ئەسسالام، كۇچا
3 s( V0 c+ E* v( مۇخەممەس )
2 C: M5 B# X7 l* g* j0 j# y
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
2 E- k- O- K$ c+ Y, M" s8 o<<مىڭ يىللىق كۈسەن،يۈز يىللىق كۇچا>>،(ئەدىبلەر نەزىرىدىكى كۇچا)مۇھاكىمە يىغىنىغا بېغىشلايمەن.
& Y4 g8 \" k" t) E- @8 m1 q3 \
2 N! N% i& Q4 y! _6 G* Q
; J9 A; c* i2 ]
$ l: r- V# Z& |& C9 {; rيۇرتلار ئارا ئىللىق ماكان، دىيارىم كۇچا،
تۈگىمەيدۇ داستان يازسام ئىزھارىم كۇچا،
قالغان سەندە بالىلىقىم، ئىزلارىم كۇچا،
كەلدىم بۈگۈن شۇنچە تاتلىق ھىسلارىم كۇچا،
ئوخچار دىلدا مەجنۇنتالدەك بىخلارىم كۇچا.
6 _$ a5 f- x4 C
) x" {' Q, {- j. n% y/ M! n0 k) y7 z6 D, ]/ E
~* l+ {5 V, q) B; }باغلىرىڭ شۇنچە ھاۋالىق ئارەمبەخشتۇر،
تەبىئەت باغرىڭغا سىزغان گۈزەل نەقىشتۇر،
ئارزۇيۇم شەنىڭگە نەزمە-داستان پۈتۈشتۇر،
تامچەڭدەك باغرىڭغا بىر رەت سىڭىپ قېنىشتۇر،
زەم-زەم كەبى دىلغا ھوزۇر ماكانىم كۇچا.
% K; K3 o/ ^7 Y" E A- \4 C& a! c' j( h3 A
$ J4 G* t. T" E
/ S' Q2 t( X9 V0 D1 o6 k
ئاتا-بوۋا، ئەجدادلىرىم ئۆسكەن قوينۇڭغا،
ھالال تەردىن گۈلدەستىلەر ئېسىپ بوينۇڭغا،
جەم بولۇشتۇق بۈگۈن مانا قۇتلۇق تويۇڭغا،
ئامانلىقلار تىلەپ كەلدۇق ئالتون بويۇڭغا،
يۇرت سۆيگۈسى مىسكىن دىلغا دەرمانىم كۇچا.
6 a N2 _ E7 ^) y
$ s& R1 K# y3 R% N! R0 S: L: v. B E, l/ U8 o. a3 |: f3 F; @
' p! ~9 [. p! u L) kشەرىپىڭگە جەم بولۇشتۇق ئۇشبۇ بەزمىگە،
سېنى كۈيلەپ ناخشا-ئۇسۇل چىقتى ئەۋجىگە،
چۆمۈلمەكتە ھەربىر كۆڭۈل باھار پەيزىگە،
بۇ پۇرسەتتە قايسى شائىر كەلمەس نەزمىگە،
گۈزەللىكىڭ دىلغا ھوزۇر، جاھانىم كۇچا.
; N( c7 J& Y% Z8 D" U3 f! [( R3 n. W I2 @
* A6 x, I, T$ l* X5 y
% }& p8 C* `' y0 k. S قوش دەريالار گويا تىلسىم بارچە ھەيرەتتە ،
بار مەۋلانە مازىرى،ۋاڭ مۇنارى يەنە،
قەدىم‹‹كۈسەن كېچىكى››دىن ئۆتۈشكەن ھەممە،
‹‹تېرەك تۈۋى›› ئۆتىڭىدە تارىخلار ئەنە،
‹‹مىڭ ئۆي››لەرنى بەرپا قىلغان پەرھادىم كۇچا.
2 L' }5 [0 `5 w7 n$ C8 p3 Q9 f
& L. L1 [) O% c- O7 A: x/ M+ l0 t; ^+ o; ~! x
: p, t, h8 [" p% P7 B7 z, @
سەندە ئۆتكەن تالاي باتۇر،ئىشچان،قالتىسلار،
دېھقان، ئىشچى،ھۈنەرۋەن ھەم كۈيچى-ئارتىسلار،
تارىخلارغا پۈتۈلگەنغۇ تالاي قامۇسلار،
شەرىپىڭدىن كۆككە يەتتى بۈگۈن ئالقىشلار،
باغرىڭ جەننەت، يايرىغايمىز نىگارىم كۇچا.
5 u$ F7 d3 i# V* ~- E
6 I! B- Q' s2 ^5 K& }# Q
: W. ?+ r% r F% w. Z! b% A; G+ C+ T( i7 ]5 M {+ _
سۈيۈڭ شەربەت، يېرىڭ مۇنبەت، سېھىرلىك دىيار،
خەلقىڭ ئىشچان، مېھماندوسستۇر مىھىرلىك دىيار،
بىلگەچ سېنى چىن كۆڭلىدىن قەدىرلىك دىيار،
قىز-يىگىتىڭ شۇنچە ئىشچان پەخرلىك دىيار.
كەلدىم باغاش ئەتكىلى جان- جانانىم كۇچا.
+ G3 u" B8 K3 s8 {- `4 h3 v4 ^4 K! s- u0 p3 [
3 J e7 T0 f& H
: C% J1 c- K& Q/ ^9 W2 [7 Aسايۋا-كىشمىش تىلنى يارار ھەسەلۇ-شەربەت،
دېھقانلارغا قۇچاق ئاچار مول-ھۇسۇل، ئامەت،
قەد كۆتۈردى رەت-رەت بىنا باغرىڭدا ھەيۋەت،
يۇرت ئىشقىدىن دىلدا يانار ئوتلۇق مۇھەببەت،
قان-تەر بىلەن باغ بولدۇڭ بوستانىم كۇچا.
% A; Z$ e0 y$ |( i8 q/ t) @6 t
" ]" K+ |! s/ f6 g$ [5 _! ] m, i8 r$ J/ ]& c" G
/ e4 F& ?0 d+ e/ h8 T. d: Jيەكشەنبىدە زەپ قاينايدۇ ئۇچا بازىرى،
دېھقانلار شاد، لىق بولغاچقا ھوسۇل تاغىرى،
سۆيۈندۈرەر ھەر بىر دىلنى كۇچار ھازىرى،
ھەۋەس بىلەن چۈشەر ساڭا ئەللەر نەزىرى،
كۆز تەگمىسۇن دەيمەن ساڭا غەمخانىم كۇچا.
$ W9 A6 U% i4 j
5 I5 |9 j8 W- V; R& q* y1 I& D" b
4 Y5 U8 Z, m, U4 z4 { @
2 F& h2 \& _& }2 M ياشناپ كەتكىن ئەزىز دىيار كۈنسىرى ئۆرلەپ،
كەلدى مانا ئوغۇل-قىزىڭ يوقلاپ-پەتىلەپ،
نەزمە قوشتۇق كەلگۈسۈڭگە ئامەت-قۇت تىلەپ،
تىلەكلەردىن گۈلباغ كەبى ياشنىغىن گۈللەپ،
بۇ ھاياتتا سېنى كۈيلەش ئارمانىم كۇچا.
* v7 M( Y' m/ u4 n- S) }1 G; [4 @5 r) h4 Y# ?! t$ X7 E
2013-6-20
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-15 09:41 # g% Z# m" R! C" {
" k. U/ h1 D. y0 X# Q