ئەتراپىمدىكىلەر
ھەر بىر تىرىك جانلىق ياشاش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان مۇشەققەتلەرنى بىشىدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر ئىكەن، تەغدىرىمىزگە كۆنمەي ئامالىمىز يوق ئىكەن،ئەتراپىمىزدىكى رەڭمۇرەڭ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نىمە ئويى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن، چۈنكى ئىغىزى بىلەن دىلى ئوخشاش ئەمەس، بەزىدە ئۈزۈڭگە ئوخشاش ھىس قىلىسەن ئەمىلىيەتتە ئۇنداق بولم دەردىڭ يىغىلىپ يىقىن ئادىمىڭگە ئىيتىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ ئىچىڭنى بوشۇتىۋىلىشنى ئويلايسەن،سەن دەردىڭنى تۆككەندە بىللە دەرمان بولۇشۇپ سىرلىرىڭنى ئىنسانغا تىنماي ئىچىدە مەڭگۈ ساخلايدىغان يىقىنىڭنىڭ بارلىقىنى ئارزۇ قىلىسەن، ئەپسۇس……
يىنىڭدا شۇنچىلىك ئادىمىڭنىڭ بار،ياكى يوقلىقىنى بىلەلمەيسەن، چۈنكى ھازىرقى كۈنلەردە ئۇنداق ئادەملەر يوق.بۇرۇن بىر نان تاپساڭ تەڭ يەپ گۆش بىلەن ياغدەك ئۆتكەن بولساڭمۇ ئازرراق قىزىرىشىپ،ياكى ئۇرۇشۇپ قالساڭلا ۋاختى كەلسە بۇرۇنقى يىقىن كۈنلەرنى ئويلاپ ھەرگۈزمۇ يۈز خاتىرە قىلمايدۇ، سەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر خاتالىق.ئاقىۋەتتە مىڭلاپ ئونمىڭلاپ كىلىپ سەندىن ئۆچ ئالىدۇ، يالغانلىرىغا كۆنۈپ بولالماي راسلىرىنى بىلىپ بولالماي ئۈتۈپ كىتىپ بارىمىز،ئەتراپىمىزدىكەرنىڭ شۇنداقلىقىنى بىلگەندە يۈرۈكىمىز نەچچە رەت ئىچىشىدۇ، بىزمۇ شۇلارغا ئۈلغە بولۇپ قىلىۋاتىمىز، يىنىدا بولمىسا غاجاپ، يىنىغا بارسا قىلمىغان ئىشلىرى قالمايدۇ، بۇنداقلار دوس ئەمەس تۇنۇش دەيمىز....
ئاسىيە يازمىسى
292 قېتىم كۆرۈلدى | ئاسىيە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-2 23:26:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|