ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بر دانە ئاككومۇلياتورغا ئوخشايدۇ . بىر گۇرۇپپا
ئاككومۇلياتۇر تەمىنلىگەن توكنىڭ بىر دانە ئاككومۇلياتۇر تەمىنلىگەن
توكتىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز . ھەر بىر ئاككومۇلياتۇر تەمىنلەيدىغان
توك كۈچىنىڭ ئاشۇ ئاككومۇلياتۇرنىڭ ئىچىدىكى باتارىيەلەرنىڭ سانى ۋە
سىغىمچانلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ھاسىل قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز .
ئادەم مېڭىسىنىڭ رول ئويناش پىرىنسىپىمۇ دەل ئاشۇنىڭغا ئوخشايدۇ .
بۇ ھال بەزى كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن ئەقىللىق بولىدىغانلىقى
چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . چۈنكى بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە سەمىمىي
ھەمكارلاشقان بىر گۇرۇپپا مېڭە ھاسىل قىلغان ئىددىيۋى كۈچ ، بىر دانە
مېڭە يەككە ـ يىگانە ھاسىل قىلغان ئىددىيۋى كۈچتىن چوڭ بولىدۇ . بۇ خۇددى بىر گۇرۇپپا ئاككومۇلياتۇر تەمىنلىگەن
توكنىڭ ، بىر ئاككومۇلياتۇر تەمىنلىگەن توكتىن كۆپ بولىدىغانلىقىغا
ئوخشايدۇ .
دېمەك بۇ ئوخشىتىشتىن ئاتىللىرىمىزنىڭ ؛ << برلەشكەن ئۇزار >>
ئايرىلغاننى ئېيىق يەر ، بۈلۈنگەننى بۆرە >> دېگەنلىرىنى كۆرۈۋالغىلى
بولىدۇ .
كۈچ ـ قۇدرەتكە ئېرىشىشنىڭ سىرى ـ ھەمكارلىق ، << ئاقىللار
گۇرۇپپىسى >>پىرىنسىپىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئۆزىنىڭ
ئەقىل ـ پاراسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى
بولىدۇ .
بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭدىن
خىيالپەرەسلەر دۇنيانىڭ نىجاتكارى . يۈكسەك خىيال سىزگە يار بولسا
سىزمۇيۈكسەك ئادەم بولىسىز . مېغىز ئۈچكە ئىچىدە خاتىرجەم تۇرىدۇ .
قۇش تۇخۇم ئىچىدە تەشنالىق بىلەن يۇرۇق دۇنيانى كۈتۈپ تۇرىدۇ . غايىنىڭ
يۈكسەك پەللىسىدەپەرىشتىلەر ئاستا ـ ئاستا ئويغىنىدۇ . شۇڭا غايە ـ خىيال
رىئال ئۇرۇقى رىئاللىق مايسىسىدۇر .
يىراقنى كۆرۈش زېرەك مېڭىدە ، غايە پارلاق كۆڭۈلدە بولىدۇ . غايە نامايەن
بولۇپ تۇرىدۇ قەلبىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى بولىدۇ ـ بۇلار دەل سىز ياراتماقچى
بولغان تۇرمۇشنىڭ ئەسۋاب ـ قۇرالىدۇر . خىيال سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى
نەتىجىڭىزنى بەلگۈلەيدۇ .
ئۇتۇقنامىدىن .
http://bbs.misranim.com/thread-108963-1-1.html