كۆرۈش: 3963|ئىنكاس: 48

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە) تەھرىراتىغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى( ئۇيغۇرچە) تەھرىراتىغا تەكلىپ
  
                  ئىزاھات:
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2012-يىللىق ئاخىرقى سانلىرىدا ژۇرنال تەھرىر ھەيئەتلىرىنىڭ  ئىش تەقسىماتى دائىرىسىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقى، شۇڭا يېڭى يىلدىكى يېڭى سان ژۇرنالدىن باشلاپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېڭىچە مەزمۇن، يېڭىچە شەكىللەردە، رەڭدار، نەپىس...نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇلىدىغانلىقى...ھەققىدە خېلى دەبدەبىلىك بايانلارنى مەزكۇر ژۇرنال ۋە باشقا خېلى كۆپ تاراتقۇلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويغان-جاكارلىغان ئىدى. دەرۋەقە، يېڭى سان ژۇرنالدىن باشلاپ، بۇ گۈلدۈرمامىلارنىڭ بىشارەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.  ئەمما بۇ «يېڭىلىق»لار قانداقتۇر مەزكۇر ژۇرنال ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەكۈنلەپ قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم خاسلىقلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىز بىلەن ياتسىراپراق يۈز كۆرۈشمەكتە!  مانا، «يېڭىچە لاتاپەت»بىلەن بىزگە يۈز ئاچىدىغان 4-سان ژۇرنالدىنمۇ خەۋەر تاپتۇق.  بۇ ھەقتە مۇنبىرىمىزدىمۇ بەلگىلىك ئىنكاسلار  ئوتتۇرىغا چىقتى.
مەن ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ ئۆتكەن يىل ئاخىرىدىكى مۇراجىتى بويىچە شۇ ۋاقىتتا يېزىپ-تەييارلاپ، 2012-يىل 26-دېكابىر كۈنى مەزكۇر ژۇرنالغا يوللىغان تۆۋەندىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىمنى تولىمۇ كېچىككەن (گەرچە شۇ كەمگىچە ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن ھېچبىر ئىنكاس قايتۇرۇلمىغان) بولسىمۇ، شۇ بويىچە بۇ مۇنبەرگە يوللاپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئاپتورلىرى، ئوقۇرمەنلىرى، شۇنداقلا مۇنبىرىمىز ئەزالىرىدىن ھېسابلىنىدىغان بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولۇۋاتىمەن. مەقسەت شۇكى: «جۇڭگۇدىكى مىللەتلەرنى نوپۇزلۇق تەشۋىق قىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك قوش ئايلىق يادرولۇق ژۇرنال» بولغان «جۇڭگو مىللەتلىرى»(ئەسلىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى») ژۇرنىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاۋام ساداسىغا قۇلاق سېلىپ بېقىشىغا دالالەت قىلىش.
باشقىلارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىلمىي نۇقتىدىن، دادىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
                     دوستانە تىلەك، سەمىمىي ئۈمىد

                                          ياسىنجان ئوسمان ئەركزات

     ( «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلەر پائالىيىتىگە
               قارىتا كۆڭۈل سۆزلىرىم ۋە تىلەكلىرىم )


  
مەن «جۇڭگۇدىكى مىللەتلەرنى نوپۇزلۇق تەشۋىق قىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك قوش ئايلىق يادرولۇق ژۇرنال» بولغان «جۇڭگو مىللەتلىرى»(ئەسلىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى») ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىغان 24  يىلدىن بۇيان، بۇ ژۇرنالنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك چىقىرىلىشى ئۈچۈن  مەزكۇر ژۇرنالنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ ئوقۇپ، ماقالە-ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ ۋە نەچچە ئون قېتىملاپ بۇنداق ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ رەڭدار، جەلىپكار، مەزمۇنلۇق، نوپۇزلۇق ژۇرنال بولۇشىغا  تېگىشلىك ھەسسەمنى قوشۇپ كېلىۋاتقان  ئەڭ قەدىناس دوستى، ئەڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى ۋە دائىمىيلىق ئاپتورلىرىنىڭ بىرىمەن. كىتاب ئىشكاۋىمدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 144 سانىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر يۈز نەچچە سانى دېگۈدەك بار. 2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئېنىقراق ئېيتقاندا 2012-يىل 4-سان ژۇرنالدىن باشلاپ، بۇ ژۇرنال ئۆزىگە خاس كوزېر سەھىپىلىرىنى، جۈملىدىن ئۆزىگە خاس مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى. مەن بۇ ژۇرنالنىڭ ئالاھىدە بىر مەپتۇنكارى بولغاچقا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قانداق باشقۇرۇلۇشىغا مەسئىلىيەتچانلىق بىلەن قاراش بۇرچۇم بار. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىلگىرى يارىتىلغان گۈزەل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن دوستانە تىلەك ۋە سەمىمىي ئۈمىدلىرىمنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:
1. «بىز ھەممىدىن ياخشىسىنى تاللايمىز، ھەممىدىن ياخشىسى بىزنى تاللىسۇن!» دېگەن ژۇرنال شوئارى بويىچە ياخشى چىقىرىلىۋاتقان  ھەم  «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك»  «كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس» دېگەن ھېكمەت بويىچە ئىش قىلىشنى بىلىدىغان مەزكۇر ژۇرنال تەھرىراتى ئالدىنقى 10 نەچچە يىل داۋامىدا ئىزچىل دېگۈدەك «ئوقۇرمەنلەر ساداسى» سەھىپىسىنى يولغا قويۇپ ۋە ئۇنى ياخشى باشقۇرۇپ، ژۇرنال سەھىپىلىرىدىكى ماقالە-ئەسەرلەر ھەققىدە ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرگەن ئوقۇرمەنلەر ئىچىدىن «ئىخلاسمەن ئوقۇرمەن» لەرنى تاللاپ چىقىپ، ژۇرنال يۈزدە ئۇلارنىڭ نامىنى، رەسىمنى،تەكلىپ-پىكىرلىرىنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن ئېرىشكەن دەرىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، ئوقۇرمەنلەرگە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ يىللىق توپلاملىرى ۋە ئەسەرلەر توپلاملىرىنى، خاتىرە بويۇملىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەم ژۇرنالنىڭ ئالدىنقى سانىدىن كىيىنكى سانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتسا ھەم ئاپتۇرلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر ژۇرنالغا بولغان قىزىقىشى، مايىللىقى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ خەيرىلىك ياخشى ئىش توختاپ قالدى. مېنىڭچە، بۇنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا.
2. «مىللەتلەر باغچىسى»، «ھەزىل سوئال-جاۋابلار»، «بەت ئاستى چىمەنزارى»، «مۇقاۋا 4-بېتى»... قاتارلىق كوزېر سەھىپە ۋە ئۇچۇرلار  مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلىرى ھېسابلىنىدىغان سەر خىل سەھىپە ۋە مەزمۇنلار ئىدى. بۇلار دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئوقۇرمەنلەر تەلىپىگە ماس ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلماي، ئەكسىچە بارا-بارا ئاساسەن يوقىلىپ كەتتى. شۇڭا، بۇ تەرەپلەرگە يەنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىپ، ئەسلىدىكى سەھىپە-مەزمۇنلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تولۇقلاش ئاساسىدا، 20 نەچچە يىلدا يارىتىلغان ۋە شەكىللەندۈرۈلگەن ژۇرنال خاسلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى قايتا مۇزاكىرە قىلىنىپ بېقىلسا.
3. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بارلىققا كېلىپ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن «مىللەت» نامى بىلەن باشلانغان بىر يۈرۈش سەھىپىلىرى بار ئىدى. مەسىلەن: «دۇنيا مىللەتلىرى»، «مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ»، «ساپا ھەققىدە پاراڭ»، «مىللەت ۋە مەدەنىيەت»، «مىللەت ۋە ئۆرپ-ئادەت»، «مىللەت ۋە ئەنئەنە»، «مىللەت ۋە مائارىپ»، «مىللەت ۋە ھۈنەر-كەسىپ»، «مىللەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت»، «فېليەتونلار بۇلۇڭى»، «ھاياتلىق ھېكمەتلىرى»... قاتارلىق سەھىپىلەر ئىزچىل ھالدا مەن، مەنلا ئەمەس، بارلىق  ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇيدىغان سەھىپىلەر بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ سەھىپىلەر ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يوقىلىپ كەتتى. شۇڭا بۇ سەھىپىلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە بۇ سەھىپىلەر ئارقىلىق ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىلسە.
     4. ئەختەم ئۆمەر، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، ئابدۇرەھۇپ پولات تەكلىماكانىي، تۇرغۇن يىلتىز، ئەنۋەر مەتسەيدى، مۇھەممەتجان راشىدىن... قاتارلىق ئەدىبلەرنى مەزكۇر ژۇرنال ئۈچۈن ئىزچىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان، قىلىۋاتقان، ژۇرنالنىڭ ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئاساس سالغان جان كۆيەر ئاپتورلىرى دېيىشكە ھەقلىقمىز. مۇشۇ پەخىرلىك ئاپتورلىرىمىزنىڭ (ھايات بارلىرىنىڭ) ياخشى ئەسەرلىرىنى مەزكۇر ژۇرنالقا جەلىپ قىلىش يەنىمۇ چىڭ تۇتۇلسا.
5. مەزكۇر ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدىكى قارىشىم مۇنداق: مەزكۇر ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى مەزمۇن بەدىئىيلىك، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالغاندا،  خېلىلا يوقىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما بەزى سانلاردىكى قىسمەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى تازا يۇقىرى ئەمەس. بولۇپمۇ ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، سانغىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، سۈپەتكە سەل قاراش، ئەسەرلەر بەلگىلىك ساندىكى ئاپتورلارغىلا مەركەشىلىپ قېلىش، بەزى غوللۇق ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەقسەتلىك ھالدا ئاللىقانداق نۇقتىلار چىقىش قىلىنىپ، دارتمىلاش، شۇ ماقالە-ئەسەرلەردىكى قىسمەن قاراش ۋە سۆز-جۈملىلىرىگە قارىتا سەلبىڭ قاراشتا بولۇپ، باشقىلارنىڭ شۇ تېما ۋە شۇ مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى بەزى ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن مەقسەتلىك سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق بەزى جانلىق، غوللۇق ئاپتورلارنىڭ مۇشۇ ژۇرنالغا بولغان قىزغىنلىقىنى سۇسۇلاشتۇرۇپ قويۇشتەك قىسمەن ئەھۋاللارمۇ ساقلىنىپ قالدى. شۇڭا بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئادىل، ھەققىانىي بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا.
6. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىچ بەت ۋە مۇقاۋىسىنىڭ لايىھەلىنىشى جەھەتتىكى  قارىشىم: تۈرلۈك ژانېردىكى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى  جەمئىيتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەزكۇر ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس ھالدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسى ئىزچىل دېگۈدەك روشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى ژۇرنال مۇقاۋىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى چىقىرىلىپ كېلىگەن ئىدى. بولۇپمۇ، بۇ ژۇرنالنىڭ 4-بېتى ئۆزگىچە  چىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ خاسلىقىنى باشقا ھەرقانداق بىر ژۇرنالدىن تاپقىلى بولمايتتى. يەنى رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن شېئىر ئىزچىل ھالدا روشەن خاسلىق بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، بۇ ژۇرنالنىڭ بۇرۇنقى مۇقاۋا  4-بېتىدىكى ئىزچىللىق ۋە ئالاھىدىلىك بۇ ژۇرنالنىڭ ئالاھىدە خاسلىقى ئىدى، ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ژۇرنالنىڭ  مۇقاۋا  4-بېتىنى باشقۇرۇش ئەنئەنىسى بۇزۇۋېتىلدى،  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھەرقايسى سان ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا 4-بېتىنى ئېلانلار ئىگىلەپ كېتىپ، ژۇرنال بۇ جەھەتتىمۇ خاسلىقىنى يوقىتىپ، ئۆزىگە ئوخشىماي قالدى...
ئىلگىرىكى يىللاردا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىچ بەتلىرى ۋە مۇقاۋىنىڭ لايىھەلىنىشىنى ژۇرنال خاراكتېرى ۋە سەھىپىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرلغان ماقالە-ئەسەرلەر مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىزچىل ھالدا ياخشى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى، شۇڭا مەزكۇر ژۇرنال بۇ ئەنئەنىسى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى يەنىلا ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
7. بۇ ژۇرنال ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە، ئالدىنقى سان ژۇرناللاردىكى ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى باھالاشتىن ئىبارەت ئوقۇرمەنلەر رايىنى سىناش پائالىيىتى خېلىلا ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم بەرگەن ئىدى. ئەمما نېمە سەۋەبلەردىنكىن-تاڭ،  ياخشى داۋاملىۋاتقان بۇ تۈزۈممۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇڭا ئەل رايى قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلىۋاتقان بۈگۈنكى رىقابەت دەرىدە مېنىڭچە، بۇنى چوقۇم  يولغا قويۇش كېرەك.
8. ئەدەبىي ئىجادىيەت گۈلىستانىدا ئەمدىلا قەدەم باسقان، ئەمما كىتاپخانلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ژۇرنالدا ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇش  ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلسە. شۇنداقلا يەنە، ئەدەبىيات ساھەسىدە تەسىرى بار، ئەمما مەزكۇر ژۇرنال گۈلىستانىغا قەدەم باسمايۋاتقان ئۈمىدلىك، ھۆرمەتلىك قەلەم ساھىبلىرىنى «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ رەڭدار گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بۇ ئىجاد گۈلشەنىگە تەكلىپ بىلەن باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنى باشقا خۇش ناۋا بۇلبۇللار بىلەن بىللە سايراشقا تەكلىپ قىلىنسا   بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى. شۇ ئارقىلىق ئىجادچان باشقا ياشلارنىڭ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ ئىجاد مۇساپىسىدە دادىل ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يول ئىچىپ بېرىش قەدىمنى تېزلەتكىلى بولاتتى.
9. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام...» دېگەنگە ئوخشاش مانا مۇشۇنداق  مۇكاپاتلىق  تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىش پائالىيىتىنى ھەر ساندا دېگۈدەك يولغا قويۇپ، ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاپتورلار ئوتتۇرىغا قويغان پايدىلىق پىكىر-تەكلىپلەرنى ئىجادىي قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ژۇرنالنى مۇھەررىر، ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەر بىرلىكتە ئورتاق مەسلىھەت بىلەن باشقۇرۇپ، كىم نېمىنى ياقتۇرسا، شۇنى مەزكۇر ژۇرنال سەھىپىلىرىدىن تاپالايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشقا يەنىمۇ كۈچەپ قويۇلسا.  «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام»، ئۆزۈم باشقۇرىۋاتقان ژۇرنال ئۈچۈن دائىملىق قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئاپتۇرلارنى ئامالىنىڭ بېرىچە، ھېچ بولمىسا 3-5 يىلدا بولسىمۇ بىر قېتىم بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ژۇرنال، مۇھەررىرلەر، ئەسەرلەر، ئاپتۇرلار، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەسەۋۋۇرلار ھەققىدە ئىككى كۈنلۈك بولسىمۇ سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان، شۇ ئارقىلىق «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» دېگەن ھېكمەت بويىچە ئىش قىلاتتىم.
10. «جەزبىدار گۈلدەستە، يېڭى ئەسىرگە سوۋغا» نامىدا ئەدەبىي توپلاملار تۈزۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلۇپ تۇرۇلۇش ئارقىلىق ھەم جەۋھەر ئەسەرلىرىمىز توپلام ھالىتىدە ئۆز قىممىتىنى تاپسا ھەم ئاپتۇرلارنىڭ يۈرەك قېنى بەدىلىگە كەلگەن ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن توپلامغا كىرگۈزۈلۈشتەك ئاپتۇرلىرىمىز ئۈچۈن زور ئىلھام بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، نېمە سەۋەپتىنكىن-تاڭ ئەھمىيەتلىك بۇ ئىش شۇ چاغدىكى ئىزىدا توختاپلا قالدى، خالاس! «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» مۇشۇنداق توپلاملارنى پات-پات چىقىرىپ، ئېسىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەرنى توپلاپ تۇراتتىم.
11. «ھەزىل سوئال-جاۋابلار» مەزكۇر ژۇرنالنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، جۈملىدىن، بۇ ژۇرنالنى بىلىدىغان، شۇنداقلا مەزكۇر ژۇرنال قولىغا چىققانلىكى ئادەم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، ئوقۇرمەنلەرنى مۇشۇ ژۇرنالغا رام قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سەھىپە ئىدى. ئەپسۇس، بۇ سەھىپىدىمۇ يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان، بەزىدە بار، بەزىدە يوق ھالغا چۈشۈپ قالدى، 2013-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىلدى!... تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئىلگىرى تۈزۈلگەن توپلاملاردىنمۇ قارىماققا كۈلكىدەكلا كۈرۈنگىنى بىلەن، ماھىيەتتە ھاياتلىق ھېكمەتلىرىنى، جەمئىيتىمىزدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ خىل سوئال-جاۋابلار ئورۇن ئالالمىدى. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام»  بۇ مەزمۇنلاردىنمۇ تاللاپ توپلامغا كىرگۈزەتتىم.
12. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىدە مەيلى چوڭراق ھەجىمدىكى ماقالە-ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان داڭلىق يازغۇچى- سەنئەتكارلار بولسۇن، مەيلى قولىغا ئەمدىلا قەلەم ئېلىپ، دەسلەپكى ئەجىر مېۋىسىنى ژۇرنال سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا تېنەپ-تەمتىرەش بىلەن بېسىۋاتقان نوتا قەلەمكەشلەرنىڭ ژۇرنال ھەققىدىكى بىر نەچچە جۈملىلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسۇن، ژۇرنال بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇشەررەپ بولالايدىغان بولسىلا، شۇ ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىگە قوشۇلۇپ ئاپتۇرنىڭ مۇبارەك رەسمىمۇ بىللە ژۇرنال بەتلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىپ، شۇ ئاپتۇر ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئىجادىيەت گۈلىستانىغا يېڭىدىن قەدەم باسقان ئۈمىد-غۇنچىلىرىنىڭ پورەكلەپ خۇش ھىدلارنى چېچىشى ئۈچۈن زور مەدەتلەر بېرىلەتتى. نېمە ئۈچۈنكىن بۇ خېل قوللاش، ئىلھاملاندۇرۇشلارمۇ بارا-بارا سۇسلىشىپ قالدى، ھەتتا يوقاپلا كەتتى. مېنىڭچە، بۇ ئالاھىدە كۆپ ئىقتىسادىي مەبلەغ ۋە زور تېخنىكىلىق ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولمىغاچقا، شۇڭا، ژۇرنالنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئارقىلىقمۇ ھەم ژۇرنالنىڭ كىتاپخانلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى ھەم ژۇرنالنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى، دائىمىيلىق ئاپتۇرلىرى ۋە ژۇرنال ئۈچۈن پەرۋانە بولغۇچى ئىجاد پەرۋانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
13. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» ژۇرنالنىڭ ئىملا جەھەتتىكى ئۆتكەلنى تېخىمۇ چىڭ تۇتاتتىم. چۈنكى، ئىملا مەلۇم بىر تىلدا ئۆز تۇيغۇلىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھەم بىزنىڭ مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى. بۈيۈك تىل پىشۋايىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرى:« ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى، بال يېمە دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى»دەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق كۆرسەتكەنىدى.  ئەگەر ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزىمىزدىن، يازغان ھەر بىر سۆز-ئىبارىلىرىمىزدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا ئادەتلەنسەك، نېمىدېگەن ياخشى ئىش بولاتتى-ھە! دەرۋەقە، ئانا تىلىمىزنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىنى كاپالەندۈرۈشتە، شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ  سەركەردىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قەلەمكەش زىيالىيلار، تەھرىر، مۇھەررىرلەر باشلامچى بولمىسا،  بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك بولۇشى تەبىئىي. مەن مەزكۇر ژۇرنالدا ئىملا ئۆتكىلىنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇتۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم.
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىدا ئېنىق بايانات ئېلان قىلىپ،  ئەگەر ژۇرنالدا ساقلانغان ھەر بىر ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ، ۋاقتىدا مەلۇم قىلغۇچىلارغا قارىتا تەقدىرلەش ئېلىپ بېرىش بەلگىلىمىسىنى چىقىرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنىدى. خېلى نوپۇزلۇق باشقا بىر قىسىم ژۇرناللارمۇ بۇ جەھەتتە دادىل ئىزدىنىپ، تەدرىجىي تاكامۇللاشتى. ئۆز گېپىمگە كەلسەم، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق  قىزغىن، ئىلمىي، قايىل قىلارلىق ھالدىكى تەشەببۇس ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقانلىقىدىن  بۇ ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجىلىك يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەندىم ۋە كۆپ خۇرسەن بولدۇم.   مەن تىل-ئەدەبىيات تولۇق كۇرس كەسپىنى پۈتتۈرگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئىزچىل دېگۈدەك تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇيغۇر تىلى» ۋە يېزىقچىلىق مەشقى دەرسىنى ئۆتۈپ  ۋە تەكرارىنى قىلىپ كەلدىم.  ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىملا قائىدىسى مەسىلىسى ، تىل تەتقىقاتى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىمۇ ياراتتىم، شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ ئىملا نازارەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىمغىمۇ خېلى بولدى. شۇڭا  ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىملاسى ۋە باشقا يازمىلاردىكى ئىملا ھەققىدىلا كۆپ ئىنكاسلارنى يېزىپ يوللىغاچقىمۇ، ئەيتاۋۇر، بەزى مۇھەررىر، ئاپتور ۋە تونۇش-بىلىشلەر مېنى خېلى بۇرۇنلا «ئىملا ساقچىسى»، «تىلشۇناس جاناپ»، «ژۇرنالنىڭ ئېلىپبە مۇئەللىمى»، «ئىملا سەۋدايىسى»... دېگەندەك ھەر خىل، سەر خىل باھا ۋە «ئوردىن، نام-ئاتاق»لار بىلەن ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇردى ھەم تەنە ئارىلاش سۆزلەر بىلەن قىسقا ئۇچۇرلىرىنى ئايىماي يوللاپمۇ ئۈلگۈردى. ئەمما مەن يەنىلا بۇ«كونا كېسەل»دىن تېخىچە ساقىيالماي ئېغىرلىشىپ قېلىۋاتىمەن. ھەتتا «كېسەل» تۇرۇپمۇ مۇھەررىرلەرگە بۇ ھەقتە يەنە ئاز-تولا   تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئىملانىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىشى ئۈچۈن  ئورتاقلىشىۋېتىپتىمەن.
    دېمىسىمۇ، ژۇرنالنىڭ ئىملاسى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك تەكلىپلەرنىڭ ئىزچىل بېرىلىپ تۇرۇلۇشى ھەم مۇھەررىرلەرمۇ، كوررېكتورلارمۇ بۇنىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشى ھەقىقەتەن تەخىرسىز ئىش. چۈنكى تەۋەرۈك ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، تىلىمىزدا بار-يوقى 32 ھەرپنى بىر كۈندە بىردىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بىر ئايدا تولۇق ساۋادلىق بولىۋېلىپمۇ سۆز-ئىبارىلەرنى توغرا يازغىلى بولاتتى ھەم شۇنداق قىلىش-ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئەقەللىي ساۋات ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ھەم باش تارتىپ بولماس بۇرچ ئىدى! لېكىن  ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە پات-پات ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئانا تىلىمىزغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش-تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئانا تىلىمىزغا بولغان ھەقىقىي ھۆرمىتىمىزنى بارلىق ئاپتورلارمۇ، تېخىمۇ مۇھىمى- ئىملا ئۆتكىلىنى نازارەت قىلغۇچى خادىملارمۇ چىڭ  تۇتۇش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا  ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن!
مەزكۇر ژۇرنال بۇ ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىنى سۆيۈپ ئوقۇپ، مەزكۇر ژۇرنالنى ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان  يازغۇچى، شائىر ۋە ئاپتورلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يازارمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى باشقا ھەرقانداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز تىل-يېزىقىمىزغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى خېلىلا كۈچلۈك كىشىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭىمۇ، بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سانى، مەزمۇنى، بەدئىيلىكى، تەربىيەۋىي ئەھمىيتى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولسۇن، ياكى ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولمىسۇن، نۆۋەتتە خېلى ئالدىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ژۇرناللارنىڭ بىرى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما شۇنىمۇ ئېتراپ قىلماي ئەسلا بولمايدۇكى، بۇ ژۇرنال مەملىكەت دەرىجىلىك بىردىن بىر مىللىي تىل-يېزىقىمىزدا چىقىدىغان ژۇرنال بولغىنىغا يارىشا، بەزى نۇقسانلاردىنمۇ خالىي بولالمىدى. مەن بۇ ژۇرنالنىڭ دائىمىيلىق ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى ۋە ئاپتورى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن بۇ ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن مۇددىئا بىلەن بۇ ژۇرنالنىڭ ئەنە شۇ قىسمەن نۇقسانلىرىدىن پەقەت 2012-يىللىق 4- ۋە 5- ساندىكى ئىملا مەسىلىسىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن (بۇ ژۇرنالنىڭ ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىملا ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدىكى نەزەرىيەۋىي بايانلار ھەققىدە توختىلىشنى ئارتۇقچە كۆرگەچكە، گېپىمنى ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قوياي):
مەزكۇر ژۇرنال كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا كوررېكتورلۇق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىملا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. مەسىلەن:
1) 2012-يىللىق 5-سان 47-بەت 1-ئىستون ئاستىدىن 5-قۇردىكى «...ئاپتورلار ژرۇرنىلىمىزغا ماقالە-ئەسەر ئەۋەتكەندە...»  دېگەن جۈملىدىكى «ژۇرنىلىمىزغا» دەپ يېزىلىشى كېرەك بولغان سۆز خاتا يېزىلىپ قالغان.
2) يەنە شۇ بەت، شۇ ئىستون، ئاستىدىن  2-قۇردىكى «...ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى...» دېگەن ئىبارىدىمۇ «تېلېفون»دەپ توغرا يېزىلىشى كېرەك بولغان سۆز «تېلېفۇن»دەپ خاتا يېزىلىپ قالغان.
3) 2012-يىللىق 5-سان، 64-بەت 2-ئىستون ئاستىدىن 13-قۇردىكى «...ئويلىرى بويىچە بىلەن كۆپ خىل تېمىلاردا....»دېگەن جۈملىدىكى «بىلەن»سۆزى ئارتۇقچە قوشۇلۇپ قالغان.
4) 2012-يىللىق 4-سان، 66-بەت 2-ئىستون ئاستىدىن 5-قۇردىكى «...ئاپتورلارنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىنى يېڭى ئادرېسقا ھەم تەھرىر بۆلۈمىمىز نامىغا ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛» دېگەن جۈملىدىكى «؛» زورلاپ قويۇلۇپ قالغان، ئەسلى بۇ ئورۇنغا پەش قويۇلسىلا بولاتتى. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا، توغرا قوللىنىلىشىمۇ ماھىيەتتە، ئىملا جەھەتتىكى تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.
5) 2012-يىللىق 4-سان، 70-بەتتىكى «سۇ قەھەتچىلىكىدىن ئاگاھ بولايلى» دېگەن ماقالىدىكى ھەر بىر كىچىك تارماق تۈرلەردىن كېيىن  چېكىت قويۇلماي يېزىلسا توغرا بولاتتى. شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا، توغرا قوللىنىلىشىگىمۇ تولۇق ئەھمىيەت بېرىلسە، ۋاھاكازالار...
يۇقىرىقىلارنى  ئالاھىدە چوڭ خاتالىق-نۇقسان دەپ قاراپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما   تەۋەررۈك ئانا تىلمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىملاغا چوقۇم تولۇق ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىم پەقەتلا  2012-يىللىق 4- ۋە 5- ساندىكى ئىملا خاتالىقلىرىدۇر، خالاس. بۇ ھەقتە باشقا مىساللارنى كەلتۈرۈپ ئولتۇرمىدىم.  شۇنى تولۇقى بىلەن ئىتىراپ قىلماي، ۋاقتىدا تۈزىتىپ توغرىلىماي قەتئىي بولمايدۇكى، رايونىمىزدىكى  بىردىن بىر دۆلەت دەرىجىلىك نوپۇزغا مۇشۇنداق تەۋەرۈك بىرلا ژۇرنالدا بۇنداق نۇقسانلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىشىگە يەنە سۈكۈت قىلىپ ساقلاۋېرىشكە  ئەسلا بولمايدۇ.
گەرچە بۇ ژۇرنالغا ماقالە-ئەسەر يوللايدىغانلارنىڭ ھەممىسى يازغۇچى (شائىر) ئەمەس، ئوخشاشلا، خېلى قاملاشتۇرۇپ يازىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىمۇ بۇ ژۇرنالنىڭ دائىمىيلىق ئاپتورلىرى ئەمەس. ئەمما بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك قەلەمكەشلەر، مەخسۇس كەسپىي خادىملار، شۇنداق بولغاچقا، چوقۇم «قىرغىزغا چۇشلۇق قالپاق بولۇشى»، يازغۇچى- قەلەمكەشلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بۇ «سورۇن»- بۇ ژۇرنالدا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ئۈچۈن خالىس خىزمەتتە بولىۋاتقان بار-يوقى 32 ھەرىپىمىزنى گەرچە ئۆز قول يازمىلىرىمىزدا ھەر خىل بانايى-سەۋەبلەر بىلەن توغرا ئىشلىتەلمەيۋاتقان بولساقمۇ، ھېچ بولمىغاندا، بۇ ژۇرنالنىڭ سەھىپە- بەت يۈزلىرىدە بولسىمۇ، توغرا ئىشلىتىشكە ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم كۈچەپ قويايلى، قېرىنداشلار! چۈنكى بۇ-ھەممىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تامامەن ئەرزىيدىغان خاسىيەتلىك ئەمگەك! خۇلاسە كالام شۇكى، بۇ ژۇرنالنىڭ سەھىپە ناملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلاردىكى ئىملا توغرا بولسا، ئاپتورلارمۇ، ئوقۇرمەنلەرمۇ ئۆز  ماقالە-ئەسەرلىرىنى خاتا ئىملادا يوللاشتىن ئەيمىنىدۇ. شۇنى ئىتىراپ قىلماي يەنە بولمايدۇكى، باشقا مەتبۇئاتلاردا ئازدۇر- كۆپتۈر ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ بولۇشى بەلكىم  ئانچە چوڭ نۇقسان  ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما دۆلەت دەرىجىلىك نامغا، ئابرويغا، تەسىرگە ئىگە ژۇرنالغا، مۇشۇنداق نوپۇزى بار ژۇرنالنىڭ يازغۇچى- قەلەمكەشلىرى توپلاشقان  مۇشۇنداق نوپۇزلۇق بۇ ژۇرنالدا  ئىملا ۋە باشقا جەھەتتىكى نۇقسانلارغا يول قويۇلۇپ تۇرىۋېرىشىنى يەنە سۈكۈتتە چىدام-غەيرەت بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋېرىشىمىزگە ئەمدى قەتئىي بولمايدۇ! سۇ بېشىدىن لاي كەلسە، دەريا-كۆللەر لايدا تۇنۇپ كېتىشى، سۇ بېشىدىن لاي بولسا،  ئاياغدىكى سۇنىڭمۇ ئۇنچە  سۈزۈك  بولۇپ كېتىشى ناتايىن! سۆزۈمنى بۈيۈك تىلشۇناسىمىز نەۋائىينىڭ مۇنۇ ھېكمىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:
ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى،
بال يېمە! دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى!
14. مەزكۇر ژۇرنال ئۆزىنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىنى خېلى بۇرۇنلا  تەھسىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما  ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭىلىنىشى تېز بولماي، يەنىلا «ئاتام ئېيتقان بايىقى» بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ،ژۇرنال تور بېتىنى نۆۋەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە تەلىپىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم كۈچ چىقىرىلىشى كېرەك. چۈنكى ھازىر توردىن پايدىلىنىدىغانلارمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم شەخسىي تور بېكەتلىرى ۋە بىلوگلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىمۇ ئاجايىپ تېزلىشىپ كەتتى. شۇڭا بۇنداق كۈچلۈك رىقابەت ئالدىدا چوقۇم بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم.
15. ئىلگىرى  مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «ئالاقە تورى» بار ئىدى، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر ژۇرنالنىڭ جان كۆيەر ئوقۇرمەنلىرى ئىجادىيەت، تۇرمۇش ۋە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشلىرى ھەققىدە ئۆز ئارا پىكىر-تەسەۋۋۇرلىرى ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ تۇرالايتتى. گەرچە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىزچىل نىسپىي مۇقىم ھالدىكى ئاپتورلار قوشۇنى بار بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئاپتورلار قوشۇنىدىمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھېچ بولمىغاندا، بۇ  «ئالاقە تورى» ھەر تۆت-بەش يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ يېڭىلىنىپ، ھېچ بولمىغاندا، دائىمىيلىق ئاپتورلارغا بولسىمۇ يادىكار سۈپىتىدە ھەر سان ژۇرنال ئەۋەرتىپ بېرىلسە، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ژۇرنال ئۈچۈن خېلىلا ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇنچىلىك ئىش دۆلەت دەرىجىلىك بىر نوپۇزلۇق ژۇرنال ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنچىۋالا كۆپ تەنەرخ چىقارمايمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ ئىشقىمۇ بارا-بارا كۆڭۈل بۆلۈنمىدى. شۇڭا مۇشۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرمۇ قايتا مۇزاكىرە قىلىپ  بېقىلسا.
                                      2012-يىل 26-دېكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-27 14:51  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-7-22 16:27:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قانچە يىللار ئىلگىرى بۇ ژۇرنالدىكىلەر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئېسىل ئەسەرلەرنى توپلام قىلىدىغانلىقىنى، باھاسى 25 يۈەن ئىكەنلىكىنى، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تەھرىر بۆلۈمگە پۇل ئەۋەتسە بولىدىغانلىقىنى ژۇرنال يۈزىدە ئاشكارا ئېلان قىلغانىدى. لېكىن، پۇل ئەۋەتكەن بىر قانچىمىزگە يا كىتاب، يا پۇل تەگمىدى. شۇنداقلا، ئۇ كىتابمۇ ئىز- دېرەكسىز غايىب بولدى.

ۋاقتى: 2013-7-22 17:49:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ ژۇرنىلىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى بەرگىنىگە رەھمەت! بۇ تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ژۇرنال باشقۇرۇش خىزمەتلىرىمىزدە ئەستايىدىل قوبۇل قىلىمىز. ئىشىنىمىزكى: پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، ھەر ساھە دوستلارنىڭ ژۇرنىلىمىزغا ئەڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ژۇرنىلىمىزنى سەر خىل ماقالە - ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، قىزغىن قوللىشى ئارقىلىق ژۇرنىلىمىز تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىدۇ. تەھرىراتىمىز دوستلىرىمىزنىڭ ھەر بىر تەكلىپ ۋە پىكرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2013-7-22 18:43:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     «تەڭرىقۇت» ئىسىملىك تورداش ئىنىمىز مۇھەممەتئېلى:
     ژۇرنىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سىز مەلۇم قىلغان ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆردۇق. سىزگە مۇنداق جاۋاب بەرمەكچىمىز:
     ژۇرنىلىمىزنىڭ مالىيە خادىملىرى يېڭىسار ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ 2 - يىللىق 11- سىنىپتىن مۇھەممەتئېلى ئەنۋەر ئىسىملىكىدىكى بىرەيلەن ئەۋەتكەن 25 يۈەن پۇلىنى 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ پۇل شۇ ۋاقىتتا كانۋېرتقا سېلىپ ئەۋەتىلگەن، ھازىرغىچە  شۇ كانۋېرت بىلەن بىرگە ژۇرنىلىمىزنىڭ مالىيە ھېسابىدا تۇرۇپتۇ. ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەسلىدە شۇ ۋاقىتلاردا چىقىرىش پىلانلانغان توپلام كىتاب ھازىرغىچە چىقمىغاچقا، تەھرىراتىمىز پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما سىز  پۇل ئەۋەتكەندە تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرمىغاچقا، تا ھازىرغىچە سىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان.  ناۋادا سىز پۇل ئەۋەتكەن دەل ئاشۇ ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار ئارقىلىق، شۇ ۋاقىتتىكى 25 يۈەن پۇلىڭىزنى ژۇرنىلىمىزنىڭ مالىيە ئىشخانىسىغا تېلېفۇن بېرىپ ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. سىز قاتارلىق يەنە 12 ئادەمنىڭ ھەر بىرى شۇ ۋاقىتلاردا 25 يۈەندىن پۇل ئەۋەتكەن. شۇ ۋاقىتلاردا توپلام كىتاب ئۈچۈن پۇل ئەۋەتكەن باشقا ئوقۇرمەنلەرمۇ ژۇرنىلىمىزنىڭ مالىيە ئىشخانىسىغا تېلېفۇن بېرىپ، ئالاقىدار ئىسپاتلار ئارقىلىق پۇلىنى قايتۇرۋالسا بولىدۇ. ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى: 0991---8530016

ۋاقتى: 2013-7-22 19:19:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز مۇھەممەدسالىھىنىڭ كەمتەرلىكىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم. تىما ۋە ئىنكاسقا تۇتقان پوزىتىسىيەسىدىن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى( ئۇيغۇرچە)نىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

ۋاقتى: 2013-7-22 20:57:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدسالىھ يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 18:43
«تەڭرىقۇت» ئىسىملىك تورداش ئىنىمىز مۇھەممەتئېلى:
   ...

  بارىكاللا..!!!
ئوچۇق -يورۇق  كەمتەرلىكىڭىز   ھەقىقەتەن كېشىنى قايىل قىلىدىكەن ..مانا بۇ  مۇھەرىرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئېسىل پەزىلەت ...

ۋاقتى: 2013-7-22 21:07:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياسىنجان ئوسمان ئەركزات: سىزنىڭ بۈگۈن «يازغۇچىلار تورى»دا ئېلان قىلغان، ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتكەن «دوستانە تەكلىپ، سەمىمىي ئۈمىد»  تېمىسىدىكى «‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلەر پائالىيىتىگە قارىتا سۆزلىرىم ۋە تېلەكلىرىم» ناملىق  ئوچۇق خېتىڭىزنى 2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ژۇرنىلىمىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، تولۇق كۆرۈپ چىققان ھەمدە تەھرىراتىمىز مەخسۇس تەسىس قىلغان «ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى جەملەش خەت - ئالاقە ئامبىرى»دا ساقلاپ قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.  چۈنكى، بۇ پائالىيەتنىڭ ۋاقتىنى بىر قەدەر ئۇزۇنراق پىلانلىغانلىقىمىز،  ژۇرنىلىمىزغا كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەكلىپ - پىكىرلەر بىر قەدەر كۆپ بولغىنى ئۈچۈن، ھەممىگە بىر - بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇشقا ھەم ژۇرنال يۈزىدە ئېلان قىلىشقا ئامالسىز ئىدۇق. كەلگەن تەكلىپ - پىكىرلەرنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا «سەلتەنەت» تورىمىزدا ئېلان قىلىشنى خىزمەت كۈنتەرتىپىمىزگە كىرگۈزگەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، «سەلتەنەت» تورىمىزنى يېڭىلاش ھەم مەزمۇنلىرىنى تولۇقلاش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ، تورىمىزنى ۋاقىتلىق توختىتىۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن تەكلىپ - پىكىرلەرنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ۋاقتىنىمۇ كەينىگە سۈردۇق. بۇ، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئاپتورلىرىمىزنىڭ ياكى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە سۇس مۇئامىلە قىلغانلىقىمىز بولماستىن، بەلكى توردا ئېلان قىلىشتىكى ئوبيېكتىپ شارائىتلارنىڭ تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى سەۋەب بولغانىدى.
     نۆۋەتتە، تەھرىر بۆلۈمىمىزگە كېلىۋاتقان، ژۇرنىلىمىز ئېلىپ بارغان تەكلىپ - پىكىر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان تەكلىپ - پىكىرلەر بىر قەدەر كۆپ بولماقتا. بۇ تەكلىپ - پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ژۇرنال يۈزىدە ئېلان قىلىپ بولۇش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، 80 بەتلىك بىر ژۇرنال ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارغۇدەك سەرخىل ماقالە - ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىش  ـــــ بۇ، بىزنىڭ ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمدىكىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان بىرىنچى ۋەزىپىسى. بۇنىڭ ئۈچۈن، «سەلتەنەت» تورىمىزنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سەلتەنەت» تور بېتىمىزنىڭ ژۇرنىلىمىز بىلەن بىر گەۋدە ھالىتىنى نامايەن قىلىش، شۇنداقلا ژۇرنالدا ئېلان قىلغاندا بەت ھەجمى كۆپ ئىگىلىنىپ كېتىدىغان بىر قىسىم تەكلىپ - پىكىرلەرنى «سەلتەنەت» تورىمىزدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق،  ژۇرنالدا تېخىمۇ نادىر ماقالە - ئەسەرلەرگە ئورۇن ھازىرلاش يولى بىلەن، ژۇرنالدا ئوقۇرمەنلەرگە كۆڭۈلدىكىدەك مەنىۋىي ئوزۇق تەقدىم قىلىشنى ئويلاشقان ئىدۇق.  بىزنىڭچە بولغاندا، ھەر بىر سان ژۇرنالدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، ئەڭ تېتىملىق، ئەڭ نادىر ماقالە - ئەسەرلەر قانچىكى كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى. شۇنداق بولغاندا ئوقۇرمەنلەر خۇشال بولۇش بىلەن بىللە، بىزنىڭمۇ ھاردۇقىمىز چىقىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە ژۇرنىلىمىزدا يەنىلا نادىر ماقالە - ئەسەرلەر مەنبەسى كەمچىلرەك. ئىلگىرىكى بىر قىسىم كوزىر سەھپىلىرىمىزگە كېلىدىغان ماقالە- ئەسەرلەرنىڭ مەنبەسى تازا  كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىلگىرىكى ئاپتورلارنى قايتىدىن ژۇرنال ئەتراپىغا توپلاش، يېڭى ئاپتورلارنى بايقاش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا تېخىمۇ ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش بەكلا زۆرۈر بولماقتا. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن، نۆۋەتتە ژۇرنالنىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ھەم ئەتراپلىق ئىشلەۋاتىمىز.  بەزى خىزمەتلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك، تولۇق تاماملاشقا يەنە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ.  سىزنىڭ ۋە سىز قاتارلىق باشقا دوستلىرىمىزنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
     ھەممىمىزنىڭ مەخسىتى بىر، يەنى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، ئالدىن تاللايدىغان ھەم ئوقۇپ بولۇپ ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بىر مۇنەۋۋەر ژۇرنال چىقىرىشتىن ئىبارەت. مەن شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمەنكى: سىزنىڭ، بىزنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە دوستلارنىڭ ـــــ ھەممىمىزنىڭ ھەر تەرەپتىن ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە  ھەمنەپەسلىكى بىلەن  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىشتىن ئىبارەت  بۇ باش مەخسىتىمىز چوقۇم نەتىجىلىك بولىدۇ. سىزنىڭ ژۇرنىلىمىزغا ئالاھىدە كۆيۈنۈپ، سەمىمىيلىك بىلەن قىممەتلىك تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىزغا ژۇرنال نامىدىن ، ژۇرنىلىمىزدىكى بارلىق مۇھەررىلەر ۋە خادىملار نامىدىن يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن! بۇنىڭدىن  كېيىنمۇ ژۇرنىلىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن قانداقلا تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

ۋاقتى: 2013-7-22 21:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئۈچۈن سوققان قەلىپلەرنىڭ تىلىكى ئىجابەت بۇلۇشىغا ئىشىنىمەن!

ۋاقتى: 2013-7-22 21:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موقاۋا بەتلىرىنىڭ ئۆزگەرتىۋىتىلىشى راستىنلا ماڭا غەلىتە تۇيغۇ بېرىدۇ . ئىلگىرى شۇنداق سۆيۈپ ئوقۇيتتۇم . ھىلىمۇ ئوقۇيمەن .
يەنە بىر گەپنى دېمىسەم بولاتتى . بىراق دېگۈم كەلدى . مەزكۈر ژۇرنال مەن ئىشلەۋەتقان مەكتەپكىمۇ خىلى كۆپ ساندا ( ھەر سانى ) كېلىدىكەن . مەنمۇ بۇ ژۇرنالنى ئاساسەن مەكتەپ ئىلمىي بۆلىمىدىن ئىلىپ ئوقۇۋاتىمەن . ماڭا بىرسى يەتكەچكە ئارتۇققا قول سوزمىغان ئىدىم . ئەمما ، مەكتەپتە باشقىلار ژۇرنال ئوقۇمامدىكىن ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ بىلمىدىم . ژۇرنال ئاساسەن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىپ كېتىۋاتىدۇ . بۇ بەلكىم مەن ئىشلەۋەتقان مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرنىڭ ژۇرنالغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىدىن ، ژۇرنالنى كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئوقۇتقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەسلىكىدىن بولىشى مۇمكىن.
قىسقىسى مەن ئۇيغۇر يىزىقىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان سانى ئۇنچە كۆپ بولمىغان ژۇرناللىرىمىزنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىشىغا چىداپ تۇرالمىدىم .

ئاخىرىدا جاپاكەش مۇھەرىرلەرگە رەخمەت ئىيتىمەن . شۇنداقلا ، مەزكۈر ژۇرنالنىڭ يەنىمۇ يېڭى قەدەملىرى بىلەن قەلىب تۆرىمىزدىن شۇنداقلا كىتاب ئىشكابىمىزنىڭ كۆزگە چىلىقىدىغن جايلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2013-7-22 22:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنالنىڭ ئسلاھ قىلىنىش بىلەن بىرگە دادىل قەدەملەردە يېڭى سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە يېقىنلىشىشى باشقا ژۇرناللارغا ئۈلگە بولدى دەپ ئېيىتىشقا تامامەن بولىدۇ. مەن بۇ ژۇرنالنى تۇنجى شېئىرىم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرلا سۆيۈپ ئوقۇيتتىم. مومكىن بولغىنىدا ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ ياش قەلەم كۈچلىرىنى بايقاپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا يېڭى قان بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-7-22 23:10:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مۇھەممەد سالىھ مەترۇزىكامدىكى سەۋىرچانلىق، يىراقنى كۆرەرلىك،ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ھېلىمۇ باركەن. ‹‹شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى ژورنىلى››نىمۇ ئۆز ئائىلىسىنى سۆيگەندەكلا سۆيۈپ چىقارغان.ئۇ ۋاقىتلاردا پوچتىدىن ئەۋەتەتتۇق. شۇنداق ئەستايىدىل ئىدى.ئوقۇرمىنى كۆپ،ئاپتۇرىمۇ كۆپ ئىدى. ھەر بىر ساندا ئۆز ئەسەرلىرىمنى كۆرگۈنۈمدە ھاياجانلىناتتىم. چۈنكى ئاپتۇرغا شۇنچىلىك ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.

ۋاقتى: 2013-7-22 23:56:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزاد ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى ماقالىسىدا ئوتتۇغا قۇيۇلغان مەسىلىلەر مىنىڭمۇ قەلبىمدىكى مېنى سۆزلەشكە قىستاپ كەلگەن بىر ئىلمىي خىيال-ئارزۇ ئىدى. بۇگۇن كۆرۈپ خېلىلا ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەنمۇ بەزى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۇردۇم.
1-‹‹جوڭگۇ مىللەتلىرى››نىڭ خاراكتىرى ۋە جەزبىدارلىقى ھەققىدە:
بۇژۇرنال دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كۇمىتېتىنىڭ نەشىر ئەپكارلىقىدا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان بىردىن بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئۇيغۇرچە ژۇرنال بولۇپ ،ئۇنىڭ مەقسىدى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىنتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۇچۇر بىلىم، ئارتۇقچۇلۇقنى تارقىتىش، مىللىي مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا كۇچ قوشۇش،توغرا بولغان مىللەت قارشىنى تۇرغۇزۇپ سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى، ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلىش،مىللەتنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى -مەدەنىيىتىنى،تارىخىنى ،ئەنئەنىسىنى كەڭ ،چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش،قېزىز،تونۇتۇش،شۇنداقلا مىللەتلەر ئارا كوۋرۇكلۇك رول ئويناپ سوتسىيالىستىك ئىككى مەدەنيىلىك ئۇچۇن خىزمەت قىلىش ئىدى.(بۇ شەخسىي قارىشىم)شۇنداق بولغان ئىكەن مۇشۇ نۇقتىنى ئاساس قىلىپ ئەسەر ئويۇشتۇرىشى، بېسىشى كېرەك  ،ئەلۋەتتە.بۇ ژۇرنال نەشىر قىلىنغاندىن تارتىپ يۇقۇرقى يۆنۇلۇشتىن قىلچە ئاداشماي مىللەتكە ئائىت نۇرغۇن خاس سەھىپىلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇۇپ ۋە ئەسەر ئويۇشتۇرۇپ ئۆزىگە خاس رەڭدارلىقنى، ئالاھىدىكلىكنى مەيدانغا كەلتۇرگەن ئىدى.بىز مۇشۇ ژۇرنالنى يۇقۇرقى خاسلىقى ئارقىلىقلا ئۇنى تۇنۇغان ،ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدۇق.ژۇرنال باشقۇرماق مەكتەپ باشقۇرماقتىن تەس.ئۇنىڭ ئۆتكىلى ناھايىتى مۇرەككەپ. پارتىيەنىڭ ژۇرنال چىقىرىش مەۋقەسىدىن قىلچە ئاداشمىغان ئاساستا،ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلىشى كېرەك.شۇڭا ئىقتىدارلىق ژۇرنالىست، يازغۇچى ئىدىرىس بارات بۇ جەھەتتە ئۆلگۈلۈك رول ئويناپ ژۇرنالنى توغرا يۆنۇلۇشتە راۋاجلاندۇرۇپ ،تەشكىل ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ناھايىتى ياخشى رازى قىلىپ كەلگەن ئىدى.ھەتتا جەمىيتتە بەلگۇلەك تەسرگە ئىگە بولغان ‹‹دېھقان بولماق تەس››دېگەندەك نادىر ئەسەرلەرنىڭ رۇيىقاپقا چىقىشىدا ئالاھىدە كۇچ قۇشقان ئىدى. ژۇرنالنىڭ تىراجىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ،100مىڭ تىراجلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكەن ئىدى.كۇرۇز سەھىپىلرىدىن ‹‹مەركەزدىن كەلگەن سادا››،‹‹مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ››،‹‹مىللەت ساپاسى ھەققىدە سۆھبەت››،‹‹مىللەت ۋە مەدەنىيەت››،‹‹گۈلدەستە››،‹‹دۇنيا مىللەتلىرى››،‹‹فىليەتۇن بۇلۇڭى››،‹‹ھەزىل سۇئالغا ھەزىل جاۋاپ››،مۇقاۋىدا ‹‹سۈرەتلىك شېئىر››سەھىپىلرىنى دادىل ،كەڭرى يولغا قۇيۇپ ئوقۇرمەنلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلغان ۋە دائىملىق ئاپتۇرلار قۇشۇنىنى برلىققا كەلتۇرۇپ ژۇرنالنىڭ ‹‹قان بېرىش، قان ئىشلەش››ئامبىرىنى ياخشى قۇرۇپ چىققان ئىدى.شائىر،تونۇلغان ژۇرنالىسىت تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز رەھبەرلىك قىلغان ۋاقىتلاردىمۇ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ،ئىدىرس بارات ئاچقان ئېكىننى يەنىمۇ پەرۋىش قىلىپ ،ژۇرنالنىڭ  پىشىپ يىتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان ئىدى. ئىلگىركى خاس سەھىپىلرىنى چۆرۈپ تاشلىماي يېڭىدىن ‹‹ئەخلاق گۈلىستانى››،‹‹ساپا ھەققىدە پاراڭ›› قاتارلىق سەھىپىلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇپ ، ئېسىل ئەسەرلەر ئارقىلىق ژۇرنالغا ھەقىقىي تەم ،جان قۇشقان ئىدى.يېقىندا تەھرىر بۆلۇم رەھبەرلىرىنىڭ ئالمىشىشى سەۋەپلىك يەنە نۇرغۇن سەھپىلەر يولغا قۇيلىدىغان بولدى.ھەم يولغا قۇيۇلدى.ئەمما ژۇرنالنىڭ رەدارلىقى ،بېزىلىشى ياخشى ھەل قىلىنغان بولسېمۇ ،ئەسەر تاللاشتا ژۇرنالنىڭ ئەسلىدىكى مەۋقەسى-مۇددىئاسى تولۇق گەۋدىلەنمىدى.خاسلىقىغا دەز كەتتى.مۇھەممەت سالىھ مەترۇزى ئەپەندى ئىنكاسىدا ناھاىيىتى كەمتەرلىك، كەڭ قۇساقىلىق بىلەن پىكرى بېرىپ ئۆتۈپتۇ. بولسا شۇ پىكر بۇيىچە ئەسلىنى يۇقاتمىغان ئاساستا نەشىر قىلىنسا دەپ قارايمەن.
2-)يېقىنقى 5 ساندىن ھاسىلات
5سان ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.قۇلۇمغا قارىسام بىر رەڭلىك ژۇرنال.‹‹جوڭگو مىللەتلىرى››مۇ ؟دەپ قارايمەن. قارسىام خېتتى شۇ ،ئىچىگە قارىسام مەن كۇرۇپ كۆنگەن ‹‹جوڭگو مىللەتلرى››گە تازا ئوخشىمايدۇ.بېرىلگەن ئەسەرلەدە ‹‹چوڭلارغا چوقۇنۇش›› خېلىلا گەۋدىلىك ئورۇنغا قۇيۇلۇپتۇ.بۇ دېگىنىم چوڭلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئورۇن بەرمەسلىك كېرەك دېمەكچى ئەمەسمەن. مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.ئۇندىن باشقا بۇرۇنقى كۆزنەك سەھىپىلەرنىڭ ۋەتۋەرىكى ئۇچۇپ كېتىپتۇ.ئەسلىدە بۇرۇنقى خاس سەھىپىلەرنى ئاساس قىلىپ يېڭى سەھىپىنى قۇشۇمچە قىلسا تازا مۇۋاپىقلاشقان بولاتتى.يېڭى تۇس، رەڭ بېرىمىز دەپ ئوقۇرمەنلەر كۆنۇپ قالغان رەڭلەرنى چۆرۈپ تاشلاش ئاقىلانىلىك ئەمەس.‹‹ھاكىملار بىلەن سۆھبەت››دېگەن بىر سەھىپە بار بولۇپ ئۇنىڭغا بېرىلگەن نەتىجىلەرنى گېزىتمۇ ئالدىراپ باسمايدۇ.نىمىنداق ئۇششاق گەپ ئۇ؟ئۇ ھاكىملار قىلغاننى باشقا ھاكىملار قىلاالمامدۇ؟ قىلدى. خەلق خوش.ئۇنداق سىركەپىيازلىق قىلىپ ئۇقۇر بۇقۇرەىچە تەشۋىق قىلىش بۇ ژۇرنالغا تازا يارشمايدۇ. تۇنۇشتۇرساق بولىدۇ.قىسقا، ئەھمىيەتلىك،ئۆزگۇچە يېرى بولسا كۇپايە.جىق تۇنۇشتۇرۇش زېرىشلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.بۇ جەھەتتە تەھىرىر بۆلۇم ئويلۇنۇپ كۆرسە.ئۇندىن باشقابەزى تەرجىمە ئەسەرلەرمۇ بېرلىۋاتىدۇ.بېرىلسە بولىدۇ ،لىكىن پالاستەك ئۇزۇن ،تەمى يۇق نېمىنىڭ بىزگە ئەھمىيىتى چوڭ بولمايدۇ.


ئاخىردا كەڭ ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سۇرايمەن. كېچە بولغاچقا خياللرىم چېچىلىپ ،گېپىم بەزىدە قولاشماي قالدى.توغرا چۇشنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-7-23 00:01:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئوسمان مۇئەللىمنىڭ تەكلىپ-پىكىرىدىن «جوڭگۇ مىللەتلىرى»ژورنىلىغا شۇنچىلىك كۈيىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولسا، مۇھەممەدسالىھ مەترۇزىنىڭ جاۋابىدىن ئۇنىڭ كەمتەر، كىچىك پېئىل خاراكىرىنى شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنى ھۆمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، مەزكۇر ژورنال چوقۇم ھەممەيلەن تالىشىپ ئوقۇيدىغان ژورنالغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى، ژورنالدىكى مۇھەررىرلەرنىڭ يۈرىكىدە ئوت بار، خەلقىگە ئەقىدىسى بار. ئۇلار ئەدەبىياتنى شەخسىي ھىسسىياتتىن ئۈستۈن قويغۇچىلاردۇر. گەپ ياخشى ئەسەرلەرنى ئەۋەتىش بىزلەرگە ياق، ھەممىمىزگە قالدى.

ۋاقتى: 2013-7-23 04:13:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخبارات ۋاستىللىرى(يېڭى ئىسمى «تاراتقۇلار››)ۋە ھەر خىل كەسپىي ،ئەدەبىي ئىجادىيەت«سەھنە››لىرىدە مەن پەيدىن-پەي تونۇپ،ئۇستاز دوست قاتارىدا كۆرىۋاتقان  ياسىنجان ئوسماننىڭ تەكلىپ بېرىشى ئورۇنلۇق.بۇ مۇئەللىم دوستۇم بۇ ژورنالغىلا ئەمەس،باشقا ھەرقانداق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئاخبارات،ئەدەبىيات-سەنئەت ‹‹مەھسۇلات››لىرىغا چىن يۈرىكىدىن،خالىس كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ روھىغا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمەن.تەكلىپىم:دۆلىتىمىز ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام ئورۇن-تەشكىلاتلاردا يېڭى رەھبەر چىقسا يېڭىچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ ،يېڭىچە تەرەققىيات بولۇۋاقانلىقىنىمۇ چۈشىنىشىنى،ئۆزى كۆنۈپ قالغان كونا« شەيئى»گە بەك ئېسىلىۋالماسلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە،«جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى»تەھرىراتىدىكى يېڭى رەھبەرلىك كولىككتىپىنىڭ ئاۋام تەكلىپنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ئاساستا ،ئۆزىنىڭ پىلانلىغىنى بۇيىچە يېڭىچە ئىش تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayirjan-niyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-23 04:16  


ۋاقتى: 2013-7-23 09:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىزاتنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ، كۆڭلىمىزدىكى پىكىرلەرنى قىپتۇ. مۇھەممەد سالىھ مەتروزىكاممۇ ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن سەمىمىي ئىزاھات بېرىپتۇ. قارىغاندا، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئوقۇرمەنلەر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، يەنە بىر بۆلۈك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى ئىزدىنىش قەدەملىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش