ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
ئېشەك بايرىمى
(شېئىرىي چۆچەك)
بىر گەپ بارتى ئويلاپ كۈلگۈم كېلىدۇ،
ئىچىمگە سېغمىدى ھېچ دېگۈم كېلىدۇ.
گەپ باشلىغۇم كەلدى ئېشەك رەنجىدە،
(مېنى كەچۈرۈڭلار خۇدا ھەققىدە!)
ھەر كىمنىڭ قۇلىقى خاس ئۆزىگىلا،
ھە، مېنى مازاق قىلماس كۆزىچىلا!
دەۋەتتىم، قاملاشسۇنۇ، قاملاشمىسۇن،
باشقىلار ئاڭلاشسۇنۇ، ئاڭلاشمىسۇن:
«توپىسى گەرچە ئالتۇن كېسەك-كېسەك!
زەر سۈيىدە سۇغارساڭمۇ ئېشەك-ئېشەك!››
دېگەن بۇ ھەزىل گەپكە بوپ نارازى،
ئېشەكلەر قىلىشىپتۇ ۋارى-ۋارى:
‹‹دۆتلۈككە نېمە ئۈچۈن بىزلا تىمسال؟!
يوقمىدۇ ئۇندىن باشقا بىرەر مىسال؟
تۇرساق بىز شۇنچىلىك شاش، شۇنچە چېچەن،
كىمكەن ئۇ بىزنى ئەخمەق، دەلتە دېگەن؟!
نېمىشقا بولماس بىزگە بىرەر بايرام،
بېرەيلى ئۆزىمىزگە كاتتا بىر نام!
بىزلەرمۇ خېلى ئاقىل، خېلى راۋۇرۇس،
چىقىرىپ قويايلىچۇ رەڭلىك قامۇس!
پۈتەيلى ئەجدادلارنىڭ تارىخىنى،
زەر بىلەن سۇغىرايلى ۋارىقىنى.
يېمەيلى ئەمدى پاخال، شادا، سامان،
تارتمايلى ئېتىزلىقتا ئەمدى ساپان.
ئېغىلغا سولاپ قويسا ئۇنىمايلى،
كۈتمىسە ئىگىمىز دەپ تونۇمايلى.
بوغۇزغا بەرسۇن لەغمەن، پولۇسىدىن،
ياتارغا ئۆي-جاي بەرسۇن قورۇسىدىن.
قاراڭغۇ، سېسىق ئېغىل بىزگە خاسمۇ؟
خام، تاغار، پارچە توقۇم بىزگە ماسمۇ؟
چىنىدە سۇ ئىچسەكمۇ يارىشىدۇ،
ھەممە ئەل زوقلىنىدۇ، قارىشىدۇ.
تۈزەپراق يۈرەيلى ھەم ئۈستىباشنى،
تارايلى مويىمىزنى، تېرىپ قاشنى!
تىكلەيلى ئۆزىمىزگە ئالتۇن ھەيكەل،
كۆزلىرى خۇمار گويا كىرپىك پەيكەر!
سالاپەت، ئاتاقتا ئۇ بولسۇن يەكتا،
باشقىلار ھەيرانلىقتا قالسۇن ھەتتا!
ئەپەندىمنىڭ ئېشىكى-ئۆز نەسلىمىز،
قىلايلى ئۇنى ئوبراز ۋەكىلىمىز.
شۇندىلا جاھان ئەھلى بولۇپ قايىل،
نامىمىز پاراسەتكە بولار مايىل.
كەلسۇنچۇ ھەر جانداردىن بىردىن ۋەكىل،
ھە شۇندىلا تۈزەلمەمدۇ رەڭدار شەكىل.
ھېچ بولمىسا تارقىتىشىپ ھەر يان ئۇچۇر،
ئېتىلىدۇ ئېغىزى كىم تاپسا قۇسۇر...››
دېيىشىپ تۈزۈشۈپتۇ كاتتا پىلان،
بېكىتىپ قۇتلۇق كۈننى قىپتۇ ئېلان.
تاغمۇ-تاغ، باغمۇ-باغقا ساپتۇ خەۋەر،
(گوياكى قۇچۇش ئۈچۈن كاتتا زەپەر).
كۈتكەن شۇ قۇتلۇق كۈنمۇ كەپتۇ يېتىپ،
ھەممەيلەن كەپتۇ ھاڭراپ قوشاق ئېيتىپ.
جابدۇپتۇ بىر مەيداننى قىلىپ غەيرەت،
لوزۇنكا چىقىرىپتۇ شۇنچە ھەيۋەت.
ھەممىسى قۇلىقىغا گۈل قىسىپتۇ،
قۇيرۇققا ئۈنچە-مارجان، دۇر ئېسىپتۇ.
تاقاپتۇ بىر-بىرىگە گۈلچەمبىرەك،
سېزىپتۇ ياراشقاننى پاھ، ئەمدىرەك!
ئاستىغا سېلىنىپتۇ ئاھ، پايانداز،
ئوتقاشتەك شۇنچە قىزىل زەر يېكەنداز.
پاھ، يوغان سەھنە-مەيدان قانچە ھەيۋەت،
چوڭلىرى ئولتۇرۇپتۇ تۆردە رەت-رەت.
كاناي، بۇرغا، باراباندا قىپ تەنتەنە،
(بۇ دېگەن ھەممە سەپتە بار ئەنئەنە!)
باشلاپتۇ كۈنتەرتىپنى، تۇنجى گەپنى،
ئوقۇپتۇ بىر نەچچىدىن تەبرىك خەتنى.
ئېشەكلەر قۇلىقىنى دىڭلا تۇتۇپ،
ھاياجان، زوقى بىلەن چاۋاك ئۇرۇپ.
ئۆتۈپتۇ قاتار-قاتار، قىلىپ پارات!
ھاڭرىشىپ مارش ئوقۇپتۇ كۈچەپ، ھەيھات!
ئارقىدىن ئېپ بېرىپتۇ مۇكاپاتلاش،
تارقىتىپ خاتىرە بويۇم، ئابىدە تاش...
‹‹دانىشمەن!›› دەپ نام بېرىپتۇ توققۇزىغا،
‹‹مۇنەججىم!›› دەپ ئات قويۇپتۇ ئوتتۇزىغا.
قالغانلىرى ئۆز قاتارى، ئۆز رېتىدە،
مۇناسىپ نام ئېلىپتۇ بەك ئېپىدە...
كىيدۈرۈپتۇ بەقەسەمدىن شايى توقۇم،
(تاقىسى زەر ئالتۇندىن بولدى چوقۇم).
قىلىپتۇ بىر-بىرىنىڭ تەرىپىنى،
ساقلايمىز! دەپتۇ ئۇنىڭ شەرىپىنى!
ھەتتتاكىي بىر نەچچىسى ئۆكسۈپ يىغلاپ،
تاتىلاپ يۈرىكىنى، گاھى تىغلاپ.
بېرىپتۇ ياڭراق ئۈندە كاتتا قەسەم،
چاۋاكلار چېلىشىپتۇ ھەممە دەرقەم!
گەپ باشلىنىپ ئۆتە-ئۆتمەي يېرىم سائەت،
قىلالماي تۇرسا ھەممە ئەسلا تاقەت.
دەل شۇ چاغ رىياسەتچى ئېشەكنىڭ، ھىم،
قىچىشىپ بىر يەرلىرى تۇرالماي جىم!
بېقىنىنى بىر چىۋىن چاققان سەۋەب،
سەھنىدە ئېغىناقلاپ كېتىپتۇ زەپ.
ھەممىنىڭ تۇتۇپ بىردىن كونا خۇيى،
تارقاپتۇ بولغىنىدەك خەقنىڭ تويى.
چېپىپتۇ توپا ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپ،
(قېنى ئۇ بايا بەرگەن ئۇنۋان-شەرەپ؟!)
ئېغىناقلاپ بوز توپىنى پۇرقىرىتىپ،
جايىغىلا تېزەكلەپتۇ سىيىپ، چىچىپ...
ھالى ۋاي شايى توقۇم، گۈلچەمبىرەك،
قېنى ئۇ قىسقان گۈلى، مارجان-بېزەك؟!
بىرلىرى جاڭگال تامان چېپىپتۇدەك،
زەي سۇنى قېنىپ-قېنىپ ئىچىپتۇدەك.
بىرلىرى چېپىپتۇمىش ئېغىلىغا،
‹‹ھېلى كەل!›› دەپ قويۇشۇپ يېقىنىغا!
ھەممىسى ئۆز ئىشىدا بولۇپ ھەلەك،
كىم-كىمگە باش بولغاننى بىلمەپتۇ خەق!
قېنى ئۇ بەزمە-مەشرەپ، نەغمە-ناۋا؟
كىم بىلەن كىمنىڭ كارى؟ نېمە غوۋغا؟!
ھەممەيلەن بولۇشۇپتۇ ئوپۇل-توپۇل،
چېپىپتۇ كەلسە-كەلمەس ئوڭغۇل-دوڭغۇل!
تارقاپتۇ زەپ كۆڭۈلسىز بۇ بەزمىمۇ،
كېتىپتۇ ھايالشىماي ئەڭ ئەزمىمۇ!
سورۇندا قاپتۇ پەقەت ئون بەش ۋەكىل،
كىم-كىمگە بولالايدۇ بۇندا كېپىل؟
كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەستىن،
يا كۆڭۈل سۆزلىرىنى دېيەلمەستىن.
شۇ كۈندىن باشلىنىپتۇ مۇنداق ئۆسەك:
‹‹ئېشەكتۇر دۆتلۈككە ھەم مەڭگۈ ئۆرنەك!
ھاڭرىسا بىرسى ھەممە ھاڭرايدىكەن،
ئۆزىنى بىكاردىنلا داڭلايدىكەن!
يايايلى بىز بۇ گەپنى كەڭ ئالەمگە،
مىڭ لەنەت! تويدۇق ھەممە بۇ ئايەمگە!
بەرىبىر ئېشەك دېگەن ھامان ئېشەك،
قىلىقى شۇنداق ئىدى، گۇمان بىشەك!››
***
بولدى بەس، تۈگىدى بۇ قىزىق گېپىم،
بار ئىدى سىرتتا مۇھىم بىرلا ئىشىم:
بوۋام كەپتۇ ئۆيگە مىنىپ بىر ئېشەكنى،
چىقىپ كىرگۈچە ئاتماڭلار خام كېسەكنى!
پاخال كۇلا بىلەن باغلىۋېتىپ كىرەي،
ئۇنىڭ ھالى قانداقكىن؟! ھېلى دەپ بېرەي!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-15 14:48