كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 1

نەسىردىن ھاپىز: سەنئىتىمىز تەتقىقاتقا موھتاج [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1096
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 273
تۆھپە : 0
توردا: 54
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 16:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەنئىتىمىز تەتقىقاتقا موھتاج
(مىجىت ناسىرنىڭ سەنئەت تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلىرى توغرىسىدا)
نەسىردىن ھاپىز


   ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا سەنئىتى ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا، ئىجتىمائىي ھاياتىغا، پىسخىكىسىغا ۋە ئېستېتىك ئېڭىغا سىڭىپ كىرىپ، خۇشاللىق - قايغۇسىغا ھەمراھ بولۇپ ھەم ئۇنى ئىپادىلەپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى بېيىتىپ كەلدى. سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىش ھەم ئۇنى سەنئەت نەزەرىيەسى، سەنئەت قانۇنىيىتى ھەمدە تارىخىي، ئېستېتىك نۇقتىدىن تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي باھا بېرىش − سەنئىتىمىزنى توغرا يۆنىلىشتە ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى ۋە زۆرۈر تەلىپى. ئازادلىقتىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ ساھەدە مەخسۇس ئىزدىنىپ بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقاردى ۋە چىقىرىۋاتىدۇ.
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە ئىزچىل قەلەم تەۋرىتىپ، دەۋرىمىز تەقەززا بولۇۋاتقان ئاكتىۋال تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياراتقان مول نەتىجىلىرى بىلەن ئەل قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان، تونۇلغان جامائەت ئەربابى، تەتقىقاتچى، ئەدىب مىجىت ناسىر ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتى تەتقىقاتىغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يېقىندىن ياندىشىپ، «ئىلى مەشرىپى ھەققىدە»، «قەلبىمدىكى ناخشىلار»، «سەنئەت پىسخىكىسىدىن ئىلى دىيارىغا نەزەر»، «دىيارىمىز سەنئەت يۇلتۇزلىرىغا سالام»، «چىن ئىنسانغا بەخت يار بولسۇن»، «تالانتلىق خەلق ناخشىچىسى غىياسىدىن باراتنى ئەسلەيمەن»، «ئەل كۈيچىسى ئابلىز شاكىر»، «ئايرىلىش مىنۇتلىرىدىكى ئەسلىمىلەر» قاتارلىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر سەنئەت تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېگىشلىك تۆھپە قوشتى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ، شۇنداقلا كەڭ ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
   ئاپتورنىڭ «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009- يىللىق 1-، 2- سانىدا ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان «ئىلى مەشرىپى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى ئۇنىڭ سەنئەت تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا تەتقىقاتى ساھەسىدىكى يىرىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاپتور ماقالىسىدە ئىلى مەشرىپىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، مەزمۇنى، تۈرى، ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، قائىدە - تەرتىپلىرى ۋە ئۇنىڭ باشقا يەرلىك مەشرەپلەردىن پەرقلىنىدىغان ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ھەقتە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان. ماقالە گەرچە «ئىلى مەشرىپى ھەققىدە» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا يېزىلغان بولسىمۇ، ئاپتور ماقالىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا تېمىنى تېخىمۇ تىرەنلەشتۈرۈپ، ئىلى مەشرىپىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىلى ناخشىلىرىنىڭ تارىخى، ئىلى ناخشىلىرىنىڭ يۈرۈشلۈكى، ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىلى مەشرىپى ۋە ئىلى ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇڭىمۇ مەزكۇر ماقالىنى ئۆز ھەجىمىگە سىغدۇرغان مەزمۇنىنىڭ كەڭ، مول ۋە تىرەنلىكى؛ ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ تولۇق، ئىشەنچلىك ۋە دەللىكى؛ ئىلمىي، نەزەرىيەۋى ۋە تەتقىقات قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئىلى مەشرىپى ۋە ئىلى ناخشىلىرى تارىخىنىڭ مۇكەممەل خاتىرىسى؛ ئىلى مەشرىپى ۋە ئىلى ناخشىلىرىنىڭ بەدىئىي قامۇسى؛ ئىلى مەشرىپى ۋە ئىلى ناخشىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشنىڭ ئىشەنچلىك قوللانمىسى، دېيىشكە بولىدۇ.
   ماقالىنىڭ بېشىدا ئاپتور ناھايىتى ئىخچام ۋە ئاممىباب قىلىپ، مەشرەپ ۋە خەلق ناخشا كۈيلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى، مەشرەپلەرنىڭ تۈرى، مەشرەپلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن، ئاندىن ئىلى 30 ئوغۇل مەشرىپى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، ئىلى 30 ئوغۇل مەشرىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى، رولى ۋە قائىدە - تەرتىپلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزگەن، ئاپتور مەشرەپنىڭ رولى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىسىدە، مەشرەپتىكى يۇمۇر - لەتىپە سۆزلەش، بېيىت - قوشاق ئېيتىش، دەۋاگەر - جاۋابكار ئوتتۇرىسىدىكى سوئال - سوراق قاتارلىق ئويۇن شەكلىنىڭ كىشىلەرنى كۆپچىلىك ئالدىدا جۈرئەتلىك ۋە تەمكىن قىلىش، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇش ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى پىسخولوگىيە ئىلمى نۇقتىسىدىن دەلىللىگەن، بولۇپمۇ مەشرەپنىڭ تارىختىن بۇيان بالىلارنى ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
   مەلۇمكى، «ئىلى مەشرىپى» تىلغا ئېلىنسا، ئالدى بىلەن خىيال ئېكرانىمىزدا ئىلى خەلقىنىڭ يۇمۇرىستىك ئالاھىدىلىكى ۋە كۈلكە - چاقچاقلىرى ئەكس ئېتىدۇ. ئىلى خەلقىنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭگەن بۇ ئالاھىدىلىك ئۇزاقتىن بۇيان ئىلى مەشرەپلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى ئىچىدە سالماقلىق ئورۇننى ئىگىلەپ كەلدى. ئاپتور ماقالىسىدە ئىلى مەشرەپلىرىنىڭ يۇمۇرىستىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغاندا، سەنئەتلىك خۇسۇسىيەت بىلەن يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى، شۇنىڭدەك ھەر خىل مەزمۇندىكى قىزىقارلىق  يۇمۇر - چاقچاقلار ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ئىلى مەشرەپلىرىنىڭ ئىلى خەلقىنىڭ يۇمۇرىستىك پىسخىكىسىنى تاۋلايدىغان ئالتۇن پېچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىلى خەلقىنىڭ يۇمۇرىستىك پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىلى دىيارىدىكى تارىخىي، تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار سەۋەب بولغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلى چاقچاقچىلىقىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ نامىنى بىر - بىرلەپ تىلغا ئالىدۇ. ئاپتور بۇ يەردە يەنە قىزىقچىلىق - چاقچاقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ سەنئەت شەكلىنى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» («جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى») قاتارىدا نەزەرگە ئېلىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، مىللىي خاسلىققا ئىگە يەرلىك سەنئەت بايلىقىنى قېزىش ۋە ئۇنى دۇنياغا تونۇتۇش نۇقتىسىدىن يۈكسەك ئىلمىي ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئەھمىيەتلىك قاراشتۇر.
   ئاپتور ئوقۇرمەنلەرنى ئىلى مەشرىپى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولغان ئىلى ناخشا - كۈيلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئالاھىدىلىكى ھەم ئۇنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدەنگەن ۋە ئەتراپلىق ماتېرىيال توپلىغان. ئۇ تارىخىي ماتېرىيالىزملىق ئىلمىي تەھلىل ئۇسۇلى ۋە تەتقىقات مېتوتى بويىچە ئىلى ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي يىلتىزى، ئۇنىڭ شەكىللىنىش ۋە يۈرۈشلىشىش جەريانىدا قانداق باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، بۇ جەرياندا كىملەر قانداق رول ئوينىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سىستېمىلىق ۋە ئىلمىي مۇلاھىزىلىرىنى ئىشەنچلىك دەلىللەر ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم ۋەكىل خاراكتېرلىك يۈرۈشلۈك ناخشىلارنىڭ نامى ۋە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن ھازىرغىچە ئىجادىي ۋە يۈرۈشلۈك خەلق ناخشىلىرى بىلەن ئەل ئىچىگە تونۇلغان 80 نەچچە ناخشىچى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ كۆرسىتىدۇ. ماقالىنىڭ بۇ بۆلىكىدە ئاپتور بىر تەرەپتىن، ئىلى ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىق ئىچكى قانۇنىيەت بويىچە شېئىر، ناخشا - مۇزىكا، دىراما، ئۇسسۇل بىرلەشكەن چوڭ ھەجىمدە يۈرۈشلىشىشتەك ئالاھىدىلىكىنى دۇنيا مۇزىكا تەرەققىياتىدىكى چوڭ بىر مۆجىزە دەپ ئاتاپ، ئىلى ناخشىلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، يۈرۈشلۈك ناخشىلارنىڭ ئاخىرىنى مەرغۇل بىلەن چۈشۈرۈشتەك ماھارەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەشنىڭ نۆۋەتتىكى سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم تەلىپى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، سەنئەتكارلارغا كىلاسسىك ناخشىلارنى مەرغۇللىرى بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
   ئۇزاق تارىخقا، ئۆزگىچە مۇزىكىلىق قۇرۇلما ۋە مېلودىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئىلى ناخشىلىرى خۇددى ئاپتور ئېيتقاندەك «شەكلى رەڭدار، تېمىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر» بولۇپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان، خەلقنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى، مۇھەببەت - نەپرىتىنى، مۇڭ - زارىنى، خۇشاللىق - قايغۇلىرىنى، شۇنداقلا ئۆز دەۋرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەپ كەلدى. مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، ئىلى ناخشىلىرى قۇرۇلمىسى پۇختا ۋە سەنئەتلىك؛ ھېسسىياتى قويۇق، مىللىي پۇرىقى كۈچلۈك، مەزمۇنى مول، مەنىسى چوڭقۇر، مېلودىيەلىك قۇرۇلمىسى نازۇك؛ تېما ۋە كۈي شەكلى، ئۇدار - رىتىملىرى ئۆزگىچە؛ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك ئىلى ناخشا - كۈيلىرىنىڭ تەربىيەۋى ۋە ئېستېتىك ئەھمىيىتىنى؛ جەزبىدارلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، رېئال ۋەقە ۋە كەچۈرمىشلەرنى ناخشا - كۈي بىلەن بايان قىلىپ، ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئىلى ناخشىلىرىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتىدۇر. ئاپتور ماقالىسىدە ئىلى ناخشا - كۈيلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، ئىلى خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ناخشىلاردىن «ئۆستەڭ ناخشىسى»، «كۆچ - كۆچ ناخشىسى»، «ھارۋىكەش ناخشىسى»، «سېپىل ناخشىسى»، «سادىر ناخشىسى»، «ئىلاخۇن ناخشىسى»، «نۇزۇگۇم»، «مايىمخان»، «گۈلەمخان» قاتارلىق تارىخىي ۋەقە ۋە شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك ناخشىلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىختىرا بولۇش جەريانى ھەم بۇ ناخشىلارنىڭ مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكىنى كونكرېت مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ۋە تەھلىل قىلىپ، كىتابخانىلارنى بۇ جەھەتتە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان. ئاپتور كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىلى ناخشىلىرىدىكى بۇ ئالاھىدىلىك سەنئەت، تارىخ، تىل - ئەدەبىيات، مەدەنىيەت تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئاكتىۋال تېمىلارنىڭ بېرىدۇر.
   ئاپتور ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ھازىرغىچە ئىلى دىيارىدىن چىققان كارۇشاڭ ئاخۇنۇم، ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپ، روزى تەمبۇر، زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامى، مۇساجان روزى، پاشا ئىشان، غىياسىدىن بارات، ئەبەيدۇللا تۇردى، ئابلىز شاكىر قاتارلىق 65 سەنئەتكارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يىل تەرتىپى بويىچە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ «ئىلى مەشرىپى ھەققىدە» ناملىق ماقالىنىڭ تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى ئاشۇرغان يەنە بىر قىممەتلىك نۇقتىدۇر.
   ئاپتور يەنە «ئىلى مەشرىپى ھەققىدە»، «قەلبىمدىكى ناخشىلار» («شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2006- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان) دېگەن ماقالىلىرىدە، ھازىرغىچە بىزدە ھېچكىم قەلەمگە ئالمىغان «خاس ناخشا» ئۇقۇمى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ، بىزدىكى «سەنئەتكارنىڭ تەسىرى، كۆپ ئورۇنلىنىشى ھەم خەلقنىڭ ياقتۇرۇشى» بىلەن زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خاسلىق تۈسىنى ئالغان «خاس ناخشا» لارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇسلۇبى، ئۇنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى، جۈملىدىن خەلق كۈيلىرىنى ئورۇنلىغۇچىلارنىڭ ئورۇنلاش جەھەتتىكى خاسلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ۋە بىر قىسىم ئىجادىي كۈيلەرنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئورۇنلاش جەھەتتىكى خاسلىقىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئىگىدارلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە كۈچلۈك قاراتمىلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان.
    «قەلبىمدىكى ناخشىلار» ناملىق ماقالىسىدە ئاپتور «خاس ناخشا» ئىگىدارلىرىدىن 130 دىن ئارتۇق سەنئەتكارنىڭ نامى، كەسپى، ۋەكىللىك ئەسىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە جەدۋەللەشتۈرۈپ تونۇشتۇرىدۇ. بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى چوقۇم ئۇيغۇر سەنئەت پىسخىكىسى، بىزدىكى «خاس ناخشىلار» ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇنلىغۇچىلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ. بىز چوقۇم خاس ناخشا تۈسىنى ئالغان بەزى ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ھەققىدىكى قېزىش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، «بىر قىسىم ئۇيغۇر ئىجادىي خەلق كۈيلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسمىنىدا ئىگىسىز ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقان» ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، خۇددى ئاپتور ئېيتقاندەك، «مىللىي سەنئىتىمىزگە ئىگىدارلىق ئورۇندا تۇرۇپ، قانۇنىي مىراسخورلۇق ھوقۇقىمىزنى يۈرگۈزۈشىمىز، ئۇنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ھەم بۇ خىزمەتنى كېيىنكىلەرگە ئۇلاشتۇرۇشىمىز لازىم».
   ئاپتورنىڭ يۇقىرىقى ماقالىلىرىدىن باشقا، يەنە «سەنئەت پىسخىكىسىدىن ئىلى دىيارىغا نەزەر»، «دىيارىمىز سەنئەت يۇلتۇزلىرىغا سالام»، «چىن ئىنسانغا بەخت يار بولسۇن»، «تالانتلىق خەلق ناخشىچىسى غىياسىدىن باراتنى ئەسلەيمەن»، «ئەل كۈيچىسى ئابلىز شاكىر» قاتارلىق ماقالىلىرىدىمۇ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىن چىققان كۆپلىگەن ئەلنەغمىچىلەرنىڭ، سەنئەتكارلارنىڭ ۋە مۇھىم سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ نامى بىر - بىرلەپ تىلغا ئېلىنىپ، مۇئەللىپنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى يېڭى كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ھاياتى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىگە ئوبيېكتىپ ۋە ئىلمىي باھا بېرىلگەن. بۇ نۆۋەتتە دەۋرىمىز، خەلقىمىز تەقەززا بولۇۋاتقان، سەنئەت ئوبزورچىلىقىمىز موھتاج بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە.
   مۇئەللىپ «چىن ئىنسانغا بەخت يار بولسۇن» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىشكە ئېرىشكەن چاقچاق ژانېرى ۋە ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ شەكلى، مەزمۇنى ۋە تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئاممىبابلىقى، تەسەۋۋۇرغا بايلىقى، ئۆتكۈر ھەجۋىي - ساتىرىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشى ۋە دەۋر روھىغا باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل يۈرگۈزۈپ، كىشىلەر روھىغا كۆپ مەنبەلىك ئېستېتىك تۇيغۇ ئاتا قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان مىللىي پىسخىكىمىزدىكى يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، مىللىتىمىزنىڭ روھىيەت قاتلىمىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتنى نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى رېئال تۇرمۇشتىكى بىۋاسىتە ئىجتىمائىي - ئېستېتىك قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىلى ۋادىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 30 دىن ئارتۇق لەتىپە - چاقچاقچىلارنىڭ ئىسمىنى، تۆھپىلىرىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق، ھازىر جاۋاب، يۇقىرى سەۋىيەلىك، مەزمۇنلۇق چاقچاقلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىشقا قوشقان تۆھپىسى، ئەل ئىچىدىكى ئىززەت - ئابرۇيىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر تەۋەررۈكىمىزگە «جەمئىيەت ئەربابى، تىل سەنئەتكارى، جەمئىيەتشۇناس، خەلق پىسخولوگى، خەلق قىزىقچىسى، خەلق سەنئەتچىسى، ئۇلۇغ ئىنسان» دەپ باھا بېرىدۇ. ئاپتورنىڭ ھېسام قۇربان ۋە ئۇيغۇر خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي مۇلاھىزىلىرى ئۇيغۇر خەلق سەنئىتى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىنى بېيىتىش ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
   ئاپتور «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئايرىلىش مىنۇتلىرىدىكى ئەسلىمىلەر» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ، ئومۇملاشقان «ئايرىلىش مىنۇتلىرى» دېگەن ناخشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا «تېكىست، ئاھاڭ بىر گەۋدىگە ئايلانغان، يەرلىك ئالاھىدىلىك، ياشلىق ھايات گەۋدىلەنگەن، مىللىي پۇراققا تويۇنغان، زامانىۋىلىق يانداشقان، ھەم يېقىملىق ھەم مۇڭلۇق، ئۆز ئوبيېكتى ئىچىدە تارقىلىشى تېز ھەم كەڭ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش بىلەن ئۆزگىچە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە نادىر كۈي بولۇشقا مۇناسىپ» دەپ باھا بېرىدۇ ۋە ئۇنى دۇنيادىكى 10 سەرخىل ناخشىنىڭ بىرى بولغان «موسكۋا كېچىسى» بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئىككى ناخشىنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرى ئۈستىدە ئىجادىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتورنىڭ بۇ جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭىچە، ئىلمىي قاراشلىرى مېنىڭچە، سېلىشتۇرما سەنئەت تەتقىقاتى نۇقتىسىدىنمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
   بىز مىجىت ناسىر ئەپەندىنىڭ سەنئەت تەتقىقاتىغا خاس ئەسەرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر سەنئەت نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدىكى تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرىنى چوڭقۇر قايىللىق ئىچىدە ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ ماقالىلىرىدە ئىپادىلىنىۋاتقان نەزەرىيەۋى چوڭقۇرلۇق، تىرەن پەلسەپەۋىيلىككە ئىگە پىكىر - مۇلاھىزىلەر ۋە يۈكسەك تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە كۆز قاراشلاردىن ئاپتورنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى، توختاۋسىز ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش روھىنى، بەلگىلىك تەتقىقات دىتى ۋە ئىقتىدارىنى، سەنئىتىمىزنىڭ بۈگۈنى ۋە تەقدىرىگە بولغان يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈش ھېسسىياتىنى كۆرۈۋالالايمىز.
   ئاپتور ئەسەرلىرىدە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ مىللىي سەنئەتكە، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۈمىدىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، كۈچلۈك مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلىسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سەنئەتكە دائىر تۈرلۈك ئاتالغۇلارنى مۇزىكا ئىلمى ۋە كۈيشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىلمىي تەبىر بېرىپ ۋە شەرھلەپ، ئەسەرلىرىنى بەلگىلىك نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقى ۋە تەتقىقات كەڭلىكىگە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، ئاپتور ئەسەرلىرىدە سەنئەت ۋە ئۇنىڭ باشقا تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم، ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، ھەقىقىي بىر ئىجادكاردا بولۇشقا تېگىشلىق نەزەرىيەۋى تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم، ئاتالغۇلارغا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا يېڭىچە تەبىر، ئېنىقلىما بېرىدۇ ھەمدە سەنئەت، ناخشا - مۇزىكا ئىلمى ساھەسىدە يېڭى چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، − دەيدۇ ئاپتور <سەنئەت پىسخىكىسى> دېگەن ئاتالغۇغا تەبىر بېرىپ، − كىشىنىڭ سەنئەتنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېسىسىياتىنى چۈشىنىش، ياقتۇرۇش ھەم ئۇنىڭدىن ئېستېتىك زوقلىنىش، پايدىلىنىش، ئىجاد قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدىغان تەبىئىي زوق جەريانىدۇر» («قەلبىمدىكى ناخشىلار»). ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاپتور «مۇزىكا ئىجادىيىتى» دېگەن ئاتالغۇغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ: «مۇزىكا ئىجادىيىتى − كومپوزىتور، سەنئەتكارنىڭ ۋۇجۇدىدا جۇغلانغان، ئېستېتىك ھېس - تۇيغۇ بايلىقى ئاساسىدا ماددىي ۋە مەنىۋى رېئاللىقنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى قاتلىمىدىن، ئاۋازلىق - ئاۋازسىز، كۆرۈنۈپ - كۆرۈنمەي سىرتتا ئېقىۋاتقان لىرىك ئوبراز، مۇڭ مەنىلىرىنى خۇددى پىلە يوپۇرماقتىن نەپىس يىپەك ياراتقاندەك، مۇزىكىلىق، سەنئەتلىك تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر ئارقىلىق ھەممىگە ئورتاق مۇزىكىلىق، ئاھاڭلىق تىل ئۇقۇمىغا ئايلاندۇرىدىغان ئۆزگىچە ئاۋاز سەنئىتىدۇر» («دىيارىمىز سەنئەت يۇلتۇزلىرىغا سالام»). ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇئەييەن ئېستېتىك تۇيغۇ، سەنئەت سېزىمىغا باي كومپوزىتورلارنىڭ ئىجادىيەت مېۋىسى پەقەت خەلقنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن بىرلەشكەندىلا، خەلق مۇڭىغا تويۇنغاندىلا ئاندىن كىلاسسىك كۈي - ناخشىلىرىمىزدەك مەڭگۈ خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقىغا ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ ۋە بۇ قارىشىنى كونكرېت پاكىت ئاساسىغا ئىگە قىلىدۇ.
   ئاپتور «ئىلى مەشرىپى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدە، مەشرەپ ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىگە، شۇنداقلا ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى، چاقچاق، مەرغۇل، سەنەم قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇقۇملارغا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېنىقلىما بېرىدۇ ۋە بىر قىسىم سەنئەت ئاتالغۇلىرىنىڭ ئىتمولوگىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، يۈرۈشلۈك ناخشىلار، ناخشىلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى مەرغۇل بىلەن چۈشۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى، ئىلى ناخشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەت قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا يېڭىچە نەزەرىيەۋى چۈشەنچىلەرنى ۋە يېڭى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىدە دېگۈدەك ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر سەنئەت نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سەنئەت ئوبزورچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.   ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا سەنئىتى − ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر. ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قېزىپ توپلاش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا تۇتاشتۇرۇش زامانىمىزدىكى سەنئەتكارلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا سەنئىتىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭ تارىخىي، مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنى مۇپەسسەل يورۇتۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىلمىي باھا بېرىش − ئۇيغۇر سەنئىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىشتىكى ئاچقۇچ. بۇ ئاچقۇچ كەڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئىزدەنگۈچىلەرگە، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئېسىل پەزىلەتلىرى ۋە خالىس ئىجادىيەتلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مۆھتىرەم قەلەم ساھىبىمىز مىجىت ناسىر ئاكىغا ئوخشاش سەنئەتنى قىزغىن سۆيۈپ، سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان، باشتىن - ئاخىر مىللىي سەنئەتنىڭ تەقدىرىگە مەسئۇل بولۇش، بۇ يولدا توختاۋسىز ئىزدىنىش، خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە ھەقىقىي پىداكارلارغا مەنسۇپ.
   بىر ئۆمۈر خەلقىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، ھارماي - تالماي ئىجاد قىلىۋاتقان بۇ مۆھتىرەم ئەل ئاشىقىنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت، ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك يار بولغاي!

مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «سۈزۈك بۇلاق» سەھىپىسى، 2013- يىل 16- ئىيۇل سانىدىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-24 10:06  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 199
تۆھپە : 0
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 21:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئەڭ ئامىراق كىشىمىز مىجىت ناسىر ئەمەندىدۇر...................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش