى بولساق رەخت بېلىتى بولمىسا بەرمەيتى ،بىر نان سېتىۋالماقچى بولساق ئاشلىق بەلىتى بولمىسا پۇل بولغان بىلەنمۇ بەرمەيتى ·ئىشقىلىپ سۆزلىسەك گەپ تولا·بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىسەم ئىچىم ئاچچىققا تولىدۇ·كۈن بويى ئىشلىگەن بىلەن كەش بولغاندا بۇغاتىر دەپتىرگە بەش پۇڭ،ئالتە پۇڭ دەپ رەقەمنىلا يېزىپ قۇياتتى ·بىچارە ئاپام بىلەن دادامنىڭ بىزگە قارغىلىمۇ چولىسى يوق ،ئىشلىگەن بولسىمۇ يىل ئاخىرىدا دارامەت ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن گەدەنگىچە قەرىز بولاتتى ·تۇرمۇشىمىز شۇ تەرىقىدە داۋام ئەتمەكتە ئىدى ·ھازىرقىدەك تۇرمۇشنى كۆرىمىز دەپ خىيالمۇ قىلىپ باقمايتۇق·پارتىيە ھۆكۈمەت يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بىرىپ بازار ئىگىلكىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ھەممە ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بولدى ·تۇرمۇشىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلنىشقا باشلىدى·بۇرۇن يالاڭ ئاياغ ماڭغان بولساق كېيىن ھارۋا بىلەن ماڭدىغان بولدۇق ·بارا-بارا يوللارمۇ ياخشى بولۇپ تاش يولغا،يەنى ھازىرقىدەك ئاسفالت يولغا ئىشەك ھارۋىسىمۇ موتو ماشىنىغا ئالماشتى،ئولتۇردىغان ئۆيلەرمۇ كىسەك ئۆي ئورنىغا ھازىرقىدەك يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولغان ئازادە يورۇق ئۆيلەرگە ،كاڭ ئوچاقلارمۇ زامانىۋى پار ئوچاققا ئاملاشتى·بۇرۇنقى تۇرمۇشتىن ئەسەرمۇ قالمىدى·مەن ھازىر شۇ بۇرۇنقى سەككىز ئادەم ئولتۇرغان كونا ئۆينى ئەسلىسەم كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ ·ھازىرقى تۇرمۇشىمىز نېمە دېگەن ياخشى ھە!بۇرۇنقى كۈنلەرنى يازىدىغان بولساق يېزىپ تۈگتەلمەيمىز،يازساق ھەتتا نەچچە قىسىملىق توم رومان بوپ چىقىشى مۇمكىن …مۇشۇ بەخىتلىك كۈنلەرنى قەدىرلىمەي بىر قىسىم دۈشمەن كۈچلەر ئىنتايىن قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللۇنۇپ زوراۋانلىق ،تېرورلۇق قىلىپ بىگۇناھ خەلىقنىڭ جېنىغا زامىن  بولۇپ جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان سالماقتا ·بۇ زوراۋان تىرورچى كۈچلەرنىڭ مەخسىدى شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىش بولۇپ  بۇلارنىڭ رەزىل مەقسىدى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ ·مەن بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەركىزى كومتىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ بايرىقىم روشەن مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا بۇ بىر ئوچۇم تىرورچى كۈچلەر بىلەن ئاخىرغىچە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىلەتتنىڭ ئىتپاقلىقىنى ساقلاپ ئەبەدى ئەمنلىك ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرمەن ·
               رەتلەپ يوللىغۇچى: گۈزەل





242 قېتىم كۆرۈلدى guzal ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-30 13:38:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ