جانسىز نەرسىلەر
سۈرەتتە ئۇ
بارلىق جانسىز گەۋدىلەر ئارا
ئادەملەر ۋە شەيئىلەر،
كۆزىمىزنى قانغا تولدۇرىدۇ
بۇ ياشىغاندىن ياخشىراقتۇر قاراڭغۇلۇقتا.
ئولتۇرىمەن، يالغۇز ئۇرۇندۇق
ماڭا ھەمراھ بولماقتا بۇ دەم
رايىم ياندى خىيال سۈرۈشتىن
ھەمدە جىمجىت ئۆلۈشتىن.
كىملىكىمدە يېزىلىشىچە
بۇ ئالتىنچى ئاي، ئوت ئىكەن.
لېكىن، مەن بىرىنچى ئايدا تۇغۇلغان
ئۇ قىش ئىكەن.
پەسىللەردىن رايىم يانغۇچە
مەن سۆزلەۋېرىمەن.
ھەئە، ۋاقتى كەلدى پاراڭ قىلىشنىڭ،
نەدىن باشلايمەن؟ كارايىتى يوق، نۇرنىڭ زىيانىڭ
پاراڭ قىلساملا بولىدۇ، سۈكۈت قىلىش ئەركىمدۇر
ئەڭ ياخشىسى قاخشاپ قۇياي بىر ئاخشام
كېچە دۇردانە.
نېمىنى دېيىشىم كېرەك؟ يارنى ياكى خۇدانى؟
سەن دېگىنە، ئۇنى يا بۇنى...
بوشراق ئاۋازدا دېيىشەيلى
ئىشىك ئالدىدا شەيئىلەر بار
بەرھەق، ئادەملەرنى ئالمايلى تىلغا.
شۇنداق، بىز بۈگۈن ئۆلۈپ كېتىدىغان نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەشمەيلى
ئۆيى يوق، ئويى بار، تالادا بولمىغان نەرسىلەر ھەققىدە
بىردەم قالايمىقان پىكىر قىلايلى.
بىھۇدە، راستىنلا بىھۇدە تىلغا ئېلىش بارچىنى
سۆز قىلغاندەك ئاڭقاۋ پادىغا.
چېيىم مۇزلىدى
يار مېنى چاقىرمىدى
ئېشىپ يېرىلغان تاغلار ئۈستىدىن
كىممۇ بولار مېنىڭ سۆيگىنىم.
رايىم يوق، ئاستا كېتىشتىن
قۇرىغان ياپراققا دەسسىگەن پېتى.
ئېيىتقىنە، نېمىلەرنى دېيىشىمىز
جانسىز نەرسىلەرنىڭ بارمىتى ئېتى؟
ھە، بىزگە ئات كېرەك
ئاتنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان گۈپۈرلەشلەر
يۈرەكنى ئەسلىتىدۇ؛
ئۇنىڭ تېرىسىدىن چىققان تەرلەر
روھلارنى ئەسلىتىدۇ
شەيئىلەرنى زوقلاندۇرىدۇ...
ئورمانلارغا كېتەيلى،
چېتىگە چېدىر تىكىپ
ئوتتۇرىسغا ئوت قالاپ قۇيايلى.
بۇ ئوت شۇنچىلىك يەرنىلا يورىتالايدۇ
لېكىن يىراقتىن كۆرىنەر
يار بىزدىن سۆيىنەر...
يېقىندىن بېرى ئۇيقۇم قىستاۋاتىدۇ
كۈندۈزدىكى يورۇق ۋاقىتتا
ئەزرائىل ئىشىك چەكمەكتە
قايسىمىز ئاچىمىز ئاڭا باغرىمىز
تۇر، ھۆرمەت بىلەن چىقايلى
ئۇنىڭغا،
ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تاللاتقۇزايلى
ئۇنىمىساچۇ دەمسەن؟
ياق، ئۇ شەيئىلەرنى بولسىمۇ ئېلىپ كېتەر
ئاھ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن
ئەجەبمۇ جىمجىت سۆزلىدۇق
ئاھىمىزنى كىممۇ بىلەر؟...
2012-4-14