ئىگىسى: ARKZAT

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە) تەھرىراتىغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-7-23 12:24:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا، «يېڭىچە لاتاپەت»بىلەن بىزگە يۈز ئاچقان 4-ساننىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ ھەقتە مۇنبىرىمىزدىمۇ بەلگىلىك ئىنكاسلار  ئوتتۇرىغا چىقتى.

4-سان ژورنال چىقتىمۇ؟!

ۋاقتى: 2013-7-23 13:50:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ژۇرنىلىمىزغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستىمىز ياسىنجان ئوسمان ئەركزات «يازغۇچىلار تورى» ئارقىلىق «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە يوللىغان ئوچۇق خېتىدە : «‹يېڭىچە لاتاپەت» بىلەن بىزگە يۈز ئاچقان 4  - ساننىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق» دەپ يېزىپتۇ. بۇ دوستىمىزنىڭ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 4- سانىنى تېخى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۆتكەن يىلى بىزگە يوللىغان قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىدىن جەمئىيەتنى خەۋەرلەندۈرۈش مەخسىتىدە تىلغا ئالغان بۇ بىر جۈملە سۆزىدىن بەكلا ئەپسۇسلاندۇق.
     چۈنكى:
     بىرىنچى، ژۇرنىلىمىز تېخى باسمىدىن چىقىپ بولمىدى. ئادەتتە ھەر تاق ئاينىڭ 25 -كۈنى ئاندىن نەشردىن چىقىدۇ. تېخى نەشردىن چىقمىغان ژۇرنالنى ئۇنىڭ نەدىن كۆرگىنىنى بىلەلمىدۇق. ئۇنىڭ كۆرگىنى پەقەت «يازغۇچىلار تورى»دا ئوقۇرمەنلەرنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن ژۇرنالنى باسمىغا يوللاپ بولۇپ ئاندىن بىز ئېلان قىلغان مۇندەرىجە ۋە مۇقاۋا ئىدى. مۇندەرىجىنى ئاران ئىككى بەت قىلىپ لايىھىلىگىنىمىز ئۈچۈن، بارلىق ماقالە ۋە ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇسىنى مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈپ بولۇشقا شارائىت يار بەرمەيدۇ. شۇڭا بۇ دوستىمىزنىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ توردىكى ھالىتىنى كۆرۈپلا، بىراقلا خاپا بولۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
     ئىككىنچى، «يېڭىچە لاتاپەت» دېگەن سۆزنىڭ قوش تىرناق ئىچىگە ئالاھىدە ئېلىنىشىدىن ئۇنىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ 4 - سانىغا ــــ گەرچە 4 - سان تېخى نەشردىن چىقمىغان، ھەتتا ئۇ كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ ـــــ بەكلا نارازى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.  بىر ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىنىڭ نەشردىن چىقىشى ئۈچۈن مۇھەررىرلىرىمىز زور ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە ۋە جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدىنىدۇ. ۋاھالەنكى، بىر قىسىم دوستلىرىمىزنىڭ مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ ئەجىر - مېھنىتىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش نوقتىسىدىن پىكىر بايان قىلىشى، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ژۇرنىلىمىزنى مازاق قىلىش مەخستىدە ياكى باشقىچە روھىي كەيپىيات بىلەن باھا بېرىشى توغرا ئەمەس. ھەر قانداق بىر ژۇرنالغا  كۆزگە ئىلماسلىق نوقتىسىدىن ياكى تەنە گەپ ئارقىلىق باھا بېرىش مېنىڭچە، تازا مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك. شۇڭا ئۈمىدىم: مەيلى قانداق تەكلىپ ۋە پىكىر بولسۇن، توردا ئېلان قىلغاندا تورداشلارنى خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان سۆز ۋە جۈملىلەرنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇ، بىر ئەقەللىي ساۋات، ئەلۋەتتە.
     ژۇرنىلىمىزغا قانداقلا تەكلىپ - پىكىر بېرىلسە، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز ھەم ئىلمىي قىممىتى بار، ژۇرنال باشقۇرۇشنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلاتى جەريانىدا قوللىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، دەپ قارىغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىز جەريانىدا قوللىنىمىز. ئەمما، ھەر قانداق پىكىر ۋە تەكلىپ ژۇرنىلىمىزغا قارىتا چىن دوستلۇقنى ئاساس قىلسا، سەمىمىي غەمخورلۇق، ئاسراشنى ھەم سەمىمىي كۆيۈنۈشنى مەخسەت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلسا، بۇ  ــــ ھەممىمىزگە ياخشى ،ئەلۋەتتە.
     ئاخىرىدا ئۈمىدىمىز: ژۇرنالنىڭ ماقالە- ئەسەر مەنبەسىنى تېخىمۇ موللاشتۇۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن ھەر ساھە ئاپتورلارنىڭ ئۆزىنىڭ سەرخىل ماقالە - ئەسەرلىرىنى بىزگە قىزغىنلىق بىلەن ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! ھەممىمىزنىڭ بىر نىيەتتىكى ئورتاق تىرىشچانلىقى ژۇرنىلىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشغا كۈچلۈك ئاساسلاردىن بىرى بولالايدۇ!

ۋاقتى: 2013-7-23 14:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 6 يىللىق  ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى بولۇش سالاھىتىم  بىلەن شۇنداق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمەنكى، بۇ ژۇرنال خاسلىقىنى يوقاتتى!!!  بۇنىڭغا ھازىرغىچە نەشىردىن چىققان،  قولۇمدا بار ژۇرنالنىڭ ئىلگىرىكى ھەر بىر سانىدىكى ئەسەرلەر  پولاتتەك پاكىت بولالايدۇ!!!
   بۇ  ژۇرنال نېمىلا بولمىسۇن، بەش-ئالتە  يىللار ئىلگىرىكى ئەندىزىسىنى تېپىۋالمىسا، نامىلا قالىدۇ-خالاس!!!

ۋاقتى: 2013-7-23 14:50:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىچە تەكلىپ: مۇھەممەد سالىھ مەترۇزى ئەپەندىم ئۆز ئەسەرلىرىنى بۇ ژۇرنالدا تولا بەرمىسە بولاتتى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-23 15:16:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ن.ئا.بېسـونوۋ :«ئەڭ مەشھۇر داھىلارمۇ ئۆز يېتەرسىزلىكى ۋە خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى تەنقىدچىگە مۇھتاج» دەپتىكەن. پېقىرمۇ  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا « سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوست» بولۇش سۈپىتىم بىلەن ژۇرنال تەھرىراتى بەلكىم خېلى ئۇزۇن ۋاقىت مۇزاكىرە-مۇلاھىزىلەرنى قىلىش ئارقىلىق ژۇرنال باشقۇرۇش ھەققىدىكى پىلان-تەسەۋۋۇرلىرىغا  قارىتا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان  كەڭ ئوقۇرمەنلەردىن تەكلىپ-پىكىر ئېلىش  ھەققىدىكى جاكارلىرىغا ئاساسەن مېنىڭ  يۇقىرىقى تەكلىپلەرنى بەرگىنىم راست. دەرۋەقە، ژۇرنال يېڭىلاندى! بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايمىز. كۆز يۇمساق، ئېنىقكى، يالغانچى بولىمىز! ئۇلۇغ پۇرۇلتارىيات داھىمىز لېنىننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، :« ھېچكىم يالغانچىلىق بىلەن ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. چۈنكى يالغانچىلىق قىلىش تولىمۇ پەسكەشلىك». بېرىلگەن تەكلىپنى خاپا بولۇش دەپ چۈشىنىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىزاھلاش بەلكىم ئىپتىدائىيلىق كاتوگىرىيەسىگە تەئەللۇق  بىھۇدە جەريان بولسا كېرەك. زامانىمىز كىشىلىرىگە قاراڭغۇ بولمىغىنىدەك، جاھان تەرەققىي قىلغانسېرى بەزى كونكىرىت ۋە ئابىستىراكىت شەيئىيلەردە، بولۇپمۇ كىتاب-ماتېرىيال، ئوقۇشلۇقلاردا ئىلگىرىكى كونكىرىتلىق يەنى  ماددىيلىق تەدرىجىي  ھالدا ئابىستىراكىتلىق يەنى مەنىۋىيلىككە قاراپ يۈزلەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىلگىرى قولغا ئېلىپ-تۇتۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇشلۇقلارنى ھازىر توردا ئوقۇيدىغان، كىتاب ئىشكابىدا ئەمەس، تۈرلۈك ساقلىغۇچلاردا مەۋھۇم ساقلايدىغان بولدۇق(ئەلۋەتتە، بۇرۇنقىسىمۇ بار). بۇرۇن پوچتا ئارقىلىق يوللىنىپ، قولغا بىۋاستە تېگىپ-تاپشۇرۇلىدىغان خەت-ئالاقىلارمۇ ئىنتېرنېت ياكى تېلېفون ئالاقىلىرى ئارقىلىق تاپشۇرۇۋېلىدىغان بولدى،(بۇنى ھېچكىم تاپشۇرىۋالمىدىم دېيەلمەيدۇ،گەرچە قولىدا يوق، ئەمما كۆز ئالدىدىكى كومپىيۇتېر-تور، تېلېفون ئىكرانىدا بار بولسىلا) ۋاھاكازا... دېمەك، بىزمۇ 4-ساننى تور ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالدۇق.«تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكىس ئېتىدۇ». ئالدىنقى ئۈچ سانمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا «ئۆزگىچە، يېڭىچە» چىققان.ئۆزگىچىلىكى-بۇرۇنقى سانلاردىن بەلگىلىك پەرقلەنگەنلىكى شۇ( دەرۋەقە، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا مۇۋاپىق، تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك). بۇنى ئۇنداق ئەمەس، دېگۈچىلەر يالغانچىلاردۇر ياكى مەزكۇر ژۇرنال بىلەن تېخى دىدار-مۇلاقەت بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىگۈچىلەر جۈملىسىدىندۇر.
      ئېتىراپ قىلىمىزكى، نۇقسان ھەممىمىزدە مەۋجۇت. گەپ-تەجرىبە-ساۋاقنى ھەر بىر قەدەمدە  قانداق يەكۈنلەپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا كەمتەرلىك بىلەن قانداق تۈزىتىشتە.  سۆزۈمنى دېموكرىتنىڭ مۇنۇ ھېكمىتى بىلەن تۈگەللەي: «باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە كۆرۈپ، ئۆز كەمچىلىكلىرىگە ئېتىبارسىز قاراش يۈزسىزلىكتۇر».

ۋاقتى: 2013-7-23 16:28:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد سالىھ مەتروزىنىڭ كەمتەرلىكى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-7-23 18:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى››ژۇرنىلىنىڭ كونا قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاپ،يېڭىچە قەدەم بىلەن ئىسلاھات يولىغا ماڭغىنىنى قوللايمەن.ئىلگىرى ئوخشاپ كېتىدىغان تىما ۋەمەزمۇنلار تولا تەكرارلىنىپ بۇ ژۇرنال بەتتاملىشىپ كەتكەن ئىدى،ئەمدى يەنە بۇ ژۇرنالنىڭ يېڭىچە قىياپەت بىلەن خاسلىق يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!...

ۋاقتى: 2013-7-23 19:15:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2013-7-23 15:16
ن.ئا.بېسـونوۋ :«ئەڭ مەشھۇر داھىلارمۇ ئۆز يېتەرسىزلىكى  ...

توردا تەپسىلاتى بارمىكەن ئەركزات؟!  بىزغۇ  مۇندەرىجىنىلا  كۆردۇق ھازىرچە....

ۋاقتى: 2013-7-23 21:40:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى›› ژورنىلى ھازىر يېڭىچە قىياپەت بىلەن مەتبۇئاتچىلىق ساھەسىدە سەر خىل ژورناللار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، كىتابخانلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالىشى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىش. بىز بۇ ژورنالنىڭ  كونا قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاپ،يېڭىچە قەدەم بىلەن ئىسلاھات يولىغا ماڭغىنىنى يېقىندىن قوللىشىمىز ۋە تەبرىكلىشىمىز كېرەك. ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق سەھىپىلەرنىڭ رەڭدارلىقى، مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىقى، بەت شەكلىنىڭ كۆركەملىكى چاڭقاق دىللارنى ئۇسسۇلۇققا قاندۇرىدۇ. بۇ ژورنال ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز قان- تەر ئاققۇزىۋاتقان، ژورنالنى ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ تىرىشىۋاتقان تەھرىرلەرنىڭ ئەجرىگە كۆز يۇمساق قانداق بولغىنى. بىز ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا مەدەت ياخشى پىكىر، تەكلىپ بېرىشىمىز كېرەك. مەن مۇھەممەد سالىھ مەتروزىدەك يۈرىكىدە بىر ئوت بار، ژورنال تەھرىر بۆلىمىنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرىدىغان، ژورنالغا ئۆز ئائىلىسىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدىغانلار ساناقلىقلار. بۇ جاپاكەش ئاكىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، بارلىق  ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە، دادىل ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-7-23 21:47:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىچە تەكلىپ: مۇھەممەد سالىھ مەترۇزى ئەپەندىم ئۆز ئەسەرلىرىنى بۇ ژۇرنالدا تولا بەرمىسە بولاتتى...




ئابدۇللا ساۋۇت ئەپەندى سىز باشقا ژورناللارنىمۇ كۆرۈپ قۇيۇڭ. باشقا ژورناللاردىكى تەھرىرلەرمۇ ئەسەرلىرىنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان ژورنالغا بېرىدىغان ئىش ئەلسىماقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن. ژورنالغان ئۆز ئەسەرلىرىنى بېرىش، ژورنالنى ئۆزى قول تىقىپ ئىشلىگەنلىكىدىن دېرەك بەرسە كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mungdax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-23 21:50  


ۋاقتى: 2013-7-23 23:07:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مۇنبەرداشلار!مېنىڭچە ئالدىراپ باھا بەرمىگەن ياخشىمىكىن دەيمەن.ئىسلاھاتنىڭ بېشىدا بەزى ئامالسىز ئىشلار سادىر بولىدۇ.
ئاستا-ئاستا ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندە،ئاندىن ئىسلاھاتنىڭ مېۋىسىنى تېتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.بىرەر يىل قاراپ باقمايمىزمۇ....ئاندىن بولمىغاندا گەپ قىلساقمۇ ئۈلگۈرىمىز.يەنە بىر ھەيران قالىدىغان ئىشىم شۇكى،قانداقلا بىر ژۇرنال بولمىسۇن،«ئەسەرلەر ئۇنداق سۈپەتسىزلىشىپ كەتتى،مۇنداق سۈپەتسىز لىشىپ كەتتى»دەيدىكەنمىز.ئەمما،زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىمەيدىكەنمىز.شۇنداق ئەسەرلەر تەھرىر بۆلۈمىگە كەلسە،تەھرىرلەر باسماي قالارمۇ؟ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشايلى.


مەن ئىلگىرى كىچىك بولسىمۇ مەكتەپ ژۇرنىلىنى بولسىمۇ چىقىرىپ بېقىپ،ژۇرنال چىقىرىشنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى ھېس قىلغاچقا ،بۇ گەپلەرنى دەۋاتىمەن.ئۆزرىلىكمەن.

ۋاقتى: 2013-7-24 00:42:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە ئەگەشمە كېسەللىكى ئىنتايىن ئېغىر...ئۆتكەندە بىرى « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنى بەش تاغار سۆكۈپ ،بۇ ژورنال تۈگەشتى ،ئاقەي..كۆكەي دەپ بىلجىرلاپ يۈرەتتى قارىسام  ئۇ،ژورنالمۇ ھەر بىر ساندا بىر يىڭىلىق بىلەن  ئوقۇرمەنلىرى بىللەن يۈز كۆرۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ..مەن ئويلايمەن  مۇشۇ ژورنالدىن نارازى بولىدىغان تۆرىلىرىم ئۆزى بىر مۇھەرىر بولۇپ باقسا ژورناللاردىن قېزىل گۈل ئېچىلدۇرىۋېتەرمىدى..؟
مەلۇم سەۋەنلىكنى  باھانە قېلىپ ئۆزىمىزنىڭ  تىلىدا  ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىدا ئىشلىنىۋاتقان  ئوقۇرمىنى نەچچە  ئون مېڭدىن ئاشىدىغان  دۆلەت ئېچى -سېرتىغا تارقىلىۋاتقان  مەزكۇر « ژورنالنى » ۋە ژورنال ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز  تەر تۆكۈۋاتقان مۇھەرىرلەرنىڭ ئەمگىكە كۆزۈمىزنى يۇمۇۋېلىپ قارغۇلارچە ئىنكاس يىزىشىمىزغا نىمە زۆرۈر بولۇپ قالغاندۇ..؟
« مائارىپ ژورنىلىنىمۇ » ئەق دادىغا يەتكۈزۈپ تۇرۇپ شەرەپلىك ئىنكاسلىرىمىز بىلەن  بولۇشىغا تەنقىت قېلىپ پۇخادىن چىقىۋالدۇق...ھەي..
بىرسى ۋاي ياخشى دىسە ،ئەگىشىپ ئىنكاسلارمۇ بەك ياخشى  بولىدۇ ..بېرسى شۇنداق ،ئانداق- مانداق دەپ قويدىمۇ بولدى  دات-پەندىيات، ئاپتورنىڭ  ئىززەت ھۆرمىتى بىلەن  كارىمىز يوق  پۈتۈن قېلمىش -ئەتمىشلىرىنى  بۇلۇڭ پۇشقاقتىن ئاختۇرۇپ تېپىپ كېلىپ سازايى قېلىۋېتىمىز...ئېسىت بىزلەرنىڭ قەلەمكەش بولۇپ قالغىنىمىز...

ۋاقتى: 2013-7-24 01:41:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2013-7-24 00:42
بۇ مۇنبەردە ئەگەشمە كېسەللىكى ئىنتايىن ئېغىر...ئۆتكەند ...

ئۆز ئالدىغا كۆز-قارىشى يوق بىر قىسىم ئەگەشكۈچى قىتىغۇرلارغا زادى ئامال يوقمىدۇ؟!
ئەمەلىيەتتە ‹‹پىكىر-تەكلىپ››دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمۇ ساپلا قىتىغۇرلۇق ۋە كۆرەلمەسلىكنىڭ يۇغۇرۇلمىلىرى خالاس! بەزىلەر ئاۋال ئىلمىي پىكىر-تەكلىپنىڭ، يوللۇق مۇنازىرەنىڭ، نەپ بەرگۈدەك تەنقىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيلا ئۆز ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ قويىدىغان قۇسۇرچىلاردۇر!
مۇھەممەت سالىھ مەتروزى ئاكىنىڭ ژورنالغا قانچىلىك كۆيۈنۈپ، ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقانلىقىنى، ۋە باشقا تەھرىرلەرنىڭمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرغان ئاساستا ژورنال ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ژورنالنى ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتقانلار ھەرگىز ئىنكار قىلالمايدۇ.
ئولتۇرغاننى‹‹نىمىشقا ئۆرە تۇرمايسەن››، ئۆرە تۇرغاننى‹‹نىمىشقا ئولتۇرىۋالمايسەن›› دەپ ئەزۋەيلەۋەرمەي، پىكىرنى ئەتراپلىق، قارشى تەرەپ سەمىمىيلىك ھىدلىرىنى پۇراپ، قايىل بولغۇدەك بېرىش كېرەك.
‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى›› مەن سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ، ياخشى چىقىۋاتقان ژورناللارنىڭ بىرى.

ۋاقتى: 2013-7-24 13:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3 تەرەپتە ئوخشاشلا ھاياجان.
تەنقىتلىگۈچى تەرەپنىڭ ئەسلى ئەندىزە بۇزۇلسا ژورنالنىڭ نامىلا قالىدۇ،دەيدىغان ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە ھاياجىنى؛ تەنقىتنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ تەنقىتلىگۈچىنىڭ زەھەرخەندىلىكىگە ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولىشىدىكى ھاياجان؛ ژورنال پورداقچىلىرىنىڭ يالاقچىلىق قىلىشقا پۇرسەت كەلگەندە تەنقىتلىگۈچىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ئەيىپلەپ زەھەرلىك نەشتىرىنى تىقىشى.

بىز ئەڭ ياخشىسى، دېمۇكراتىيەنىڭ نېمىلىكىنى بىلەيلى. زەھەرخەندىلىك ئارىلىشىپ قالغان نەرسىدە مەسىلە ھەل بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-24 14:25  


ۋاقتى: 2013-7-24 13:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ پىكىر تەكلىپلەر تەھرىراتقا ئېۋەتىلگەن بولغاچقا ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە يوللىنىپ، بۇ ژورنالنىڭ «چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ»، ئىناۋىتىگە دەخلى قىلىشنىڭ يەنە نېمە زۆرۈرىيىتى بولسۇن؟  ھەتتا چۈشۈپ قالغان پەش، چېكىتنىمۇ تىلغا ئېلىپ يۈرگىچە  «ئىملاغا دىققەت قىلىنسا» دەپلا قويسا، تەھرىراتتىكىلەر كىچىك بالا بولمىغانكىن شۇ يېتەرلىك ئەمەسمۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-24 13:55  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش