كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 1

يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 603
تۆھپە : 6
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 01:56:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتى

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


u=4041504901,2312733324&fm=23&gp=0.jpg




    قەدىم يۇنان پەلسەپىسى غەرب مەدەنىيتى ۋە ئىدىئولوگىيسىگە تەسىركۆرسەتكەن ئوت ئۇچى،غەرب پەلسەپىسىنىڭ باش مەنبىيى بولۇپ،مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن بىلىملەربىلەن باغلانغان.ھەرقايسى كونكېرت بىلىملەر ۋە پەنلەر پەلسەپىدىن ئايرىلىپ چىققان.بۇ يازمىمىزدا يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىدىن بايان قىلىمىز:
1.ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش،ئىلىم-مەرىپەتكە يېتەكچىلىك قىلغان.پەلسەپىنىڭ ئۆزى نەزەرىيۋىيلەشكەن،سېستىمىلاشقان دۇنيا قاراش.تەبىئەت بىلىملىرى،جەمئىيەت ھەققىدىكى بىلىملەر،تەپەككۇرتوغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ۋە خۇلاسىسى،دۇنيا قاراش ھەم مىتودولوگىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشى.يۇنان پەلسەپىسىمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق.شۇڭا،يۇنان پەلسەپىسى ئەينى دەۋىردە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىغا ھەتتا پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچى بولغان.
2.  كېيىنكى دەۋىرلەرگە شۇنداقلا، غەرب پەلسەپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.قەدىم يۇناندا دەسلەپكى دەۋرگە تەۋە پەيلاسوپلارنىڭ يازما ئەسەرلىرى  ئىنتايىن ئاز،بەزىلىرىنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرى تۇلۇق ئەمەس ياكى پارچە-پۇرات بولسىمۇ ئەمما بىرقىسىم مۇھىم،ئاساسلىق كاتېگورىيەلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مىسالەن،مىلېزىئان ئېقىمى ئەڭ دەسلەپ «ئاساسى سۇبىستانسىيە»نى ئوتتۇرىغا قويغان،ھىراكلىت«لوگۇس»نى،ئېلېئا ئىلمىي ئېقىمى «مەۋجۇتلۇق»ۋە «غەيرى مەۋجۇتلۇق»نى،ئاتوم نەزەرىيسى پەيلاسوپلىرى «ئاتوم»ۋە«بوشلۇق»نى ئوتتۇرىغا قويغان،ۋەھاكازالار.بولۇپمۇ   ئەپلاتون ئوتتۇرىغا قويغان«ئىدىيچىلىك»،ئارىستوتىل ئوتتۇرىغا قويغان«مەۋجۇتلۇق»،«سۇبىستانسىيە»،«فورما» ۋە «ماتېرىيال»،«يۇشۇرۇن ئىقتىدار»قاتارلىقلار پەلسەپىۋى كاتېگورىيلەردۇر . كېيىنكى دەۋىرلەردىكى پەيلاسوپلارغا يەنە  دىن  ئىدىيسى تەسىر قىلغان،يۇنان پەلسەپىسى ۋارىسلىق ئاساسىدا راۋاجلانغان.ھازىرقى زامان غەرب پەلسەپىسىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن كاتېگورىيلەر قەدىم يۇنان پەلسەپىسىدىن كەلگەن.
3.ھازىرقى تەبىئىي پەننىڭ شەكىللىنىشى،تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدا رولى ئىنتايىن چوڭ.قەدىم يۇنان پەلسەپىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى پەلسەپە بىلەن تەبىئىي پەنلەر بىرلىشىپ كەتكەن،پەيلاسوپ ئۆزنۆۋىتىدە يەنە ئالىم،تەبئىي پەن بىلىملىرى پەلسەپىۋى ئىزدىنىشلەر داۋامىدا بىرلىككە كەلگەن.بۇلاردىن پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىىكى چىقىپ تۇرسىمۇ،ئەمما ئىلىم-پەنگە ئېلىپ كىرىشتە ياخشى بىرباشلىنىش بولغان. يەنە بىرنۇقتا ،غەربنىڭ ئىلىم-پېنى نۇقۇل يۇنانلىقلارنىڭلا ئەمەس.ئۇمۇميۈزلۈك قاراش شۇكى،گېئومىتىرىيە مىسىردىن،ئاسترونومىيە بابىلوندىن چىققان.ئەمما،بۇ جايلاردا ئىلىم-پەن ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن بىلەن ئەقلىي بىلىش يۈكسەكلىكىگە كۆتىرىلمىگەن.يۇنان پەيلاسوپلىرىدا ئىلمىي روھ ۋە ئىنسانىي روھ بولغاچقا مۇشۇ روھنىڭ يېتەكلىشى بىلەن قەدىم يۇناندا بىرنىيەت-بىرمەقسەتتە بوشاشماي ئىزدىنىدىغان،ھەقىقەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان تۈركۈملەپ پەيلاسوپلار بارلىققا كەلگەن. خۇلاسە ۋە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى،ئاكسىئوما ۋە قىياس ئۇسۇلى،دىدوكسىيە ۋە ئىندوكسىيە ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۇلار خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىن ئەتكەن.
4. يۇنان پەلسەپىسىدىن يەنە نۇرغۇن باشقا پەنلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.يۇنان پەيلاسوپلىرى پەلسەپىدە ئۇتۇق قازىنىپلا قالماي سىياسىيشۇناسلىق،فىزىكا،ئاسترونومىيە،ئېتىكا،ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.
يىغىپ ئېيتقاندا،ئۇلارنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىنىڭ تېگىدە پەلسەپە نەزەرىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى.

پايدىلانمىلار:
ۋاڭ زىسوڭ:«يۇنان پەلسەپە تارىخى»،خەلق نەشرىياتى1997-يىل نەشىرى(خەنزۇچە).

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-19 01:58  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1612
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 71
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ قىسقا ۋە  يىغىنچاق يىزىلغان بۇ ماقالىدىن ئاساسى مەقسەتنى تولىمۇ ياخشى بىلىۋالدىم، ماقالە مۇشۇنداق قىسقا، نەخ بولسىمۇ ياخشىمۇ نىمە؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش