كۈنلەرنىڭ بىرىدە يالغۇزلىقتىن غېرىپ سىنىپ قالساڭ مىنىڭ ئىلگىرى تالاي كۈنلەرنى يالغۇز ئۆتكۈزۈپ يۈرگۈنىمنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنى سېغىندىم دەپ ساڭا قايتا دىيەلمىسەم، مىنىڭ ئىلگىرى سىنى قانچىلىك ساقلىغىنىمنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆزۈڭگە تىكىلىپ پەرۋاسىز قارىسام ئىلگىرى سىنى كۆرسەجىددىلىشپ ئۆزىنى يوقۇتىدىغان شۇ پاك كۆزلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەيلى قايسى ۋاقىت بولسۇن سىنى شۇ يەردە سىنى ساقلاپ تۇرغان مىنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسكىلىشپ كەتسەم مىنىڭ ئىلگىرى ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ كەتكىن…
كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىڭ بارلىقىڭنى سەزمەي قېشىڭدىن ئۆتۈپ كەتسەم ئىلگىرى مىنىڭمۇ مەۋجۇد ئەمەسلىكىمنى ئۇنتۇپ كەتكىن…
كۈنلەرنىڭ بىرىدە رەھىمسىزلىشىپ كەتسەم ئىلگىرى مىنىڭ باغرىمنىڭ يۇمشاقلىقىنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە قولۇمدا ھاراق-تاماكا كۆرسەڭ ئىلگىرى دۇئالىرىمدا ساڭا بەخىت تىلىگەن لىرىمنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالدىنىپ قالساڭ ئىلگىرى مىنى قانچىلىك ئەخمەق قىلغىنىڭنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ مىنى سېغىنىپ يۈرۈگۈڭ مۇجۇلسا كەت سىنى كۆرگۈم يوق دىگەن سۆزلۈرۈڭنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاغرىپ يېتىپ قالساڭ سەندىن ئەنسىرەپ ئورنىڭدا مەن كىسەل بوپقالسام دەپ تىلەپ كەتكەن مىنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەندەك كۆزۈمگە نەرسە كىرىپ كەرتتى دەپ يېشىمنى يۇشۇرىدىغان يالغانچى مىنى ئۇنتۇپ كەتكىن …
كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن ئاۋازىمنى سېغىنساڭ ئىلگىرىمىنى يالغۇز قۇيغۇنىڭنى ئۇنتۇپ قالمىغىن …
145 قېتىم كۆرۈلدى | RifoYin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-8 2:06:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|