ساپا مائارىپنىڭ ئەمەلىيلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتىدا ئىپادىلەنسۇن
ساپا مائارىپنىڭ ئەمەلىيلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتىدا ئىپادىلەنسۇن تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر ) بالىلار بىزنىڭ بارلىغىمىز ، يۈرەك پارىمىز ، ئۈمىدىمىز ، ئىزىمىز ، ۋەتېنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىزباسار خوجايىنىدۇر .ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرىيلەش ، ئونىۋېرسال ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، كەلگۈسى قۇرغۇچى ئەۋلادلارنى ” بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر “ قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر . مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئىلىم - ھېكىمەت يولى ، ئىنسانلار مەدەنىيتىنى يارىتىدىغان ، كىشىلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى تاۋلايدىغان ، نادانلىق ۋە خۇراپىيلىقتىن قۇتۇلىدىغان ، ئاق - قارىنى تونۇتۇپ ، قەلبىنى ئىللىتىپ ، دېلىنى يورۇتۇپ ، قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا باشلايدىغان بىردىن - بىر بۈيۈك مەرىپەت يولىدۇر . ئازاتلىقتىن كېيىن ، پارتىيمىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ، غايەت زور دەرجىدە مەبلەغ سېلىپ ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى زور دەرجىدە ياخشىلاپ ، قوشۇن قۇرلىشىنى تولۇقلاپ ۋە تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ ، يۇقۇرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توختىماي نۇرلۇق چىراغلارنى ياندۇردى . بۇنىڭ بىلەن خەلقىمىزنىڭ دېلى يورۇپ ، تېلى تاۋلىنىپ ، روھى تېخىمۇ ئۇرغۇپ ، مەرىپەتكە بولغان قىزىقىشى كۈنسايىن يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ، بالىلارنىڭ تەربىيلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە . شۇنداقتىمۇ ، بىر قىسىم رايۇنلاردا ، بولۇپمۇ يېزا - قىشلاق ، تاغلىق رايۇنلاردا ، ساپا مائارىپنى ئەمەلىي يولغا قويماسلىق ، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا بېكېنىۋېلىش ۋە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، مائارىپىزدا تەكشى تەرەققىيات بولماسلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيلىنىشى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىق ، ئۇسسۇزلۇقى قاندۇرۇلماسلىق ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى جارىي قىلدۇرۇلماسلىق ، ئۆزىنى نامايەن قىلىش ۋە تاۋلىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بىرەلمەسلىكتەك خاھىشلىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يۇقۇرى سۈپەت قولغا كەلتۈررۈلمەي ، يەنىلا تۈرلۈك نوقسانلار ساقلىنىپ كەلمەكتە . ساپا مائارىپىنى ئەمەلىي يولغا قويۇپ ، بالىلارنىڭ تەربىيلىنىش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ، ئىلمىي مەكتەپ باشقۇرۇپ ، دۆلەت بىكىتكەن بارلىق دەرسلىكلەرنى تولۇق تەسىس قىلىپ ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ، بىردەك سېستىمىلىق ئۆتۈپ ، دەرسلىكلەرنىڭ پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىنىشىغا قەتئىي خاتىمە بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن . ئۇزاق يىللىق خىزمەت ئەمەلىيتىمدە يولۇققان مەسىلىلەر ئاساسىدا ، ئۆزەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى توپلىغان تەجىربەمگە بىرلەشتۈرۈپ ، ” ساپا مائارىپنىڭ ئەمەلىيلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتىدا ئىپادىلەنسۇن “ دېگەن قارشىم ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم . 1· مەكتەپلەر ، دۆلەت بەلگىلىگەن بارلىق دەرسلىكلەرنى تولۇق تەسىس قىلىپ ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ، پىروگرامما تەلىۋى بويىچە ئۆتۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيلىنىشىنى قەتئىي بوغۇپ قويمىساق . نۆۋەتتە قىسمەن مەكتەپلەردە ، دۆلەت تىلى ، ئانا تىل ۋە ماتېماتىكا دەسلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ پەن ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، باشقا ئونىۋېرسال پەنلەرگە سەل قاراپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيلىنىشىنى چەكلەپ قويۇش ھادىسىسى ساقلىنىپ ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي بۇلىقىنى تاۋلايدىغان ، ئادىمىيلىكىنى يىتىلدۈرۈپ ، پەزىلىتىنى يىتىلدۈردىغان ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ ، شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، ئارزۇ ئارمانلىرى ۋە مۇستەقىللىقىنى يىتىلدۈردىغان پەنلەرگە سەل قاراپ ، ھەر جەھەتتىن ئىختىساس ئىگىللىرىدىن بولۇپ چىقىشىنى چەكلەپ قويماقتا .شۇڭا ، مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىل ھالەتنى تۈپتىن تۈگۈتۈپ ، بارلىق دەرسلىكلەرنى ئەتراپلىق ئۆتۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . 2. مەكتەپلەردىكى ، ساۋاتسىزلىق مەسىللىرىگە توغرا قاراشتا بولۇپ ، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرەيلى . ساۋاتسىزلىق تىلغا ئېلىنسا ، زور كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلار ، ئاتا - ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئانا تىل ساۋاتسىزلىقىنىلا تىلغا ئالىدۇ . بۇ خىل قاراشنى خاتا دېگىلىمۇ بولمايدۇ . 2000 - يىللاردىن بۇرۇنقى مائارىپىمىزغا نەزەر سالساق ، بۇ چاغلاردا ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىللىرىدا ئۆز تىلىدا ساۋاتسىز قالغانلار بەك كۆپ ئىدى . دۆلىتىمىز باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، مەكتەپلەردە ئۆلچەملەشتۈرۈش ، تەكشى تەرەققىيات ۋە مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە ، شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقىشنى يولغا قويدى .بۇنىڭ بىلەن ، ھەممەيلەننىڭ مائارىپ ئېڭى يۈكسەك دەرجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى . مانا مۇشۇنداق مائارىپ ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلدە ، ساۋاتسىزلىق مەسىلىسىنى ئاڭقىرالماسلىق ، ياخشى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن . شۇ ۋەجىدىن ، مەن مائارىپىزدا ، ئانا تىل ساۋاتسىزلىقىدىن باشقا يەنە ، ئاز سانلىق مىللەت باشلانغۇچ مەكتەپ يۇقۇرى يىللىقلىرى ، ھەتتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ساۋاتسىزلىقى ، ئېنگىلىز تىلى ساۋاتسىزلىقى ، ماتېماتىكا ساۋاتسىزلىقى ھەمدە كومپىيوتر ساۋاتسىزلىقى بار دەپ قارايمەن ھەمدە بۇ خىل ساۋاتسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ياراملىق تەربىيلىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن . يەنى ، باشلانغۇچ مەكتەپ يۇقۇرى يىللىقىغا چىققۇچە ، خەنزۇ تىلى ئاساسىي بىلىملىرىنى بىلمەسلىك ، ئېغىز تىلى راۋان بولماسلىق ، ئاڭلاپ چۈشۈنەلمەسلىك ، ھەتتا ئاددىي سۆز جۈملىلەرنىمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنالماسلىق ھالەتلىرى مەۋجۇت ، مەنچە بۇ دەل دۆلەت تىلىدىكى ساۋاتسىزلىققا تەۋە . ئېنگىلىز تىلى ، كومپىيوتېر دەرسلىگىمۇ ئوخشاش ، بۇنىمۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق . ماتېماتىكا دەرسلىكىگە كەلسەك ، باشلانغۇچ يۇقۇرى يىللىقلىرىدىمۇ ماتېماتىكىلىق ئاساسىي ئۇقۇملارنى بىلمەسلىك ، سانلارنى يازالماسلىق ، ئاددىي ئېغىزچە ھېساۋلاشنىمۇ بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئەلۋەتتە مەكتەپلىرىمىزدە مەۋجۇت . شۇڭا بارلىق مەكتەپلەرنىڭ بۇ نوقتىلارغا قەتئىي سەل قارىماي ، بارلىق پەنلەردىكى ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرجىدە ئەھمىيەت بېرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن . 3. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ شەكىللىنىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك . ھەر جەھەتتە ئارقدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ، ئۇستازلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان ، ئاتا - ئانىلار ئەندىش قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە . بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار دەل ۋاقتىدا يىتەكلەنمەي ، سەل قارىلىپ ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلمىسە ، ئالدىنى ئالمىسا ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار كۈنسايىن كۆپىيىپ ، بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار توپى شەكىللىنىدۇدە ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ ، شۇڭا دەل ۋاقتىدا ئىلمىي يىتەكلەپ ئۆزگەرتىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر . تۆۋەندە مەن ھەر جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي يىتەكلەش توغرىسىدا ، ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن: بىرىنچىدىن ، تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بارلىق ئاتا - ئانىلار ، ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ ئاۋال بالىلارنىڭ ، روھى ھالىتىنى ئىگەللىشى ، پىسخىكىسىنى چۈشۈنىشى ، توغرا دىئاگنوز قويۇشى ھەمدە ماس ھالدىكى تەربىيلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك دەپ قارايمەن . ئىككىنچىدىن ، قايسى تەرەپلەردىن ،قايسى دەرىجىدە ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىنى ، يىتىشەلمەي قېلىۋاتقانلىقىنى ، تۈرلۈك پىسخىكا تەرەپلەردىكى توسقۇنلىقلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ، ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش بەكلا مۇھىم . شۇنىسى ئېنىقكى ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس ، ئۇلار تۈرلۈك زىددىيەت - توقۇنۇشلار ، تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ سەل قارىغانلىقى ، تۈرلۈك ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار ۋە ھەر خىل مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن ، شۇڭا ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس ھالدا ئىلمىي يىتەكلەپ ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن . ئۈچۈنچىدىن ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار توپى ، بىر كۈندىلا ، بىرلا ۋاقىتتىلا ، ئوخشاش سەۋەپتىنلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس . دەسلەپتە شەكىللەنگەن بىر ئىككى ئوقۇغۇچىغا سەل قاراش سەۋەبىدىن ، بىز قاخشاۋاتقان ، يىتەكلەپ ئۆزگەرتەلمەيۋاتقان ئوقۇغۇچىلار توپى شەكىللەنگەن . ئوقۇتقۇچىلار ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئامال بار شەكىللەندۈرمەسلىكى كېرەك ، ناۋادا شەكىللەنسە ، دەل ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ ، ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە ھەر ۋاقىت سەزگۈر بولۇپ ، دەل ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە قەتئىي چەكلەشنى ئۆزلىرىگە مېزان قىلىۋېلىش كېرەك دەپ قارايمەن . تۆتىنچىدىن ، ئىلمىي يىتەكلەپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ . دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمىغاندەك ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن يىتەرسىزلىكى بولىدۇ ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىمۇ بولىدۇ ، ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنداق . تەربىيلىگۈچى چوقۇم ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قىلىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش بىلەن بىرگە ، قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىپ ، قىزىقىشى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا ، ئۈنۈمى تىز كۆرۈلىدۇ . كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇكى ، ئارقىدا قالغان ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچىدا ، چوقۇم بىر ئالاھىدىلىك ۋە قىزىقىشى بار ھەمدە سەۋەبىمۇ بولىدۇ ، ئامال بار ئۇلارنىڭ ئاشۇ خىل ئالاھىدىلكىنى تېپىپ چىقىپ ، ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ ، ئۇلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، كاللىسىدا پەيدا بولغان تۈرلۈك بېسىمنى يىنىكلىتىپ ۋە پۈتۈنلەي تۈگىتىپ ، نەتىجىسىنى دەلىللەپ ، روھىنى ئۇرغۇتساق ،ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشىنىش ۋە ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسى شەكىللىنىپ ، قىزغىنلىقى ، تەشەببۇسكارلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئاشىدۇ ، جىمغۇرلىق ۋە ئەندىشى ئازىيدۇ . مەكتەپتىن ، ئوقۇتقۇچىلاردىن بىزار بولۇش ۋە كوللېكتىپتىن يېراق تۇرۇشتەك ھالەتلىرى تۈگەيدۇدە ، ئۆزلىگىدىن دەرسلەرگە قىزىقىدىغان ھالەتلىرى يىتىلىدۇ ، بىزارلىقى يوقايدۇ ، بىسىم ھاسىل قىلمايدىغان بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تەربىيلەش ۋە يىتەكلەش ئاسانلىشىپ ، ئۈنۈم تىزلا قولغا كەلتۈرۈلىدۇ دەپ قارايمەن . بەشىنچىدىن ، ماس ھالدىكى پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەرنى دائىملاشتۇرۇپ ، چېنىقتۇرۇش ۋە ئۆزىنى نامايەن قىلىش سورۇنى ھازىرلاپ ، نەتىجىسىنى دەلىللەپ ، ئىشەنچىسى ئاشۇرۇلسا ، ئۆزىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ ، ئۆزىدىن مەمنۇن بولىدۇ ۋە سۆيىنىدۇ ، ئۆزىنىڭ ياراملىق ، قولىدىن ئىش كىلىدىغان ، ھەممە كىشى ئىشىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ سۆيىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قىزىقىش دائىرسىدە ئارزۇ - ئارمانلىرى يىتىلىدۇ ، ئەقلىي بۇلىقى ئاستا - ئاستا ئېچىلىپ ، ياخشى بولغان ئەخلاق پەزىلىتى ، توغرا ئۆگىنىش ئادەتلىرى يىتىلىدۇ . بۇ جەريان ئۇستازلارنىڭ چوقۇم سەۋېرچان بولۇشىنى ، زىرىكمەسلىكنى ،ئېرىنمەسلىكنى تەلەپ قىلىنىدۇ دەپ قارايمەن . ئالتىنچىدىن ، ئىلمىي يىتەكلەش ، قىزىقىشىنى قوزغاش ، روھىيىتىنى ئۇرغۇتۇش ، ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ، ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ، نەتىجىسىنى دەلىللەپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان مۇستەقىل ئۆگىنىش ، ئالدىن ئۆگىنىش ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن ، ئەقلىي بۇلىقىنى ئاستا - ئاستا ئېچىپ ، ئۆگىنىش ئېشتىھاسىنى ئېچىش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن . دېمەك ، ئۇستازلار يۇقارقى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ ، سەل قارىماي ، ئىلمىي يىتەكچىلىك قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ، تەشەببۇسكارلىقىنى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى يىتىلدۈرۈلۈپ ، قىزغىنلىقى ئاشۇرۇپ ، ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ ، ئالدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئارزۇلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىلسە ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىزىپ - سەزمەي ، بىلىپ - بىلمەيلا ، ئۆگىنىشكە تەبىيلا قىزىقىپلا كىرىشىپ كىتىدۇ ، تەربىيلەشنىڭ توغرا يولى ئۆزلىگىدىن پەيدا بولىدۇ دەپ قارايمەن . ئەكسىنچە بولسا ، قىزىقىش بولماي ، روھىيتى ئۇرغۇماي ، ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلماي ، ئارزۇسى تىكلەنمەي ، مېھىرلەر تۇتاشماي ، ئىلمىي تەربىيلەش يولى ئېچىلمايدۇ . 4. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆلگىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ئوقۇتقۇچىلاردا كەسىپچانلىق ۋە بېغىشلاش ئىستىگى بولمىسا ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتىشتىن سۆز ئېچىش بەك تەس . ئوقۇتقۇچى بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەپ ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەن ، ئاۋال ئۆزىنى تەربىيلەش ، ھەممىدە ئۆلگە بولۇش ، مېھىرلىك بولوش ، ئۆگىنىشنى ، ۋاپادارلىقنى ، مىننەتدارلىقنى ، سەمىمىيلىكنى ، راستچىللىقنى ئۆزى ئۆلگە كۆرسىتىپ ، ئاندىن ئۇلارغا ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلسا ، مائارىپ ئەڭ ئىلمىي بولغان تەربىيلەش قانۇنىيتىگە يۈزلۈنۈپ ، ئەمەلىي سۈپەت يارىتىلىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇتقۇچىدا تولۇپ تاشقان مېھىر - مۇھەببەت بولىشى ، مەيلى مۇنبەر بولسۇن ، ياكى تەلىم - تەربىيەنىڭ بارلىق ھالقىللىرى بولسۇن ، ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ، ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ، ئۇلارنى كۆز قارچۇغىسىدەك ئاسراش ، مەرىپەت گۇلزارلىقىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل باغچىدا ، خۇشخۇي تەبەسسۈم ، ئىللىق چىرايلار بىلەن قەدەم بېسىشى ، ھەر قانداق ئاچچىقلىرى ، قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى بۇ گۈزەل باغچىغا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كىرمەسلىكىنى ئۆزىنىڭ قېبىلنامىسى قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن . 5. ئائىلە تەربىيە خىزمىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش ئىنتايىن زۆرۈر . مەكتەپلەردە قەرەللىك ھالدا ئاتا - ئانىلار يېغىنى چاقىرىپ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ مائارىپنى قوللاش سالمىغىنى ئاشۇرۇش ، ئائىلە تەربىيە خىزمىتىدە ئىشلەشكە تېگىشلىك نوقتىلارنى ئېگەللىتىش ، مەكتەپ بىلەن دائىم ماس قەدەمدە بىرلەشتۈرۈپ تەلىم - تەربىيە بېرىش ۋە يىتەكچىلىك قىلىش تەرەپلەردىكى بىلىملەرگە ، ئاتا - ئانىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىنتايىن مۇھتاج . شۇڭا ، مەكتەپلەر ، ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە تەربىيسىگە بولغان يىتەكچىلىكنى قەتئىي بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك دەپ قارايمەن . 6. مەكتەپ ، ئەخلاق ئۆزلۈك تەربىيە خىزمىتىنى خىزمەتلەرنىڭ يادروسى قىلىش كېرەك . ئەخلاق دەرسلىكى ، شىنجاڭ دەرسلىكى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق دەرسلىكلەرنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇش ، ماس ھالدىكى تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇش ، ھەمدە تۈرلۈك ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرى ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىلەرنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيسىنى تاۋلاپ ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى تۇرغۇزۇپ ، مۇستەقىللىقى ۋە ئىشەنچىدىنى ئاشۇرۇپ ، ئىرادىسىنى تاۋلاش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . دېمەك ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن ياراملىق تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ، ساپا مائارىپىنى ئەمەلىي يولغا قويۇپ ، ھەممەيلەنگە چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ ، ئۆزگىچە قىزىقىش ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرغاندا ، بالىلىرىمىز ئەتراپلىق تەربىيلىنىپ ، كەلگۈسىنىڭ ھەم قىزىللاشقان ، ھەم ئىختىساسلاشقان ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ ، ”بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر “ بولغان ياراملىق قۇرغۇچىللىرىدىن بولۇپ ، ۋەتەننىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلىيالايدۇ . خۇلاسە قىلغاندا ، ساپا مائارىپنىڭ ئەمەلىيلىشى ، دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتىدا ئىپادىلەنگەندىلا ، بىزنىڭ مائارىپىمىز ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلغان ، ئەۋلادلار ھەقىقىي ياراملىق تەربىيلىنىپ چىققان بولىدۇ . شۇڭا ، مەكتەپلەر ساپا مائارىپنى ئەمەلىي يولغا قويۇپ ، ھەممەيلەننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسە ، ئوقۇتقۇچىلار بارلىغىنى ئەۋلاد تەربىيسىگە ئاتا قىلسا ، ئاتا - ئانىلار بارلىغى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئەھمىيەت بېرىپ ، مەكتەپ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىگە ھەر ۋاقىت ماسلاشسا ، ئىشىنىمەنكى ، ئوقۇتۇش سۈپىتى زور دەرجىدە ئۆستۈرلۈپ ، ئەۋلادلىرمىزنىڭ كەلگۈسى چوقۇم پارلاق بولىدۇ دەپ قارايمەن .



54 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-9 23:24:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ