بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا
خۇشتار
لۇغەتلەردە ئېيتىلشچە "ئۇيغۇر " دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئىناق ، ئىتپاق ، ئۇيۇشقاق دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىكەن .
شۇنداق بىز ئۇيغۇرلار تارختا ئىناق-ئتىپاق بولغاچقا نۇرغۇنلىغان سەلتەنەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرىغان ھەم ئۆز دەۋىردە ناھايتى شانلىق نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئىناق-ئىتىپاقلىقىز ، ئەدەپ-ئەخلاقىمىز بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۆرنەك ئېلىشغا مۇيەسسەر بولغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىدۇق .
بىراق ھازىرقى زامانغا كەلگەندە ئۇيغۇر مىللتىگە قارايدىغان بولساق ھەقىقەتەنمۇ ئىچىمىز ئېچىشماي تۇرالمايمىز .
ھازىر مىللىتىمىزدە ئۇيۇشۇشقاقلىق ئەدەپ ئەخلاق دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمىدى . مەسىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلارنى كۆرسەك بىزدە قوللاش يۇق، كوچا تازلاۋاتقانلارنى كۆرسەك ياراتمىدۇق بىراق ئۆزىمىزگە قارايدىغان بولساق ئېلىۋاتقان كۈنىمىز تايىنلىق !
جەمىيتىمىزگە قارايدىغان بولساق ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ كوچىلاردا يىتىپ قىلۋاتقان ، مەستلىكتە باشقىلارنى تىللاۋاتقان ، باشقلار بىلەن ئۇرۇشۇپ جىدەل چىقىرۋاتقان ئىشقىلىپ يۇقارقىدەك مەدەنيەتسىز ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلۋاتقان كىشلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر يەنى بىزنىڭ مىللەتتن بولغانلار .
ئەزىز قېرىنداشلىرىم ئويلاپ باقايلى بۇ قىلمشلارنىڭ ھەممىسى مىللىتىمىزنى زاۋاللىققا باشلايدۇ . ھازىر بىزگە لازىم بولغىنى ھەرگىزمۇ ئۇيۇن تاماشا ئەمەس بەلكى ئىناقلىق ئىتپاقلىق ، ئەدەپ ئەخلاق ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا قوللاش !! شۇنى بىلىپ قىلىڭكى قېرندىشىم قوللاش بولمىسا تەرەقىيات بولمايدۇ ، قۇللاش بولمىسا ئىناقلىق بولمايدۇ ، ئۆزئارا قۇللاش بولمىغان بىر مىللەت زاۋانلىققا يۈزلىنىدۇ بۇنداق مىللەتنىڭ تەرەقىياتدا چىكىنىش بولسا بۇلىدۇكى ھەرگىز ئالغا ئىلگىرلەش بولمايدۇ .
ھازىر مىللىتىمىزنىڭ زاۋانلىققا يۈزلىنىشىگە سەۋەپچى بولۋاتقان يەنە بىر ئش بار ، ئۇ بولسىمۇ نورمال بولمىغان ئەر ئاياللق مۇناسىۋەت . جەمئىيتىمىزگە قارايدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان ئەرلىرىمىز ئۆزىنىڭ نىكاھلاپ ئالغان ھالال جۈپتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ باشقا ئاياللار بىلەن ئاشنا ئويناۋاتقان سەت قىلمىشلار ناھايتى كۆپ ، بۇ ئىشلار شۇ بۇزۇقلارلا بىلەن تۈگەپ كەتسە مەيلىتى بىراق ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ . بۇ قىلمىشلار نۇرغۇنلىغان ئىللق ئائىللەرنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولدى ئەڭ يامان بولغىنى شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇنلىغان بىغۇبار سەبى باللىرىمىز كىچىك تۇرۇپلا يىتىملىكنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ . چوڭلىرىمىزنىڭ قىلۋاتقان يۇقارقىدەك "ياخشى " ئىش ئىزلىرنىڭ تۈرتكىسىدە جەمىيتىمىزدىكى ئوغۇل قىزلار ئارسىدا تۇتۇرقى يوق چاكنا مۇھەببەتلەر ئەۋجىگە چىقماقتا نۇرغۇنلىغان قىزلىرىمىز تىخى توي قىلماي تۇرۇپلا ئامانىتىدىن ئايرىلماقتا . ئۇلار كېلەچەكتىكى مىللەتنىڭ ئانىسى ئىدىغۇ؟ بۇنداق ئانلارنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا چۇڭ بولغان باللار مىللتىمىزنىڭ ئىزباسارى بولالارمۇ ؟ ئەمدى ھېلىقى يىگىتلەرچۇ شۇنداق تۇتۇرقى يوق مۇھاببەتنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان شۇ يىگىتلەر كەلگۈسى مىللەتنىڭ ئاتىسى ئەمەسمۇ؟ مىللەتنىڭ كەلگۈسنى شۇنداق مەسئۇليەتسىز كىشلەرگە تاپشۇرساق مىللەتنىڭ كەلگۈسى نىمە بوپ كىتەر ؟؟ بۇ تەرىپىنى چۇقۇم ئۇيلىششىمز كىرەك قېىرنداشلىرىم .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزنى ئۇيغۇردەپ ساناپ كەلگەن ھەربىر مۇسۇلمان دۇستلۇرۇم ئۇبدان ئويلىنىپ بىقىڭ .
ئەڭ ئاخىردا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتەي قېرىنداشلار : بىزدىن ئەۋلادقا مىراس قالدىغىنى بىزدىكى ئۇرۇشقاقلق ھەسەتخورلۇق ئەمەس بەلكى ئۆملۈك ئىناقلىق بولسۇن ، بىزنىڭ قولىمىزدىكى ھاراق بۇتۇلكىسى ئەمەس بەلكى ئەخلاق ئىمان بولسۇن ، بىزدىكى شەھۋانى ھەۋەس ئەمەس بەلكى غورۇر ۋىجدان شەرمى ھايا بولسۇن . شۇنداق بولغاندىلا مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تەۋرىمەس ئۇل سالغىلى بولىدۇ .
ئىللەت تۇزەلمەي ،مىللەت تۈزەلمەس .
239 قېتىم كۆرۈلدى | خۇشتار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-6 10:26:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|