يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئ‍ەمەس ، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر - ئالىمجان تۇرسۇن

يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئ‍ەمەس ، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر 

مۇلاھىزىدە : ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر 


»يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئ‍ەمەس ، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر » .
بۇ ماقال تەمسىلنى مۇلاھىزە قىلساق : يولۋاسنى يەڭگەن كىشى باتۇر بولمايدىغان ئ‍ىش يوق ، يولۋاس ھايۋان بولسىمۇ گۆشخۇر ، يىرتقۇچتۇر كۈچتۈڭگۈردۇر ، بۇنداق غايەت زور مەخلۇقنى يەڭمەك باتۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى ، لىكىن بۇ ماقال تەمسىلدە نىمىشقا ئاچچىقنى يەڭگەن كىشى ئ‍الدىدا يولۋاسنى يەڭگەن كىشى باتۇر سانالمايدۇ ؟ بۇ ئەلۋەتتە ئ‍ويلىنىشقا تىگىشلىك سوئال ، يەنى يولۋاستەك يىرتقۇچننى يىڭىپ باتۇر سانالغان كىشى ئ‍اچچىقنى يەڭگەن كىشى ئالدىدا ئ‍ىناۋەتسىز بولغىنى ئۈچۈن ، چوقۇم ئاچچىق ، يولۋاستىنمۇ يىرتقۇچ ياكى زىيانلىق بولىشىدا شۈبىھە يوقتۇر . ئاچچىق گاھىدا ھەممىنى يۇتقۇچى بىر توسالغۇسىز كەلكۈن ، ئاچچىق گاھىدا ئ‍ۆچۈرگىلى بولمايدىغان يالقۇنلۇق ئ‍وت ، ئاچچىق گاھىدا قىلچە رەھىم قىلماستىن كاللا كەسكۈچى جاللاتتۇر . يىرىتقۇچ يولۋاس ئ‍ىنساننىڭ تاشقى جىسمىنى ياردار قىلغان بىلەن زىيادە ئاچچىقلىنىش بولسا ئىنساننىڭ مەنىۋى روھىنى ياردار ، كىسەل ، مىيىپ قىلىدۇ ئەلۋەتتە . زىيادە ئاچچىق ئىنساننىڭ ئ‍ەقلىنى كىسىدۇ ، نەپسىگە پۇرسەت يارتىپ بىرىدۇ ، شەيتانغا ئازدۇرۇش يول ئ‍ىچىپ بىرىدۇ . ئەقىلنى ھىسياتنىڭ قۇلى قىلىپ ، قەلبىنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرشى كىلىپ چىقىدۇ . يولۋاسنى يەڭگەن كىشى تاشقى كۈچنى يەڭگەن بولسا ، ئاچچىقنى يەڭگەن كىشى ئ‍ۆزىنى يەڭگەن بىلەن باراۋەردۇر .  تاشقى كۈچنى تارمار قىلىشقا قارىغاندا ، ئ‍ىچكى كۈچنى :  يەنى ئ‍ۆزىنى تارمار قىلىش بەسى مۈشكۈلدۇر . يولۋاس بىلەن ئ‍ىلىشقان كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتى يارلانسا بۇنى داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ ، لىكىن ئاچچىق ئارقىلىق كىسىلىگەن ئ‍ەقىلنى ياماش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ . ھەم يولۋاسنى يىڭىش ئۈچۈن قىلىچ نەيزە تاش توخماق لازىم بولسا ، ئاچچىقنى يىڭىش ئۈچۈن ، ئەقىدە ئىتقاد ، سەبىر ، ھەم توغرا تەپەككۇر ، ھەم بىز ئۈچۈن ئ‍ەڭ چوڭ نىئمەت بولغان ئ‍ەقىل قورالى لازىم بولدۇ . زىيادە كونتۇرۇلسىز ، تەرتىپسىز ئ‍اچچىق كۈتۈلمىگەن پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىن ، بالىلارنى يىتىم قىلىشى مۇمكىن ، قىرىنداشلاردىن كەچكۈزۋىتىشى مۇمكىن ، بۇنىڭ باشلىنىشىدا كۆزگە ھىچ نەرسە كۆرۈنمىگەن بىلەن ، ئ‍اقىۋەتتە ئ‍ىغىر پۇشايماننى دۈمبىمىزگە ئ‍ارتىپ قويىدۇ . يولۋاسنى يىڭىش ئۈچۈن جىسمىمىز يارلانسا داۋالىغىلى بولغان بىلەن ، ئ‍اچچىق سەۋەپ ئ‍اغرىغان يۈرەكنى داۋالىماق ، شۇ سەۋەپ يوقاتقان ئ‍ەقىل ، سەبىرنى تاپماق بەسى مۈشكۈلدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن تەرتىپسىز زىيادە ئاچچىق ، يولۋاستىنمۇ ۋەششى يىرىتقۇچ دىسەك خاتالاشمايمىز ، شۇ سەۋەپ « يولۋاسنى يەڭگەن كىشىگە قارغاندا ، ئ‍اچچىقتەك شەيتاننىڭ قورالىنى يىڭىشنىڭ ھەقىقى باتۇرلۇق ئ‍ىكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ » . ھەم زىيادە ئورۇنسىز ئ‍اچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىدە نۇرغۇن دەلىلىلەر تۇرۇپتۇ ئەلۋەتتە .  بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغان  ئاچچىق ، خاتا تەرتىپ بويچە ماڭغان ئاچچىقتۇر ، ئاچچىقنى يىڭىمەن دەپ ، ئاچچىقلىنىش توغرا كەلگەن يەردە جىم تۇرۋىلىش ئ‍ەقىكسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئ‍ەمەس . ئەلۋەتتە ئ‍ىنساندا مىھىر بولغانغا ئوخشاش قەھىرمۇ بولشى كىرەك . ئ‍اچچىقلانمايدىغان ئىنسان نورمال ئىنسان ئ‍ەمەس . دىمەك ۋىجدانى دەپسەندە بولغان ئ‍ادىمىيلىكىگە پىچاق ئۇرۇلغان چاغدىمۇ ، ئاچچىقنى يىڭىپ باتۇر بولىمەن دەپ جىم تۇرۇش ئىنتايىن دۆتلۈك ئ‍ەقىلسىزلىك ، سەبىرنى خاتا چۈشەنگەنلىكتۇر . شۇڭا دىمەكچى بولغان ئاساسى مەقسەت : ئورۇنسىز ، تەرتىپسىز قالايمىقان ئاچچىقتەك بىر تۇيغۇنى دائىم كونتۇرۇلسىز ئ‍ىشلىتىشنىڭ خاتالىقىنى ، ئ‍امما سەبىردەك بىر باتۇرلۇقنى چىگرا قىپ تۇرۇپ ئەقىلنى يوقاتمىغان ئ‍اساستا   ،  ئ‍ورۇنلۇق يەردە ئاچچىقلىنىپ ئ‍ىشنى توغرا ھەل قىلىشنى بىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى . ئىنساننى روھى جەھەتتىن مىيىپلىككە دۇچار قىلىپ ئ‍ەڭ چوڭ نىئمەت بولغان ئ‍ەقىل ، ئ‍ەڭ چوڭ سوغات بولغان سەبىردىن ئ‍ايرىيدىغان ئورۇنسىز زىيادە ئ‍اچچىقنى يىڭىپ ، ئ‍ىشنى سەبىرچانلىق   بىلەن تەمكىنلىك بىلەن توغرا ھەل قىلىش يولىنى تىپىپ تىرىشىشنىڭ ، يولۋاس بىلەن ئ‍ىلىشىپ ئ‍ۇنى يەڭگەندىنمۇ ئارتۇق باتۇرلۇق بولدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ .ئاچچىقنى يىڭىش دىگەنلىك جىم تۇرۋىلىپ ، ھەل قىلدىغان ئ‍ىشنى تاشلاپ قويۇش بولماستىن بەلكى : سەبىرچانلىق ، ، تەمكىنلىك بىلەن شۇ ئ‍اچچىقا سەۋەپ بولغان ئ‍ىشنى چىرايلىق ھەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر .

يازمىدا : ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر .
خۇلاسە تامام !  2016.11.17
     





374 قېتىم كۆرۈلدى ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-17 22:23:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ