مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(5-قىسىم)

مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(5-قىسىم)

 

ئاپتۇرى:ھەزرتىئەمەر رىشىت QQ:2253336853

 

مۇھەببەتنىڭ ئاساسى باراۋەرلىكتە،ئۇنىڭدا ئۈستۈنلۇك تالىشىش، ھۇقۇق تالىشىش يوق،شەخسىيەتچىلىك يوق،ئۆز بېشىمچىلىق يوق.ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرتاق پەرۋىىش قىلىش ئاستىدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ھەم تەرەققى قىلىدۇ. قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھىم،كەلگۈسىىدىكى جۈپتى-ھالالىم دەپ تۇنۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇھەببەت ھەققىيلىققا يېقىنلىشىدۇ،ئۇزاققا داۋاملىشىدۇ.پەقەت كۈڭۈل خۇ شلۇقى ئۈچۈن،يېگانىلىقتىن قۇتۇلىۋېلىش ئۇچۇن،زېركىشنى تۇگۈتۈش ئۇچۇن ۋە ياكى ھەۋەس ئۇچۈن قۇرۇلغان مۇھەببەت ئۆزىنى چىرايلىق ناملار ۋە لىباسلار بىلەن ئۇرىۋالغان شەھۋەتتىن ئىبارەت. چىن مۇھەببەتتە«مەن»ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدۇ،قارشى تەرەپنىڭ قەلىپ مۇكەممەللىكىگە يېتىشگە كۆڭۈل بۆلۇنىدۇ،ھەمدە دۇنيا قارىشى ۋە تۇرمۇش مۇستاقىللىكىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ. تۇۋەندىكىسى مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى مۇھەببەتلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە سەممى سۆزۇم:

قىزلارغا:

 1.ئەقىل پاراسىتىنى نامايەن قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار يۇتىسىنى نامايان قىلىدىغان ئاياللاردىن ھۆرمەتلىكراق.

 2.سىز بىلىملىك بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەمەس بەلكىئادىمىيلىكىڭىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سۆيۈملۈكسىز.

 3.قىزلارنىڭ ئەڭ قۇرقىدىغىنى يىگىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولماستىن بەلكى ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولۇشى كېرەك.

 4.بەزى ئەرلەرنىڭ سىز بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىماسلىقى،قانداقتۇر سىزنىڭ فىزىكىلىق شەكلىڭىز دە نۇقسان بارلىقى سەۋەبىدىن بولماستىن بەلكى ئىچكى جەلىپ قىلش كۈچىڭىزنىڭ كەمچىل بولۇشىدا.

 5.تاشقى جەھەتتىكى نۇقسانلىرىڭىزنى ئەخلاقىڭىزنى ۋە مىجەزىڭىزنى ياخشىلاش ئارقىلىق تۇلۇقلىيالايسىز.

 6.قىزغىن مۇھەببەتتە قىزلا بەكرەك ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى،ھېسياتىنى كۇنتىرۇل قىلىشى كېرەك.

 7.مۇھەببەتتە ئاكتىپلىق يەنىلا ئەرلەردە بولۇشى كېرەك.

 8.قىز-ئاياللارنىڭ كېيىنىشى،گىرىم قىلىشى مۇۋاپىق بولمىسا،ئەرلەرگە شاللاقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

 9.چىرايىڭىزغىلا كۆيگەن ئادەمنىڭ ھۇجۇدىدكىسى مۇھەببەت ئەمەس شەھۋەت،ئۇ سىزنىلا ئەمەس،ھەرقانداق بىر چىرايلىق قىزنى«سۆيۇۋېرىدۇ».

 10.ئىلگىركى قىز دوستى تۇغرۇلۇق گەپ بولغاندا،ئۇنىڭ بولۇمسزلىقىنىلا دەيدىغان يىگىتلەر شەخسىيەتچى ۋە ئىشەنچسىز كېلىدۇ.ئۇنداق يىگىتتىن ئېرشىدىغنڭىز كېلەر قېتىمقى قىز دوستىغا سىزنى داتلاپ بېرىش بولىدۇ،خالاس.

 11.قىزلار سۇيۇق ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت تەلىپىگە ئالدىراپ ماقۇل دېمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاقىۋەتتە ئۇ ئەرنىڭ:«كەچۇرۇڭ،مەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم.»دېگەن يالدامىسغا ئېرىشىدۇ.

 12.شېرىن شىكەر گەپلەر بىلەن سىزنىڭ ئامانىتىڭىز نى ئالغان ئۇ لاتا كەلگۈسىدە ناھايىتى ئەخلاقلىق،ئۇچىسىغا ئەركەك چىۋىن قۇنۇپ باقمىغان بىر قىزنى ئەمرىگە ئېلىپ گۈلدەك ياشاۋېرىدۇ.

 13.ئەخلاقسىز ،ھاياسىز بىر ئەر سىزنى ھەققى ئايال سۈپىتىدە،كەلگۇسىدىكى پەرزەنىتلىرنىڭ ئانىسى سۈپىتىدە سۆيمەيدۇ.

 14.ئانىسىنى سۆيمىگەن،ئانىسىنى ھۆرمەتلىمىگەن ئەر،ھەرقانداق بىر قىزنى ھەققى سۆيەلمەيدۇ.

ئوغۇللارغا:

 1.ئەدەپسىز ئاياللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ھاياسىز يۈرۇش-تۇرۇشلىرىغا ھەرقانداق بىر غۇرۇرلۇق ئەركەك نەپرەت قىلىدۇ.

 2.قايسى بىر يازغۇچى:«قىز-ئاياللىرمىزنىڭ يېرىم-يالىڭاچ كۇچىلارغا چىقىشى،ئەرلىرىمىزنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدە.»دەپ يازغان. سىز قىز دوستىڭىزنىڭ چەكتىن ئاشقان ،ئەخلاقسىز،غەلىتە كىيىنشلىرىگە چەك قۇيۇڭ،تۇسۇڭ.ئەگەر ئۇ سىزنى ھەققى ياخشى كۆرسە گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ، گېپڭىزنى ئاڭلىتالمىسىڭىز مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۇزۇڭ، شەرىم ھايانى بىلمىگەن قىز سۆيۇشنى بىلمەيدۇ ۋە سۆيۇشكە ئەرزىمەيدۇ.

 3.بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى چىرىكلىكىنى تىللاش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان بۇلسا،جەمئيتمزدىكى ئەخلاق مەسلىسى ئاللىقاچان ھەل بولۇپ كەتكەن بۇلاتتى.

4.ئۇغۇللار بىز جەمئيتىمزدىكى بەزى نادانلىقىدىن،ئەقىكسىزلىقىدىن يامان يولغا مېڭىۋاتقان،ئەخلاقسىز،ئىپپىتىنى يۇقاتقان قىزلارنى تىللاپ پۇسكايتىۋەتسەك،ئۇ بىچارىلەر،ئاجىزەلەر نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ سىلەرنىڭ بۇ تىللىشىڭلار جەمئىيتىمىزدە بىر تۇركۇم «پاھىش»لەرنى كۆپەيتىپ بېرىشكە يارايدۇ خالاس.ئۇلارنى تىللاۋەرمەي ئۇلارغا سەمىمى نەسىھەت قىلىشىمىز،تۇغرا يۇلغا باشلىشىمىز،ئۇلارنى ھىمايە قىلىشىمىز،ئۆزىنى ئۇڭشىۋېلىشقا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك،ئەكىسچە ئۇلارنىڭ نادانلىقىدىن،ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزقمىزنىڭ شەھۋىتىمىزنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقىمىز كېرەك.

 5.ئەرلەر ئاياللارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئېتىبار بەرمىگەندە ئۇلاردا تەبىلا يىراقلىشىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ.

 6.ئەرلەر ئاياللارنى مۇۋاپىق سۆزلەر بىكەن ماختاپ تۇرۇشى،رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرۇشى،ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۇپ تۇرۇشى كېرەك،بۇ ئاياللارغا زور مەدەت ۋە ئىلھام بولىدۇ.

 7.يىگىتىدىن دائىم قەسەم ئىچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان قىزلار شەخسىيەتچى،ئالا كۆڭۈل ۋە ئالدامچى كېلىدۇ. ئۇلار مۇھەببەتتىن ئاسانلا يۈز ئۆرۇيدۇ.

 8.سۆيۈش ئۈچۈن پۇتۇن ھۇجۇدۇڭ بىلەن سۆيۈشۇڭ كېرەك،ساختا سۆيۈش،مەستانىلىق ۋە قىززىققۇچى بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ.

 9.پارازىتلاشقان ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ياقتۇرۇشىنى ئىزلەپ كۈنلەپ ئاۋارە بولىدۇ،لېكىن بۇ ئەھۋال ئاياللارنىڭ ئۇنى ياقتۇرىشىغا ئازراقمۇ قىززىقتۇرالمايدۇ.

 10.سۇيۇق ئەمەس ئەرلەر گۈزەل ئاياللارنى ئۇچراتقاندا ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىگە تاينىپ ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە يېقىنچىلىق قىلمايدۇ،سۇركەلمەيدۇ.

 تامام.





750 قېتىم كۆرۈلدى izdan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-9 13:33:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-27 12:42:05 reboren
bak yahxiyahxi yezleptuyezleptu bubu acaracar
2015-12-15 0:26:18 ئ‍ىرپانجان
جاپاچەكتىڭلار،يازغۇچلار سالونىدىكى ئ‍اكا-ھەدىلەر سىلەر گە كۆپتىن كۆپ رەخمەت .
2015-8-10 0:32:57 ئ‍ىرپان
جاپا چەكتىڭىز ، ياخشى يېزىپسىز yox
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ