كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 8

مۇھەممەدجان راشىدىن: ئاجىز قەلىمىمدىن ئازغىنە تۆھپە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1096
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 226
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 16:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاجىز قەلىمىمدىن ئازغىنە تۆھپە
مۇھەممەدجان راشىدىن
(«غۇنچەم» دىرامىسىنىڭ تولۇقلىما ناخشا تېكىستلىرىنىڭ يېزىلىش جەريانى توغرىسىدا)


   يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەردارى زۇنۇن قادىرنىڭ «غۇنچەم» دىرامىسى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق دىراما ئۆمىكى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە ئوينالغاندىن كېيىن، كەڭ تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور زىلزىلە قوزغىدى. ئۇنىڭ غۇلجا سەھنىلىرىدە ئوينالغاندىن كېيىنكى زىلزىلىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. 35 يىلدىن بېرى 30-40 ياشلىق زامانداشلار ئارىسىدا تېخى ئوينىلىپ باقمىغان بۇ ئەسەر ياش ئاكتيورلارنىڭ ئىشتىراكىدا ھەقىقىي تارىخىي چىنلىق ۋە يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئورۇنلىنىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى. شۇنداقلا 20- ئەسىرنىڭ 30-، 40- يىللىرىدىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرى تۇرمۇشىنىڭ جانلىق ئىنكاسى سۈپىتىدە يەنە بىر قېتىم قەدىرلەندى. ئەدەبىياتىمىزنىڭ دىراما ژانېرى كەمدىدار بولۇپ كەتكەن شۇ كۈنلەردە سەھنىلىرىمىزگە بۇ ژانېرنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇردى. تاماشىبىنلار ھەر ئىككىلا تىياتىر ئۆمىكىنى ئالقىشلىدى، رېژىسسورلارنىڭ ئەستايىدىللىقى، ئاكتيورلارنىڭ تىرىشچانلىقى، ئوبراز يارىتىش ماھارىتى قاتارلىقلارغا ئاپىرىن ئوقۇشتى. ئىلى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىنىڭ دىرامىنى قايتا تەييارلاش جەريانىدا ئۇنىڭغا زۆرۈر بولغان پىششىقلاشلىرىمۇ ئالاھىدە تەرىپلەندى. مەن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئامىنە ئابدۇرېشىت، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، مۇھەممەد شاۋۇدۇن قاتارلىق قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ يازغانلىرىدىنمۇ؛ مىجىت ناسىر، ھوشۇر ئىسلام قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ مۇخبىرلارغا بايان قىلغان ئىنكاسلىرىدىنمۇ، يەنىلا ئەسەرنى پىششىقلاشقا سەرپ قىلىنغان ئەمگەكلەر ھەققىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەرنى كۆپرەك ئاڭلىدىم. بۇلارنىڭ تەركىبىدە قوشۇلغان تولۇقلىما ناخشىلار ھەققىدىكى مەمنۇنىيەتلەر ئالاھىدە ئورۇن تۇتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆزلىرى ۋە دىراما ئۆمەك نامىدىن ئالاھىدە مەمنۇنىيەت بىلەن مېنى تىلغا ئالغانلىقى يۇقىرىقىلارنى تېخىمۇ تولۇقلىدى. شۇڭا مېنىڭ بۇ ھەم مۇشەققەتلىك، ھەم شەرەپلىك ئەمگەكنىڭ جەريانى ھەققىدە ئازغىنە توختالغۇم كېلىپ قالدى. چۈنكى دىرامىنى يەنىمۇ پىششىقلاشقا زۆرۈر بولغان تولۇقلىما تېكىستلەرنى يېزىش، ئاھاڭغا سېلىشقا ئىلى ئوبلاستلىق ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىنىڭ مۇزىكا ئىجادچىسى سايىتجان سىدىق ئىككىمىز تەكلىپ قىلىنغانىدۇق. بىز بۇ ئىشقا بۇ يىل 1 - ئايدا كىرىشىپ قالدۇق. مەن دەسلەپتە تەڭقىسلىقتا قالدىم. ئاخىرى مەن ھۇزۇرۇمغا تاغدەك ئىشەنچ بىلەن چىققان ئۆمەك مەسئۇلى مەدىنە باشلىق بىر نەچچىلىغان ياش ئاكتيورنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىدىم. ئۇلار مېنىڭ «غۇنچەم» دىرامىسىنىڭ قايتا ئوينىلىشىغا بولغان خۇشاللىقىمنى كۆرۈپلا، مېنىڭ ھامان باش تارتمايدىغانلىقىمغا ئىشەنگەنىدى. ئۇلار شۇڭا دىرامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تۇتقۇزۇپ ھازىرچە سەككىز ناخشا لازىم بولىدىغان جايلارنى رېژىسسور مەخمۇت ھامىت ئەپەندىنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ماڭا بىمالال چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ تولۇقلىما تېكىستلىرىنى مەن يازىدىغان، ئاھاڭلىرىنى سايىتجان ئىشلەيدىغان بولدى.
   بىراق مەن ماقۇل بولغاندىن تارتىپلا بىر خىل جىددىيچىلىككە چۈشۈپ قالدىم. تېكىستنىڭ ئىجادىيەت سالمىقى ئېغىر ئىدى. مەن قولۇمدىن كەلمەيدىغان بىر ئىشقا كىرىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. دىرامىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىدىكى ناخشا تېكىستلىرى ھەرگىز «قېشىڭ بولاي، كۆزۈڭ بولاي» دەپلا قويۇپ، بىر ئاخشام توۋلاشقا ئارانلا يارايدىغان نەرسىلەر ئەمەس. ئەكسىچە خەلق ئاغزىدا ئومۇملاشقان، بىرىدىن بىرى تەسىرلىك، ئېيتىپ - ئېيتىپ، ئاڭلاپ - ئاڭلاپ قانمايدىغان تېكىستلەر ئىدى. ئۇلار سېلىنغان ئاھاڭلارنىڭ جەلپكارلىقى ھەققىدە گەپ قىلغان بىلەن تۈگىمەيدۇ. مەن خەلق ناخشا - قوشاقلىرى ئىچىدە چوڭ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سېھرىي كارامىتىنى تولىمۇ كاتتا بىلىپ ئادەتلەنگەنسېرى، بۇ دىرامىدىكى ناخشا تېكىستلىرىدىن ئەيمىنەتتىم. تولۇقلىما ناخشا تېكىستلىرىنى ئۇ سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلاتتى، ناھايىتى چوڭ غەيرەت - جاسارەت لازىم ئىدى. بۇ ئادەتتىكى ئىجادىيەتكە ئوخشىمايتتى. يەنە كېلىپ بۇ قەلەم تىلى ئاجايىپ پىشقان يازغۇچىنىڭ داڭلىق ئەسىرى ئىدى. زۇنۇن قادىرى مەن خېلى ئارىلاشقان، ئەسرا بولغان، جۈملىدىن ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ھەققىدىكى تەبىرلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ھېسسىياتتىن خالىي شېئىرلارنى ياقتۇرمايتتى؛ ئاددىي ئېتۇتلارنى سەنئەت ئەمەس، دەيتتى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى نازۇك بىر ئىشقا قول تىقىپ قويغاندەكمۇ ئويلايتتىم. تېكىستلەرنى قاملاشتۇرالىسامغۇ ياخشى، قاملاشتۇرالمىسام، ناۋادا چۈشۈمگە كىرىپ قالسا، بىر نەرسە دەپ قويارمىكىن دەپمۇ ئەنسىرەيتتىم، روھى قورۇنۇپ قالارمىكىن دەپمۇ ئىككىلىنەتتىم. شۇڭا دېلىغۇللۇق ئىچىدە دىرامىنى نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.
   دىراما تولۇقلىما تېكىستلىرىنىڭ ماڭا نىسبەتەن تەبىئىي تەلىپى، ئەلۋەتتە يۇقىرى ئىدى. خەلق ناخشا تېكىستلىرىنىڭ كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاپ، تېپىپ ئىشلىتىلگەن بۇ قالتىس ئەسەرنىڭ تولۇقلىمىغا نىسبەتەن تۈپ مىزانى ئەسلىي ناخشىلار ئالدىدا چېنىپ قالماسلىق (ناچار چىقىپ قالماسلىق) ئىدى. بولۇپمۇ نۇرۇم بىلەن غۇنچەمدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي قەھرىماننىڭ قىسمەتلىك تەقدىر، تىراگېدىيەلىك كەچمىش، ئىچكى غەزەپ - نەپرەتلىرىنى چىنلىق دەرىجىسىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ، فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئېزىلگەن يوقسۇل، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇل ۋە ئەركىن مۇھەببەتكە بولغان ئاپەتلىك خاراكتېرىنى ئېچىپ بەرگەن. دىرامىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك ئىدى. بۇ بىر چوڭ ۋە قاتتىق چىقىرىلغان ئىمتىھان سوئالىغا ئوخشايتتى. شۇڭا مەن يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»، «ياشلىقىدا ھەركىم چىرايلىق» قاتارلىق ئىككى توپلامدا 400 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان بولساممۇ، ئەمما «غۇنچەم» دىرامىسىغا قوشۇلىدىغان تولۇقلىما (قىستۇرما) ناخشىلارنىڭ تېكىستىنى يېزىپ، تۇز- تەمىنى تەڭشەشتە، بۇنىڭ مۇشەققىتى ماڭا بايىقى 400 پارچە تېكىستنىڭ ئەمگىكىدىن كام چۈشمىگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بۇ ئاساسلىقى، كىچىكلەرنىڭ چوڭلار ئالدىدىكى ھودۇقۇشى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئەنسىرتىشىدىن بولۇۋاتقان ئىش ئىدى.
   مەن ناخشا تېكىستلىرىگە كىرىشكەندە، بەزىدە كومپوزىتور سايىتجاننىڭمۇ غېمىنى يەپ تۇردۇم، چۈنكى «غۇنچەم» دىرامىسىنىڭ تۇنجى ئوينالغان چاغلىرىدا، ئۇنىڭ مۇزىكا ئىشتىراكىدا مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، ئابلىزخان مامۇت قاتارلىق شۇ دەۋرنىڭ ناخشا، مۇزىكا پىرلىرى بار ئىدى. ئۇلار دىرامىغا ئىجاد قىلىپ سالغان ناخشىلار دىرامىنىڭ ۋەقە جىددىيلىكى بىلەن تىراگېدىيەلىك تۇيغۇلىرىنى پەلەككە كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدى. بۇ ناخشىلار دىراما ئوينىلىپ، بىر مەزگىل پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆز ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ئۆلمەس مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىدى. سايىتجان بۇلارنى مېنىڭدىن ياخشىراق بىلەتتى، ئەلۋەتتە. بۇ تەرەپلىرىنى ئويلىسام، مەن خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم ۋە ئىچىمدە ئۆزۈمگە: ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ غېمىنى يېگىنە! دەپمۇ قوياتتىم.
   مېنىڭ يازىدىغىنىم سەككىز پارچە تېكىست ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ۋە ئەڭ ئۇزاق باش قاتۇرغىنىم: نۇرۇمنىڭ باغلاقتا تۇرۇپ ئېيتقان ناخشىسى بىلەن غۇنچەمنىڭ جاۋابەن ئېيتىدىغان ناخشىسى ئىدى. بۇ يەردە ئۇلار دۇچ كەلگەن ئۇۋالچىلىق، ۋۇجۇدىدىكى غەزەپ، سۇلماس ئۈمىد، تەڭرىگە مۇراجىئەت قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايتتى. شۇڭا نۇرۇمنىڭ ناھەقچىلىك ئارقانلىرىدا باغلىنىپ تۇرۇپ ئېيتقان ناخشىسى:
بۈگۈن بۇ ئايغا ئون يەتتە،
قالدى بۇ بېشىم دەرتتە.
قارامۇقچە گۇناھىم يوق،
قولۇم باغلاندى تۆھمەتتە.

بۇ كۈن ۋاقتىنچىدۇر، غۇنچەم،
بۇ تۈن ئۆتكۈنچىدۇر، غۇنچەم.
بۇ تۈننىڭ كەينىدە تاڭ بار،
زۇلۇم تۆت كۈنچىدۇر، غۇنچەم! - دەپ ئاياغلاشتى.
  غۇنچەمنىڭ ناخشا نۆۋىتىگە:
كۈز كەلمەي غازاڭ چۈشسە،
بۇ باغنىڭ دەردى بار، دەڭلار.
مېنىڭدەك دەردى بارلارنىڭ،
خۇداغا ئەرزى بار، دەڭلار.

ھايات دەرياسىدا لەيلەپ،
ۋىسالنى كۈندە ياد ئەيلەپ.
دىدارسىز داغدا كەتمەسمىز،
بولۇپ كاككۇك بىلەن زەينەپ! - دەپ يېزىلدى.
   دىرامىنى قايتا تەييارلاشتا، مەن يازغان بۇ تېكىستتىكى ئاخىرقى بىر كۇبلېت ئىككىيلەن بىللە ئېيتىپ ئاياغلاشتۇرىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى كۆردۈم.
   دىرامىدا، شەرۋان ئاغىچا بىلەن غۇنچەمنىڭ ئېغىز جېڭىگە ناخشا ئۈچۈن بىر بوشلۇق قالدۇرۇلغان. مەن بۇ ئىككى شەخسكە تەئەللۇق بولغان تۆت كۇبلېتتا، شەرۋاننىڭ ياۋۇزلۇقى بىلەن غۇنچەمنىڭ قەيسەرلىكىگە ئالاھىدە كۈچەندىم. بۇ ھەم ئىخچام، ھەم جانلىق چىقتى. مەسىلەن، شەرۋان ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ئۆز تەبىئىيىتىگە ئاساسەن غۇنچەمگە:
سېنىڭدەك گەپ يېمەسلەردىن،
جىمىنى كۆندۈرەر ئۆي ﺑﯘ.
خېنىڭ كىم، پادىشاھىڭ كىم؟
جىمىنى بىلدۈرەر ئۆي ﺑﯘ! - دېسە، غۇنچەم قەلبىدىكى پاكلىق ۋە غايىۋى قۇدرەتكە ئىشەنگەن ھالدا:
ئەمەس يوقسۇللۇقۇم نۇقسان،
ئۆزۈم ئاللاھغا بىر بەندە.
ئەمەسمەن سەن كەبى شەرۋان،
بىلىپ قوي، تەكتى شەرمەندە! - دەيدۇ. شەرۋان چىچاڭشىپ، زىددىيەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.
   دىرامىدىكى ھاشىمبايغا تەۋە ناخشىمۇ مېنى خېلى ئويلاندۇردى. ھاشىمباي شاڭيۇنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن ئاشناچىلىق قىلىپ يۈرگەن بۇزۇق شەخس، ئۇ ھەم ئىچكى مەغرۇرلۇق بىلەن ياشايتتى، ھەم ئېھتىياتقىمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاشكارىلاشقا تىرىشتىم. نەتىجىدە ئۇ مۇنداق يېزىلدى:
باقماي، سۇغارماي ئۆرۈكۈم پىشتى،
قاچقان قۇرغۇيۇم قولۇمغا چۈشتى.
«ئوشۇقى ئالچۇ چۈشتى» دېگەن ﺷﯘ،
بۇغداي بانىسىدا قارامۇق سۇ ئىچتى.

بار ئىكەن، بىراق كېچىنىڭ كۆزى،
ئەسقاتار شۇڭا ئېھتىيات ئۆزى.
بىر چوقۇپ: بالام، ئىككى باق، دېگەن،
ئانا قاغىنىڭ تەۋەررۈك سۆزى!
   كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، ھاشىمباينىڭ ئىچكى بايانلىرىغا ئاز - تولا ھەجۋىي رەڭمۇ بېرىلدى. ئەمەلىي ئويۇن جەريانىدا بۇنداق سۈرەتلەشنىڭ ئانچە ئارتۇق كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
   «غۇنچەم» دىرامىسىغا تولۇقلىما ناخشا ئىشلەش رېژىسسور مەھمۇد ھامىتنىڭ ئورۇنلۇق تەكلىپى ئىدى. ئۇ ئەسەرنىڭ تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ تەسىرلىك چىقىشىنى مەقسەت قىلاتتى. قايتا ئوينالغاندىن كېيىنكى زىلزىلە بۇنداق بەدىئىي تولۇقلاشنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى. مەن رېژىسسورنىڭ ھەم جۈرئەتلىك، ھەم ئېھتىياتچان بولغانلىقىغىمۇ قايىل بولدۇم. بىز تەييارلىغان سەككىز تولۇقلىما ناخشىنىڭ بەشى ئىشلىتىلىپ، يەنە ئۈچ پارچىسىنىڭ ھازىرچە قالدۇرۇپ قويۇلغانلىقىنىمۇ ئاشۇ سەۋەبلەردىن بولسا كېرەك، دەپ قارىدىم. ئېھتىمال، ھەممىسى ئىشلىتىلگەندە دىرامىنىڭ ئوپېرا شەكلىنى ئېلىپ قېلىشىدىن ياكى دىئالوگىدا بېرىلگەن بايانلارنىڭ، نۇقتىئىينەزەرلەرنىڭ يەنە تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، دەپمۇ ئويلىدىم.
  مەن تولۇقلىما ناخشىلار تېكىستىنى يېزىشتا ئۇنىڭ شېئىرىي شەكلىنى ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىست ۋەزىن شەكلىگە سالدىم. بۇنداق قىلغاندا سايىتجاننىڭ يېڭى ئاھاڭلىرىغىمۇ ئاسانلىق تۇغۇلاتتى؛ ناخشىچىلار ئۈچۈنمۇ بىر خىل (خەلق ناخشىلىرىدىكى) راۋانلىق تەقدىم بولاتتى. مەن ئامالنىڭ بارىچە تاپشۇرۇۋالغان ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنلاپ، ياخشى نىيەتتە باشلانغان ئىشنىڭ كۆزلىگەن نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىشىغا تىرىشتىم. شۇڭا رېژىسسور، ئاكتيور، مۇزىكانتلارنىڭ ئازادە، ئەركىن تاللاپ ئېلىشى ئۈچۈن ھەربىر ناخشىغا ئىككى، ئۈچ كۇبلېتتىن زاپاس تەركىبلەرنىمۇ قوشۇپ قويدۇم، چۈنكى «تاي سورىغانغا ئات بەرگەن» ئەلمىساقتىن بېرى تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.
   تاماشىبىنلار ئاغزىدىن تولۇقلىما ناخشىلارغا سايىتجان ئىشلىگەن ئاھاڭلارنىڭمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.
   شۇنىڭغا خۇشالمەنكى، بىر ئايلىق جاپالىق ئەمگىكىم ئاخىر شېرىن مېۋە بەردى. دىراما ئويناپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشقا مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتارىدا مەن يېڭىدىن يازغان تولۇقلىما تېكىستلەرنىڭمۇ دىرامىغا گۈل ئۈستىگە گۈل بولۇپ ياراشقانلىقى ماڭا ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندەك خاتىرجەملىك بەخش ئەتتى. ئۇنىڭ مۇھىملىقى بىر كاتتا يازغۇچىنىڭ داڭلىق ئەسىرىنىڭ 30 − 40 يىلدىن كېيىنكى يېڭى دەۋر كىشىلىرى بىلەن دىدارلىشىشىغا بولغان ھەمكارلىقتا، پىدائىيلارچە روھ بىلەن قىلىنغان جۈرئەتتە، تەس ئىشقا ساداقەتمەنلەرچە تەۋەككۈل قىلغانلىقتا ئىدى. شۇڭا مېنى نۇرغۇن كىشىلەر تەبرىكلەشتى، ئاز بولسىمۇ بۇ ئەمگەكنىڭ جەريانىنى تەجرىبە سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. مەزكۇر ماقالە ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا بولغان رەھمەتلىرىممۇ ئاز ئەمەس.
   بۇ قېتىمقى ئەمگىكىمنىڭ ئۇنچىۋالا تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئاجىز قەلىمىم غەيرەت - جاسارىتىنىڭ زۆرۈر پەيتتىكى ئازغىنە تۆھپىسى، ئەلۋەتتە.

مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «سۈزۈك بۇلاق» سەھىپىسى،  2013- يىل 20- ئىيۇل سانىدىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-24 10:05  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 426
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 19:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹غۇنچەم › دىراممىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭىزلەر .
مېنىڭ شەخسەن پىكرىم : غۇنچەم دىراممىسى بىر نادىر ئەسەر .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 426
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 19:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 21:00:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاللە مەرھۇم زۇنۇن قادىرىغا شاپائەت قىلسۇن......................

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 16:13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىلاستىنكا بازارغا سېلىنغاندىمۇ؟شۈكۈرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.خەنزۇلار لۈشۈننى قانداق ئۇلۇغ بىلسە،بىز مەرھۇم زۇنۇن قادىرى ئەپەندىنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويۇپ ياد ئەكسەك ئەرزىيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 397
تۆھپە : 0
توردا: 54
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 18:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىرامىمۇ ئەينى يىللاردىكى دىرامىلاردەك تېلىۋىزۇردا تارقىتىلغان،بارچە كىشىلەر بىمالال كۆرۈپ ھوزۇرلىنالىغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولار ئېدى ھە؟!
ئۇنداق بولماي قېلىپ پىلاستىنكىسى ئىشلىنىپ سېتىلسىمۇ يەنە كۆرۈش پۇرسىتى بولاتتى.

قابىلجان

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3344
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 20:13:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3305
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 20:20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بۇ ئورۇنغا چىقارغان قەلەمكەشلەرگە مەرھابا !
يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا پېشىۋا بولغان بۇ زاتنىڭ ئەسىرى ھازىرغا كەلگەندە نېمىشقا تېكىستلىرىگە قايتا ئىشلەش ، مۇزىكىلىرىغا قايتا ئىشلەش مەجبۇر بولۇپ قالدى . بۇ نۇقتا چۈشەندۈرۈلمىگەن .
مېنىڭچە ، ئەينەن ئەسەرنىڭ قىياپىتىگە رەڭ بېرىش نېمىدىن ؟ ئەسەر ھوقۇقى ئاپتور ۋاپاتىدىن كېيىن كۈچتىن قالامدۇ ؟ بۇ ئەسەرگە كۈچىگىچە ‹‹ غۇنچەم ›› دېمەي ‹‹ نۇرگۈل ›› ، ‹‹ گۈلمىرە ››، ‹‹ ئاي پاتەم ›› ... دەپ يېڭى يېڭى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ئىشلىسە خەلق ئوخشاشلا ياخشى كۆرەتتىغۇ .
‹‹ غۇنچەم ›› ئۇيغۇر دراماچىلىقىدىكى ئابىدە !
ئەجدادلاردىن قالغان قوليازمىلاردا ، ئاپتورنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرۈش داۋامىدا ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئانچە ـ مۇنچە سىڭدۈرۋېلىشى قارىغاندا نورمال ئەھۋالكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3208
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 131
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 20:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«غۇنچەم» دىراممىسىنى قايتا كۆرۈش پۇرسىتى ياراتقانلارغا ئالى ئېھتىرام!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش