ئەڭ ئاۋال ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى ئۆگۈنۈڭ
ئوسمانجان تۇرسۇن
كىشىلىك ھايات ئاجايىپ، شۇ ھاياتلىقتىكى سىنالاقلا سىزنى ئاسانلا ھېسياتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتقىننى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟ ياق، سىز ھېس قىلالىغان بولسىڭىز ھەرگىزمۇ ھېسياتنىڭ قۇلى بولمايتىڭىزـ باشقىلانىڭ سۆيىشىگە ئېرىشەلمىدىم دەيسىز بىراق سىز بىرەر قېتىم ئۆز ئۆزۈمنى سۆيەلىدىممۇ يوق دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۆزىنى بولۇپمۇ ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىمەسلىك جىنايەت. ئازغىنە كۆڭۈل ئازارى ئۈچۈن كەيىپ ساپا ، ئويۇن تاماشاغا بېرىلگىنىڭىزئۆزىڭىزنىڭ ھېسياتنىڭ قۇلى بولغانلىقىڭىزنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۆزىڭىزنى سۆيەمسىز سۆيمەمسىز، خالىغىنىڭىزنى قىلامسىز قىلمامسىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم ئۈچۈن تېخىمۇ بەربىر. بوپتۇ سىز ئۇچۇپ بېقىڭ، ئېگىز -ئېگىز ئۇچۇڭ، ھامان بىر كۈنى شۇ ئۇچۇشلارغىمۇ ماغدۇرىڭىز يەتمەي قالىدۇ، بىراق سىز شۇ ئېگىزلىكتىن ئەركىن لەيلەپ چۈشىشكە قۇۋىتىڭىزنىڭ يەتمەي قېلىشىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۆز-ئۆزىڭىزنى ھالاك قىلسىڭىز بىرەسى كېلىپ سىزنى قەھرىمان ئاتامدۇ؟ سىز پەقەت باشقىلا ئالدىدا كۈلكە ھەم ئىبرەت بولۇپلا قالىسىز خالاس. ئۆز-ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەن ئىنسان ھەرگىزمۇ باشقىلانىڭ سۆيىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ ،ئاسراڭ. ھاياتلىق يولى ئۇزاق ، ياشلىقىڭىزنى قەدىرلەڭ. بىر تال يۇلتۇزنى دەپ پۈتكۈل دۇنيارىڭىزدىن قۇرۇق قالماڭ.
423 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمانجان تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-4 4:58:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-9 18:29:42 | rahatgu |
mazmunla bak yahxi kan |
2015-9-9 18:29:41 | rahatgu |
mazmunla bak yahxi kan |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|