ئۇقتۇرۇش
يازغۇچىلار تۇرىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا :
يازغۇچىلار تورىمىز قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە تور دۇنياسى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . كەڭ يازغۇچى ئۇستازلار ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى يازغۇچىلار تورىمىزدىن پايدىلنىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى تور دۇنياسىدىكى كەڭ خەلىق ئامىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ۋە تورىمىزدىن پايدىلنىپ ئىھتىياجلىق بولغان مەنىۋىي بۇشلىقلىرىنى قىسمەن تولدۇرۋاتىدۇ دەپ قارايمىز . يىقىندىن بۇيان يىڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ياش يىزىقچىلىق ھەۋەسكارلىرىغا ئىلھام بىرىش ، كەڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قاندۇرۇش ، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەكىتلەۋاتقان < ئومومىي خەلىق مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداش ، ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقىتىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش > ئىستىراتىگىيسىنى ئاساس قىلىپ ، ياخشى بولغان تور تاراتقۇسى بەرپا قىلىش ، يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يازغۇچىلار تورىمىز جەمىيەتتىن ئاشكارە ھالدا 10نەپەر مۇھەرىر قۇبۇل قىلىشنى قارار قىلدۇق . شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز . تىزىملىتىشقا كىتەرلىك شەرتلەر تۆۋاندىكىچە :
1 . قانۇن ئىڭى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تۈرلۈك قانۇن ۋە سىياسەتلىرىگە ئاڭلىق رۇئايە قىلىدىغان ، قانۇن – تۈزۈم قارشى كۈچلۈك بولغان بولۇش .
2. مەسئۇلىيەتچانلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ، ئىنتىلىشچان ، ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقىتىشقا ماھىر بولغان بولۇش .
3. بەلگىلىك ئەدەبىيات نەزىريە بىلىملىرىدە بىرقەدەر سىستىمىلىق ساۋاتقا ئىگە بولغان ، ئەسەر تۈزۈتىش ۋە تەھرىرلەشكە ماھىر بولغان ، مۇھەرىرلىك خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان بولۇش . ( ئىلگىرى مۇھەرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىپ باققانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ )
تىزىملىتىش ۋاقتى : 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە
يازغۇچىلار تورى ھەر قايسى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئورتاق ئۈگىنىدىغان سەھنىسى . سىزدە ئىقتىدار ، قىزىقىشلا بولىدىكەن سەھنە سىزنىڭ !!!
پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس بەلكى تىرىشقانلارغا مەنسۇپ
ئالاقە : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
تىلفۇن : 18599029748
2017- يىلى 5- ئاينىڭ 22 - كۈنى
يازغۇچىلار تورى
461 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2017-5-22 9:24:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|