بىز نىمە ئۈچۈن ياشايمىز
مەۋلان
بىراۋلارغا مۇھتاج بولماستىن ھايات پەيزىنى سۈرگەنگە شۈكۈر…
بۈگۈنكى دەۋرىمىز ،بۈگۈنكى ھاياتىمىزرىقابەت بىلەن ئالغا باسىدىغان ھىچكىم ھىچكىمگە ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قارىمايدىغان ،ھىچكىمنىڭ ئاھ -پەريادى ھىچكىمنى تەسىرلەندۈرەلمەيدىغان دەۋىردۇر ·خۇددى دارۋىن ئېيتقان تەبىئەتنىڭ شاللىنىش قانۇنىيتىگە ئوخشاش ماسلىشالىغانلار پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ ،ماسلىشالمىغانلار ئۈزلۈكسىز شاللىندۇ ·
ناۋادا ئىچى تېشى دەۋىرگە ماسلىشىش ئامالبار تۇرمۇش تەكرارلانغان ھادىسلىرىگە ماسلىشىپ كۈنۈپ كەتكەن كىشلەردىن بۇلۇشنى ئويلايدىغانلاردىن بىز نىمە ئۈچۈن ياشايمىز ؟دىگەن سۇئالنى سورىساق ئۇلار چۇقۇم كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ،مىللىتىمىزنىڭ ،دۆلىتىمىزنىڭ تەرەقىياتىغا بىركىشلىك تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بىرىشى مۇمكىن ·ئەمما بۇ چۇقۇم ئۇلارنىڭ چىن قەلبىدىن چىققان جاۋاپ ئەمەس ·ئاددى كىشلەردىن سەمىمى جاۋاپقا ئىرىشكىلى بولىدۇ ·ناۋادا ئاددى دېھقاندىن ئوخشاش سۇئالنى سورىساق ئۇ چۇقۇم گېلىمىز ئۈچۈن ،توقلۇق ئۈچۈن دەپ جاۋاب بىرىدۇ ·مانا بۇ سۇئالىمىزنىڭ ھەقىقى جاۋابى ·ھەربىر ئىنسان مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسۇن نىمە يول بىلەن تىرىكچىلىك قىلسۇن ئۇنىڭ مەقسىتى چۇقۇم بوغۇزى ئۈچۈن ئەلۋەتتە !
ئەمما قوساق توقلاش ئۈچۈن ياشاش ياشاشتىكى بىردىنبىر مەقسەت بۇلۇپ قالسا بولمايدۇ ·ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولسا نەپىس بىزنى ھەرخىل يوللارغا باشلاپ قۇيىشى مۇمكىن ·
ياشاشتامۇنداق ئىككى ئادەمنى ئۇچىرتىمىز ،بىرى دۆت ئەقىللىق ،يەنە بىرى تادان ئەقىللىق ·مىنىڭچە دۆت ئەقىللىقنى مىسالغا ئالساق ل·مۇتەللىپ بۇنىڭ تىپىك مىسالى ·ئۇنى مەدىھلەپ يازغان شىئېرلاردىمۇ :
ئۆلمىگەن بولاتتىڭ بەلكىم ئۇنچە ياش
باش ئىگىپ سۈكۈتتە تۇرساڭ ئەگەر جىم
ئۆلمىگەن بولاتتىڭ سەن بورانلاردا
مەجنۇنتال مىسالى بولساڭ ئەۋرىشىم
دەپ يېزىلغان ·بەلكىم ئۇ ئەقىلىنى ئۆز ھاياتىنى ساقلاشقا ئىشلەتكەن بولسا (بەلكىم ئۈزىنىلا ئويلىغان بولسا )ئۇنداق ياش ئۈلۈپ كەتمەس ئىدى ·ئۇنىڭ ۋەتەن ، مىللەت ئۈچۈن دىگەنلىرى ئاخىرى يەنە شۇ مىللى خائىنلارنىڭ پايپاق رەخىت دىگەنلىرىگە تىگىشۋەتكىنى بولدى …
تادان ئەقىللىق قاتارىغا كىرىدىغىنى ئېينىشتىيىن ،ئۇنىڭ تەرجىمھالىدىكى ئەڭ قىزقارلىق گەپ بولسا گېتلىر يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغاندا ئۇ قېچىپ كەتكەن ·بەلكىم شۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇشۇ ئىشلارنىڭ تەرجىمھالىغا يېزىلىپ قالدىغىننى بىلىپ باتۇرلارچە قۇربان بولغان بولسا نۇرغۇن نەزىريەلىرى بىزگە يىتىپ كەلمەس ئىدى ·
ئىشقىلىپ بۇلار بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ھادىسگەرلەردىن مىڭ ياخشى ·ھېچ بولمىسا ئۇلاردىن بىرى قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ رىئاللىققا يۈزلەندى خالاس .ئەمما ساختا رىئاللىقنى تەكرارلىندىغان قانۇنىيەت قىلۋالمىدى ·
ئۇنداق بولسا بىز ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىپ باقايلى ·بىز نىمە ئۈچۈن ياشاۋاتىمىز ؟بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىزگە :بولسا ياخشى ئۇقۇپ تەرەققى قىلغان دۆلەت ،چوڭ شەھەرلەردە قېپقېلىپ شۇيەردە ئىستىقبالىڭلارنى تېپىڭلار دەپ يول كۆرسىتىشى قەتئى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ ·ئەجىبا بىز باشقا دۆلەت شەھەرلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ،بوغۇزىمىزنى باشقا يەرنىڭ،يات ئەلنىڭ نىممەتلىرى بىلەن تويدۇرۇش ئۈچۈن ياشايمىزمۇ ؟ئادەم ھەقىقەتەن يېڭى مۇھىتلار بىلەن تۇنىششى ،يۇرىت كۈرىشى كېرەك ·ئەمما چۇقۇم شۇيەردە قېپقېلىش شەرىتمۇ ؟نىمىشقا شۇيەرنىڭ تېخنىكىللىرنى ئۆگىنىپ ئۆز يۇرتىمىزغا كىلىپ يۇررىمىزنى كىشلەرنىڭ ئېغىزىدىكى تەرەققى قىلغان چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرمايمىز ؟بۇ ھەممەيلەن ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە ·نىمە ئۈچۈن ياشايمىز توغىرسىدىكى چىقارغان يەكۈن شۇكى :
بىز ئۆزىمىزگە يۈزكىلىش ،ھىچبولمىسا بىزگە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرنىڭ قان-تەرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ،بۇ خامىليون سۈپەت نەپسىمىزنى ھالال يول ئارقىلىق تويغۇزۇش ئۈچۈن ياشايمىز ·
409 قېتىم كۆرۈلدى | nalwom | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-4 0:43:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|