مېنىڭ ئېرىشكەنلىرىم

  مېنىڭ ئېرىشكەنلىرىم
   (سەۋدا)


  بىزدە«ياشلىقتىكى باتۇرلىقنى قېرىغاندا ئېيتسا يالغاندەك ئاڭلىنىدۇ »دەيدىغان گەپ بار. بەزىدە ئۆزۈمنىڭ ئېرىشكەنلىرىنى  ئويلىسام ھەيران قالىمەن .خۇددى مەن ئۇنىڭغا ئېرىشىپ باقمىغاندەك ،مەندىن بەك يىراقتىكى نەرسىدەك .ئەسلى مەن ئېرىشىپ باققان نەرسىلەر ئۇ ھەممىسى.ھەر نەرسىنىڭ قەدرى بارىدا ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلمەك بىلەن بولىدۇ. ئىنسان يوقاتمايدۇ ئەمەس يوقۇتۇپ تۇرۇش بار ئەھۋال.  يوقۇتۇشتىن قۇرقۇش بىھاجەت ،ئەگەر سەن بىر كۈنلەردە شۇ ئېرىشكەنلىرىڭنى ئويلىغىنىڭدا «مەن ئۇنىڭ قەدرىنى قىلدىم، بەرگىنىدىن ياخشى پايدىلىنالىدىم.» دېيەلىسەڭ.
  ئۆتكەن كۈنلەرگە قاراپ  ئۇھسىنىپ،ماغدۇر-مادارىمدىن قاپتىمەن دېگۈدەك ياشقا كەلمىدىم، تېخى ياش يېگىتمەن. ئەمما ھەركۈن ھاياتنى خۇلاسىلەش پەيتىدۇر.چۈنكى ئەجەل ئاتلىق بۇ مېھماننىڭ قاچان كېلىشى بىزگە نامەلۇمدۈر. شۇڭا يالغۇز قالغان پەيتلەردە،ئۇيقۇ قاچقان شۇنداق بىر تۈنلەردە ئېرىشكەنلىرىنى ئويلاپ بېقىش،ئەسلەش تولىمۇ ياخشى ئىش ئىكەن . ئېرىشكىنىمىزنىڭ قانچىلىك كۆپلىكىنى ھېس قىلغىنىمىزدا ئۇ شۈكرىگە ئېلىپ بارىدىكەن.  ئېغىر كۈنلەر ئېسىمىزگە كەلگىنىدە بىزگە شىجائەت بولىدىكەن. گۈزەل كۈنلەر كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتكىنىدە ئۆزىمىزچە كۈلۈپ شۇ پەيتتىكى مىسكىنلىكىمىزگە تەسەللىي بولىدىكەن.  مەن خىيالغا ئامراق بالا ، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشنى ياخشى كۆرىمەن. قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يادىمدىن چىقىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىنسان ئۇنتۇيدۇ ،لېكىن ھەقىقەت ئۇنتۇلغان ئەمەس. ئىنسان ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ تۇرمىقى كېرەك . مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن. ھەر ئويلىغىنمىزدا ئۇنىڭ كەم قالغان شۈكرى-تەۋبىسىنى ئېيتىۋالىدىكەنمىز.
  مەن نېمىلەرگە ئېرىشتىم،قانچىسى يېنىمدا، قانچىسى كەتتى مەندىن؟
  كاتتا باي بوپ باققىنىم يوق لېكىن بايلىق كېلىپ باقتى قولۇمغا . كەلدى، بىر مەزگىل تۇردى كەتتى مېنىڭدىن. خەجلىۋالدىم ،قىلۋالدىم دەپلا قالدىم. ئەسەر قاممىدى.
   شاھلىق تاجىغا ئىگە بولمۇدۇم. ئەمما ئېرىشكەن شان-شەرەپ ئاز ئەمەس،شۈكرى شۇ شەرەپلەرگە. يۈزۈمنى يورۇق، بېشىمنى ئۈستۈن قىلغان شەرەپلەردىن ھەم بۈگۈن ئەسەر يوق. ئۆتمۈشكە ئايلاندى،ئۆزۈم ئويلىساممۇ يالغان بىلىنگۈدەك دەرىجىدە.
  سۆيدۈم،سۆيدۈم دېدى.  بىر زامان سۆيدۈم دېگەنلەر بۈگۈن نەدە ؟مەن يەنە سۆيەمدىم؟ بۇ بالىلارغا ئۇيقۇ ئالدىدا سۆزلەپ بېرىدىغان چۆچەككىلا ئوخشاپ قالدى.
 ئازراق ئوقۇدۇم،بەكلا ئاز ئوقۇدۇم ،ئازلىقىدىن خىجىلمەن. مېنى تاشلىمىدى لېكىن ئۇ. لىباسىم بولدى ،قورالىم بولدى. مېنى تاشلىمىغىنى مەن  قانچىلىك سۆيۈشنى بىلمىگىنى بولدى.
   دۇنيانى ئېلىپ قولىغا تۇتقۇزسام قىلغىنى ھەققىگە كەملىق قىلدىغان شۇ ئاتا-ئانام ھېچ زامان مېنى تاشلىمىدى. ماڭغان يولۇم تۈز ئەمەس لېكىن ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان سۆيگۈسى ھېچقاچان داۋالغۇغىنى يوق.
  ئېرىشمەك بىر ئىلتىپات،سىناقتۇر. يوقاتماقنىڭ ھەم بىر سەۋەبى ،ھېكمىتى باردۇر. ھەرنىمگە شۈكرى ئېيتماق كېرەك. چۈنكى بار ئىشنى ھېس قىلالىغانلىق تىرىكلىكنىڭ ئالامىتى. تىرىك بولماقنىڭ ئۆزى ئۈمىد، پۇرسەت.  ھېچ يوقاتقىنىمغا ئىچىمنى ئاچچىق قىلماسمەن. پەقەت شۇ بەرگەننىڭ قەدرىنى قىلماي  قالغانلىغىمغا ئۆكۈنۈشلىرىم بار. شۈكرى، مېنىڭ ھېچقاچان ئۇنۇتمىغان زات بەردى،بېرىۋاتىدۇ،بېرىدۇيەنە. ھەممسى  ئۆتكۈنچى ،مۇھىمى مەندۇرمەن،قەلبىمدۇر.  
   





254 قېتىم كۆرۈلدى sawda0903 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-13 12:28:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-22 18:12:32 Ayxamgul.
Mazmuni.atiraplik.suzliniptu.man.kollayman.
2016-11-16 23:01:57 رازىيە
مەن سىزنى داۋاملىق قوللايمە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ