مېنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىم (نەسىر) - مازار

مېنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىم (نەسىر) 

 مازار

         
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار!
 مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتىمەن . مېنىڭ بۇيەرگە كېلىپ تۇنجى ھىس قىلغىنىم بىز شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى مەسىلىسى بولدى. باشقا مىللەتتىكى ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن ئورتاق تىل بولغان خەنزۇتىلىدا ئالاقە قىلىمىز بۇ ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس،بىراق ئىنگىلىزتىلىدا بەك پەرقىمىز چوڭ بولىدىكەن . بىزگە شىنجاڭدا ئىنگىلىز تىلىنى ئۇنچە ئۆتۈپ كەتمەيتتى . يېڭى كەلگەندە بۇ باشقا مىللەتتىكى ساۋاقداشلىرىمغا بەكمۇ ھەۋەس قىلىپ كېتەتتىم . ئۇلار خەنزۇتىلىنىغۇ ئۆزىنىڭ تىلىنى بىلگەندەكلا بىلىدىكەن ، ئىنگلىزچىنىمۇ بەك  ياخشى بىلىدىكەن دەپ بەك ھەۋەس قىلىپ كېتېپتىمەن .  ئاستا ئاستا  ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ پاراڭلىشىپ شۇنى بىلدىمكى بۇ ئىچكىرىدىكى كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ.

 بىر كۈنى بىر باشقا مىللەتتىكى ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن   سىلەرنىڭ تىلىڭلاردا ياخشىمۇسىز دىگەننى نىم دەيدۇ، ماڭا ئۆگۈتۈپ قوي دىسەم بىلمەيمەن، ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا بىر ئېغىز گەپنىمۇ قىلالمايمەن دېگەنتى بىرخىل سوغۇق نەرسە مېڭەمدىن كىرىپ تاپىنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم .  ئۇنىڭڭغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن . كاللامدا بىرخىل كۆرۈنۈش ئۇ بولسىمۇ  بىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش كېلېپ كۆزۈمگە ئاچچىق يىغا كەلدى. مەن يەنە ئۇنىڭدىن ئۆزەڭنىڭ تىلىنى بىلمىسەڭ ئىچىڭ ئېتىشمامدۇ  دىسەم بىزنىڭ ئۇ تەرەپتە كۆپ ئادەملەر بىلمەيدۇ شۇڭا مەنمۇ كۆنۈپ قاپتىمەن دىدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمگە ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم  مېنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلى  ماڭا ھەمرا باشقا تىللانى ئاستا ئۆگىنىۋالسام بولىدۇ  ئەمەسمۇ؟!    ئۇ ساۋاقدىشىم مەندىن ئۇيغۇرچە بەزى گەپلەرنى ئۆگەندى .
مەن ئۆزەمنىڭ ئانا تىلىنى باشقىلارغا ئۆگۈتۈپ بەكمۇ خوش بولدۇم .ھازىر بىزنىڭ سىنىپتىكى كۆپ ساندىكى باللار  ئۇيغۇرچە ئادەتتىكى گەپلەرنى دىيەلەيدۇ ھەم چۈشىنەلەيدىغان بولدى ھەر قىتىم ئۇلار ماڭا ئاداشى تاماك يىدىڭمو  دەپ  چالا تەلەپپۇزدا گەپ قىلغاندا بەك ھاياجانلىنىپ كېتىمەن .  ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ بەك خۇشال بولدى. ئاندىن ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرسەتسەم ئۇلار بۇنى كۆرۈپ نەقىشلەرگە ئوخشاش بەك چىرايلىقكەن دەپ كېتېشتى . بۇ گەپلەرنى دېيىشتىكى مەقسىتىم  ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى تىخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقارساق، ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىساق دەيمەن.  
ھەممىڭىزلەرگە رەھمەت !
مازار        
2016.12.21
     





346 قېتىم كۆرۈلدى mazar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-21 22:44:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ