مېھىرلىك قەلىبلەرگە ئاپرىن

مېھىرلىك قەلىبلەرگە ئاپرىن!

 

ئىپارگۈل ئوسمان

 

نۆۋەتتە جەميەت تەرەققىياتى كۈنسايىن راۋاجلىنىپ، خەلىقنىڭ قورسىقى توق، كىيمى پۈتۈن بولۇش نىشانى ئىشقا ئېشىپ بولغىلى ئوزۇن مەزگىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما جەمىيتىمىزدە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ ، موھتاجلىقتا قېلۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئازراقلا ھاللىنىپ قالسا كۈنلىرىنى ھەشەمەتخورلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مۇناسۋەت چەمبىرىكى دائىرسىدىكلەرنىمۇ ئەنە شۇ ھەشەمەتخورلۇققا سۆرەپ كىرىپ، جەميەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلۋاتىدۇ. گەرچە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسراپخورلۇققا ، پارخورلۇققا ، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشكە، چىرىكلىككە زەربە بېرىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن بۇيان بۇ ئەھۋاللاردا كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ ئەمما پۈتۈنلەي تۈگىگىنى يوق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ياشلار ئارسىدا قانداقتۇر ئۆرىپ ئادىتىمىزگە يات بولغان ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئەۋىج ئېلىپ بۇ كۈندە نۇرغۇن بىھۇدە ئىسراپچىلىق ئەھۋالى كۈرۈلگەندىن سىرىت ، ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان، ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تۇلۇق يىتىلمىگەن نادان، ساددا ياشلىرىمىز بۇ كۈندە خۇددى ئوغۇللار چوقۇم بىرەر قىز بىلەن، قىزلار چوقۇم بىرەر ئوغۇللار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزشى زۈرۈدەك كوچا كويلاردا ، پىنھان چايخانىلاردا ، ھەتتا مېھمانخانلاردا جۈپ جۈپ بولۇشۇپ، ئاتالمىش «ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى»ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى، ئىپپەت غۇرۇرىنى قۇربان قىلۋاتىدۇ.

يەنە تېخى بەزى ئائىلسى بار كىشلەرمۇ بۇ ئېقىمغا تەببىئلا ماسلىشىپ، ئۈچىنچى شەخىسلەر بىلەن ئاللىقانداق خىلۋەتلەردە خىيانەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ بەخىتلىك ئائىلىسنىڭ ئۇلىنى كولىماقتا.

ئەمما جەمىيتىمىزدە بۇ قىلمىشلاردىن مۇستەسنا ھالداقىممەتلىك ۋاقتىنى ساخاۋەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ، مىھرگە تەشنا قەلىبلەرنى ئىللىتىپ، ئۇلارغا ئىنسانى مىھىر مۇھاببەتنىڭ قۇدىرتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۈمىدسىز تىنىقلارغا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلۋاتقان ئېسىل قەلىب ئىگىلىرىمۇيوق ئەمەس.

ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەسقەر نىياز ئەپەندى ئەنە شۇنداق كىشلىرىمىزنىڭ تىپىك مىسالى.

ئۇزۇندىن بۇيان 2-ئاينىڭ 14-كۈندىكى ئىسراپچىلىق، ئەخلاقسىزلىق، شەكىلۋازلىق، ھەشەمەتخورلۇق قىلمىشلىرى ئىچىنى ئاچچىق قىلغان ئەسقەر نىياز ئەپەندى بۇ كۈننى باشقىچە ئۆتكۈزۈش، بىر قىسىم نادان كىشلەرنى ئويغىتىش ئارزۇسى بىلەن بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئونسۇ ناھىيسىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان كىشلەردىن تەشكىللەنگەن ئونسۇ مېھىر لىك قەلىب ساخاۋەت توپىنى قۇردى. بۇ توپ قۇرۇلغان شۇ كۈنىلا نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل قېرىنداشىلىرىمىزنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ئىئانە توپلاش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ياردەمگە موھتاج بولۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز ئىلىقلىققا ئېرىشتى.

شۇ مۇناسۋەت بىلەن بىز قۇرۇلغىنغا ئۇزۇن بولمىغان ئونسۇ مېھىرلىك قەلىپ ساخاۋەت توپىنىڭ كىيىنكى مۇساپىلىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە ئەسقەر نىياز ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بارلىق مېھىر ئىگىلىرگە، شۇنداقلا جەمىيتىمىزدىكى پۈتكۈل ئاقكۆڭۈل ساخاۋەتچىلەرگە سالام يوللايمىز ھەمدە چوڭقۇر تەشەككۈرلەرنى بىلدۈرىمىز.





473 قېتىم كۆرۈلدى ئىپارگۈل ئوسمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-16 10:06:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ