كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 1

پەرھات ئەمەت:يېقىملىق ئىلى خەلق ناخشىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3274
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 448
تۆھپە : 0
توردا: 150
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 20:39:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                              يېقىملىق ئىلى خەلق ناخشىلىرى

                                                پەرھات ئەمەت (كۆۋرۇك )

    مەن  تەڭرى تاغ باغرىدىكى گۈزەل ماكان _ ئىلىدا تۇغۇلدۇم  . كىچىكىمدىنلا ئانامنىڭ مېنى ئەللەيلىگەن ناخشىسدىن قالسىلا ئاڭلاپ چوڭ بولغىنىم مۇشۇ ئىلى ناخشىسدۇر.مېنڭچە يالغۇز مەن ئەمەس بارلىق ئىلىلىقلار  ماڭا ئوخشاش ئىلى ناخشلىرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان . زامان تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئاشۇ ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن خەلق  ناخشلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىش ،ئۇنىڭ تېگىگە يېتىش، ھېچ بولمسا قايتا  نەزەر ئاغدۇرشىمىز ئورۇنسىز ئىش ئەمەس  بەلكى ۋىجدانى بۇرچىمىزدۇر.بىزدە ‹ ئۆشنەڭدە يېگەن تۇزۇڭنىڭ ھەققى بار› دېگەن مەزمۇندىكى ماقال تەمسىل، ھېكمەتلەر بار.مېنڭچە ئەگەر قەرىزىمىز سۈرۇشتۇرۇلسە  بىز ئاڭلاپ مەنىۋى زوق ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ  ئىلى ناخشلىرىغىمۇ بىر ئۈلۈش قەرىزىمىز بار . بۇ قەرىزنى ئاقلاش پەقەت ئۇنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلاتقا يەتكۈزۇش ،قەدىرلەش،ھازىر ۋە كەلگۈسىدە خەلق ناخشلىرىمىزنى ۋايىغا يەتكۈزۇپ ئېيتالايدىغان ئىز باسارلارنى يېتىشتۇرۇش، ياشانغان خەلق سەنئەتكارلىرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق قاتارلىق تەرەپلەردەئىپادسىنى تېپشى كېرەك.
   كۆپىنچە كىشلەر ئىلى ناخشلىرى تىلغا ئېلىنسا ئۇنى ' ئاجايىپ مۇڭ ھە 'دېيشىدۇ بۇ ئىلى ناخشلىرنىڭ بىر تەرىپى خالاس. ئەلۋەتتە بۇ مۇڭ  ھازىرقى زامان ئەزمە ناخشىلىردىكى كىشنى بېھۇش قىلىدىغان زىيانلىق مۇڭ ئەمەس بەلكى  ئادەمنى ئويغا ،پىكىر قىلىشقا سالىدىغان ئاكتىپ مۇڭدۇر. بۇ مۇڭ تالاي يىللاردىن بىرى خۇددى تارىخمىزدا ئۆتكەن  ئاپئاق ساقاللىق دانىشمەنلىرىمىز  بىزگە  ۋەز - نەسىھەت قىلغاندەك بىزنى تەپەككۇر قىلىشقا،قايتا ئويلىنشقا،سەۋىر ى -تاقەتلىك بولۇشقا  ئۈندەپ   كەلدى. بۇ مۇڭ بىزنى ئۆزىمىزنى تونۇشقا يېتەكلەپ، گويا بىزنى  يېراق دەۋردىكى ئاتا بۇۋىلىرىمىز يېنىمزدىلا تۇرۇپ بىزگە  نەسھەت قىلىۋاتقاندەك  ياكى بىزگە نەزەر سېلىۋاتقاندەك  تۇيغۇغا ئېلىپ كېلەلەيدىغان مۇڭ بولدى.
ئىلى خەلق ناخشلىرى خەلقنىڭ ناخشىسى ھەرگىزمۇ  قايسى بىر ھاراق سورۇندا ئېيتىلدىغان، قايسى بىر رېستۇراندا ئالدى- كەيىنگە دەسسەپ  ئۇسسۇلغا چۈشكەنلەرنىڭ  تەڭكەش ناخشسى ياكى بىكار تەلەپ كىشلەرنىڭ ئۆزنى بەزلەپ كۈن ئۆتكۈزدىغان دورسى  ئەمەس.  بەلكى ئۇ ھالال نېيەتلىك خەلقىمىزنىڭ  پاك ۋۇجۇدىدىن  ئېتلىىپ چىققان ،سۈزۈك بۇلاقتەك ياكى  ئىلىنىڭ  ساپ ھاۋاسىدەك پاكىزلىقنىڭ سىموۋىلى. شۇڭا ئۇنى خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپتىدە تونۇشىمىز كېرەك.
ئەڭ مۇھىم تەرىپى ئىلى ناخشلىرىدا تېرەن پىكىر،پەلسەپىۋى ئىدىيلەر ئېيتىلۋاتقان ھەر بىر ناخشىغا، ھەر  بىر مسىرالارغىچە تەبىئىي ھالدا سڭىشىپ كەتكەن.  ئۇلاردا بىز بىلگەن ،بىلمىگەن  تارىخ ئەكس ئەتكەن بولۇپ  ئۇنىڭغا  خەلق قوشاقلىرى  مەنبە قىلىنغان. خەلق ناخشلىرى خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسرلىك ئىجتمائىي ھاياتىدا بارلىققا كەلگەن ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياشاش جەريانىدا باشتىن كەچۇرگەن،ئىجتمائىي ،سىياسى،تارىخى ئۆزگىرشلەر جەرياندىكى مەنزىرلەر چېلىقىدۇ.
   ئىلى خەلق ناخشلىرى تەمكىنلىك،شوخ ۋە ئۆزگىرشچان كۈيلەر ئىچىدە ئادەمنى  سېھرلىك دۇنياسىغا باشلايدۇ. تۇرمۇشتىكى غېربىلىق،چۈشكۈنلۇك ۋە ھەرخىل كېلشمەسلىكلەرگە دۇچار بولغاندا ئىلى خەلق ناخشلىردىن بىرنى ئاڭلسىڭىز ئۇ سىزگە قانداقتۇر بىر خىل ئىشەنچ،غورۇر ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ.
ھازىرقى زاماندا ياش ناخشچلىرىمىز ئىلى خەلق ناخشلىرنى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئىلى خەلق ناخشلىرنىڭ ئاساسى مىلودىيسىگە ئېيتلىش ئاھاڭىغا قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا زامانىۋى چالغۇلار بىلەن تېخىمۇ تېرەن پىكىرلىك،پەلسەپىۋى ھېكمەتلەرگە تويۇنغان بىر يۈرۈش ناخشلارنى مەيدانغا كەلتۇردى. ئۆمەرجان ئالىم،تاش مۇھەممەت باتۇر،سەنەۋەر تۇرسۇن ۋە باشقا ياش ئوتتۇرا ياش ناخشچىلار شۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدۇر. بولۇپمۇ ئايال ناخشچىلار ئىچىدە سەنەۋەر ھەدىمىز ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.مېنڭچە ئىلىدا ئىككى بۇلبۇل بار.بۇنىڭ بىرىنچىسى ،پىشقەدەم دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجلىك ناخشىچى پاشا ئىشان ھەدىمىز. يەنە بىرىسى ،سەنەۋەر تۇرسۇن ھەدىمىز بولسا كېرەك.
ئىلى بۇلبۇللار ماكانى ، ئەگەر سىز ئىلىغا كېلىپ قاتار- قاتار  كۇجۇم مەھەللىلەردىن ئۆتۈپ قالسىڭىز،قايسدۇر بىر ئۆيدىن   ياڭرىغان ئىلى خەلق ناخشىسى قۇلىقىڭىزغا كىرىدۇ. ئۈجمە سايسى تاشلانغان سالقىن ھويىلىلاردىن ياڭرىغان بۇ ناخشا ئەتراپقا تاراپ ھېلىقى چاڭلىداپ سايرايدىغان بۇلبۇللارمۇ  سايراشتىن بېمەھەل توختاپ ،زەڭ سېلىپ ئاڭلاپ ،مەي باغلاپ پىشقان ئۈرۈك شاخلىرىغا قۇنۇپ  ھوزور سۈرىدۇ. ئادەملەر خەلق ناخشىسنى ئاڭلاپ نەقشلىك قىلىپ سېلنىغان چايخانىلاردا  چوڭ كىچىك بىر ئائىلە كىشلىرى توپلشىپ غىزالىندۇ. ناخشا ئۇلارغا ھوزور دىل ئارامى،بەخىت تۇيغۇسى  بېرىدۇ.ئائىلىدە مۇشۇنداق شاتلىق مېنۇتلىرىغا جۆر بولغان ئىلى ناخشلىرنى ئاڭلاش نەقەدەر بەخىت ھە!
چەكىلمگە ئىگە زامانىۋى ناخشلار بىر يىل ياكى بىر قانچە يىل مودا بولىدۇ. لىكىن ئۇزاقىراق ۋاقتتىن كېيىن ئۇ ناخشلار خۇددى قۇدۇققا چۈشۈپ غايىپ بولغاندەك يوقاپ كېتىدۇ. لىكىن خەلق ناخشلىرى شۇنچە ئۇزاق زامانلارنى بېسپ ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ بىزنىڭ قەلبىمىزنى لەرزىگە سالماقتا.قايتا -قايتا ئاڭلساقمۇ يەنىلا  يېڭى تۇيۇلماقتا. مانا بۇ خەلق ناخشلىرىمىزنىڭ غەلبىسى خەلقىمىز  بولىدىكەن بۇ ناخشلار ئەبەدىل ئەبە ت بىزگە ھەمراھ بولغۇسى!


2013-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى يېزىلدى.




mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4143
تۆھپە : 0
توردا: 133
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 23:02:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈگىمەس ناخشا . بىزنىڭ ناخشىمىز .

كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش