چەكمە دادا تاماكا
دادا-دادا جان دادا،
چەكمىسەڭچۇ تاماكا.
ساق تېنىڭنى كېسەل قىپ،
يېتىۋالما بىكارغا.
سۆزلەپ بەردى مۇئەللىم،
زىيىنىنى زەھەرنىڭ.
"نىكوتىندىن دۇنيادا،
ئۆلگەن ئادەم تۈمەنمىڭ"
پۇراپ تۇرساڭ ھەر ۋاقىت،
بارالمايمىز يېنىڭغا.
ئەركىلەشتىن مەھرۇممىز،
گىرە سېلىپ بوينۇڭغا.
تاشلىمىغاچ ئۇنى سەن،
ئۇكام ئۆپكە كېسىلى.
داۋاسىنى ئۆزۈڭ قىل،
بولۇپ ئەمدى كېپىلى.
قول ئۈزگىنە زەھەردىن،
ئۆتۈنەيلى جان دادا.
ساق سالامەت ياشايلى،
چەكمە ئەمدى تاماكا!
مەنبە: ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-23 13:23