كۆرۈش: 348|ئىنكاس: 11

«ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى» دىكى تېما رەڭدارلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1384
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 334
تۆھپە : 0
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 16:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                  «ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى» دىكى

                           تېما رەڭدارلىقى
                                                مارىگۈل تۇداخۇن


  ئەدىبياتىمىزدا مەخسۇس نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئاز ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۈم . مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق نەسىر ئېجادىيىتىنى خاس بەدئىي ئىنتىلىش يولى قىلىپ تاللىۋالغان نەسىر يازغۇچىسى قەلبىنۇر ئېلياسنىڭ شىنجاڭ ياشلار  – ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن 2011- يىلى نەشىر قىلىنغان  «ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى »ناملىق نەسىرلەر توپلىمى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى .
ئاپتور بۇ توپلامدىكى نەسىرلىرىدە تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوقۇرمەنلەرگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىشقا تىرىشقان :
1- ئانىلىق قەلىب روشەن ئىپادىلەنگەن .
ئانىلىق مۇھەببەت قەدىمىنىڭ بەركەتلىك يوللىرىدا، ئانا مېھرىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ھەم ئانا بولۇش شەرىپى بىلەن ئانىلىق ھىممەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر ئاياللا ئۆزى مەنسۇپ بولغان دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى ئەينەن ئىپادلەشكە قادىر بولالايدۇ . ئاپتۇرنىڭ  قايناق لېرىكىغا تولغان    ئەسەرلىرىدەئانىلىق قىممەتنىڭ يارقىن مەنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
ئالايلۇق؛
«مېنى قۇچاقلۋال ئانا»، «ئالتۇن بۆشۈك »،«مېنى كەچۈرمە ئانا »،« ئۇنتۇلغان مۇشەقەت »، « ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى ،»« قايماقچى ئايال  »قاتارلىق نەسىرلىردە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھنەتسىز قۇربان بېرىش روھىنى ،  ئانا بىلەن بالا ئوتتىرسىدىكى   مېھىر زەنجىرنىڭ نەقەدەر مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ،بارلىقىنى پەرزەنىتىگە بېغىشلىغان پەرىشتە سۈپەت جاپاكەش ئانىلارنى ، ئائىلىسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مېھنەت  چېكىشكە رازى بولغان ئانىلارنى كۆرەلەيمىز  . « قىرىق يېشىم قىران چاغلىرىم ، ئەمما نەزىرىڭدە كىچىك بالىمەن .  گىرە سالسا ساڭا يۈرىكىم ، يۈزلىرىڭگە سۆيسە ئەقىدەم . ئېھتىمال سەن شۇنى خالايدىغانسەن ....سېنى  كۆرۈپ يۈگۈردۈم ، سېغىنىش دولقۇنلىغان تەشنالىقىمنى سوۋغا سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ ئالقانلىرىمدا . مېنى قۇچاقلىۋال ، ئانا ! ھاياجان ياشلىرىڭ روھىيىتىمگە سىرغىسۇن ، قەلبىمدە كۆكلىسۇن ئانىلىق ئۇدۇم .» ئاپتورنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمدىن ئۇرغۇپ چىققان يۇقارقىدەك شەخسيەتسىز تەبئى باغلىنىشتىن ئىبارەت ئانا – بالىلىق مېھىر سۆيگۈسى قايسى ئىنساننىڭ بېشىدىن ئۆتمىگەن ؟  بۇ شېرىن تۇيغۇلارغا قايسى ئىنسان چۆمۈلمىگەن ؟ بۇ مېھىرگە بۇدۇرۇق بوۋاقلاردىن چاچلىرى قىرو باسقان مويسىپىتلەرگىچە قانماي ئۆتىدىغۇ ؟ قەلبىنۇر ئېلياسنىڭ يۇقارقىدەك ئانىلىق قەلىب تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم نەسىرلىرىدە ئانىنىڭ قەلىپ مۇڭلىرى ۋە پەرزەنىتىگە بولغان سۆيگۈ مۇھاببەتلىرى نازۇك تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرلۇپ ، نەپىس تىل بىلەن روشەن ئىپادىلەنگەن .  
2- پەرزەنىت تەربىيىسى گەۋدىلەنگەن
ئاپتورنىڭ مەزكۈر توپلىمىدىكى «بىر چىنە تاماق» ، «داداڭنى دورا ئوغلۇم »، «چېچەككەئايلانغان پەرىشتە »، «چۈمۈچكە چىقسۇن ئادىمگەرچىلىك »،«سۈيۈملۈك ئالىقان »، «قۇش ئۇۋىسى» ، «قوڭغۇراق»، «يىگىتلەرگە سۆز » قاتارلىق نەسىرلىرىدە ئاپتور گۈزەل تىل ، يۇمشاق بايان ، تىرەن تەربىيۋى ئەھمىيىتى بولغان ئوي – پىكىرلەر ئارقىلىق ياش ئاتا – ئانىلارغا  پەرزەنىت تەربىيىلەشتە ئەجداتلار ئۇدۇمى ۋە  مىللىي ئۆرىپ- ئادەت  ، ئۆزلۈك ۋە ئېتقاد ئېڭى شۇنداقلا ئەخلاق چەمبىرىكىدىن  چەتنەپ كەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ .
مەسىلەن : ئاپتور  «بىر چىنە تاماق » ناملىق نەسىرىدە  «ئال ،قىزىم ! ئەقىدە قازىنىدا پىشقان يۇمشاققىنە كۆڭۈلنى مېھىر – ۋاپانىڭ قاچىسىغا ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئال ! ئۇنى چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ،ئېغىزىدا چىشلىرى قالمىغان بوۋاڭ – موماڭنىڭ ئالدىغا قوي ! ئال ، قىزىم ! ئادىمگەرچىلىك قاچىسىغا ئۇسۇلغان ، سەمىمىيلىك لىقمۇ – لىق تولغان يەنە بىر چىنە تاماقنى قولۇڭغا ئال !يەڭگىل قەدەملىرىڭ بىلەن ئۇنى ئىسسىقىنە پېتى خوشنىمىزغا ئەكىرىپ بەر . ئال ، قىزىم ! خەيىر – ساخاۋەتنىڭ قاچىسىغا ئۇسۇلغان بىر چىنە تاماقنى ئىككىلەنمەي قولۇڭغا ئال ! ئارلىقنىڭ يىراقلىقىدىن ۋايسىما ! ئىنسانپەرۋەر تۇيغۇ قەلبىڭدە يىلىنجاپ تۇرسىلا ، ئادىمىيلىك مەجبۇريىتىڭ بىرچىنە تاماقنى غىرىبانە كۆلبىدە يۆلەكسىز قالغان قېرى – چۈرىگە ياكى مۇساپىرغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئالدىرايدۇ.» دىيىش ئارقىلىق پەرزەنىت ساداقىتىنىڭ يېلىنجىغان خىسلەتكارلىقىنى ، مىللىتىمىز ئادەت – ئۇدۇملىرىنىڭ گۈزەل ئابيىدىسىنى تىكلەيدۇ .  ئۇ يەنە «داداڭنى دورا ئوغلۇم »  ناملىق نەسىرىدە : «داداڭنى دورا ئوغلۇم ! بەقۇۋۋەت تېنىڭدە كۆيۈملۈك يۈرەك يېتىلسۇن. شەخسىيىتى ئۈچۈن قىلىنغان ئاچ كۆزلۈك ئىنسان تەبىئتىنى خۇنۇكلەشتۈرۋېتىدۇ ، قانائەتتىن يىراقلاشقان قەلىبكە رەزىللىكنىڭ ئېچىرقىغان چۈشكۈنلۈكى سايە تاشلايدۇ . مېھىر – مۇھاببىتى سوغۇلغان قەلىب دەرياسىغا ھېچكىم ئىشەنىچ قولۋىقىنى سالالمايدۇ . سەن ھاياتلىق چەكسىزلىكىگە يۈزلەنگەن مەۋجۇتلۇق بولساڭ ، بۇ ھېكمەتلەرنى يادىڭدىن چىقارما !ئاتا – ئانا رازىلقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىيالىغان كىشى بۈيۈكتۈر . ئەل رىزقى ئۈچۈن ئۆز نەپسىدىن كېچەلىگەن كىشى ئۇلۇغدۇر . »دىيىش ئارقىلىق بىر ئانا سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ پەرزەنىتلىرىمىزنى كۆيۈمچان - ئىنساپلىق ، مېھىر – ۋاپالىق ، شەرىمى – ھايالىق ، راستچىل - ئالىيجاناپ خۇلىقلىق ، سەمىمى -ساداقەتمەن بولۇشقا چاقىرىدۇ .
3- تەبئەت ۋە  ئىنسانى تۇيغۇ جىبسلاشتۇرۇلغان  
قايسى بىر دانىشمەن : «گۈزەل سۆز ، گۈزەل ئارزۇرلار ، گۈزەل ئاۋازلار كۆڭۈلنى تەسىرلەندۈرگۈچىدۈر » دىگەن ئىكەن . قەلبىنۇر ئىلياسنىڭ سىرغىپ ئېقۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى ئەسلىتىدىغان  نازۇك ئەمما مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان  «يىلتىزىمسەن »، «سەھرايىم ئاۋام »، «باھار ۋە مەن » ، «قار تۇيغۇلىرى » ، «سۇغا تاشلانغان گۈل » ، «مۆجىزە» ، «ئارمان »قاتارلىق نەسىرلىرىنى ئوقىغىنىمىزدا  تەبئەت گۈزەللىكى بىلەن ئىنسانى تۇيغۇنىڭ ئۇستىلىق بىلەن جىبسلاشتۇرۇلغانلىقى ئەقلىمىزنى لال قىلىدۇ .
مەيلى «باھار ۋە مەن » ناملىق  نەسىرىدىكى «مەن بۇلۇتلار قېتىدىن تۆكۈلگەن شەبنەم ، زىمىن باغىرىنىڭ تەشنالىقىغا سېپىلغان شەربەت . مەن ئۇپۇق چۈمبىلىنى قايرىپ چىققان شەپەق ، باھار تۇيغۇسىغا مەيىن سۆيگۈ ئۇچۇرغان مۇھاببەت . مەن يىلتىز قەسىدىسىنى توقۇغان لىرىكا ، شاخلار چىنلىقىدا بەرگى كۈلگەن چېچەك . مەن باھار قارىلغىچىنىڭ قانىتى ، ئەقىدە شاماللىرىدا يۈلپۈنگەن تىلەك .....» مەيلى «مۆجىزە » ناملىق نەسىرىدىكى « ئۇنىڭ قەلبى ئېگىز قىيالاردىن چۈشۋاتقان شارقىراتمىدەك جەزبىدار ھەم شوخ ئىدى ؛ئۇنىڭ سىيماسى قورام تاشلاردىن مارجان كەبى چېچىلىپ تۆكۈلۈۋاتقان زۇمرەت ئۈنچىلەردەك پاك ھەم سۆيۈملۈك ئىدى . ئەپسۈس ! ئۇنىڭ ھاياتلىق بۇلىقىنىڭ ئابىھايات سۈيى تېخىمۇ چوڭ دەريالارغا قۇشۇلماي تۇلۇپ ئازاپ قۇملۇقىغا دۇچ كەلدى –دە ، پايانسىز قۇم ئىچىگە سىڭىپ كەتتى » دەپ يېزىلغان قۇرلارنى ئوقىغىنىمىزدا رەڭگا -رەڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭ قات – قېتىدە يىلىنجاپ تۇرغان ئىنسان روھىغا گىرەلەشتۈرۈلگەن بۈيۈكلۈك بىلەن پەسكەشلىك ، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ، مەغلۇبيەت ۋە مۇۋەپەقيەتنىڭ سېلىشتۈرمىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇيدۇرماي كارتىنا ئالماشتۇرىدۇ .
4- پىسخىلىك ئاڭ تەربىيىسگە تويۇنغان
  قەلبىنۇر ئېلياس  « ھېسداشلىق »، »«كۈلكە »، «ئازاپ »، «كۈنداشلىق »، «كۈلكە ئىزدەپ يۈرەر ئادەملەر» ،«پۇتاق» ،«ئۈمىد » قاتارلىق نەسىرلىردە  ئوقۇرمەنلەرگە ئىنسان قەلبىدىكى  غەم – قايغۇ، خاپىلىق ،چۈشكۈنلۈك ۋە بۇرۇختۇرمىلىقنىڭ خوشاللىق نوتىللىرىنى تۇيدۇرماي يەيدىغان  ئىنسان مەنىۋىيىتىگە چۈشكەن قۇرۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ . مەسىلەن : ئۇنىڭ «كۈلكە » ناملىق نەسىرىدىكى  «كۈلكە شادلىق ئىلاھىنىڭ لېۋىدىن بالقىپ چىققان يېقىملىق سادادەك ئاجايىپ بىر خوشاللىقنى ئۇرغۇتۇش كۈچىگە ئىگە . بەزىدە ئۇ لوقماننىڭ سېھىر – كارامەت مۇجەسسەملەنگەن مەلھەملىرىدەك شۇ قەدەر شىپالىق ، چۈشكۈن روھنىڭ ئىشىكىدە  جىرىڭلىغان ئۈمۈدتەك جىلۋىگەر . ھايات ناخشىللىرى ئىچىدە ئېچىلغان بەخىت گۈلىدەك ، ئىنسان روھىنى ئىللىق ھارارەتكە ئەسرا قىلىدىغان ئەڭگۈشتەر » « ئازاپ » ناملىق نەسىرىدىكى
« ئازاپ ئۇ زەھەردەك ئاچچىق ، ئىنسان روھىغا چۈشكەن مىتىدەك شەپقەتسىز ؛  گاھى شېرىن مېۋىدەك لەززەتلىك ، تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقان پەرىشتىنىڭ جەننەت ھوجىرسىدا كۆرگەن چۈشىدەك قىممەتلىك . ئۇنى ئەنە شۇنداق قارىمۇ – قارشى مەنىگە ئىگە قىلالىغان يەنىلا ئىنسان تەبىئىتىدىكى ھەقىقەت .»  «كۇنداشلىق » ناملىق نەسىرىدىكى « كۈنداشلىق – روھىيەت چىرىندىللىرىدا بىخسىغان ، شەخسيەتچىلىك تۇڭلىرىدا ئېچىتىلغان شارابتەك ئاچچىق ؛گويا ئىنسان ھىسياتىدا پەيدا بولىدىغان ئۆسمىدەك ۋەھىمىلىك ، مۇھاببەت ئۈچۈن قېزىلغان قەبىرىدەك قورقۇنۇچلۇق . گەرچە ئىنسانلار ئۇنىڭ ئاھانەتلىرىدىن بىزار بولسىمۇ ئەمما ئۇنى ئۆز تەبىئىتىدىن مەڭگۈ قوغلاپ چىقىرىشقا قادىر ئەمەس ، چۈنكى كۈنداشلىقنىڭ باغرىغا چوڭقۇر مۇھاببەتنىڭ مەنىسى كۆمۈلگەن بولۇشى مۈمكىن » دەپ بايان قىلىنغان قۇرلار  ھەربىر ئىنساننىڭ خاتىرجەملىك ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكتىن ئىبارەت قىممەتلىك روھى ئوزۇققا ئېرىشىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئىرادە كەمىرىنى چىڭ باغلاپ ، قەيسەر ۋە  سەمىمى ، كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان ، قانائەتچان ۋە كەمتەر بولۇشتەك  يېقىملىق تۇيغۇنى ئۆزىگە مەڭگۈ ھەمرا قىلشىنىڭ  زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىدۇ .
5- ئادىمىيلىق خىسلەت  يارقىن يۇرۇتۇلغان
قەلبىنۇرنىڭ «سالام ئېيتىپ قوي » ،« ياخشىلىق » ، «ئەكەل قولۇڭنى بۇرادەر» ، «قىلتاق»، «بىر دەستە گۈل »، «ۋىجدان قوقىسىدا كۆيگەن تۇيغۇلار »، «غېرىپ كۆڭۈل» ،«قىممىتىڭنى يوقاتماي دېسەڭ» ، «يىللار كۈلكىسىدە جىرىڭلار دۇنيا »، «ئادەملەر سېغىنىدۇ ئادەملەرنى »، ئالۇچا مۇرابباسى » ، ««كەپتەرلەرنىڭ سۆيگۈسى »، «يەكپاي ئاياغ »، «مۇغەمبەر كۈلكىلەر »،«يالغان قۇيرۇق»  قاتارلىق نەسىرلىرىدە ئىنسانلار ئوتتىرسىدىكى مېھىر - ۋاپا ، كۈيۈمچانلىق ، ھۆرمەت ۋە سەمىميەت ، پەزىلەت ۋە  ساخاۋەت كۈيلەنگەن .
«ئادەملەر سېغىنىدۇ ئادەملەرنى ....گويا زىمىن بىلەن كۆك بىر – بىرىگە ياققان مەڭگۈلۈك مۇھاببەت يالقۇنلىرىدەك . شۇڭا ، تەشنالىقنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتى باغلاپ تۇرغان ھەممە – ھەممىنى ....ھاياتلىق داستىخنىدا جەملەشكەن ئارمان ، تىلەپ تۇرار غايىبتىكى روھ ، ھەتتا كېلەلمىگەن بۇدۇرۇق مېھماننى ....ئادەملەر سېغىنىدۇ ئادەملەرنى ...تەنھالىققا كۆنەلمەس يۈرەك ، ئېچىرقىغان سۆيگۈ لېۋىدە سۆيۈپ كەلگەن ئىنسان ئەسىرلەپ ، نازاكەتلىك مۇڭدىشىشلارنى ....ئادەمسىراپ كەتمىگەن زىمىن ئاۋۇندۇرغان سېغىنىش ئۇنى ...ئادەملەر سېغىنىدۇ ئادەملەرنى ...توختىمايدۇ تاشقىنلىغان ھاياتلىق كۈيى . قىساسچىلار قىلچىڭنى غىلاپقا سال ! ئىنسان ئەمەس ، ھەتتا سېغىنىش سۈكۈناتىغا چۆكەر زىمىستانمۇ ، باھار چۈشەپ قالغان سەھىرى ...(ئادەملەر سېغنىدۇ ئادەملەرنى ) دىن .  
«ئادىمىي مۇھاببەتنىڭ ئىرقىي پەرقى يوق ، ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمۇ يوق ، قەلىبلەر ھېسداشلىقىنى چېگرالار توساقلىرى توسۇپ قالالمايدۇ ، مانا بۇ ئادەملەرنىڭ چىنلىقى ، سەمىميەتنىڭ يۈكسەكلىكى ، ئەكەل قولۇڭنى، بۇرادەر ! مۇشەقەتلەر ئىلكىدىن سېنى تارتۋالايلى ، رىزقىمىزنى تەڭ ئۈلەشتۈرۈپ بەرسۇن پەزىلىتىمىز » . (ئەكەل قولۇڭنى ،بۇرادەر ) دىن .
«تاتلىق ئېشىڭ بولمىسىمۇ مەيلى ، ئەمما تاتلىق سۆزۈڭ ئۈچۈن بېخىللىق قىلساڭ ئادىمىيلىك خىسلەت سەندىن داجىيدۇ . شەخسيەتچىلىك ياۋا ئۆرۈكتەك ئاچچىق . گۈزەل ساھىپجاماللار ئۈچۈنلا بارلىقىنى تەرك ئەتكەن ئاشىقنىڭ ۋاپا قازىنى ھامان تۆشۈك . چوڭقۇر ئەقىدىسىنى ئۆز خەلقىدىن قىزغانغان ھاماقەت – نەپىرەت زىندانىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغان مەھبۇس . مېھىر – مۇھاببەت بىلەن دوسلار قەلبىنى ئىللىتمىغان ئىنسان – تەنھالىق كوچىسىدا بىر ئۆمۈر يېگانە ياشايدىغان يېتىم . مانا بۇ ئاچچىق رېئاللىقنىڭ تەجىرىبە تولغاقلىرىدا تۇغۇلغان ھەقىيقەت .(سالام ئېيتىپ قوي ) دىن  .قەلبىنۇر ئېلياس يۇقارقى بىر تۈركۈم  يۈكسەك ئىنسانىي بۇرىچ ، گۈزەل تىلەك مۈجەسسەملەنگەن نەسىرلىرى ئارقىلىق ئىنسان قەلبىنىڭ ياخشىلىق ئىزدەپ ،ئىزگۇ تىلەكلەر دۇنياسىدا قانائەت ھاسىل قىلدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىيقەتنى يۇرۇتۇپ ، كىشلەرنى بۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا  ئېناق ، ئېتتىپاق ، ئۆم بولۇپ بەخىتلىك ياشاشقا ئۈندەيدۇ .  
6-  ئاياللار ئەخلاقى جۇلالاندۇرۇلغان
«ئايال قەلبى گويا مېھىر – مۇھاببەتنىڭ پايانسىز ئوكيانى ، ئۇنىڭ چەكسىزلىكى سەبىيلەر خوشاللىقىنىڭ جەننىتى ، ئۇ گويا ئىپپەت غۇرۇرىنىڭ ئەينىكى ، گۈزەل پەزىلەتنىڭ جەۋھىرى ، ساداقەتنىڭ بۇلىقى ، چەكسىزلىكنىڭ قۇچىقى . ئايال قەلبى – ئائىلىنىڭ مۇقەددەس ئىلاھەسى ، ئىنسان نۇقسانىنى تۈزىتىشكە ئادەتلەنگەن ئەڭ مۈكەممەل ئۇستاز » دەپ يازىدۇ قەلبىنۇر ئېلياس «ئايال قەلبى » ناملىق نەسىرىدە . ئاپتورنىڭ «ساھىپخانا ئايال» ، «ئۆيىگە قايىتقان ئايال »، «تۇيغۇلارغا يۆلەنگەن تۇلۇن ئاي»  قاتارلىق نەسىرلىرى بىزگە شۇنداق خىتاپ قىلىدۇ : ھەقىقى ئۇلۇغ ئايال قىيىن تاللاشلارغا توغرا كەلگەندە توغرا يول تاپالايدىغان ئەقىل پاراسىتى بىلەن ، ئەۋلادلارنىڭ بەخىت – سائادىتى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدىغان جەڭگىۋار روھى بىلەن ، كىشىنى ئەيمەندۈردىغان ۋە قايىل قىلىدىغان پاكلىقى بىلەن ، ھۆسنىگە مەڭگۇ ئۆزگەرمەس لاتاپەت قوشىدىغان پەزىلىتى بىلەن ، يىمىرىلمەس قورغاندەك ئېتقادى بىلەن ئۇلۇغ بولىدۇ .مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ قولىدا مېھىر – مۇھاببەتلىك ئائىلە قەد كۆتىرىپ پەرىشتىدەك بالىلار تۇغۇلىدۇ ۋە باھادىر ئەزىمەتلەر يېتىشىپ چىقىدۇ .
7- چىن سۆيگۈ يۈكسەكلىكى مەدھيلەنگەن  
قەلبنۇر ئېلياسنىڭ «چىن سۆيگۈنىڭ كۆزى قارغۇمۇ » ، « نۇزۇگۇم » ،« سۆيگۈ روجىكىدىكى ئىلاھە »،«تېۋىنىش » ، «بىز ئۇپۇقتا سۆيۈشەيلى » ، «ئويغاق سۆيگۈلەر » ، «ئەقىدە » ، «قەدىمىي سۆيگۈ » ، «كەل ساڭا يۆلىنۋالاي » قاتارلىق نەسىرلىرى  «يىلىنجاپ تۇرغان سەمىمىيەت ، مەرۋايىتتەك ساپ ئەقىدە ، سالماق قىياپەتكە سىڭگەن گۈزەل خۇلىق ، كەڭ قورساقلىق ۋۇجۇدۇدا پىشىپ يېتىلگەن ئادەمگەرچىلىك قىممىتى ، مۇستەھكەم ئىرادىدىن ئاداشمىغان قەيسەر روھ - چىن ئاشىقلارنىڭ سۆيگۈ بۇلاقلىرىنى ئوقچۇتۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل تۇپىرىقىدا مۇھاببەتنىڭ يۇمىران چىمەنلىرىنى ئۈندۈرەلەيدىغانلىقىدىن » ئىبارەت ھەقىقەتنى  چۈشەندۈرسە « نۇزۇگۇم » ناملىق چاتما نەسىرىدە  «قىز قەلبىدەك يەلپۈنۈپ تۇرغان چەكسىز قۇمۇشلۇق ، ئۇنىڭ ئىچكىرسىگە مۆكۋالغان ساماۋى خىيال . سۆيگۈ ئەركى ئۈچۈن كۆتۈرگەن بايراق ، لەپىلدەيدۇ قۇمۇش پۆپۈكلىرىدەك . ئۇنىڭغا ئىلىنىپ قالغۇچى نۇزۇگۇم چېچى . ئىپپىتىنى قوغدىماق ئۈچۈن قىزلىق تارىخنى يازغان ئۇ ئۆتمۈشنىڭ رەزىل قىلىچى كېسۋەتكەن ، قان تامچىلاپ تۇرغان بارماقلىرىدا .....
           ئىپپەت نېمە ، خۇسۇمەت نېمە ؟
           ھايات نىمە ، پاراغەت نىمە ؟
           بەخىت نېمە ، نادەمەت نېمە ؟
          ھۇزۇر نېمە ،خورلىنىش نېمە ؟
          قەدىر نېمە ، بۇلغىنىش نىمە ؟
          قىممەت نېمە ، يوقىتىش نېمە ؟
        ئۈگۈت بەرگىن ئۇلارغا نۇزۇگ .
ئوبرازىڭدىن يۈكسەكلىك تىكلەپ ،سەندىن ئۈگۈت چەشمىلەر تىلەپ ، سەندەك پاكىز مەزلۈمە ئىستەپ ، يۈرۈشىدۇ ئەركەكلەر ئىزدەپ . » دىيىش ئارقىلىق ساپ ئەقىدە ۋە قەدىر قىممەت ، پاكلىق ۋە  سەمىميەت ، ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتنىڭ سۆيگۈ دەرىخنىڭ ئالتۇن شۇڭلىرى  ، ۋىسال قۇياشىنىڭ نۇر تالالىرى ، بەخىت ھويلىسىنىڭ  مەرمەر پەلەمپىيى ئىكەنلىكىنى سەمىمىزگە سالىدۇ .  
«ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرسى »ناملىق بۇ نەسىرلەر توپلىمىنى ئىككى قېتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ كامالىغا يەتكەن تىل سەنئىتى ۋە يۈكسەك بەدئىي ئىپادىلەش ئىختىدارى ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ۋە نادىر تەپسىلاتىنى ھاجايىپ خاسلىق ۋە سىمۋوللۇق ئۇسۇلدا نۇرلاندۇرالىغان ،تۇمۇر – تۇمۇرلىرىدىكى ئىسسىق قاندىن قايناپ چىققان ساپ ھىسياتىنى سېھىرلىك دۇنياغا باغلىيالىغان شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى چىن ئىنسانى سۆيگۈ ، شىرىن تۇيغۇ ، ئىزگۈ تىلەك ، گۈزەل ئارزۇ – ئۈمىدلەر ئالىمىگە باشلاپ  تەسۋىرلىگۈسىز ئىستىتىك زوق بىغىشليالىغان  بۇ  يازغۇچىنىڭ قەلىمىگە باركاللا ئېيتماي تۇرالمايمىز – ئەلۋەتتە !
مەن ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياسنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئاسمىنىدا (بولۇپمۇ ئايال ئاپتورلار ئىچىدە )نۇرانە  يۇلتۇزلاردەك چاراقلاپ يېنىشىنى ، ئۆزىگە تىكىلگەن جۇپ – جۇپ كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان سۆيۈملۈك قەلەمكەشلەردىن بولۇشىنى ، ئىجادىيەت ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ خورىماسلىقىنى ،ئەسەرلىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ كۈنسىرى ئېشىشىنى چىن دىلىمدىن  تىلەيمەن .


ئىلى گېزىتىنىڭ 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 13 –كۈندىكى گۇلىستان بېتىدە بېرىلگەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marigul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 16:29  


mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6006
تۆھپە : 3
توردا: 645
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 17:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي،

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3415
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 17:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرى زىيادە بولغاي.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3332
تۆھپە : 0
توردا: 133
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 20:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش روھىڭىز تېخىمۇ نۇرلانغاي .

كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1729
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2321
تۆھپە : 10
توردا: 597
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 11:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىچاقنى بىلىگەنسىرى ئىتتىكلەيدۇ، ئەلۋەتتە بىلەشنى بىلسە.

يىگىت يۈرىكى مىسلى كائىنات،
سىغار ئۇنىڭغا جىمى مەۋجۇدات...
                       -ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 906
تۆھپە : 0
توردا: 152
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 18:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپلام ياخشى چىققان نەسىرلەر توپلىمى قاتارىغا كىرىدۇ.مارىگۈلنىڭ بۇ قەدىمىگە مەرھابا!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1423
تۆھپە : 0
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 13:28:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تەشەككۈر سىڭلىم!
يېتەرسىزلىكلەر توغرىسىدىمۇ توختالغان بولسىڭىز  بەك بەلەن بولاتتى .
يېڭى  ئىزدىنىشلىرىڭىزگە  تىلەكداشمەن !

قەلبىنۇر ئىلياس

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 634
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 17:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارىگۈلنىڭ ئىزدىنىشچانلىقى بۇ كىتابتىكى ھەربىر نەسىرلەرنى يەنە قايتا ئوقۇپ چىقىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
قەلبىنۇر ھەدىمىزنىڭ ئىزدىنىشچانلىققا باي قەلبىنىڭ  ھەر دائىم تىنماي ھەركەتتە تۇرىشىنى ناگان - ناگاندا تىلەپ قويىمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە ئادەم  ھىس قىلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3208
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 151
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 22:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپلامنى مەنمۇ سۈيۈنۈپ تۇرۇپ ئۇقۇغانىدىم. قەلبىمىزدىكى ھىسىياتنى سىزلا ئىپادىلىۋىتىپسىز. رەھمەت سىڭلىم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3208
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 151
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 22:50:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپلامنى مەنمۇ سۈيۈنۈپ تۇرۇپ ئۇقۇغانىدىم. قەلبىمىزدىكى ھىسىياتنى سىزلا ئىپادىلىۋىتىپسىز. رەھمەت سىڭلىم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  463
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 487
تۆھپە : 0
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 00:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارىگۈلنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈرلەر ئېيتىش بىلەن بىرگە ،دوستۇم قەلبىنۇرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە بەرىكەت تېلەيمەن !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2163
تۆھپە : 4
توردا: 489
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 01:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەھمىيەتلىك  تىما،ئەھمىيەتلىك  مۇلاھىزە .. دوستۇم قەلبىنۇرنىڭ نەسىرلىرى مېنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ، خۇددى تۇغۇلۇشتىنلا  ئۆزىگە  نەسىر تېلىنى بۇ دۇنياغا بىللە ئېلىپ كەلگەندەكلا  شۇنچىلىك ئەركىن گۈزەل سۆزلەر.. پاساھەتلەك  تىللار!ئىجادىيىتىڭىز  بەرىكەتلىك  بولسۇن  مارىگۈل!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 01:20  


سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلىڭنى خار ئېتەلمەس ھىچ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ، نەگە بارسا خار كىشى ..




خاتىرەمدىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش