كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 0

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1036
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 147
تۆھپە : 6
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 07:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

070736b12p2hby971h2ubj.jpg

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 1960-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان . ئۇ 2011-يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەردە يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، 51 يېشىدا، ئۈرۈمچىدە خىزمەت ئۈستىدە بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى.

مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 1978- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . 1983- يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ ، بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئەدەبىي مۇھەررىرى بولغان ھەمدە ھەرقايسى جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان 200 دىن ئارتۇق ناخشا، دىراما، ئوپېرالارنىڭ ئەدەبىي تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. 1985-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭنى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ناخشا مۇسابىقىسىدە، ئۇ يازغان «تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ»، «يۇلتۇزۇم» ، «تولۇنئاي» ناملىق ناخشا تېكىستلىرى  مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ تېكىستىنى يازغان «قىممەتلىك ھايات»، «يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى»، «كارۋان ھېكمىتى»، «سىڭلىمغا» ناملىق ناخشلار ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ سۈيۈپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا .

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 1986-يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ ، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان مەخسۇس پىروگىراممىلىرى ۋە «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» پىروگىراممىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى ئىشلەش بىلەن بىرگە مەخسۇس پىروگىراممىلاردا ئۇچرايدىغان  قەدىمكى ۋە ھازىرقى شېئىرلاردىن 300 پارچىدىن كۆپرەكنى تەرجىمە قىلىپ ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان. ئۇ 1991-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر مەخسۇس پىروگىرامما بۆلۈمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەخسۇس پىروگىراممىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئشلىگەن. 1994-يىلىدىن 1999-يىلغىچە «تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دوستى» پىروگىراممىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ - شىمالىدا مۇخبىرلىق قىلىپ ،  500 قىسىمدىن ئارتۇق مەخسۇس پىروگىراممىنىڭ ماقالىسىنى يازغان . ئۇ ئىشلىگەن «يۈكسەل قورغاس»، «سېھىرلىك سىمفونىيە»، «پايتەختتىكى تەڭرىتاغلىقلار» قاتارلىق 20دىن ئارتۇق مەخسۇس فىلىم مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق باھالاشلاردا 1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 2001-يىلى 4-ئايدا، رىقابەت ئارقىلىق شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پىروگىرامما بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ، مەسئۇلىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئەل ئۈچۈن ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلىگەن ھەمدە ئىزچىل تۈردە «ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «قانۇن ۋە پۇقرا»، «مائارىپ گۈلزارى »، «مۇنبەت تۇپراق»، «پەن ۋە مائارىپ» قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن .

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى تېلېۋىزىيە خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپلا قالماي يەنە بوش ۋاقىتلىرىدا كەسپىي تەتقىقات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت  بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ ،  «چاقىرغۇلۇق قىزلار» ، «يالغۇزتام» ، «بىزنىڭ دۇكان» ، «قوياش ۋە مۇماي» ، «شوپۇر» قاتارلىق 30 نەچچە پارچە پوۋىست ۋە ھېكايە ؛ «سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر» ، «تېڭىرقىغان ئەپسانىلەر» ، «يىللار ۋە ئىنسانلار» ، «مۇھەببەت ناخشىسى» ، «نورۇز لىرىكىسى» قاتارلىق 40 نەچچە پارچە نەسىر ؛ «ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا» ، «شېئىرىي مۇھىت ، شېئىرىي كەڭلىك ، شېئىرىي تىل ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» ، «ئەدەبىياتنىڭ تىل سەنئىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى» ، «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» قاتارلىق20 نەچچە پارچە ئەدەبىي ئوبزۇر ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . ئۇنىڭ يەنە «كۆكدالا» ، «كۆكدالا قىسسىسى» ، «جەڭچىنىڭ مېھرىدىن كۈلگەن كۆكدالا» ، «گۇمانخورنىڭ ئويلىغانلىرى» ، «دوستلىرىڭ بولغاچ گۈزەل بۇ دۇنيا» ، «سايرامدا سەھەر» ، «نۇر بۇۋاق» ، «يېزامدا كەچ» قاتارلىق 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان . «شەبنەم لىرىكىسى» ، «تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ» ، «قىممەتلىك ھايات» ، «سىڭلىمغا» ، «قوياشقا تۇتاشقان يول» ، «كارۋان ھېكمىتى» ، «نورۇز ناۋاسى» ئۇنىڭ «چۈمبەردە» ، «ئادەملەر» ، «يوقلاپ تۇرغىن ئاتا- ئاناڭنى» قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى رادىئو – تېلېۋىزىيەدە ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى . ئۇ يەنە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ئىشلىگەن 50  مەيداندىن ئارتۇق سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيەسىنى ، 10 غا يېقىن ئېتوت ھەمدە ئۈچ تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سىنارىيەسىنى يازغان .

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ھايات ۋاقتىدا يەنە چوڭلار ۋە بالىلارغا ئاتالغان7 پارچە رومان ۋە ھەر خىل ژانېردىكى بالىلار ئەسەرلىرىدىن 47 پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان . ئۇنىڭ نەشىر قىلدۇرغان رومان ۋە كىتاپلىرىدىن «كۆك ئۆستەڭ» ، «ئەلقۇتنىڭ ئانا يۇرتتىكى ساياھىتى» ، «چېچەن قوشماقلار» ، «مۇقام ۋارىسلىرى» ، «ئورمانلىقتىكى ئويۇنلار»، «سىرلىق ئۆڭكۈر» ، «سامساق ھەييار»، «كالتە قۇيرۇق چاشقاننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى» ( چاتما چۆچەك ) ، «كالتە قۇيرۇق چاشقاننىڭ مۇشۈكلەر ئارىسىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى» (چاتما چۆچەك)، «چوغلۇق ۋە ئۇنىڭ ئويۇنچىقلىرى» (چاتما چۆچەك)، «ئاق قۇشقاچنىڭ ھېكايىسى» (چاتما چۆچەك ) ، «يالغانچى تۇسۇق» (چاتما چۆچەك) ، «قۇلقى قېچىپ كەتكەن بالا» (چۆچەك ۋە مەسەللەر) ، «ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى» ( 5 قىسىم كىتاب ) ،  «ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى» ( 5 قىسىم كىتاب ) ،  «ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى» ( 6 قىسىم كىتاب ) ،  «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى» ( 5 قىسىم كىتاب ) ،  «ئۇيغۇر بالىلار ھېكايىلىرى» ( 5 قىسىم كىتاب ) ، «بالىلار يۇمۇرلىرى» ، «بالىلار چاقچاقلىرى» قاتارلىقلار بار .  

مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ھايات ۋاقتىدا، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى .


بالىلارلا بولىدىكەن بالىلار ئەدەبىياتىمۇ بولىدۇ !~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش