ھەقىقى دوسلۇق - ئابدىراھمان ھېكىم

·—ھەقىقى دوسلۇق—·
💔ئابدىراھمان ھېكىم💔 ئىشەنچ، كۇچا


مەن قىسقىغنە نەچچە يىل جەرياندا ھەيران قالدىم! ھازىرقى زاماندا دوست دېگەن بىر ئالدامچىلىقمۇ؟ قانداق دوست كىشىگە ۋاپا قىلمايدۇ؟ قىيىن ئەھۋالدا قالسا قاچىدۇ؟  سەندىن بىرەر پايدا يەتسە دوستۇم دىسە،ھالىڭ خاراپ بولسا سېنى زەھەردەك سۆز قىلىپ چاقىدۇ؟ ئازاپلىرىڭنى تەڭتارتىشىپ بەرمەيدۇ؟ قىلغان لەۋزىدە نىمىشقا تۇرالمايدۇ؟ ۋاقىت چىقىرىپ سىرداشمايدۇ ،ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنى بىرگە ھەل قىلمايدۇ؟ئالدىدا شۇنداق قىزغىن بولسا كەينىدىلا يەنە   بىر خىل بولۇپ ئۆزگۈرەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ۋاپادار سادىق بولمايدۇ؟ ئەتراپىڭدىكلەرنى چۈشۈنۈش بەك تەس ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلگەنلەرمۇ،ۋاقتى كەلسە سۈكۈت قىلىپ يوقاپ كىتىدۇ؟ نەۋتى كەلسە دوستۇم دەپ چوڭ كۆرگەنلەر ساڭا دۈشمەن بولۇپ ئورنىنى تۇلۇقلۇغسىز ئاقىۋەتلەرنى ئەپ كىلىشى مۇمكىن، بەزى دوستىن ھەزەر ئەيلەش كېرەككەن دىگەنلەرنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم!
ئەسلى دوسلۇق مۇنداق بولسا توغرا بۇلامدىكىن دەيمەن!
دوستلۇق ھاياتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل دەقىلەرنىڭبىرى ئىدى، بىز بۇرۇندىنلا دوسقا ئىنتىلەتتۇق ،دوس  ئىزدەيتتۇق، دوسنى چىن ھېسياتىمىز بىلەن ياخشى كۈرەتتۇق،بۇ زاماندا زادى نېمە بۇلۇۋاتىدۇ؟…
دوس بىر ھەمراھ ئۇنۇڭغا دەرتلىرڭىزنى تۈكۈپ ياش تۈكەلەيسىز،دوس ئاپتاپتا كۈنلۈك كۈن نۇردىن ساقلايدۇ،دوس بىر ئۇچقۇن ئۆلگەن قەلبىڭىزگە ئوت يېقىپ قايتىدىن يالقۇنجىتالايدۇ،
دوس دىگەن بىر دېڭىز  ساھىلى بارلىق دەردىڭىزنى  ئۇنىڭغا شەرتسىز تۈكەلەيسىز،
دوس دىگەن بىر كۈچ قۇۋۋەت يىقىلغاندا دەس تۇرغۇزالايدۇ،دوس بىر باشلامچى سىزنى ھەمىشە يۇقۇرغا ئۆرلىتەلەيدۇ،دوس دىگەن ئۆچمەس ئوت مۇزلىسڭىز ئىسسىقلىق بىرەلەيدۇ،دوس بارلىق كۈچى بىلەن سىزنى ئۈمۈتسىزلىكتىن قۇتۇلدۇردۇ،دوس بىر باراقسان ئېكىنزارلىق سىزگە ھەر خىل مىۋلەرنى بىرىدۇ،دوس بىر ئۇرۇق سىزنى بىخلاندۇرۇپ ھۇسۇل ئالدۇردۇ،دوس بەك سەزگۈر مەغلۇپ بۇلۇشتىن ئاۋال شەپە بىردۇ،دوس مەسئۇليەتچان بىر ئۆمۈر سادىق بۇلۇدۇ دەپ ئويلايمەن ھەم شۇنداق قارايمەن،
يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ ماڭا قىلغان سۆزلىرى  ۋە قالدۇرغان تەسىرى  شۇنداق ئىسىل بولغاچ ئەسلەپ قالدىم:
دوستۇم بىزگە دوسسىز بۇ ھاياتنىڭ مەنىسى يوق، ياشايمەن دىسەڭ چۇقۇم  ياخشىلارنى دوست تۇتقىن،دوسلۇق ھاياتىڭغا ئوخشىمىغان يېڭى مەزمۇنلارنى قوشالايدۇ،ماڭا ئوخشاش ياشايمەن دەيدىكەنسەن ھەر خىل سۈركۈلۈشتىن خالى بولالمايسەن، دوسلۇرۇڭ ئەنە شۇنداق بىر  چاغدا ساڭا ھەمراھ بولىدۇ ! ئەقلىڭگە ئەقىل قوشسا كۈچۈڭگە كۈچ قۇشالايدۇ ،چۆلدە ئېزىپ قالساڭ يول باشلايدۇ،ئۇساپ قالساڭ گوياكى يامغۇر بۇلۇپ سىنى قاندۇرۇدۇ،  يەنەئىسسىقتا قالساڭ مەيىن شامال بولۇپ تىنىڭنى راھەتلەندۈرىدۇ،شۇڭلاشقا سەن بۇ ھاياتىڭدا سەمىمىي بولۇشنى ئۆزگىنى چۈشىنىشنى، كىچىك پىئېل بولۇشنى، ئوي پىكىرلىك مەسئۇلياتچان شەخسىيەتسىز ، خوشال خورام يۈرۈشنى، مەردانە تىك تۇرۇشنىيۇمۇرىستىك  بولۇشنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلغىن شۇ چاغدىلا سېنىڭ ئەتراپىڭدا ئىشەنچلىك ھەقىقى دوسلىرىڭ كۆپىيدۇ دىدى ،تازا چۇڭقۇر چۈشەنسەم بۇ سۆزلەر راستكەن،
شۇنچە پۇل خەجلەپمۇ بۇ قىممەتلىك سۆزلەرنى ئۆگۈنۈپ بۇلالمايدىغنىم ئېنىق ئىدى،
دوستلىرىمىز بىزگە ئۈمۈت بېغىشلاپ يەنە قوللاپمەدەت بېرىپ  ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسنى ھېس قىلدۇرىدىكەن،  ھايات سەپىرىدە شۇنداق بىر  دوسلار بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ ھايات يولىمىزنى يورۇتۇپ ماڭىدكەن،
مىنىڭ شۇ دوستۇمغا: شۇنداق بىر سۆزلەرنى دىگۇم بار ئەمما دىيىشكە ئامالسىزمەن!
مۇنۇ سۆزلەر كۆڭلۈمدىكى تەشۋىشنى يوقاتتى!
ھازىر جەمىيتىمىزدە ھەقىقى  دوست يوقمۇدۇ ،دوسلار شۇنداق  ۋاپاسىزمىدۇ دوسلۇق نەدىن پەيدا بۇلۇدۇ،بىزدە دوستلۇق يوقمۇ ئەمەسكەن مەن بىلسەم  ئىشەنچ يوق ئىكەن!
شۇڭا دوستلۇقنى قەدىرلىمەي دوسنى  ئىزدىمەيمىزكەن،ئارمىزدىكى تۇقۇنۇش، شەخسىيەتچىلىك، يىراقنى كۈرەلمەسلىك،ئىچىمىز تار بۇلۇش،كىبىر كۆرسۈتۈش  نەپسىمىز تويماسلىق ئاچ كۆزلۈك،  ئالداش، يالغان سۆزلەش ،رەزىل ۋاستە ئىشلىتىش،لەۋزىدە تۇرماسلىق، ۋىژدانسىز غورۇرنى يوقۇتۇش قاتارلىق  ئىشلار،  بىزنى شۇنداق قاراشقا ئىگە قىپتۇ،دوستلۇق ئەسلى يېنىمىزدىلا،  يىراق ئەمەسكەن ھەر كۈنى چۈگۈلەپ يۈرۈيدىكەن ،
خوش:بىزئالدى بىلەن دوسلاردىن ئەمەس ،بەلكى ئۆزىمىزدىنلا  ئاغرىنساق بۇلۇدكەن، بىز دوسلۇق شەرتىگە چۈشكۈدەك نىمە ئىشلارنى قىلالىدۇق؟ دوسنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىپلا ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولدىمۇ يوق،
ئۇ نىمگە ئېھتىياجلىق، قانداق قىيىنچىلىققا يۇلۇقتى،بىزدىن نىمە تەلەپ قىلىدۇ ،ناھايتى بىر مىھىرغۇ دىگەنلەرنى ئويلىيالىدىقمۇ يوق؟قىسقىسىى ھاجەت ئۈچۈن ئىزدەپ بۇلۇپ پايدىلنىش قىممىتى تۈگۈگەندە بىر تىپىك بىلەن تىپىۋەتتۇق،
ھەقىقىي دوستلۇق سەمىمىيلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، ھاياتلىقتا  دوسلۇقنى قەدىرلەپ دوسلۇق ئۈچۈن قۇربان بىرىشلەردىن قورىقماي بىرلىكتە ئىلگىرلىشمىز كېرەك،ھەقىقى دوسلۇقنىڭ گۈللىرنى ئۆز بېغىمىزدا ئېچىلدۇرايلى، شۇندىلا دوسلۇرمىز بۇلۇدىكەن!
مۇنۇ ئاددى بىر سۆزلىرىمنى ھەر ۋاقىت قەلبىدە ياد ئىتىدىغان دۇئالەر قىلىدىغان ھەقىقى دوستۇم ۋە قەدىرلىك ئاكامغا تەغدىم ئەتتىم،
چۇقۇم تىرشىپ ھەقىقى دوس بۇلۇشقا  تىرىشمەن،
2016-يىل11-ئاينىڭ15-كۈنى كۇچا

506838927


     





642 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-15 17:49:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ