مەن قىلالامدىم ؟

 مەن قىلالامدىم؟
مەمەتجان


  مەن ئەزەلدىن ئۆمۈچۈكنىڭ  قانداق تور توقۇيدىغانلىقىغا بەك ھەۋەس قىلاتتىم .يامغۇردىن كېيىن دەرەخلىق ئارىسىدىكى ئۆمۈچۈكلەرنىڭ، ئالدىراش- تېنەشلىرى ئىچىدە تور توقۇ ۋاتقانلىقى دائىم كۆزۈمگە چېلىقىپ تۇراتتى..
   دەرەخلىق ئارىسىدا ئۆمۈچۈكلەرنىڭ ئالدىراش تور توقۇۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ ئىشچان ۋە ئىجادچانلىققا تولغان ئىرادىسىنى نامايەندە قىلىپ تۇراتتى. ئۆمۈچۈكلەرنىڭ تىنىمسىز تور توقۇشى،يېنىش- يېنىشلاپ دومىلاپ چۈشۈپ كەتسىمۇ ھەتتا ئەمگەك مېۋىسىگە ئېغىز تېگەي دەپ قالغاندا مەغلۇبىيەت پاتقىغا پېتىپ قالسىمۇ غەيرىتى سۇسلاشماي ياكى ۋايسىماي تەبىئىي رەۋىشتە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشى ماڭا ھەقىقىي ھاياتنىڭ كارتىنىسىنى يورۇتۇپ بەرگەندەك تۇيۇلدى.
   ئۇ يەنە مەغلۇپ بولدى، ئۇنىڭ دەرەخكە قاراپ ئۆمىلىشى مېنىڭ نەزىرىمدە ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالغانىدى. قەلبىمدە بۇنداق شامالدا قانداقمۇ پەللىگە يېتىپ بارالىسۇن دەپ ئويلىدىم. ئۇ يەنە مەغلۇپ بولدى، مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا يۈزلەندىم. ئ‍ەمدى  يەنە كۆزىتىشكە رايىم قالمىدى. ئىچىمدە ئويلىدىم، گەرچە ئۇ ھازىرچە مۇۋەپپەقىيەتكە قازىنالمىغان بولسىمۇبىراق ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئىختىيارسىز ئېشىپ باردى. ئىچىمدە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، ئۈمىدۋارلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم.
  مەن ئۆزۈمنى ئۆمۈچۈككە ئوخشاتماقچى ياق ئۆمۈچۈكنى ئۆزۈمنىڭ ئورنىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم. مەن ئۆزۈمنى قەلبىمدىكى بىر  قەھرىمانغا قانداقمۇ ئوخشىتاي. مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلەنمەكتىمەن …ئۆمۈچۈك پالۋان يەردە ئۈن تىنسىز سۈكۈتتە تۇرماقتا ئىدى. مەن ئوخشاشمىغان مەخلۇق بولساممۇ، قەلبلىرىمىز سىردىشىۋاتقاندەك، پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ قانداقتۇر مەندىن:-«مەن قىلالامدىم»؟دەپ سوئال سوراشقا تەمشىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. مەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشقا تامامەن ئاجىز كېلىمەن. مەن ئۆزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان ئۆزۈمدىنمۇ سوراپ باقمىغان ئۇشبۇ سوئال مېنى قىينىدى.مەن ئەمدى ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراشتىنمۇ ئەيمەندىم. ئىككىمىز بىراقلا تىمتاسلىققا چۆمدۇق،مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن (ئۆمۈچۈك پالۋان) سىرداشقۇم كەلدى.بەلكىم ئۇمۇ شۇنداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتسا كېرەك.
  ئۆمۈچۈككە ئۆزۈمنى سېلىشتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىم ئېنىق.ھەممىدىن مۇھىمى مەن ئىنسان مەن ئادەم.مەن ئۆزۈمدە ئەسلى بار بولغان بارلىق ئەمگەك قىلىش ،ئىجاد قىلىش، تەپەككۇر قىلىش قاتارلىق ئىمكانىيەتلىرىمنى ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن راۋرۇس ئىشقا سالمىغانلىقىمنى ئويلاپ قالدىم.ئەسلىدە ئۇ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەن دەپ ئويلۇدۇم .
  مەن ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئادەملەرگە خاس تىرىشچانلىقىمنى،ئىرادەمنى،تىنماي ئىنتىلىدىغان ئىزدىنىشلىرىمنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلاي.ئەمدى چۈشىنىۋاتىمەن ئەسلىدە قايسى بىراق  پەيلاسوپ ئېيتقانقىدەك «مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى.»ئىكەن ئەمەسمۇ. ھەر بىر  قېتىملىق مەغلۇبىيەت ئادەم ۋۇجۇدىدىكى ھورۇنلۇقدىن، ئىرادىسىزلىكتىن ئىبارەت ئۆلۈك روھنى داۋالايدىكەن ئەمەسمۇ.
   مەن بۇ سوئالغا جاۋاب تاپتىم. باش تارتما بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن ئىكەنسەن، بۇ مەجبۇرىيەت ساڭا چىگىلگەن بولىدۇ. بۇ سوئال«مەن قىلالامدىم؟»ئەمەس توغرىسى مەن ياشامدىم؟ دەپ سورىلشى كېرەك. بۇ سوئالغا جاۋاب ھاجەتسىز.
  مەن ئۆزۈمنى ھەممىدىن ئۈستۈن ھېس قىلىۋاتىمەن. بۇ ۋاقىتتىكى كەيپىيات ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ نەزىرىمنى قەھرىمانغا سالدىم ئۇ يوق ئىدى. ئەپسۇسلاندىم…ئەتراپ شۇنچە تىپتىنچ يەنە يامغۇر ياغىدىغانلىقى ئېنىق، نەم پۇراق پاكار ئۇچقان قارلىغاچلار بىلەن يىراقتىن ئۇچۇپ كېلىپ دىمىقىمغا ئۇرۇلماقتا. پۈتكۈل مەۋجۇدات ماڭا يېپيېڭى ئەكسىنى نامايەندە قىلدى.
   مەن يەنە ئىزدەشكە باشلىدىم خۇددى بىباھا گۆھەرنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك، ئاھ ئۇرۇپ سوئالنىڭ جاۋابىنى بۇرۇنراق دەپ بەرمىگەنلىكىمگە ئەپسۇسلاندىم. ئورنۇمدىن تۇردۇم ھاڭ -تاڭ قالدىم. قەلبىمدە ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەن ئەزەلدىن بۇنداق خۇشال بولۇپ باقماپتىمەن، بولۇپمۇ باشقىلار ئۈچۈن.ئۆمۈچۈكنىڭ ھەرىكەتچان، ئەگرى بۈگرى كەلگەن بىر  قانچە پۇتى، قورسىقىنىڭ قانداقتۇر بىر  يەرلىرىدىن چىقارغان تورلىرى مېنى سىرلىق تۇيغۇغا باشلىدى.ئۇ مەندىن بۇرۇن بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىپ بولغان ئىكەن.ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم يەنە ئاچتى، ئۇ ئاخىرى پۈتكۈزۈپ بولدى، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى خۇددى دولان گىلىمىدەك،يۇرتۇم قۇمۇل قوغۇنىنىڭ تورلىرىدەك، ناھايىتىمۇ سىپتا كۆرۈندى .بۇ قەھرىمان غەلبە مېۋىسىگە ئېغىز تەگدى، يىراقتىن بىر  ئولجا ئۇدۇل كېلىپ بۇ گىلەمنىڭ تۆرىسىدىن ئورۇن ئالدى.ئۆمۈچۈك پالۋان ماڭا  بېشىنى كۆتۈرۈپ كۈلۈمسىرىدى.
   يامغۇر چۈشمەكتە مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، ھە نىم بولسا تۇرار جايغا ئوزۇققا مۇنداقچە ئېيتساق يېپيېڭى ھاياتقا ئېرىشتى.خۇددى ماڭا كۆز- كۆز قىلغاندەك بىردەم- بىردەم قاراپ قوياتتى.
   قۇشلار سايرىماقتا كېپىنەك، ھەسەل ھەرىسى، جۈملىدىن پۈتكۈل جانلىق سۈزىلىۋاتقان كەڭرى ئاسمانغا نەزەر تاشلىدى.ئۆمۈچۈك پالۋان تور تارتىپ ئاسمان پەلەككە يول ئاچتى، ئۇ ئ‍ىككى قولىنى كەڭ يېيىپ، قارا بۇلۇتلارنى ئ‍ىككى تەرەپكە قايرىۋەتتى.ھەسەن ھۈسەن ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەندە قىلماقتا ،قۇياش ۋۇجۇدىدىن سېخىيلاردا نۇر چاچماقتا،يېپيېڭى بىر كۈن باشلاندى، مەنچە بۇ بىر كۈن بىر ھايات- مۇكەممەل ھايات.
     





230 قېتىم كۆرۈلدى mamatjon ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-4 20:39:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ