بەخىت ئىچىدىكى بەخىتسىزلىك

         بەخىت ئىچىدىكى بەخىتسىزلىك
                    ئاپتۇرى : ئالمىرە ياقۇپ 



    سىز بەخىتلىكمۇ ؟ بۇ سۇئال يۈرۈگۈمنى يەنە بىر قېتىم تىترەتتى ، مەن ئۆزۈمنى ھەرگىزمۇ بەخىتسىز دەپ ئويلىمايمەن چۈنكى كۆز  يۇمغانلارنى كۆردۈم ، ئەكىسچە مەن تېخى ھايات . ساقسىز ھالەتتە ياتقانلارنى كۆردۈم ، مىنىڭ تىنىم سالامەت . يىتىملىك كوچىسىدا سەرسان بولغان پەرزەنتلەرنى كۆردۈم ، مىنىڭ پەخرىم ، يۆلەنچۈكۈم بولغان ئاتا - ئانام ھايات ھەم ماڭا ھەمراھ  . مېھىرگە تەشنا بولغان قوللىرىنى سۇنغانلارنى كۆردۈم ، ئەكىسچە مېھىرلىك قەلىبلىرىنى ماڭا ئاتا قىلغان قېرىنداشلىرىم ھەر ۋاقىت ئەتراپىمدا . شۇڭا مەن شۇنچىلىك بەخىتلىك ھەم شۇنداقلا ئەتراپىمدا بەختىمنى كۆرۈپ كۈلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس .
           دوستۇم ، بەلكىم مۇشۇ گەپلىرىمنى ئوقۇپ ئەسەرنىڭ تىمىسى " بەخىت ئىچىدىكى بەخىتسىزلىك " دېگەن بۇ سۆزگە يەنە بىر قېتىم كۆز يۈگۈرتۈپ قارىغانسىز ؟ بەلكىم كاللىڭىزدا سۇئال پەيدا بولغاندۇر ؟ شۇنداق مەن بەختىم ئىچىدىكى بەخىتسىزلىكتە ئىدىم . " ھەممە نەرسىڭىز تەل يەنە نىمىگە بەخىتسىز ؟" دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن . مەن ھېس قىلغان بەخىتسىزلىك ھەرگىزمۇ ھازىرقى ياشلاردىكى ئاشىقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋەياكى ھەربىر كۈنۈمدە كۈلۈپ يۈرەلمەيۋاتقانلىقىم ئەمەس بەلكى ئەنە شۇ بەخىتلىك ھاياتىمنىڭ ئەھمىيەتسىز بولۇپ قىلىشىدۇر ………
            ھەر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يەپ كۈنلۈرۈمنى بىرخىل رىتمدا ئۆتكۈزۈش مىنىڭ بەختىم ئىچىدىكى بەخىتسىزلىكىمنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىلدۇر . چۈنكى مەندە ھازىر بار بولغان بەخىتلەرگە قۇشۇمچە بولغان يەنە بىر بەخىت كۈندىن كۈنگە غايىپ بولۇپ كىتىۋاتاتتى . بەختىم ئىچىدىكى كۈتمەكچى بولغان ئۇ بەخىت دەل مىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىمغا يىتىش ، ئارزۇ -ئارمانلىرىمغا ئېرىشىشتۇر .بىراق مەن مۇشۇ بەخىتتىن مەھرۇم قالماقتىمەن ، شۇ سەۋەپ بەخىت ئىچىدە تۇرۇپ   بەخىتسىزلىك ھېس قىلدىم .
      ھايات مۇساپىمىزدە مەلۇم بىر ئۇتۇق قازىنىش ، ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، ئۆزىمىز ھەم ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۆپلەپ ياخشىلىقلارنى قىلىش ………قاتارلىق نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ھەم باشقىلارغا قارىتا كۆزىگە كۆرىنىدىغان بىرەر ئەسلىمىنى قالدۇرالمىساق بىزنىڭ ھاياتىمىز قانداقمۇ مەنىلىك ئۆتكەن بولسۇن . بىراق مەن يەنىلا ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن ، مەن چۇقۇم مۇشۇ بەخىتسىزلىكنى يىڭىپ چىقالايمەن ھەم يىڭىپ چىقىشقا ئىشەنچ قىلالايمەن . غايىسى بولمىغان ئادەم خۇددى مىۋىسىز دەرەخكە ئوخشاشتۇر . شۇڭا مەن باشقىلارغا سايە ئاتا قىلىدىغان ئەمەس بەلكى ھەم سايە ھەم مىۋە ئاتا قىلالايدىغان دەرەخ بۇلۇشنى خالايمەن ھەم تىرىشىمەن .
             " تىرىشقان يەردە قالماس " بۇ مىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە قىلىدىغان تەسەللىي ھەم مەدەت بىرىش سۆزۈمدۇر

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

باھا : ئەسەرنىڭ چىنلىقى بىلەن بەدئىيلىكى ياخشى چىقىپتۇ . 
     


     





167 قېتىم كۆرۈلدى AlMeRa ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-3 14:39:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ