كۆرۈش: 502|ئىنكاس: 10

شېئىرلارنىڭ تۈزۈلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1785
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 231
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 12:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدا

مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ

شېئىر چىن ۋە قايناق ھېسسىياتقا تويۇنغان ئوبرازلىق سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مۇئەييەن رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىق تەلىپىگە ئاساسەن قانۇنىيەتلىك ھالدا تەرتىپكە تىزىلىشىدىن مەيدانغا كېلىدىغان تىل سەنئىتىدۇر. شېئىرنى تۈزگۈچى ئامىللار مىسرا، بېيت، كۇپلېت، تۇراق، رېتىم (ۋەزىن)، قاپىيە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بىرىنچى. شېئىرنى تۈزگۈچى ئامىللار
1. مىسرا شېئىرنىڭ ھەربىر قۇرى (سەتر، يول) مىسرا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شېئىردا مەلۇم مەنىنى ئىپادىلىگەن شېئىرىي جۈملىدۇر. مەسىلەن:
ئەلنى ئويغاتماق تىلەك، تاڭدا بىر چۇقان بىلەن. (14بوغۇم)
ــ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
گاھىدا گىرامماتىكىلىق قائىدە ۋە مەنتىقىي پىكىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن بىر پۈتۈن مەزمۇننى بىلدۈرىدىغان بىر جۈملە ئىككى مىسرا قىلىپ تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن:
مۇھەببەتنىڭ تەبىرى بار دېيىلسە، (11بوغۇم)
ۋاپا، مەردلىك شۇ تەبىرنىڭ جەۋھىرى. (11بوغۇم)
تاپار قىممەت ئىززىتىنى ۋاپادىن،(11بوغۇم)
قىز-يىگىتنىڭ ئىلكىدىكى گەۋھىرى. (11بوغۇم)
ــ ئابدۇللا سۇلايمان   
قارا ساچىم يەلپۈنۈپ، (8بوغۇم)
قاشىمغا چۈشتى،(5بوغۇم)
تۈمەن سەۋدا، بالالار،(8بوغۇم)
باشىمغا چۈشتى. (5بوغۇم)
(سىيت نوچى قوشاقلىرىدىن)
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ مىسرالىرى ئەڭ ئاز بولغاندا تۆت بوغۇمدىن كۆپ بولغاندا 16 بوغۇمغىچە بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، تەڭ بوغۇملۇق شېئىرلاردا شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىنىڭ ئومۇمىي بوغۇم سانى قانچە بولسا، شېئىر ئاياغلاشقانغا قەدەر ھەربىر مىسرانىڭ ئومۇمىي بوغۇم سانى شۇنچە بولىدۇ. ئارىلاش بوغۇملۇق شېئىرلارنىڭ ئۇزۇن مىسرالىرىنىڭ بوغۇم سانلىرى ئۆزئارا تەڭ، قىسقا مىسرالىرىنىڭ بوغۇم سانلىرىمۇ ئۆز ئارا تەڭ بولۇپ، شېئىر ئاياغلاشقانغا قەدەر شۇنداق داۋاملىشىدۇ. ئەگەر مىسرالارنىڭ بوغۇم سانىدا ئاز-كۆپلۈك كۆرۈلسە، شېئىردا نۇقسان كۆرۈلگەن بولىدۇ.مەسىلەن:
پادىچى بالا ئۆزى پادىشاھ، (10)
ئۇنىڭ تەختى يېشىل قىيا تاش. (9)
بېشىغا كىيەر ئالتۇن تاجىسى، (10)
باش ئۈستىدىكى شۇ نۇرلۇق قۇياش. (10)
ــ گيوتى
مانا بۇ شېئىرنى تەرجىمە قىلىشتا ئىككىنچى مىسراسىدا بىر بوغۇم كەم بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ مۇشۇ شېئىر تەرجىمىسىدىكى نۇقسان ھېسابلىنىدۇ.
2. بېيت شېئىرىي ئەسەرلەردە بىر-بىرىگە چىڭ باغلانغان ھالدا بىر پۈتۈن تەپەككۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىككى مىسرانىڭ قوشۇلمىسى  بېيت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
بارمىكىن تاڭ ھېچنېمە ئالەمدە ھېجراندىن يامان،
ھەرنەكىم ئاندىن يامانراقتۇر بۇدۇر ئاندىن يامان.
ــ بابور

كىچىكىمدە ئوقۇۋىدىم كالامۇللانى،
چوڭ بولۇپ بىلمەپتىمەن مەككەتۇللانى.

مەككەتۇللا ئىچىدە بىر جۈپ قىزىلگۈل،
قىزىلگۈلنىڭ ئىچىدە مەختۇمخان بۇلبۇل.
(خەلق قوشىقى)
3. كۇپلېت شېئىرنىڭ مەلۇم تەرتىپتە قاپىيەلەنگۈچى ۋە مەنە جەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلىق بولغان بىر ياكى بىرنەچچە تۈگەل پىكىرنى ئىپادىلىگۈچى شېئىر مىسرالىرىنىڭ گۇرۇپپىسى كۇپلېت (بەند) دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كۇپلېتلار ئاز بولغاندا ئىككى مىسرادىن، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە مىسرادىن تۈزۈلىدۇ.
4. تۇراق شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى تۇراق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
ئەل غېمىدە/ ئۇرسا مېتىن/ ياندى گۈلخان،/
ئۆزى چۆلدە/ چاقناپ چېقىن/ بولۇپ ھەيران./
كۆڭلى كۆلدە/ كۈلۈپ ئېقىن/ تاڭدا چولپان،/
سۇ ئىزدىدى،/ تاغ تۈزلىدى،/ ئۇز سۆزلىدى/...
ــ ياسىن زىلال
(تۇراق شەكلى: 4/4/4)
مۇھەببەت/ ھېجرانى/ مۈشكۈل ئىمتىھان،/
تاۋلايدۇ/ ھېجرىدە/ ۋىجدان، نومۇسنى./
شۇڭلاشقا/ تىترەشتىن/ ئۆلۈم ئالدىدا،/
مىڭ ئەلا/ بىلىمەن/ قۇربان بولۇشنى./
                            ــ م. رېھىم
(تۇراق شەكلى: 3/3/5)
5. رېتىم رېتىم (گىرېكچە «rhuthmos» ۋەزىنداش، ئاھاڭداش سۆزىدىن كەلگەن) ئىش-ھەرىكەتنىڭ قائىدىلىك ساداسى. ئۇيغۇرچە «ماسلىشىش، لايىقلىشىش» ياكى «ئاھاڭ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شېئىردا مەلۇم بىرخىل مىقداردىكى بوغۇملارنىڭ بەلگىلىك تەرتىپتە قاتار تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئاھاڭدارلىق رېتىم دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
بۇ ئالەم/ بىر ئۆتكەل/ ھەر ئىنسان ئۈچۈن،/
ئاي، قۇياش/ ئالمىشىپ/ كېلەر كۈنۇتۈن./
ئۈنگىنى/ ئىزىڭدىن/ گۈلمۇ يا تىكەن،/
بىرمۇبىر/ ھېسابنى/ بېرىسەن بىر كۈن./
ــ ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىن
مەن قەيەردىن/ تاشلىسام قەدەم،/
شۇ يەرلەردىن/ باشلىنار يوللار./
مەن قەيەرگە/ سوزسام قولۇمنى،/
شۇ يەرلەردىن/ تەڭلىنەر قولار./
ــ ئابلىمىت ئابدۇقادىر
بۇ مىسالدا، يۇقۇرىقى رۇبائىينىڭ ھەر بىر مىسراسىنىڭ بىرىنچى تۇراق 3، ئىككىنچى تۇراق 3، ئۈچىنچى تۇراق 5 بوغۇم بويىچە تەكرارلىنىپ كېلىشى ۋە ئىككىنچى شېئىردىكى ھەر بىر مىسرانىڭ بىرىنچى تۇراق 4، ئىككىنچى تۇراق 5 بوغۇم بويىچە تەكرارلىنىپ، جەمئى 16 كۇپلېت شېئىردا باشتىن-ئاخىر شۇ تەقلىدتە ئوخشاش تەكرارلىنىشى بىر خىل ئاھاڭدارلىقنى، يەنى رېتىمنى ھاسىل قىلغان.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىنىڭ تۇراق شەكلى قانداق بولغان بولسا، پۈتكۈل شېئىر ئاخىرلاشقۇچە ھەربىر مىسرانىڭ تۇراق شەكلى شۇنداق بولىدۇ. مەسىلەن، يۇقۇرىقى « مەن قەيەردىن/ تاشلىسام قەدەم» دېگەن مىسرانىڭ تۇراق شەكلى 4/5 بولۇپ، 16 كۇپلېت شېئىرنىڭ بارلىق مىسرالىرى (64 مىسراسىنىڭ ھەممىسى) 4/5 تۇراق شەكلىدە تۇراقلارنى ھاسىل قىلىپ كەلگەن. ئەگەر مىسرالارنى تۈزگۈچى تۇراقلارنىڭ بوغۇم سانىدا ئاز-كۆپلۈك كۆرۈلسە، شېئىرنىڭ رېتىمى بۇزۇلۇپ (ۋەزنى چۈشمەي)، شېئىردا نۇقسان كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
شۇ رەنا/ شائىرلار/ قاتارىدىن جاي،/     (3/3/4)
ئالغاندۇر/ يۈسۈپ خاس/ بىلەن نازارى. /(3/3/4)
ماختانسام/ ھەققىم بار،/ تەكچىم مېنىڭ باي،/(3/3/4)
شاھ ئەسەرلەر بىلەن/ لىق تولغان بارى. /(6/5)
(رەھمىتۇللا جارى)
ئەركىلىتىپ/ سېنى ئۆستۈردى/ ۋەتەن،/(4/5/2)
بۇلبۇللار/ سايرىغان/ شۇ گۈلزار باغدا. / (3/3/5)
ئاھۇلار/ يايرىغان/ لالىزار تاغدا،/(3/3/5)
قەلبىڭگە/ نۇر سەپتى/ ئاپتاپ روشەن. /(3/3/4)
ــ قۇربان ئىمىن.
يۇقۇرىقى ئىككى كۇپلېت شېئىر ئوخشاشلا 11 بوغۇملۇق شېئىر بولۇپ، ئالدىنقىسىنىڭ تۆتىنچى مىسراسىدا، كېيىنكىسىنىڭ بىرىنچى ۋە تۆتىنچى مىسراسىدا نۇقسان كۆرۈلگەن. شۇڭا شېئىر يازغاندا، مىسرالارنىڭ بوغۇم سانى تەڭ بولغاندىن سىرت، تۇراقلارنىڭ بوغۇم سانىنىڭ ئوخشاش بولۇشىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
6. قاپىيە شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
ئالدىراقسان كىشىنىڭ،
ساپاسى يوق ئىشىنىڭ.
ساقايمايدۇ ئاغرىقى،
ئۆمۈرۋايەت بېشىنىڭ.
ــ ۋاھىتجان غوپۇر.
قاپىيە شېئىرىي نۇتۇقنى ئاھاڭدار ۋە تەسىرچان قىلىدۇ، مىسرالارنى ئەستە ساقلاپ قېلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ماقال-تەمسىللىرى، ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە سەجئەلەر (قاپىيەلىك نەسرلەر) قاپىيەلىك قىلىپ يارىتلغان. قاپىيە يەنە شېئىرىي ئەسەرلەردە كۇپلېت (بەند) لارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئاساسىي ۋاسىتە. ھەر خىل ژانىردىكى شېئىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس قاپىيەلىنىش ئۇسۇلى بولىدۇ.
قاپىيە تۈزۈلۈشى (ئاھاڭداشلىق، تاۋۇش تەركىبى) جەھەتتىن ئاچ قاپىيە ۋە توق قاپىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1) توق قاپىيە. ئاھاڭداشلىقى تولۇق بولغان سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ قاپىيەلىنىشى توق قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ.
توق قاپىيە بولۇشنىڭ شەرتى:
(1) ئۆزئارا قاپىيەداش بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار جۈپلۈك تاۋۇشلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، يەنى قاپىيەداش سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۆزلىرىنىڭ تەرتىپى بويىچە تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن تولۇق ماس كېلىشى كېرەك. مەسىلەن: باھار/بازار؛ ئورۇن/بۇرۇن؛ سەھەر/قەمەر؛ ئۆتكەن/پۈتكۈن...
(2) قاپىيەداش بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ بوغۇم سانلىرى ئۆزئارا تەڭبولۇشى كېرەك. مەسىلەن: «مۇھەببەت» بىلەن «پەقەت» سۆزلىرىنى توق قاپىيە دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى سۆزنىڭ كېيىنكى بوغۇملىرى جۈپلۈك سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما «پەقەت» دېگەن سۆزنىڭ «مۇھەببەت» دېەەن سۆزنىڭ بىرىنچى بوغۇمى بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ كېلىدىغان بوغۇمى يوق.
(3) ئۆزئارا قاپىيەداش سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشمۇ ئوخشاش بولۇشى كېرەك.. مەسىلەن: ئالماق/قارماق؛ ۋەتەن/مەنەن...
ياخشى سۆزلا ئېرىتەر مۇز بىلەن تاشنى،
توختىتار كۆزۈڭدىن تامچىغان ياشنى.
يامان سۆز ئىنسانغا زەھەردىن ئاچچىق،
بەزى قان چىقارماي يارىدۇ باشنى.
ــ ت. نىياز
2) ئاچ قاپىيە. ئاھاڭداشلىقى تولۇق بولمىغان سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ قاپىيەلىنىشى ئاچ قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. توق قاپىيەنىڭ شەرتلىرىگە چۈشمىگە سۆزلەرنىڭ قاپىيەلىنىشى ئومۇمەن ئاچ قاپىيە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاچ قاپىيە بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار جۈپلۈك تاۋۇشلاردىن ئىبارەت بولمايدۇ، يەنى قاپىيەداش بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ھەرقايسى بوغۇملىرى تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تەتىپ بويىچە تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن بىردەك بولمايدۇ.  مەسىلەن:
مەنمۇ بەلكىم بىركىملەرگە ئەكسلەندىم،
كۈنلۈك تۇتۇپ ساقلىغاندۇ بېكەتتە.
مەن چۆمۈلۈپ يامغۇرىغا ئۆتمۈشنىڭ،
كوچىسىدا پاتقاق كېچىپ يۈرگەندە.
ــ ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت
شېئىر مىسرالىرىدىكى قاپىيە يەنە قاپىيەلىنىش شەكلى جەھەتتىن تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
1) جۈپ قاپىيە. شېئىردىكى مىسرالار سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىدىن قەتئىنەزەر، ھەر بىرجۈپ مىسرانىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن مۇستەقىل ھەم ئەركىن قاپىيەلىنىپ كېلىشى جۈپ قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ.
قاپىيە شەكلى: aa, bb, ss, dd….
مەسىلەن:
سەندىن ئۆزگە سۆيگىنىم يوق بۈيۈك ۋەتەن،
ساڭا پىدا، شاڭا قۇربان جان بىلەن تەن.
سېنى كۈتۈش، سېنى ساقلاش ماڭا بۇ پەرز،
ۋەتەن سۆيۈش ۋەتەن ئوغلىغا ئەزەلدىن قەرز.
ــ نىم شېھىت
2) ئەركىن قاپىيە. تۆت مىسرالىق شېئىرلارنىڭ 2-، 4- مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەر قاپىيەداش كېلىپ، باشقا مىسرالىرى قاپىيەنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ئەركىن ھالدا كەلگەن قاپىيە شەكلى ئەركىن قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. قاپىيە شەكلى:abcb ، aaba، aacb، abcc، abca ...
مەسىلەن:
كۈزشامىلى يەلپۈپ ئۆتىدۇ،
قاناتلىرى يۇمشاق غۇبارسىز.
كەلمەيدۇ ئۇ بىزنىڭ تەرەپكە،
خۇشچىرايسىز، خۇشبۇي ئىپارسىز.
ــ مۇھەممەت رېھىم
ئادەتتە رۇبائىينىڭ قاپىيە شەكلىمۇ ئەركىن قاپىيەگە كىرىدۇ. قاپىيە شەكلى:aaba مەسىلەن:
ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،
مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى.
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسېرى.
ــ ت. ئلىيوف.
ئەركىن قاپىيەدە تۈزۈلگەن شېئىرنىڭ بارلىق كۇپلېتلىرى باشتىن-ئاياغ ئەركىن قاپىيەدە كېلىشى كېرەك. ئارىلاپ ئالماش قاپىيەلىك كۇپلېت ئارىلىشىپ قالسا شېئىرغا نۇقسان يەتمەيدۇ، ئەمما باشقا قاپىيە شەكلىدىكى كۇپلېتلار ئارىلىشىپ قالسا، بۇ شېئىرغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ.
3) ئالماش قاپىيە. تۆت مىسرالىق شېئىرلارنىڭ 1-، 3-، مىسرالىرى ۋە 2-، 4- مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەر ئۆزئارا قاپىيەداش بولۇپ كەلگەن قاپىيە شەكلى ئالماش قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. قاپىيە شەكلى:abab

مەسىلەن:
تاڭ سەھەر بېشىمدىن ئۆتكەن شوخ شامال،
ئويغاتتى ئۇيقۇدىن ئېتىز باغلارنى.
كۆكلەمدە جانلانغان ئۈمىدلىك خىيال،
يول سالدى سۆيۈشكە ئېگىز تاغلارنى.
ئالماش قاپىيەدە تۈزۈلگەن شېئىرنىڭ بارلىق كۇپلېتلىرى باشتىن-ئاياغ ئالماش قاپىيەدە كېلىشى كېرەك. باشقا قاپىيە شەكلىدىكى كۇپلېتلار ئارىلىشىپ قالسا، بۇ شېئىرغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ.
4) يانداش قاپىيە. تۆت مىسرالىق شېئىرلارنىڭ 1-مىسراسى بىلەن 4- مىسراسى ۋە 2- مىسراسى بىلەن 3- مىسراسىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەر ئۆزئارا قاپىيەداش بولۇپ كەلگەن قاپىيە شەكلى يانداش قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. قاپىيە شەكلى: abba
مەسىلەن:
ئەركىلىتىپ سېنى ئۆستۈردى ۋەتەن،
بۇلبۇللار سايرىغان بۇ گۈلزار باغدا.
ئاھۇلار يايرىغان لالىزار تاغدا،
قەلبىڭگە نۇر سەپتى ئاپتاپ روشەن.
ــ قۇربان ئىمىن.
ئەگەر بەش مىسرالىق شېئىر بولسا، تۆۋەندىكىدەك قاپىيە شەكلىدە كېلىدۇ:
كۆزۈم تىكسەم ئاپئاق چېچىڭغا،
ئۇزاق تارىخ چۈشەر ئېسىمغا.
قانچە ئازاب-كۈلپەت تارتمىدىڭ،
قانچە ئېغىر يوللار باسمىدىڭ،
يەتكىنىڭچە مۇشۇ يېشىڭغا. (aabba)
ــ رەخىم قاسىم.
يانداش قاپىيەدە تۈزۈلگەن شېئىرنىڭ بارلىق كۇپلېتلىرى باشتىن-ئاياغ يانداش قاپىيەدە كېلىشى كېرەك. باشقا قاپىيە شەكلىدىكى كۇپلېتلار ئارىلىشىپ قالسا، بۇ شېئىرغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ.
5) باش قاپىيە. شېئىر مىسرالىرىنىڭ بېشىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى باش قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
مانا بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم،
ئانا سېنىڭ تۇغقان كۈنۈڭ ھەم.
قارا، دۇنيا كۈلمەكتە قەھ-قەھ،
ساڭا تەبرىك ئېيتىپ مۆھتەرەم.
ــ مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ
6) قوش قاپىيە (رادىپ). شېئىر مىسرالىرىدىكى قاپىيەدىن كېيىن تەكرارلىنىپ كەلگەن سۆزلەر قوش قاپىيە، يەنى رادىپ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
ئەي يۈرەك سۆيگەن دىيارىم، سەن ماڭا جاندىن ئەزىز،
قان تومۇردا شاخلىنىپ ئاققان قىزىل قاندىن ئەزىز.
ــ م. زۇنۇن
رادىپلىق شېئىر-غەزەللەرنىڭ بارلىق كۇپلېتلىرى چوقۇم رادىپلىق كېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا رادىپسىز كۇپلېتلار ئارىلىشىپ قالسا، بۇ شېئىرغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ.
7) ئىچكىي قاپىيە. ئادەتتە مىسرالىرى ئۇزۇنراق ھەر بىر تۇراقنى تەشكىل قىلغۇچى سۆزلەرنىڭ قاپىيەداش بولۇپ كېلىشى ئىچكىي قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
باھارنىڭ ھۆسنىنى كۆردۈم سېنىڭ غۇنچە سىياقىڭدا،
شۇڭا مەجنۇن بولۇپ يۈردۈم كۆيۈپ ئىشقىي پىراقىڭدا.
جۇلالايسەن گويا توزدەك، قېشىڭ مىسالى قۇندۇزدەك،
زىيا چاقنايدۇ يۇلتۇزدەك سېھىرلىك كۆز قاراقىڭدا.
تېپىلغايمۇ ساڭا تەڭداش، ئوتۇڭغا كىم بېرەر بەرداش،
شەپەقنىڭ ھۆسنىگە رەڭداش قىزىللىق بار ياناقىڭدا.
ــ ھاجى ئەخمەت.
دىلرەبالىغ، مېھرىبانلىغ خۇش زەبانلىغلەرمىدۇر،
دىلنەۋازلىغ، قەدرىدانلىغ، بەدگۇمانلىغلەرمىدۇر.
ــ گۇمنام
ئىچكىي قاپىيەلىك شېئىر-غەزەللەر شائىردىن ئالاھىدە يۇقۇرى ماھارەت ۋە مول تىل بايلىقى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىچكىي قاپىيەلىك شېئىر-غەزەللەرنىڭ بارلىق مىسرالىرى چوقۇم ئىچكىي قاپىيەلىك كېلىشى كېرەك. ئەگەر باشقىچە شەكىلدىكى مىسرالار ئارىلىشىپ قالسا، بۇ شېئىرغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ.
8) ئىزچىل قاپىيە. بىر پارچە شېئىردا قاپىيە قىلىنعان سۆزلەر باشتىن ئاخىرىغىچە بىر خىل ياكى جۈپلۈك تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بولسا، ئىزچىل قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىزچىل قاپىيە كۆپىنچە قىسقىراق شېئىرلاردا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:
ئۆلگىنىم ئۆلدۈم دېدىم، ئۆلدۈم مۇھەببەتكە قەدەر،
ئۆلدۈما، ئۆلدۈم ھامان... خوجا مۇھەممەتكە قەدەر.
ئۇندا يار قەبرەم بېشىدا زارۇزار يىغلاپ تۇرار،
بەرق ئۇرۇپ دوزاخكى، گۈلزارى-جەننەتكە قەدەر.
كىرپىكىمدىن تامچىلاپ چۈشتۈم پىراقىڭ بەرگىگە،
ساچىدىن ئەشتىم خىيال ئاشكارا زۇلمەتكە قەدەر.
مەڭزىدىن بولدۇم راۋان گۈلبەرگى جەندەمنى كىيىپ،
كۆزلىرىدە بىر كېچە قوندۇم، باراۋەتكە قەدەر.
ئاھ ئۇرۇپ ئويغاندى تاڭ قايرىپ يۈزىدىن پەردىنى،
يورۇدى رۇخسارىدىن قەلبىم جاھالەتكە قەدەر.
تىرىلىپ ئۆلمەككە ئۆلدۈم، ئۆلگىلى سۈردۈم نەپەس،
بۇ نەپەس قىلغاي داۋام ئەمدى قىيامەتكە قەدەر.
ئەي، غوجى، ئۆلگىن، غەزەلدۇر ئەھلى ئىشققا بۇ ئۆلۈم،
پىر نەۋائىي، مەشرەبى، مەنسۇرى، پۇرقەتكە قەدەر.
ــ غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىمىزدە غەزەل، مۇسەللەس، مۇرەببە (بىر قىسمى)، مۇخەممەس (تەخمىسمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش)، مۇسەددەس (بىرقىسمى)، مۇسەببە، مۇسەممەن، مۇتەسسە، مۇئەششىر قاتارلىق شېئىرىي شەكىللەردە ئىزچىل قاپىيە شەكلى قوللىنىلىدۇ. يەنى بۇ شەكىللەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا بىرىنچى كۇپلېتىنىڭ بارلىق مىسرالىرى تولۇق قاپىيەلىنىدۇ (ئۇدا قاپىيەدە كېلىدۇ). ئىككىنچى كۇپلېتلىرىدىن باشلاپ ھەربىر كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى بىر ياكى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىپ، قاپىيە ئىزچىللىقىنى ساقلايدۇ، ئالدىنقى مىسرالىرى ئۆز ئالدىغا ئۇدا قاپىيەدە كېلىدۇ. بۇ خىل شەكىللەرنىڭ ئەگەر ئۇدا قاپىيەدە كېلىدىغان بىرىنچى كۇپلېتى بولمىسا، بۇ شېئىرنى شۇخىل شېئىرىي شەكىل دېيىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، مۇخەممەسنىڭ مىسرالىرى تولۇق قاپىيەلىنىپ كېلىدىغان بىرىنچى كۇپلېتى بولماي، بار بولغان كۇپلېتلىرىنىڭ ئالدىنقى تۆت مىسراسى ئۆز ئالدىغا ئۇدا قاپىيەلىنىپ، ھەربىر كۇپلېتنىڭ بەشىنچى مىسراسىلا ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، قاپىيە ئىزچىللىقىنى ساقلىسا، بۇنداق شېئىرنى مۇخەممەس دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ شەكىللەرگە يەنە باشقا خىل قاپىيە شەكلىدىكى كۇپلېتلار ئارىلىشىپ قالسا، بۇ شۇ شېئىرىي شەكىللەرگە تېخىمۇ زور نۇقسان يەتكۈزىدۇ.
9) شەكىلداش قاپىيە. شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشلۇق تۈزۈلۈشى ئوخشاش، ئەمما مەنىلىرى ئوخشىمايدىغان شەكىلداش (ئومۇنىم) سۆزلەرنىڭ ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ كېلىشى شەكىلداش قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
مەپتۇن بولۇپ كۆڭلۈم چۈشكەن قەلەم قاشقا،
ۋەسلىنى دەپ چاپقان مىنىپ تورۇق قاشقا.
قەلەم قاشتىن ئەزىز ئىكەن ئەزىز خەلقىم،
ئەلنى كۈيلەپ ئوياي نەزمە يۈرۈڭ قاشقا.
ــ ئىمىن تۇرسۇن
10) ئۇدا قاپىيە. شېئىرىي كۇپلېتلاردىكى قاپىيەلىنىش تەرتىپىنىڭ ئۇدا ئوخشاش شەكىلدە بولۇشى ئۇدا قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
قەشقەر، قەشەر، ئانىجان قەشقەر،
ئەزىزانە ئاشىيان قەشقەر،
تەڭدىشى يوق شادىيان قەشقەر،
قەشقەر، قەشقەر، جانىقان قەشقەر. (aaaa)

ئورتا شارقنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى،
مەرىپەتنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى،
سەن-سەن يىپەك يولى كۆۋرۈكى،
ئىلىم-ھېكمەت قاينىغان قەشقەر. (bbba)
(م. كېرىم)
ئانام مۇڭدىن ئويغانسىدى، ھالىمنى بىلسە،
ۋەسلىگە ھەم بىر قاندۇرۇپ يارىم بەزلىسە،
باغلىرىممۇ تۈزىلەردى باھارىم كەلسە،
يوللار كەڭرى بولۇر ئىدى زامان تۈزۈلسە. (aaaa)
11) كەنجى قاپىيە. بۇ خىل قاپىيە كۆپىنچە ھەر كۇپلېتى سەككىز مىسرالىق شېئىرلاردا ئۇچرايدۇ. شېئىرنىڭ تۆتىنچى مىسراسى بىلەن سەككىزىنچى مىسراسى قاپىيەلىنىپ، قالغان مىسرالىرى قاپىيەلەنمىسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
كۆز ئېچىپ بۇ دەم،
يولدا ماڭاتتىم.
تاغنىڭ باغرىدا،
چىمەنگە قاراپ.
ئەتراپتا شامال،
ئۈستۈمدە بۇلۇت،
كۈننى قاپلىغان،
چۈشمەيتى ئاپتاپ. (abcdefgd)
(ئەلقەم ئەختەم)
12) ئارا (سىڭا) قاپىيە. بۇ كۆپرەك سەككىز بوغۇمدىن ئارتۇق بولغان ئىككى مىسرالىق غەزەل شەكلىدىكى شېئىرلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. شېئىرنىڭ ھەجمى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىرىنچى كۇپلېتنىڭ ئىككى مىسراسى تولۇق قاپىيەلىنىپ، ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ بىرىنچى مىسراسىدىن ئاتلاپ كېتىپپ، ئىككىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇلېتقا قاپىيەلىنىدۇ. مەسىلەن:
ۋەتەن ئوغلى سادىق دوستۇم مېھرىبان بول،
ۋەتەن، خەلق خىزمىتىگە كۆيۈمچان بول.
ھەقىقەت دەپ، ھەقنى ياقلاپ پاكلىق بىلەن،
كەڭ مەيداندا ئەركىن چامدا، غەيۇران بول.
ئادالەت دەپ كۆكرەك كېرىپ بەلنى باغلاپ،
مەنزىل كۆزلە نومۇسنى دەپ پەھلىۋان بول. (aabaca)
ئىككىنچى. شېئىرىي شەكىللەرنىڭ تۈزۈلۈشى
شېئىر كۇپلېتلىرىنىڭ مىسرا سانى ۋە مىسرالارنىڭ قاپىيەلىنىش شەكلى يەنە شېئىرىي شەكىللەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى بەلگىلەيدۇ ھەم مۇئەييەن شېئىر قېلىپىنى ھاسىل قىلىدۇ.
Ⅰقېلىپلىق شېئىرلارنىڭ تۈزۈلۈشى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. مەسنەۋى
بىر كۇپلېتى ئىككى مىسرادىن تۈزۈلگەن، مىسرالار جۈپ قاپىيەدە كېلىدىغان،  قاپىيە ئىزچىللىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان شېئىرلار مەسنەۋى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى زېمىنىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن شېئىرىي شەكللەرنىڭ بىرى بولۇپ، «بېيت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ شەكىل ئارقىلىق مەزمۇننى كەڭ كۇشادە ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
قاپىيە شەكلى: aa,bb,cc,dd…
بىرزامانلار مەنمۇ سىزدەك ياش ئىدىم،
ياشلىقىم ھوزۇرىدىن بەڭۋاش ئىدىم.
گاھ يۈگەنسىز شوخ ئاساۋ بىر تاي كەبى،
گاھ بۇلۇتلار ئىچرە ئۈزگەن ئاي كەبى،
تەلپۈنەتتىم ھەر نەپەس مۇشتاق بولۇپ،
ئارزۇ دەرياسىغا قانماق بولۇپ.
ــ ئا. ئۆتكۈر
2. غەزەل
بىر كۇپلېتى ئىككى مىسرادىن تۈزۈلگەن، بىرىنچى كۇپلېتنىڭ مىسرالىرى ئۆزئارا تولۇق قاپىيەلىنىپ، كېيىنكى كۇپلېتتىن باشلاپ ھەر بىر كۇپلېتنىڭ بىرىنچى مىسراسى (تاق مىسرالىرى) ئوچۇق (قاپىيەسىز) قالدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى مىسراسى (جۈپ مىسرالىرى) بىرىنچى كۇپلېت بىلەن قاپىيەداش كېلىدىغان،  قاپىيە ئىزچىللىقى ساقلىنىدىغان شېئىر شەكلى غەزەل دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا غەزەلنىڭ كۇپلېت سانى تاق بولۇپ، ئادەتتە 5 كۇپلېتتىن 15 كۇپلېتقىچە يېزىش تەلەپ قىلىناتتى، ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزدە بۇنداق چەكلىمە قويۇلمايدۇ.
قاپىيە شەكلى: aa, ba, ca, da…
قاشىڭ مېھرابى، ئەي دىلبەر، مېنىڭكىم قىبلەگاھىمدۇر،
يۈزۈڭ مېھرى كۆڭۈلنى رەۋشەن ئەتمەكلىككە ماھىمدۇر.
ئىبادەتنىڭ قىيامى پايى گامىڭ خانەئى كەئبەم،
ئىزىڭ ئول ئاستانى ئالى ئۈزرە تەكىيەگاھىمدۇر.
ئىكى ئالەم خەيالاتى ماڭا قاتىل ئېرۇر جانا،
سىپاھى تارتىپ ئاتلانساڭ ماڭا يادىڭ پاناھىمدۇر.
بۇ كۆڭلۈم مايىلى بولسا غەيرىنىيادىنى قىلماقغە،
غەمىڭ فۇرقەت ئوتىدا ھەرنە قىلسە ئۆز گۇناھىمدۇر.
ۋەلې قەلبىم قەبۇل ئەتمەس ئۆزۈڭدىن ئۆزگەنى دىلبەر،
ساچىڭنىڭ ھەلقەسى ئول زۇلمىدىن ئارامىگاھىمدۇر.
قارا، كۆرگەن فەلەكتە ئەبرى ئېرمەس، ياغقىنى يامغۇر،
فەلەك ھالىمغا يىغلاپ، ئول قاراسى دۇدى ئاھىمدۇر.
ئەمەسدۇر ئۇستىخان ئاتىڭ ئاياغ ئاستىدا سودرەلگەن،
غەمىڭ رەنجى بىلەن ئۆلگەن مېنىڭ جىسمى تەباھىمدۇر.
جەفاۋۇ جەۋر ئىلە زۇلمىڭ ماڭا بىدادلار قىلدى،
كەرەشمەڭ كۆرسە قەتل ئەيلەر، دېمەس بۇداد خاھىمدۇر.
گۇناھىم غەيرى ئېرمەس ــ كۆزۈمدىن ئىختىيارىمدىن،
مېنى بۇ ئوتقا سالغان ئىختىيارىم ھەم نىگاھىمدۇر.
مېنى ئۆلتۈرسە، تىرگۈزسەڭ سەھنەم لۇتفۇ سيەم ئەيلەپ،
سېنىڭدۇر ئىختىيارىم، ھەرنە قىلساڭ پادىشاھىمدۇر.
كېچە-كغندۈز بۇ مەشرەپنڭ خەيالى ئاستان ئېرسە،
ۋىسالىڭ دەۋلەتىن تاپماقغە ئول پەدىد راھىمدۇر.
ــ بابارەھىم مەشرەپ.
3. مۇسەللەس
مۇسەللەس بىر كۇپلېتى ئۈچ مىسرادىن تۈزۈلگەن، بىرىنچى كۇپلېتى  تولۇق قاپىيەلىنىنىدىغان، ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ئالدىنقى ئىككى مىسراسى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، ئۈچىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىدىغان شېئىرىي شەكىلدۇر. بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىدە ئۇنىڭ باشقا خىلدىكى قاپىيە شەكىللىرىنىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن.
ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى قاپىيە شەكلى: aaa, bba, cca, dda….
ئانار گۈلى قىزىل چوغدەك بەرگىدە،
لاۋۇلدايدۇ حۇددى ياقۇت رەڭگىدە،
كۈلدى شۇنداق ياشلىق باھار پەسلىدە.
ئانار گۈلى يارىشىپتۇ چېكەڭگە،
گۈل ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى چىمەنگە،
سېنىڭ كۆڭلۇڭ ئانار گۈلدەك ئەسلىيدە.
ــ ق. ئىمىن
4. مۇرەببە
تۆت مىسرالىق كۇپلېتلاردىن تۈزۈلگەن شېئىر مۇرەببە دەپ ئاتىلىدۇ. قاپىيەلىنىش شەكلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ، مۇرەببە ھەر خىل شەكىللەردە كېلىدۇ. مۇرەببەنىڭ قېلىپلىق شەكىللىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1) دەسلەپكى كۇپلېتنىڭ مىسرالىرى تولۇق (ئۇدا) قاپىيەلىنىدىغان، كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ ئالدىنقى ئۈچ مىسراسى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، تۆتىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىدىغان، قاپىيە ئىزچىللىقى ساقلىنىدىغان شەكىل: aaaa, bbba. ccca, ddda….
ھايات بېغىدا سەير ئەتكەندە مەن بىر گۈلنى ئەسلەيمەن،
قىزىلگۈل ىۇشپۇراق چاچقاندا بىر بۇلبۇلنى ئەسلەيمەن.
چېپىش مەيدانىدا ئىلگىرىلىگەن دۇلدۇلنى ئەسلەيمەن،
باھاردىن بەھرسىز كەتكەن چىۋەر ئوغۇلنى ئەسلەيمەن.

ئۇ شۇنداق بىر گۈلكىم غۇنچە دەۋرانىغا يەتكەندە،
ئېچىلماققا سەھنەمنىڭ ئاغزىدەك تەبەسسۇم ئەتكەندە،
تۈمەن جانلار تەلمۈرۈپ ئۇنىڭغا كۆزىنى تىككەندە،
غەزەپ بىرلە ئۇنى ئۈزگەن زەھەرلىك قولنى ئەسلەيمەن.
ــ نىم شېھىت
2) ھەر بىر كۇپلېت ئۆزئالدىغا بىر خىل تولۇق قاپىيەدە (ئۇدا قاپىيەدە) كېلىدىغان شەكىل:
Aaaa, bbbb, cccc, dddd….
ئەزىز خەلقىم مېنى كۆرسە دېيۇرلەر قەھرىمان جەڭچى،
كۈرەش قوينىدا تاۋلانغان ۋەتەنگە پاسىبان جەڭچى.
يۈرەكتە ئەڭ بۈيۈك ئارمان، خەلققە مېھرىبان جەڭچى،
رەقىبنىڭ بوينىنى سىققان، چېلىشتا ئارسىلان جەڭچى،

ئۇزۇن يىللار ئىدىم تەشنا شەرەپلىك بۇ ئۇلۇغ نامغا،
بۇ يولدا كۆپ يۈرۈپ ئاخىر، يېتىشتىم ئەمدى ئارمانغا.
ئۆگەنگەن ھەربىي تېخنىكا كۆتۈردى مېنى ئىنسانغا،
يۈرەكتە يانغان ئوت بىرلە ئېرىشتىم ئالىي ئۇنۋانغا.
ــ ئە. تاتلىق
3) بىرىنچى كۇپلېتىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسراسى قاپىيەلىنىپ، ئۈچىنچى مىسراسى قاپىيەسىز (بوش) قالدۇرۇلىدىغان، ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ئالدىنقى ئۈچ مىسراسى ئۆز ئالدىغا قاپىيەلىنىپ، تۆتىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىپ، قاپىيە ئىزچىللىقى ساقلىنىدىغان شەكىل: aaba,ccca, eeea…
مۇنداق يالغۇز قالارمىدىم بىر كەلسەڭ،
تۈندە تەنھا ماڭارمىدىم بىر كەلسەڭ.
ئۆتكەنلەرگە يېتىملەردەك تەلمۈرۈپ،
يىغلامسىراپ قارارمىدىم سەن كەلسەڭ.

ئۆزۈڭ بولدۇڭ ماڭا ئاي-يىل ساناتقان،
خۇدا بىزنى جۈپ بولسۇن دەپ ياراتقان.
ئۇچۇر بەرمەي يوللىرىڭغا قاراتقان،
سېنى نامەرد سانارمىدىم بىر كەلسەڭ.

پۇتلىرىمغا تىكەن كىردى، ئالمامسەن؟
ئەڭ بولمىسا بىر پارچە خەت يازمامسەن؟
بىر كەلمىسەڭ ئۇۋالىمغا قالمامسەن؟
ساڭا خەتلەر سالارمىدم بىر كەلسەڭ.
ــ مۇھەممەتجان راشىدىن«بىر كەلسەڭ».
4) بىرىنچى كۇپلېتى ئالماش قاپىيەدە كېلىدىغان، ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ئالدىنقى ئىككى مىسراسى ئۆز ئالدىغا قاپىيەلىنىپ، ئۈچىنچى مىسراسى قاپىيەسىز (بوش) قالدۇرۇلىدىغان، تۆتىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىپ، قاپىيە ئىزچىللىقى ساقلىنىدىغان شەكىل: abab, ccdb, eefb
ھايات مۈشكۈل-مۇشەققەتكە لىق تولغان،
بار ئاسانلىق، ئىش يۈرۈشكەن قۇتلۇق دەم.
دىل پۇچۇلۇپ، ياقا يىرتىپ قايغۇرغان،
بار زوق بىلەن خۇش كۈلدۈرگەن بەختمۇ ھەم.

پۈكۈلىدۇ يادەك سەرۋى قامىتىڭ،
كېتىپ قولدىن خار بولىسەن ئامىتىڭ.
ئەزىز بولار كۈنى باردۇر خارنىڭمۇ؟
كۆتۈرۈلەر بېشىڭ، كېتىپ غۇسسە-غەم.

ئالىمى بۇ ئىمتىھاننىڭ-سىناقنىڭ،
ئەتىسى نۇر تەمكىن، قەلبى ئويغاقنىڭ.
سۇنماي جۇتتا، ئاينىپ كەتمەي ئاپتاپتا،
ياشالىغان بۇ ھاياتقا بېرەر تەم.

دىل ياراڭنى ئاچما ياتنىڭ ئالدىدا،
سەت كۈلمىسۇن ئاھ دەپ قويۇپ ئاغزىدا.
قان يىغلىغىن مەيلى، چېھرىڭ ھېيت بولسۇن،
ھايات شۇنداق، چەكمە ئارتۇق دەرد-ئەلەم.

ئىرادىنىڭ كەمىرىنى چىڭ باغلا،
ئۆرلە ئۈمىد-.ىشەنچ بىرلە ساماغا.
چېچەك ئاچسۇن مېھنىتىڭدىن مۇرادىڭ،
پەزىلەتتىن قۇت تاپ ئەزىز، مۆھتەرەم.
ــ مەمتىمىن ياقۇپ كۆتۇغ « بۇ ــ سىناقنىڭ ئالىمى ».
5) بىرىنچى كۇپلېتى ئالماش قاپىيەدە كېلىدىغان، ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ئالدىنقى ئۈچ مىسراسى ئۆز ئالدىغا قاپىيەلىنىپ، تۆتىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىپ، قاپىيە ئىزچىللىقى ساقلىنىدىغان شەكىل: abab, cccb, eeeb
دېھقاننىڭ قىزى سەن پەخىرلىك،
زارلانما، ئىززىتىڭ ساقلىغىن.
مەرد يىگىت گۈلى سەن قەدىرلىك،
مۇڭلانما، ئىززىتىڭ ساقلىغىن.

ئاتاڭدۇر زېمىننىڭ خوجىسى،
دەرد ئەلەم چەككەننىڭ تولىسى،
ئاپتاپنى ئاز كۆرگەن دولىسى،
زارلانما ئىززىتىڭ ساقلىغىن.

ئاناڭدۇر مېھرىبان، كۆيۈمچان،
ئېتىزدا، ئۆيدە ھەم زەپ ئىشچان،
ئوتۇڭدا، سۈيۈڭدە ھەرقاچان،
ھاللانما، ئىززىتىڭ ساقلىغىن.

بار سەندىن باشقىمۇ بالىسى،
قارىساڭ چۆچۈرە دانىسى،
چېھرىدە نامراتلىق تامغىسى،
زارلانما، ئىززىتىڭ ساقلىغىن.

شۆھرەتنى ئۆزۈڭدىن قىل يىراق،
كىيگەندىن نە پايدا پارقىراق؟
مۇچىمى، چىن ئەدەب-چىن ئەخلاق،
ئارلانما، ئىززىتىڭ ساقلىغىن.

تەقدىردىن كىمگىدۇر داتلىما،
ۋىجداندىن قىلچىلىك ياتلىما،
دوقمۇشتا كىمنىدۇر ساقلىما،
خارلانما، ئىززىتىڭ ساقلىغىن.

ئالدانما، يالغان سۆز-ۋەدىگە،
تېلېفون ئۇرما نە-نەلىگە.
تەلپۈنمە چۈش كەبى شەھەرگە،
ئالدانما، قىممىتىڭ ساقلىغىن.

كىمنىڭدۇر پۇلىنى خوپ كۆرمە،
سۆزغان «كەڭ قولىنى» خوپ كۆرمە،
ئازغۇنلۇق يولىنى خوپ كۆرمە،
ئەل ئارا ھۆرمىتىڭ ساقلىغىن.

چۈشمە خەق ياللىغان تاكسىغا،
ئۇچمىغىن رېستۇران، تانسىغا،
تاشلانما نىجىسىڭ باغرىغا،
خورلانما، ئىپپىتىڭ ساقلىغىن.

قەلبىڭگە يەتمىسۇ كىر-غۇبار،
بولما ئەل ئالدىدا شەرمىسار،
بولمىسۇ بۇ ئالەم ساڭا تار،
ياشاشقا پۇرسىتىڭ ساقلىغىن.

كۈلمىسۇن بۆك ئېتىپ ئەغيارىڭ،
يولۇڭغا تەلمۈرەر دىلدارىڭ،
بېشىدا كۆتۈرەر ئۆز يارىڭ،
نازلانما، ئىززىتىڭ ساقلىغىن.

چۈش سەكرەپ ئىش قايناق ئېتىزغا،
چۆك سۆيگۈ دەۋرىگەن دېڭىزغا،
ئارپىمۇ تېتىيدۇ ئېغىزغا،
ئەل ئارا شۆھرىتىڭ ساقلىغىن.
ــ مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ « دېھقان قىزىغا ».
6) بىرىنچى كۇپلېتى ئالماش قاپىيەدە كېلىدىغان، ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ئىككىچى مىسراسى قاپىيەسىز (بوش) قالدۇرۇلۇپ، بىرىنچى، ئۈچىنچى مىسرالىرى ئۆز ئالدىغا قاپىيەلىنىدىغان، تۆتىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىپ، قاپىيە ئىزچىللىقى ساقلىنىدىغان شەكىل: abab, cdeb, fghb…
گۈلباھارغا ئاشىنا ئىدىم،
كەلدى باھار ئاخىرى كۈلۈپ.
ھاياجاندا سوقتى يۈرىكىم،
گۈل بەرگىدە زۇمرەتنى كۆرۈپ.
ئەكس ئەتتى زۇمرەت لېۋىدە،
مېنىڭ قىران باھار ياشلىقىم.
چالدى سازنى ياشلىق كۈيىگە،
شادلىقىم كەڭ ئالەمنى قۇچۇپ.
ــ مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ «گۈل باھاردا كەلگەن باھارىم».
7) بىرىنچى كۇپلېتىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسراسى قاپىيەلىنىپ، ئۈچىنچى مىسراسى قاپىيەسىز (بوش) قالدۇرۇلىدىغان، ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ئالدىنقى ئىككى مىسراسى ئۆز ئالدىغا قاپىيەلىنىپ، ئۈچىنچى مىسراسى قاپىيەسىز (بوش) قالدۇرۇلىدىغان، تۆتىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىپ، قاپىيە ئىزچىللىقى ساقلىنىدىغان شەكىل: aaba,ccda, eefa…
بېشىم ئېگىز، كۆڭلۈم پۈتۈن سەن بولغاچ،
يوللىرىم تۈز، بېغىم گۈلگۈن سەن بولغاچ.
ئوينىشىم شوخ، كۈلكەم خۇشال، جاراڭلىق،
يوق دىلىمدا غەمدىن تۈگۈن سەن بولغاچ.

ئاتا، ئەگەر سەن بولمىساڭ يىغلايمەن،
يۈرىكىمنى چاك-چاك ئېتىپ تىلغايمەن.
سەن بولمىساڭ نە قىلىشنى بىلمەيمەن،
يوق دىلىمدا غەمدىن تۈگۈن سەن بولغاچ.

سەن بولمىساڭ قاقار مېنى قاناتلىق،
تۇمشۇقلۇقلار چوقۇلاشقا پايلاقلىق.
جۇدۇن-چاپقۇ ئىشىكىمدە ساقلاقلىق،
يوللىرىم تۈز، بېغىم گۈلگۈن سەن بولغاچ.

ھۆركىرىسەم تىترەر بۈگۈن يەر-جاھان،
دۈشمەنلىرىم تۆشۈك ئىزدەر سوراپ جان.
سەن بولمىساڭ گۇمران دۆلەت، تەخت-راۋان،
بېشىم ئېگىز، كۆڭلۈم پۈتۈن سەن بولغاچ.
ــ مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ « سەن بولغاچ ».
8) بىرىنچى كۇپلېتنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالىرى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، ئۈچىنچى مىسراسى قاپىيەسىز (بوش) قالدۇرۇلىدىغان، ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ كېيىنكى كۇپلېتلىرىنىڭ بىرىنچى، ئۈچىنچى مىسرالىرى قاپىيەسىز (بوش) قالدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى مىسرالىرى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىپ، قاپىيە ئىزچىللىقى ساقلىنىدىغان شەكىل: .... aaba,cada
بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم،
ئوتۇنۇڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ساغاي دېسەم سىيىر بولۇپ سېنىڭ ئۈچۈن،
پۇتلىرىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

تاتىلا دېسەڭ سىلاپ قويۇپ دۈمبەڭنىمۇ،
چېيىڭغا نان سېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ئۆزۈمدە يوق ئۇننى ئەلدىن تىلەپ يۈرۈپ،
ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

ساغلىقلىرىڭ تۇغماي قالسا مەندىن كۆردۈڭ،
ساڭا قوغۇن تىلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
تومۇزلاردا سېنى يەلپۈپ قولۇم تالدى،
مۇزدەك دوغاپ قىلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.

كىم قويۇپتۇ ماڭا بۇنداق مالايلىقنى،
ئىتلىرىڭنى بېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بەرسەم رەھمىتىڭ يوق،
كېگىزىڭنى قېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ــ مۇھەممەتجان راشىدىن «ئەسكى بولدۇم».
شېئىرىيەت ئەمەلىيىتىدە مۇرەببەنىڭ قېلىپلىق شەكىللىرىنىڭ يەنە باشقا شەكىللىرىمۇ ئۇچرايدۇ ھەمدە ئۇنى ئىجادىي بېيىتىشقا بولىدۇ. بۇ خىل قېلىپلىق شەكىللەردە، ئەگەر بىرىنچى كۇپلېت كۆرسىتىلگەن مۇشۇ قېلىپلارغا چۈشمىسە (كۆرسىتىلگەن قېلىپ تەلىپى بويىچە يېزىلغان بىرىنچى كۇپلېت بولمىسا)، ئەمەلىي يېزىلغان كۇپلېتلار كۆرسىتىلگەن كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ قېلىپى بويىچە يېزىلغان بولسا، بۇ شېئىردىكى نۇقسان ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى شېئىرلارغا قاپىيە ئىزچىللىقىنى ساقلىمايدىغان ياكى كۆسىتىلگەن قېلىپ بىلەن قاپىيەلىنىش شەكلى جەھەتتىن بىردەكلىكنى ساقلىمايدىغان كۇپلېتلار ئارىلىشىپ قالسا، بۇخىلدىكى شېئىرغا تېخىمۇ زور نۇقسان يەتكۈزىدۇ.

5. مۇخەممەس
مۇخەممەس ــ بىر كۇپلېتى بەش مىسرادىن تۈزۈلىدىغان شېئىر شەكلى. مۇخەممەسنىڭ شەكلى مۇقىم بولۇپ، بىرىنچى كۇپلېتتىكى بەش مىسرا ئۆزئارا تولۇق قاپىيەلىنىپ كېلىدۇ. ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ئالدىنقى تۆت مىسراسى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، بەشىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىپ كېلىدۇ ياكى بىرىنچى كۇپلېتتىكى ئاخىرقى مىسرانى تەكرارلايدۇ.
قاپىيە شەكلى: aaaaa, bbbba, cccca, dddda…
ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا،
ئارزۇيۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا.
بىر گۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ-بوستان ئالدىدا،
تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا،
يۈزلىرىم شەرمەندە بولغاي تاڭلا سۇبھان ئالدىدا.
دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تېشىنى،
سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى،
سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىبلەر يېشىنى،
مۇمكىن ئولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قېشىنى،
قارا بەختىم ئاق بولۇردى تاڭلا سۇبھان ئالدىدا.
ــ نىم شېھىت
مۇخەممەسنىڭ يەنە «تەخمىس» دەپ ئاتىلىدىغان ئالھىدە بىر تۈرى بار. تەخمىس شەكلىدە يېزىلغان مۇخەممەسلەر ئىككى كىشى تەرىپىدىن تۈگەللىنىدۇ، يەنى مەلۇم بىر شائىر تەرىپىدىن يېزىلغان غەزەلنىڭ ھەر ئىككى مىسراسىنىڭ يۇقۇرىسىغا باشقا بىر شائىر تەرىپىدىن شۇ مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈپ ياكى كۈچەيتىپ، شۇخىل قاپىيە ئىزچىللىقىغا رىئايە قىلغان ئاساستا يېزىپ چىقىدۇ.
6. مۇسەددەس
مۇسەددەس بىر كۇپلېتى ئالتە مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر شەكلىدۇر. بۇنىڭدا ئالدىنقى بىرىنچى كۇپلېتنىڭ بارلىق مىسرالىرى ئۆزئارا تولۇق قاپىيەلىنىپ كېلىدۇ، كېينكى كۇپلېتتىن باشلاپ ھەر كۇپلېتنىڭ ئالدىنقى بەش ياكى تۆت مىسراسى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، كېينكى بىر ياكى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىدۇ ياكى بىرىنچى كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى بىر ياكى ئىككى مىسراسىنى تەكرارلايدۇ.
قاپىيە شەكلى: aaaaaa, bbbbba, ccccca, ddddda…
            aaaaaa, bbbbaa, ccccaa, ddddaa…  
بىلىم چەكسىز ئوكياندۇر مەنبەيى تولۇق،
بىرئازغىنە بىلىم ئېلىپ بولما كۆڭۈل توق.
ساۋاتسىزلىق مۇدھىش دۈشمەن، ئاڭا چوماق سوق،
جاھالەتتە ئۆتۈشۈڭدىن ئېچىن، غايەت قورق!
تەبىئەتنڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،
قەدىمكىلەر شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق!»
ئۆمۈر ئۇ بەرىكەتسىز تۈگەپ كېتىدۇ،
ئەجەل ئۇنى بىر كۈنى تارمار ئېتىدۇ،
ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىنى زار يىغلىتىدۇ،
كەتسە كەلمەس مەنزىلگە ئۇ بېرىپ يېتىدۇ،
تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،
قەدىمكىلەر شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق!»
ــ بىلال ئەزىزى
7. مۇسەببە
مۇسەببە بىر كۇپلېتى يەتتە مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر شەكلىدۇر. ئۇنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى بارلىق مىسرالىرى ئۆزئارا تولۇق قاپىيەلىنىپ كېلىدۇ. ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ھەر بىر كۇپلېتىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ياكى بەش مىسراسى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، كېيىنكى بىر ياكى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىدۇ.
قاپىيە شەكلى: aaaaaaa, bbbbbba, cccccca, dddddda….
aaaaaaa, bbbbbaa, cccccaa, dddddaa…            
ئۇلۇغ ئانا يۇرتىمىز ــ دىيارىمىز چىرايلىق،
گۈللەر ئۆسكەن باغىمىز، باھارىمىز چىرايلىق،
ئالما، نەشپۈت، مۇناقى، ئانارىمىز چىرايلىق،
شېكەرپېلەك، ئاقنەۋات، پاتاسىمىز چىرايلىق،
سەۋزە، لاڭخا، شوخلا ھەم ماشلارىمىز چىرايلىق،
ئالتۇن بۇغداي ھەم قۇناق، ئاشلارىمىز چىرايلىق،
لەپشىپ تۇرغان مايسىلىق قىرلىرىمىز چىرايلىق.
ئاسمەن پەلەك تاغلاردا سەكرەپ كىيىك ئوينىشار،
قوزىچاقلار مەرىشىپ يايلاقلاردا يايرىشار،
بۇتىلاقلار، تايچاقلار كىشنەپ، چىشلەپ قوغلىشار،
پەرۋاز قىلىپ بۇلبۇللارگۈل ئىشقىدا سايرىشار،
يولۋاس، بۇغا، ئارسلانلار جىلغا-جاڭگال خالىشار،
خەلقىمىزگە پايدىلىق يايلىقىمىز چىرايلىق.
ــ ق. ئىمىن
8. مۇسەممەن
مۇسەممەن بىر كۇپلېتى سەككىز مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر شەكلىدۇر. ئۇنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى بارلىق مىسرالىرى ئۆزئارا تولۇق قاپىيەلىنىپ كېلىدۇ. ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ھەر بىر كۇپلېتىنىڭ ئالدىنقى يەتتە ياكى ئالتە مىسراسى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، كېيىنكى بىر ياكى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىدۇ.
قاپىيە شەكلى: aaaaaaaa, bbbbbbba, cccccca, ddddddda…
aaaaaaaa, bbbbbbaa, ccccccaa, ddddddaa…           
جاھاننىڭ جەننىتى جۇڭگو نەمۇنە سەن نازاكەتتە،
گۈزەل باغرىڭ گويا ئايدەك غۇبارسىزدۇر ئازاپەتتە،
پۈتۈن دۇنيادا مەشھۇرسەن ئىجادىيەت، ماھارەتتە،
تونۇلدۇڭ قەھرىمان ئەل دەپ كۈرەش، مېھنەت-جاسارەتتە،
قۇياشلىق ئەل بولۇپ قالدىڭ بۈگۈن سەن ھۆر-سائادەتتە،
ياشاپ كەلمەكتە پەرزەنتىڭ سېنى گۈللەپ پاراغەتتە،
ئېچىلماقتا ئىلىم-پەننىڭ سىرى بىزنىڭ پاراسەتتە،
قۇرارمىز بىز سېنى «تۆتتە» كامال تاپقان قىياپەتتە.
كۈلۈپ خۇشىۇيلۇقۇڭ بىرلە قىزىگۈلدەك چىراي ئاچتىڭ،
يېڭىپ مەردانە يۈكسەككە كۈرەشتە تاغ-داۋان ئاشتىڭ،
ئۇتۇق دەرياسىدا قايناپ، ئۈزۈپ ئۆركەشلىدىڭ-تاشتىڭ،
تىلەكداش دوستلىرىڭغا غەمگۈزارلىق ئۈنچىلەر چاچتىڭ،
جاھان مۇشتۇمزورىن چەكلەپ، بوزەكلەرگە قانات ياپتىڭ،
شۇڭا دۇنيادا نۇرغۇن دوست، ئىناق-ئامراق ئاداش تاپتىڭ،
سېنى قوللايدىغان ئەل كۆپ ئىشەنچلىك زور جامائەتتە،
يېتىم ھالغا چۈشۈپ قالدى رەقىب تەلۋە خىجالەتتە.
ــ ق. ئىمىن
9. مۇتەسسە
مۇتەسسە بىر كۇپلېتى توققۇز مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر شەكلىدۇر. ئۇنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى بارلىق مىسرالىرى ئۆزئارا تولۇق قاپىيەلىنىپ كېلىدۇ. ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ھەر بىر كۇپلېتىنىڭ ئالدىنقى سەككىز ياكى يەتتە مىسراسى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، كېيىنكى بىر ياكى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىدۇ ياكى بىرىنچى كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى بىر ياكى ئىككى مىسراسى كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ ئاخىرىدا ئوخشاش تەكرارلىنىدۇ.
قاپىيە شەكلى: aaaaaaaaa, bbbbbbbba, cccccccca, dddddddda…
aaaaaaaaa, bbbbbbbaa, cccccccaa, dddddddaa…           
بۇنىڭغا قۇربان ئىمىننىڭ «مۇھەببەتنامە» ناملىق شېئىرى مىسال بولالايدۇ.
ئەي تەپەككۇر كەپتىرىم، كەل، ئۆرلەيلى ھەرئان ئىككىمىز،
ئەشئارچىلىقتا لەۋھى مەھپۇز چېغى بىر قان ئىككىمىز،
ئاشۇ سەۋدادىن بۇيان شاد، گاھى سەرسان ئىككىمىز،
جەمئى ئوتتۇز يىل كېزىپتۇق شەھىرى باياۋان ئىككىمىز،
بىللە بولدۇق كۈلسە ئەل، چەككەندە ئەفغان ئىككىمىز،
ئوينىتىپ تالماس قەلەمنى تېز ھەمدە لەرزان ئىككىمىز،
روھىي قەسىر تىكلەپ، قىلىپ ھەتتاكى ۋەيران ئىككىمىز،
ياش پېتى بۇ دەمگە يەتتۇق، ئاچتۇقكى ئىمكان ئىككىمىز،
بۇ سۈپەتتە ئەيلىسەك پەرۋەز، نە ئارمان ئىككىمىز.

بىز ئۇچايلى دەسلىپى بۇ تەكلىماكاندىن ئايلىنىپ،
ئەڭ قەدىم جاڭگاللىق ھاياتى بەھرىدىن قاناتلىنىپ،
شەھىدانە يۇرت خوتەندە ئەجدادنى ھەم يادقا ئېلىپ،
بەك ھايال بولماي يېتەيلى قەشقەرۋىسالىغا قېنىپ،
ئىزدىبان مەھمۇد، يۈسۈپنى ئىككى بۈيۈك چوققا بىلىپ،
ھوزۇرىدا نەسىھەتلەر ئاڭلايلى دىلدىن شادلىنىپ،
تۇرىدۇ كۇچادىكى شۇ مىڭئۆيدە شېرىن ئىنتىلىپ،
بىز بارايلى باش ئەگىمدىن غېرىب-سەنەمگە قېتىلىپ،
بولۇشۇپ غەملىككە غەمخان، شادلىققا چەندان ئىككىمىز.

بوغداغا قونغايمىز كېيىن تەڭرىتېغىنى بويلىساق،
ھېچ كېچىكمەيمىز قونۇشتا سايرامدا بىر پەس ئوينىساق،
قالماسمۇ رەنجىپ ئالمىزار قوينىدا كەچلەپ قونمىساق،
سادىر بىلەن ــ پالۋان بىلەن مەشرەپ سورۇنى قۇرمىساق،
سورۇندا نۇزۇگۇم بەلەن كۈي ئېيتمىسا گەر قويمىساق،
چىقمايدۇ ھاردۇق شوخ ھەزىل-چاقچاقتا تەڭلا تۇرمىساق،
بەكمۇ ئەپسۇس، قاپتۇ چوڭ ئىشتىن بىرى كەچ ئويلىساق،
تاڭ سەھەردە قۇربانلار جەزمەن ئاڭلىغاي بىز توۋلىساق،
قەبرىلەرگە ھەم قويايلى گۈلدەستە شۇئان ئىككىمىز.
..................................................
ــ ئابدۇللا سۇلايمەن «تەپەككۇر گۈلدەستىسى»
10. مۇئەششىر
مۇئەششىر بىر كۇپلېتى ئون مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر شەكلىدۇر. ئۇنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى بارلىق مىسرالىرى ئۆزئارا تولۇق قاپىيەلىنىپ كېلىدۇ. ئىككىنچى كۇپلېتتىن باشلاپ ھەر بىر كۇپلېتىنىڭ ئالدىنقى توققۇز ياكى سەككىز مىسراسى ئۆزئارا قاپىيەلىنىپ، كېيىنكى بىر ياكى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيەلىنىدۇ ياكى بىرىنچى كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى بىر ياكى ئىككى مىسراسى كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ ئاخىرىدا ئوخشاش تەكرارلىنىدۇ.
قاپىيە شەكلى: aaaaaaaaaa, bbbbbbbbba, ccccccccca, ddddddddda…
aaaaaaaaaa, bbbbbbbbaa, ccccccccaa, ddddddddaa…
11. تەرجىئىبەند
تەرجىئىبەند «تەكرارلىماق، قايتۇرۇش، نەقرات» دېگەن سۆز بولۇپ، تەكرارلانغان قايتۇرما كۇپلېت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تەرجىئىبەند ئالتە ياكى سەككىز مىسرادىن ئون ئالتە مىسراغىچە(بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ) [يەنە بىر مەنبەدە ئون مىسرادىن يىگىرمە تۆت مىسراغىچە دېيىلگەن (بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ)] تۈزۈلىدىغان بىر خىل شەكىلدۇر. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراغىچە بىر خىل قاپىيەدە داۋام قىلىدۇ. ئاخىرقى ئىككى مىسراسى (بېيتى) بولسا، پۈتۈنلەي باشقىچە قاپىيەدە تۈزۈلىدۇ ياكى ئۇنىڭ مىسرالىرى بەزىدە ئۇدا، بەزىدە ئەركىن قاپىيە بىلەن يېزىلىپ، كېيىنكى ئىككى مىسراسى شۇ كۇپلېتنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە جۈپ قاپىيە (بېيت) شەكلى بىلەن تۈگەللىنىدۇ. خۇلاسە سۈپىتىدىكى بۇ ئىككى مىسرا بەزىدە كېيىنكى كۇپلېتلار بىلەن قاپىيەداش بولسا، بەزى تەرجىئىبەندلەرنىڭ ھەرقايسى كۇپلېتلىرىنىڭ ئاخىرىدا شۇ ئىككى مىسرا تەكرارلىنىدۇ. تاجىدىن قادىرىنىڭ «ئۆرگىلەي قەشقەر»، نىم شېھىتنىڭ «تەرجىئىبەند» شېئىرلىرى مۇشۇ شەكىلدىكى شېئىرلاردىندۇر.
تا مېنى بىر بىۋەفا ھىجرىدە بىتاپ ئەيلەدى،
شوئلەئ ھەسرەت كۆڭلىنى مەۋج سىماب ئەيلەدى.
چەشىم گىريان، ئەشك كەلكۈن، تۆكتى سىلاب ئەيلەدى،
سەل ئەشكىم بەيتۇل ئەھرانىدا گىرداب ئەيلەدى.
تا فىراق ئەندۇھىدىن جانىمنى بىتاپ ئەيلەدى،
غەم مېنى ئاخىر جۇنۇن دەشتىدە ناياب ئەيلەدى.
ھالىتىم بەدغۇسسە بىھەد ۋەسىل مەقسەت نالەيىش،
بەخت ۋاژۇن دەردئەفزۇن دىدە پۇرخۇن سىنەرىش.

... ... ... ... ...

ئەگمە قەددىم زەئفىن ئول سەرۋى خىرامان بىلمەدى،
بولدى جان ئاشۇفتە ھال ئول لەئلى خەندان بىلمەدى.
ھىجرى ئارا تا قىلمادىم پەريادۇئەفغان بىلمەدى،
نالە قىلدىم كېەلەر ئول نامۇسۇلمان بىلمەدى.
لەززەتى تىغ شەھادەت شەربەتىن جان بىلمەدى،
ھىجرى ئارا جان چەككىنىمنى بەسكى جانان بىلمەدى.
ھالىتىم بەدغۇسسە بىھەد ۋەسىل مەقسەت نالەيىش،
بەخت ۋاژۇن دەردئەفزۇن دىدە پۇرخۇن سىنەرىش.

... ... ... ... ...

كىشۋەرى ئىشق ئىچرە كۆرمەس شاھلار مەندەك ھەشەم،
چاكىرىم ئەندۇھۇمېھنەتدۇر سىپاھىم خەيلى غەم.
ھەمدەمىم ئاھۇفىغانۇ مۇنىسىم دەردۇئەلەم،
روزگارىم ھەسرەتۇ ھەم سۆھبەتىم جەۋرۇسىتەم.
دەرد ئىقلىمىن مۇسەخىەر ئەيلەدىم چەكتىم ئەلەم،
ئىشرەتىم خۇنابە يۇتماقدۇر نە دەمىمدۇر نە دەم.
ھالىتىم بەدغۇسسە بىھەد ۋەسىل مەقسەت نالەيىش،
بەخت ۋاژۇن دەردئەفزۇن دىدە پۇرخۇن سىنەرىش.

قىلدى سەرگەردان جۇنۇن ۋەدىسىنى رەسۋالىقىم،
سالدى ئوت ئەھلى جەھانغە شورەشى شەيدالىقىم.
دەھر ئارا ئەفسانە بولدى بىسەرۇ سەۋدالىقىم،
ئابرۇ مۈلكىنى تاراج ئەيلەدى يەغمالىقىم.
قىسسەئى مەجنۇننى مەنسۇخ ئەتتە بىپەرۋالىقىم،
بۇدۇر ئانسىز كۇلبەئ ئىچرە بەزم ئارالىقى.
ھالىتىم بەدغۇسسە بىھەد ۋەسىل مەقسەت نالەيىش،
بەخت ۋاژۇن دەردئەفزۇن دىدە پۇرخۇن سىنەرىش.

ھالىمە ئولشوخ بىپەرۋا تەرەھھۇم ئەيلەمەس،
بەلكى ھەر سائەت غەمى تەركى تەزەللۇم ئەيلەمەس.
رەھمى يادىن ھەر گۇنەھ ئول ئاشۇپ مەردەم ئەيلەمەس،
لەئلىدىن بىر سۆز ئەيدى كامىم تەكەللۇم ئەيلەمەس.
يىغلاسام دىۋانەلىغ بىرلە تەبەسسۇم ئەيلەمەس،
تەرفەدۇر گەر قولزۇم ئەشكىم تەلاتىم ئەيلەمەس.
ھالىتىم بەدغۇسسە بىھەد ۋەسىل مەقسەت نالەيىش،
بەخت ۋاژۇن دەردئەفزۇن دىدە پۇرخۇن سىنەرىش.
ــ «دىۋان ئەمىرى» (تەرجىئىبەندلەر) دىن.
12. مۇستەھزاد
«مۇستەھزاد» ئەرەبچە ئاتالغۇ بولۇپ، «ئاتۇق قوشۇلغان مىسرا، ئادەتتىن تاشقىرى» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا مىسرالاردىن تۈزۈلىدىغان شېئىر شەكلى بولۇپ، ئۇزۇن مىسرالارمۇ ئۆز ئالدىغا، قىسقا مىسرالارمۇ يەنە ئۆز ئالدىغا قاپىيەلىنىدۇ. ئۇزۇن مىسرالارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىرئاز توختىلىپ قىسقا مىسرالارنى ئوقۇيمىز. قىسقا مىسرالار ئۇزۇن مىسرالارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ بېرىدۇ ۋە شېئىر ئاخىرلاشقىچە شۇنداق داۋام قىلىدۇ. قىسقا مىسرالارنى ئۇزۇن مىسرالاردىن ئايرىپ قارىغاندىمۇ، ئۇزۇن مىسرالار غەزەل ياكى مەسنەۋى شەكلىنى ئېلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرالايدۇ. بىلال ئەزىزىنىڭ «مۇستەھزاد» ناملىق شېئىرى، مەمتىلى زۇنۇننىڭ «يادىمدا سەن» ناملىق باللادىسى مۇشۇ شەكىلدىكى شېئىرلاردۇر.
تامام مەخلۇقنىڭ ئۇلۇغراقىدۇر ئىنسان،
ئىنسان بەك ئاقىل.
ئۇلۇغلۇقى بولغاچ كۆكتە قۇش كەبى ئۇچقان،
شۇڭلاشقا قابىل.
ئىنسانىيەت قىلمىشى مۆجىزىلىك ھېكمەتتۇر،
ئىنسان قۇدرەتلىك،
بۇ ھېكمەتنىڭ ئۆزىدە ئاجايىپ سىر يوشۇرۇنغان،
بولما سەن غاپىل.
ئىنسان جەنئىيىتىدە ھادىسىلەر مۇرەككەپ،
دەۋر يۈكسىلەر،
چۈنكى بۇ زاماندا پەنلەر كۆپ راۋاجلانغان،
تەپەككۇر قىل!
مانا شۇنداق زاماننىڭ سەنمۇ بىر كىشىسى سەن،
بىلىمگە تىرىش!
ئىزلە پەننىي بىلىمنى، ئارقىدا قالغان يامان،
ئالغا باس دادىل!
مۇھەببەت مېھرىنى چاچ بارچە ئىنسانغا تەكشى،
بىمېھىر بولما!
كىشىگە پايدا كەلتۈر، لېكىن قىلمىغىن ۋەيران،
گەر بولساڭ ئادىل.
ھەقىقەت يولىدا ماڭ، ساڭا ئاپەت يولۇقماس،
ھەقىقەت ساقچى.
ۋىجدان ساقلا ھامان ھەقىقەتتىن قوراللان،
كېلەلمەس قاتىل.
جاھالەت ئوڭ كۆزىنى ئادالەت ئوقىدا ئات!
ساپ ۋىجدان بولساڭ،
ئادالەت قۇدرىتىدىن ئېلىپ كۆڭۈلگە دەرمان،
ئەلگە بول مايىل.
غەيۇرلۇق بولساڭ ئەزىزلىك ھۆرمىتى ساڭا مەخسۇس،
غەيۇر قىممەتلىك،
غەيۇرلارنىڭ دىلىدا قالمىغاي ئەپسۇس-ئارمان،
ئاڭا بول قايىل.
ـــ بىلال ئەزىزى «مۇستەھزاد»
13. مۇۋەششەھ
مۇۋەششەھ ــ «ۋەشىھىد» كەمەر باغلىغان، بەلباغ ئورىغان دېگەن سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇۋەششەھ ئاتالغۇسى «مىسرانىڭ بېشىدا يوشۇرۇنغان سۆز» دېمەكتۇر.
ئۇنىڭ باشقا شېئىرلارغا ئوىشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ شەكىلدە يېزلغان شېئىرلارنىڭ پۈتۈن تەركىبىگە سىغدۇرۇلغان شېئىرىي ھېسسىياتتىن باشقا، شائىر ھەر بىر كۇپلېتنىڭ بىرىنچى مىسراسىنىڭ باش ھەرپىنى مەلۇم مەقسەتكە بويسۇندۇرۇپ تۈزۈدۇ. (بەزىدە ھەر بىر مىسرانىڭ باش ھەرپىنى ئېلىپ تۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ). ئەنە شۇ ھەرپلەرنى بىرلەشتۈرگەندە، شائىر ئۆز شېئىرىدا يوشۇرۇن ئىپادىلىگەن بىرەر سۆز ياكى كىشىنىڭ ئىسمى كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولغان ل. مۇتەللىپنىڭ «شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ» دېگەن شېئىرىنىڭ ھەر بىر كۇپلېتىنىڭ بىرىنچى مىسراسىنىڭ باش ھەرپىنى ئېلىپ بىرلەشتۈرگىنىمىزدە «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» دېگەم جۈملە ئاشكارىلىنىدۇ. دېمەك، مۇۋەششەھ شېئىر شەكلىدە شائىر ئۆز ھېسسىياتىنى (شېئىرىي پىكرىنى تېپىشماق، يەنى مۇئەمما) لىق ئۇسۇل بىلەن مىسرالارغا سىڭدۈرۈۋېتىدۇ. يەنە «ۋەلەيزا مۇۋەششەھ» دەپ ئاتىلىدىغان مۇۋەششەھ شەكلىمۇ بار. بۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇنىڭدا مۇۋەششەھكە ئوخشاش ھەرپلەر يىغىندىسىنى جەملەش ھېسابىغا يوشۇرۇنغان شېئىرىي پىكىر ئاختۇرۇلماستىن، شائىر كۆڭلى خالىغان بىرىنىڭ مەلۇم بىر پارچە غەزىلىنى تاللىۋېلىپ، بۇ غەزەلدىكى 1-، 3-، 5-، 7- ... قاتارلىق تاق مىسرالىرىنى ئەينەن يۆتكەپ كېلىپ، 2-، 4-، 6-، 8- ... مىسرالىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. ئەسلىيدىكى تاق مىسرالار بىلەن شائىر تەرىپىدىن يېزىلغان كېيىنكى مىسرالارنىڭمۇ شۇ ۋەزىندە بولۇشى، ئەسلىي تاشلىۋېتىلگە غەزەلدىكى قاپىيەلەر ئىشلىتىلمەستىن، تۇنجى مىسرادىكى قاپىيە ئىزىدىن يېڭى قاپىيە تۈزۈپ يېزىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ھاياتنىڭ قىممىتى، دوستۇم، جاپالىق مېھنىتىڭدەدۇر،
خەلنىڭ ھۆرمىتىن تاپقان ئىجادىي ھىممىتىڭدەدۇر.
ئادا قىل كۈنۇتۈن ھارماي ۋەتەن ئالدىدا بۇرچۇڭنى،
ئەھىل يۇرتنىڭ مۇكاپاتى ئەجىرىڭ قىممىتىكدەدۇر.
جۇلالاپ ــ نۇر چېچىپ تۇرغان دىلىڭنىڭ قەترىسى ھەرئان،
غۇرۇرۇڭ، شەۋكىتىڭ، پەخرىڭ ئىناقلىق ھېكمىتىڭدەدۇر.
ئېلىپ قولغا قەلەمنى سەن ناۋا قىلساڭ سەھەر، ئاخشام،
ناۋالار قىلغۇسى پەرۋاز، كۆڭۈللەر رىغبىتىڭدەدۇر.
ئەقىدە ئىلكىدە ئارزۇ چېچەكتىن خۇشپۇراق چاچقاي،
ئىجارىڭ قەدىرى ئەلدە ھەسەلدەك نېئمىتىڭدەدۇر.
خەلقنى ئۇنتۇما ئەكسلا، خەلقسىز ئۇستىخاندۇرسەن،
خەلقنىڭ ئارزۇسى-پىكرى، سېنىڭ ئوي سۈرىتىڭدەدۇر.
مېلىڭدىن بولسا دوستلار كۆپ ئىشىڭدا يار-يۆلەك، ھەمدەم،
قۇدرىتىڭ، شۆھرىتىڭ دائىم ۋاپادار ئۇلپىتىڭدەدۇر.
ئەقىل بىرلە پاراسەتتىن تۈمەن ئەشئار بولۇپ بۇنياد،
شۇ ئەشئەر قۇدرىتى ھەردەم خۇشالىق، كۈلپىتىڭدەدۇر.
تىلاۋەت ئىلكىدە بۇلبۇل تىلەر دوستىغا شاد ئۆمۈر،
كۈيۈڭنى ئاڭلىسا مەپتۇن، ھامانە ھۆرمىتىڭدەدۇر.
ــ ئابدۇكېرىم مەىسۇت «ھايات ھەققىدە مۇۋەششەھ»
14. مۇختەمىلات (تۇيۇق)
مۇختەمىلات ــ تۇيۇق («تۇيماق، تۇيدۇرماق» دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن. بۇ شەكىل خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىدىكى تۆت مىسرلىق قوشاقلار زېمىنىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ھەر خىل تېمىلاردا يېزىلىدۇ. بۇ شەكىلنىڭ ئالاھىدىلىكى، قاپىيە ئۈچۈن شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش، ئەمما مەنە جەھەتتىن باشقا-باشقا ئۇقۇم بېرىدىغان شەكىلداش (ئۇمۇمنىم) سۆزلەر تاللىنىدۇ. مەسىلەن:
بولمىسا سۆيگۈ-ۋاپاسى، ئاشىق چېكىپ ئاھ، يار دېمەس،
چىن پۈتەر مەشۇق ساڭا، كۆيگەن يۈرەكنى يار، دېمەس.
دەيدىكەن ئاشىققا باغداد ئارىسى بەش كۈنچە يوق،
ئۇ ۋىسال ئىزدەپ ماڭار، يول توستى تىك ھاڭ-يار، دېمەس.
15. رۇبائىي
رۇبائىي (ئەرەبچە رباعى، «تۆتلۈك» سۆزىدىن كەلگەن، كۆپلۈكى رباعيات) شەرق شېئىرىيىتىدە كەڭ تارقالغان ۋە مەلۇم بەدىئىي ئەنئەنىگە ئىگە بولغان شېئىرىي ژانىر. رۇبائىي كىچىك شېئىرىي شەكىل سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس مۇقىم قانۇنىيەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇ پەقەت تۆت مىسرادىنلا تەركىب تاپسىمۇ، چۇڭقۇر غايىۋى مەزمۇننى، يەنى بىر پۈتۈن پەلىسەپەۋى، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى مۇكەممەل بەدىئىي تۈستە ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ھەر بىر رۇبائىي ئۆز تېمىسى ۋە غايىسىگە ئىگە بولغان ئالاھىدە ۋە مۇكەممەل ئەسەر. رۇبائىينىڭ ئۆزىگە خاس قاپىيە تەرتىپى بولىدۇ: ئادەتتە رۇبائىيدا بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى مىسرالىرى قاپىيەداش بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن:
غۇربەتتە غېرىب شادىمان بولماس ئىمىش،
ئەل ئاڭا شەپىقۇ مېھرىبان بولماس ئىمىش.
ئالتۇن قەپەز ئىچرە گەر قىزىل گۈل بۈتسە،
بۇلبۇلغا تىكەندەك ئاشىيان بولماس ئىمىش.

مەگەر ئۆلسەم توپامدىن مەي كوزا يا مەيگە جام ئەتكىن،
مۇبارەك ئىلمۇئېرپان ئابىدىن شەربەت، قىيام ئەتكىن.
قۇيۇپ شەربەتنى مەي جامىغا بىخۇدلار ئۇيقۇسىن ئوۋلاپ،
غەزەل دۇردانىسىدىن روھى ئاچلارغا تائام ئەتكىن.
ــ ئا. مۇھەممەتئىمىن
16. مۇساۋىيات تەرەپپەيىن
مۇساۋىيات تەرەپپەيىن ــ «تۆت تەرەپلىك» ياكى «تۆت تەرىپى ئوخشاش» قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە. ئۇ «سەدرى تىكسىر» شەكلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ (سەدرى ــ ئەرەبچە «كىرىشتۈرمەك، يۆتكىمەك، ئالماشتۇرماق» دېگەن مەنىنى، تىكسىر ــ «توقۇلما، توقۇلغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ).
بۇ شەكىل شائىرنىڭ زېھنىنى سىنايدىغان، ماھارىتىنى ئىمتىھان قىلىدىغان مۇئەممالىق شېئىر شەكلى بولۇپ، ئەسلىدە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ جايلىشىشى، يۇلتۇزلارنىڭ يۆتكىلىپ تۇرۇشىنى ھېساب قىلىشتا، كالېندارلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەشتە قوللىنىلغان شەكىل بولغان.
بۇرۇنقى چاغلاردا قەلىمى پىشقان، پىكرى كامالەتكە يەتكەن سۆز ئۇستىلىرى يەنە تىبابەت، ئىلمى نۇجۇم ۋە باشقا ئىلىملەردىنمۇ خەۋەردار ئىدى. ئۇلارنىڭ «مۇساۋىيات تەرەپپەيىن»نى تەبىئىي پەن ساھەسىدىن بەدىئىي ئەدەبىيات ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى شېئىرىيەت بىلەن تەبىئىي پەنگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى بولۇپ، شۇ چاغلاردا بىرقەدەر كەڭ قوللىنىلغان بولسىمۇ، بارا-بارا ئومۇملىشىشتىن چەتتە قالدى. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نەمۇنىلەرنىڭ ئازلىقى ۋە ھازىرمۇ بۇ شەكىلدىن پايدىلىنىشنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، شېئىر پەقەت بىرلا كۇپلېت، بىر كۇپلېتتىكى ھەر بىر مىسرادا تۆتتىن تۇراق بولىدۇ، ھەر بىر تۇراق مۇقىم مەنىلىك سۆز گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ھەر بىر مىسرادىكى ھەر بىر بۆلەكنى ئوڭدىن سولغا، سولدىن ئوڭغا، ئېگىزدىن پەسكە ياكى پەستىن ئېگىزگە ئوقۇغاندىمۇ، ھەتتا قايچا شەكلىگە سېلىپ ئۆتۈشتۈرۈپ ئوقۇسىمۇ مەنە پۈتۈنلۈكىنى، رېتىمىنى، ئاھاڭىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. مەسىلەن:
كەلدى باھار،      كەتتى ئازار،       يوق قايغۇ-زار،      تاپتۇق مادار،
كەتتى ئازار،       يوق قايغۇ-زار،    تاپتۇق مادار،        كەلدى باھار.
يوق قايغۇ-زار،    تاپتۇق مادار،      كەلدى باھار،        كەتتى ئازار،
تاپتۇق مادار،      كەلدى باھار،      كەتتى ئازار،         يوق قايغۇ-زار.

كىتاب       ئىنسانغا       ئالتۇندىن       ئەلا،
ئىنسانغا     بېرۇر          بىلىم           بىباھا،
ئالتۇندىن   بىلىم         قىممەت         دەپتىكەن،
ئەلا         بىباھا        دەپتىكەن       دانا.
17. فەرد
پەرد ــ بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، لۇغەت مەنىسى «تاق، يالغۇز» دېگەنلىكتۇر. ئۇ پەقەت بىر بېيت بىلەنلا تاماملىنىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ شېئىرىي پىكرىنى ئەنە شۇ بىر بېيتتا ئاخىرلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن:
يامانغا ياخشىلىق قىلغان ياماندۇر،
يامانلىق ياخشىغا قىلغان ھاماندۇر.
ــ بابور.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ــ ن. بوساقوف.

بولغاچقىلا سەندەلۇبازغان،
ئارىسىدىن قىلىشچ يارالغان.
ــ مامۇتجان داۋۇت «مېۋە».
18. سونېت
سونېت (ئىنگىلىزچە sonnet سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى) بەند قۇرۇلۇشى مۇرەككەپ شېئىر شەكىللىرىنىڭ بىرى. بۇ شېئىر ياۋروپا ئەدەبىات-سەنئەت ئويغىنىش دەۋرىدە ئىتالىيەدە شەكىللەنگەن. ئىتالىيە شائىرى پېتراك سونېتنىڭ ئىجادچىسى. بۇ شېئىر قائىدىگە مۇۋاپىق 14مىسرادىن تەركىب تاپقان (شۇڭا خەنزۇچىدا 十四行诗 دەپ ئاتالغان). سونېتنىڭ بىرىنچى قىسمى ئىككى تۆتلۈك (katpeh) تىن، ئىككىنچى قىسمى ئىككى ئۈچلۈك (tepuet) تىن تۈزۈلىدۇ. تۆتلۈكتىكى مىسرالار ئالماش قاپىيە شەكلىدە قاپىيەلىنىدۇ؛ ئۈچلۈكلەردە بولسا، بىرىنچى مىسرا بىلەن ئىككىنچى مىسرا قاپىيەلىنىپ، بىرىنچى ئۈچلۈك بىلەن ئىككىنچى ئۈچلۈكنىڭ ئۈچىنچى مىسراسى قاپىيەلىنىدۇ. ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى مىسرالىرى قاپىيە بىلەن باغلىنىدۇ. بوغۇم سانى جەھەتتە چەكلەنمەيدۇ، لېكىن ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ ۋەزىن، تۇراق، رېتىم ئۆلچىمىگە بويسۇنىدۇ. ئىتالىيەدە دانتى، پېتراركا( 13ــ14-ئەسىر)، ئەنگىلىيەدە شېكىسپىر(16-ئەسىر)، ۋورد سۋورت (19-ئەسىر) لار سونېت يازغان.
سونېتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ قاپىيە شەكىللىرىمۇ كۆپ خىللىشىپ كەتتى. كۆپ ئۇچرايدىغان قاپىيە شەكلى تۆۋەندىكىچە:
1) ABAB CDCD EFEF GG
2) ABAA ABAB ABAB AA
3) ABAB ABAB CBCB DD
4) ABAB BABA ABAB CC
5) ABBA ABBA CDCC DD
6) ABBA ABBA CDDC EE
7) ABBA BCCB DED EDE
زىننەت بېرىپ تۇرسىلا گۈل ياشلىقىڭ ساڭا،
ئىشەنمەسمەن ئەينەك قېرى كۆرسەتسە مېنى.
ئەمدى چاڭگال سالار دەرمەن،ئەزرائىل ماڭا،
قىلسا ۋاقىت يار نەقىشلىك چىرايغا سېنى.
چۈنكى ساڭا نېسىپ بولغان نۇرانە رۇخسار،
گويا مېنىڭ قەلبىمگە خوپ ياراشقان كىيىم.
دىل رىشتىمىز بىر-بىرىگە تۇرسا ھەمراھ-يار،
بارغايمۇ مەن سەندىن قېرى، دېيىشكە تىلىم؟
مەن سەن ئۈچۈن ئاسرىغاندەك ئۆزۈمنى قەۋەت،
سەنمۇ ئاسرا ئۆز تېنىڭنى، يەتكۈزمە زەرەر،
ئەتىۋارلاپ ساقلايمەن چىن قەلبىمنى ئەبەد،
حۇددى ئانا بوۋىقىدىن ئالغاندەك خەۋەر.
ئۆلسە قەلبىم، شادلىقىڭغا سېلىنار قۇلۇپ،
سەن قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر، ئالما قايتۇرۇپ.
ــ شېكىسپىر «شېكىسپىر سونېتلىرى» (22-سونېت)
Ⅱقېلىپسىز شېئىرلارنىڭ تۈزۈلۈشى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
شېئىرىيىتىمىزدە شېئىرنىىڭ يەنە تۆۋەندىكىدەك قېلىپسىز شەكىللىرىمۇ بار. ئۇلار بىرقەدەر ئەركىنرەك بولۇپ، شائىردىن قېلىپلىق شەكىللەردەك يۇقۇرى ماھارەت تەلەپ قىلمايدۇ.
1. مۇرەببەنىڭ قېلىپسىز شەكىللىرى:
(1)  ,cdcd abab قاپىيە شەكلىدە
سەندىن گۈللىنەر خەلقىم باغلىرى،
چۈنكى دەۋرىڭدە يېتىشتى سۇغا.
سەندىن مىننەتدار ئۆلكەم تاغلىرى،
چىمەنزار يايلاق، كىيىك ھەم بۇغا.
ــ نىم شېھىت.
(2) abcb قاپىيە شەكلى
پارتىيە ئەگەر گىگانت دەرەخكەن،
كوممۇنىست دېمەك ئۇنىڭ ياپرىقى.
بىر تال ياپرىقىن سالساڭ تارازىغا،
تاغدىن كۆپ ئېغىر كېلەر سالمىقى. (ئا. خوجايوف)
(3) aaba قاپىيە شەكلى
تىلەمچىلەرگە قاپاق تۈرمەڭلار،
تىلەمچىلەرنى يامان كۆرمەڭلار.
كۈندە بەرسەم كۈندە كەلدى دەپ،
تىلەمچىلەرنى تىللاپ يۈرمەڭلار.

يېتىم سېغىنار باھارنى، قارنى،
يالاڭ ئاياغدا دەسسەيدۇ قارنى.
ئەجەبلەنمەڭلار قىسمەتلىرىگە،
تەقدىر ئاشۇنداق قىلغان ئۇلارنى.

تاشتىن قاتتىق ناكارنىڭ كۈنى،
بىزلەر باقمىساق، كىم باقار ئۇنى؟
ئەمە، ئاجىزنىڭ باش پاناھى يوق،
قۇرۇق قايتمىسۇن سۇنۇلغان قولى.

كەلمەيدۇ دېمەڭ شۇ كۈننى بىزگە،
تەقدىر باقمايدۇ خارغا، ئەزىزگە.
زېمىننى ئەستىن چىقارغان يامان،
دائىم قول سۇنۇپ يۈرمەڭ ئېگىزگە.
ــ مۇھەممەتجان راشىدىن «تىلەمچىلەرنى تىللاپ يۈرمەڭلار».
(4) abba قاپىيە شەكلى
گۈلگە شەبنەم ئالغاندەك قونۇپ
مەرۋايىتتەك چېھرىڭ پارقىرار.
غەيرىتىڭدىن پولات شارقىرار،
يۇلتۇزلارنىڭ ئېقىمى بولۇپ.
ــ  ئى. نىيازى
مۇرەببەنىڭ قاپىيە شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ
2. قىتئە (پارچە)
قىتئە شېئىرىي شەكىلنىڭ قايسى قايسى تۈرىگە ئاساسلانغاندا بولسۇن، مىسرالار سانى بەلگىلىك چەكتىن ئاشمىغان ۋە شۇ مىسرالار ئىچىدە مەلۇم بىر پىكىرنى ئىپادىلەپ توختىغان شېئىردۇر. ئۇ ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، مەزمۇنى چۇڭقۇر بوۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن:
كىبىر نېمە قومۇشتىن سوراڭ،
پۆپۈكىنى مېۋە دەر ئىمىش.
پۆپۈك ئەگەر مېۋە ئاتالسا،
نېمە ئاتىلار شاخ ئەگكەن يېمىش؟!
ــ ب. ئابدۇللا
3. ئاق شېئىر
ئاق شېئىر ياۋروپادىكى بەزى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا بولۇپ، كېيىنچە ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ شېئىر «سېللابىك» شېئىر تۈزۈلۈشىدىكى مىسرالىرى ئۆزئارا قاپىيەلەنمىگەن شېئىر تۈرى ــ قاپىيەسىز شېئىردۇر.
ئاق شېئىر ئاتالغۇسى مىسرالارنىڭ قاپىيەلەنمەي كېلىشىدىن، يەنى ئاق قېلىشىدىن ئېلىنغان. لېكىن بۇ ئاق شېئىرنىڭ رېتىملىق بولۇشىنى ئىنكار قىلمايدۇ، بەلكى مۇكەممەل رېتىم بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاق شېئىرنىڭ ئاجايىپ نەمۇنىلىرىنى ئىنگىلىز ئېپوسلىرىدا ۋە رۇس، ئۆزبېك شائىرلىرى ئىجادىدا كۆرىمىز. مەسىلەن:
لۇغىتىمدە سۆزۈم شۇنچە كۆپ،
قايسىبىرى بىلەن باشلايىن؟
شۇنچە شادمەن، شادلىقىم چەكسىز...
كۆڭلۈم شادلىقىمدىن ئۆسىدۇ!
سېنتەبىرنىڭ كېچىسى سالقىن،
ئانام كەبى يۇمشاق، بىئازار.
شولىلىرى ئەرشكە يەتكەن،
يانار پىئونېرلار مەشئىلى.
شۇ دۇنيادا مەن گويا سۆيۈنچتىن،
قانات ياساپ ئۇچتۇم پەلەككە.
ئاشۇ بەلەند ئاسمان تۈۋىدىن،
ياشلىقىمنى تەبرىك ئەيلەدىم.
ــ ئوسمان ناسىر
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى بۇ شەكىلدە بەزى شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان. مەسىلەن:
قۇياش چىققانغا كۆپ بولدى،
پۈتۈن دۇنيادا كۈندۈزدۇر.
ۋەلېكىن بىزنىڭ شىنجاڭنى
قۇرۇمدەك قاپقارا كۆردۈم.
ــ ئا. ئۇيغۇرى
Ⅲ ئەركىن شېئىر
يۇقۇرىدا بىز ئەنئەنىۋى ۋەزىنلىك شېئىرلار ئۈستىدە توختالدۇق. ئەمدى نەزەرىمىزنى ئەركىن شېئىرلارغا ئاغدۇرىمىز.
ئەركىن شېئىرلار ۋەزىنلىك شېئىرلاردىن پەرقلىنىدۇ. مىسرالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مىسرا تۈزۈلۈشى، كۇپلېتلارغا بۆلۈنۈشى، بوغۇم سانى ۋە باشقا جاھەتلەردىن بىرقەدەر ئەركىن بولغان شېئىر شەكلى ئەركىن شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەركىن شېئىرلار ۋەزىنلىك ئەركىن شېئىرلار ۋە چاچما ئەركىن شېئىرلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ۋەزىنلىك ئەركىن شېئىرلار ۋەزىنلىك مىسرالاردىن تۈزۈلىدۇ. يەنى ئۇنىڭدا بىر پارچە شېئىرنى تۈزگۈچى بارلىق مىسرالارنىڭ بوغۇم سانى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ، ئوخشاش تۇراقلارغا بۆلۈنۈپ، ئوخشاش رېتىم ھاسىل قىلىدۇ. پەقەت كۇپلېتلارنىڭ مىسرا سانى ۋە مىسرالارنىڭ قاپىيەلىنىشى ئەركىن بولىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ شېئىرىي پىكرىنى ئۆز ھېسسىياتىنىڭ دولقۇنى بويىچە كۇپلېتلارغا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بىر پارچە شېئىردىكى كۇپلېتلارنىڭ مىسرا سانلىرى ۋە قاپىيەلىنىش شەكىللىرى تەكشى بولمايدۇ. مەسىلەن:
سېغىنغىنى سەنمۇ ياكى مەن؟
كۈلۈپ-كۈلۈپ كىرىپ كېلىسەن
يالغۇز ئۇخلاپ كۆرگەن چۈشۈمگە.

تاغلىق شەھەر تارتىنچاق قىزدەك
قاچمىساڭچۇ خىياللىرىمدىن،
كۆرۈۋالاي سېنى ئۇزاقراق.

رەستىدىكى غەمكىن بىر ئۆينىڭ
دېرىزىسى ئېچىپ قويۇلغان.

سېپىلگەندەك يوللارغا سەھەر،
ماي ياتقۇزغان يوللار بار يېڭى.
ئېشەك بولۇپ مېڭىپ كېلىمەن،
سۆيۈپ قويار تۇمانلار مېنى.

چايخانىنىڭ پېشايۋىنىدا
كۈلۈمسىرەر ئۆمۈچۈك تورى.
ئاي شەكىللىك مەسچىت ئۈستىدە،
كېچىلەردە قالدىڭمۇ مۇزلاپ
ئېھ، ئاقكۆڭۈل ساددا ئاي نۇرى!

تۇخۇملارنى ساتتىڭمۇ موما،
ياكى ساقلاپ قويدۇڭمۇ ماڭا؟
مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن كۈن،
خىيالىمدا مەن ساڭا ئاتاپ
ئېپ قويغانتىم ئەرزان بىر كالاچ.

مېنىڭ يىراق تاغلىق شەھرىمدە،
يوق بىرەرمۇ ئاياغ زاۋۇتى.
گويا بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقتەك
يوغانغىنا ئىككى زاۋۇت بار،
ئىشلىنىدۇ ئېسىل شارابلار.

تاغلىق شەھەر سۆيۈملۈك قىزچاق،
كۈلۈپ-كۈلۈپ كىرىپ كېلىسەن
يالغۇز ئۇخلاپ ياتقان چۈشۈمگە.
ــ ئادىل تۇنىياز «تاغلىق شەھەر».
چاچما ئەركىن شېئىرلار تۈزۈلۈشى جەھەتتىن ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان شېئىر تۈرى. ئۇنىڭدا مىسرالاردىكى بوغۇملار سانىغا، ئۇرغۇلۇق، ياكى ئۇرغۇسىز بولۇشقا ئەمەس، بەلكى رىتىمغا، ئىنتوناتىسىيگە تولا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بۇندا شېئىردا ۋەقەنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قاراپ رىتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قىسقىسى، بۇ خىل شېئىر شەكلىدە قاپىيە بولغان تەقدىردىمۇ، ۋەزىنىلىك شېئىر شەكىللىرىدىكىدەك تەكشى بولمايدۇ. مەسىلەن:
كۆڭلىمىز بېغىغا سۆگەت تىكىپ،
بارڭلىق ياسىدۇق .
چۆنەك چېپىپ،
چۆرىسىگە تىكەن توساپ،
گۈللەر تېرىدۇق.
گۈللەرنى، سۆگىتىمىزنى،
باراڭلىق، چىرايلىق قىلىپ
ئۆستۈرمەكچىمىز.
زاۋۇتتىن، خاڭدىن
ھېرىپ يانغان ئىشچىلارنى،
ئېتىزدىن، خاماندىن
پىشىپ يانغان دېھقانلارنى،
بېغىمىزغا ئەكىرىپ،
مەيدىسىگە گۈللەر قىسىپ،
شۇ يەردە ئوينىتىپ،
شۇ باراڭدا،
كۈلدۈرمەكچىمىز.
ــ ئۆمەر مۇھەممىدى .
چاچما شېئىرلاردا ھەر بىر قۇردىكى سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىشىدىن رېتىم، ئاھاڭ ھاسىل بولىدۇ. شېئىرنىڭ غايىۋى يۆنىلىشىگە قاراپ، سۆزلىشىش ئاھاڭىدىن، لىرىك ۋە دىراماتىك ئاھاڭدىن ئۇستىلىق بىلەن  پايدىلىنىلىدۇ. چېكىت، پەش قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىگە قاراپ ئاز-تولا توختاپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن، «مەجلىسۋازلار» (ماياكوۋسكىي)، «يانار تاغلا» (ل. مۇتەللىپ)، «ئانا» (بوغدا ئابدۇللا) قاتارلىقلار چاچما شېئىرلارنىڭ نەمۇنىسىدۇر.
چاچما شېئىرلاردا ئاھاڭدارلىقنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئاھاڭدارلىقنىڭ تۈرلۈك پارچىلاردا ئۆزگىرىپ تاۋلىنىپ تۇرۇشى مىزان ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر شېئىرىي پارچىدىن شائىر بىر نەچچە رېتىملىق ئۆلچەمگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. بىر تۇراق تەرتىپىدىن ئىككىنچى تۇراق تەرتىپىگە كۆچۈپ بارىدۇ، مىسرالار ئەركىن رەۋىشتە بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدۇ ۋە مىسرالارنىڭ قاپىيەلىنىشى بىلەن قانائەتلەنمەستىن، قىسمەن بۆلەكلەرنىمۇ ئۆزئارا قاپىيەلەيدۇ. دېمەك، ئۇنىڭدا پىكىر تەرتىپى شائىر ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان ئىدىيەنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە شائىر ھېسسىياتىنىڭ دولقۇنى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ قالايمىقان يېزىلىۋېرىدىغان تەرتىپسىز مىسرالارنىڭ يىغىندىسى ئەمەس.
شېئىرىيىتىمىزدە يەنە «نەسرىي شېئىر» دەپ ئاتىلىدغان شېئىر شەكلىمۇ بار. ئۇ ھەم نەسرىي، ھەم شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان شېئىرىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نەسرىي شېئىر شېئىرىي تىل بىلەن يېزىلغان نەسر ياكى نەسرىي يول بىلەن يېزىلغان شېئىر دېمەكتۇر. ئۇنىڭ »نەسرىي» دەپ سۈپەتلىنىشى يېزىلىش يولىغا قارىتىلغان. يەنى ئۇ كۇپلېت، مىسرالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلاي، نەسرىي يول بىلەن بىر تۇتاش يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ «شېئىر» دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭ تىلىنىڭ شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىغا، يەنى مۇئەييەن شېئىرىي ھېسسىياتقا، قويۇق شېئىرىي كەيپىياتقا باي، شېئىرىي رېتىم ۋە شېئىرىي ئاھاڭدارلىققا ئىگە، بولۇشىغا قارىتىلغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇ شېئىرىي باي شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە تىل بىلەن يېزىلغان نەسردۇر. «بورانقۇش قوشىقى» (گوركىي)، «قاشتېشىغا مەدھىيە» (ئا. ئۆتكۈر) قاتارلىقلار نەسرىي شېئىرلارنىڭ نەمۇنىسىدۇر.
شېئىر تىل سەنئەتلىرى ئىچىدىكى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئالاھىدە بىر تۈرلۈك تىل سەنئىتىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى باشقا بارلىق تىل سەنئەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان ھالدىكى يۈكسەك ئاھاڭدارلىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇنداق ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولمىغان ھەرقانداق تىل سەنئىتى شېئىر بولالمايدۇ. ئاھاڭدارلىق بولسا كۈچلۈك ھېسسىيات، باي تەسەۋۋۇرغا تۇيۇنغان بەدىئىي تىلنىڭ كۇپلېتلارغا، مىسرالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مۇئەييەن تۇراق ۋە رېتىم ھاسىل قىلىشى، مەلۇم ۋەزىنگە چۈشۈشى، كۆتۈرەڭگۈ ۋە جانلىق ئىنتوناتسىيەگە ئىگە بولۇشى ئارقىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئىستىلىستىكىنىڭ ئىنۋېرسىيە (سۆزلەر ئورۇن-تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشى) مۇھىم رول ئوينايدۇ. قويۇق ھېسسىياتقا تويۇنغان ئادەتتىكى نەسرىي گەپنى پارچىلاپ مىسرالارغا تىزىپ قويغانلىق شېئىر يازغانلىق ئەمەس. ئۇنى ئىنۋېرسىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۈكسەك ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلىپ مىسرالارغا تىزغاندىلا، ئاندىن شېئىر يېزىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ۋەزىنلىك شېئىرلاردا چوقۇم ئۇنىڭ مۇئەييەن ۋەزىن ئىسخېمىسىغا تولۇق چۈشۈشىگە، ئەركىن شېئىرلاردا شېئىرىي ھېسسىياتنىڭ ئەركىن ئىپادىلىنىشى بىلەن مۇئەييەن شېئىرىي رېتىم ۋە شېئىرىي ئاھاڭدارلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەندە ئۈچ پارچە شېئىرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

مەن يوق

ئەجەل ئۈنسىز چاقىرغاندا، ھەمرا بولاي دېسەم مەن يوق،
ئاۋام قىستاپ چىقارغاندا، قوشۇپ قوياي دېسەم مەن يوق.
ئىلىم ئۆگەن تاكامۇللاش، بۇ يولدا ھارمىغىن ھەرگىز،
نادانلار توپىدا قالساڭ، ئايرىپ قوياي دېسەم مەن يوق.
ئەل-ۋەتەننى ئۇلۇغ بىلگىن، ئۇنى دەپ ئوتقىمۇ كىرگىن،
ئۇلار نارازى بولغاندا، ئادۋۇكات بولاي دېسەم، مەن يوق.
تەكەببۇر بولما، تەكەببۇرلۇق بىر ئاللاغىلا خاستۇر،
خەلق «ھۆ» دەپ تۈكۈرگەندە، قالغان بولاي دېسەم مەن يوق.
بىكارغا ئىشلىسەڭ مەيلى، لېكىن لالما بولۇپ قالما،
ياماننىڭ ئىزىنى باسساڭ، تارتىۋالاي دېسەم مەن يوق.
پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ كەتمە، پۇلسىز ئەجەب يۈرۈپ كەتمە،
ئىسراپخور بولۇپ كەتمە، ھاي-ھاي دەپ قوياي دېسەم مەن يوق.
ئەقىل-ئىدراكنى ھۆكۈمران، ئارزۇ-ھەۋەسنى قۇل قىلغىن،
ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، ۋاي ئوغلۇم دەي دېسەم مەن يوق.
ئوت ئوتۇننى يېگەندەك، ئىشرەت قامىتىڭنى يەپ تۈگىتەر،
بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالساڭ، ئەمچى تاپاي دېسەم مەن يوق.
كۆيگىنىڭنىڭ قۇلى بولما، ساڭا كۆيگەننىڭ گۈلى بول،
خورازنى دورىما ھەرگىز، ھايا قىل دەي دېسەم مەن يوق.
قازا بەكلا تۇيۇقسىزدۇر، ياش-قېرى ئايرىمىسى يوقتۇر،
پۇشايماندا ئۆكسۈپ يىغلاپ، پاقلان سوياي دېسەم مەن يوق.
                                                          ــ بى ھەۋەسكار.
غەزەلگە قارايدىغان بولساق، ئۇ ئارۇز ۋەزىننىڭ «مەپائىيلۇن (∨---)» ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ ھەزەج بەھرىدە يېزىلغان، ئەمما ۋەزىن چۈشمەي، ئوخشاش بولمىغان ۋەزىندىكى سۆزلەر ئارىلىشىپ، مىسرالاردىكى رېتىمنى قالايمىقان قىلىۋۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شېئىردا قاپىيە ئىزچىللىقىغا دىققەت قىلمىغان، سۆزلەر شېئىرىي ئوبراز خۇسۇسىيىتىگە ئىگە سۆزلەر بولماستىن، بەلكى ئادەتتىكى سۆزلەر تاللانغان. بىز ئۇنىڭ ۋەزىن ئىسخېمىسىنى سىزىپ كۆرەيلى:

ئەجەل ئۈنسىز/چاقىرغاندا،/ھەمرا بولاي/ دېسەم مەن يوق،/
∨---    ∨---   --∨-   ∨---
ئاۋام قىستاپ/ چىقارغاندا،/قوشۇپ قوياي/ دېسەم مەن يوق./
∨---    ∨---   ∨---    ∨---
ئىلىم ئۆگەن/ تاكامۇللاش،/ بۇ يولدا ھار/مىغىن ھەرگىز،/
∨---    ∨---    ∨---  ∨---
نادانلار تو/پىدا قالساڭ،/ ئايرىپ قوياي/ دېسەم مەن يوق. /
∨---  ∨---    --∨-     ∨---
ئەل-ۋەتەننى/ ئۇلۇغ بىلگىن،/ ئۇنى دەپ ئوت/قىمۇ كىرگىن،/
-∨--     ∨---     ∨---     ∨---
ئۇلار نارا/زى بولغاندا،/ ئادۋۇكات بو/لاي دېسەم، مەن/ يوق.
∨---∨---    -∨--    -∨--       ∨
تەكەببۇر بول/ما، تەكەببۇر/لۇق بىر ئاللا/غىلا خاستۇر،/
∨---    ∨∨--   ----   ∨---
خەلق «ھۆ» دەپ/ تۈكۈرگەندە،/ قالقان بولاي/ دېسەم مەن يوق. /
∨---        ∨---    --∨-    ∨---
..................................
بىز بۇ شېئىرنى، گەرچە تولۇق لاياقەتلىك بولۇپ كەتمىسىمۇ، ۋەزىننى چۈشۈرۈش زۆرۈرىيىتنى نىشان قىلىپلا مۇنداق تۈزەتتۇق. بۇنىڭدا «مەپائىيلۇن (∨---)» ۋەزنىگە چۈشمەي، ۋەزىن چاقىدىغان بىرمۇ سۆز يوق:

مەن يوق

ئەجەل ئۈنسىز چاقىرغاندا، دۇئا ئېيتاي دېسەم مەن يوق،
ئاۋام قىستاپ چىقارغاندا، قوشۇپ قوياي دېسەم مەن يوق.
ئىلىم ئۆگەن تاكامۇللاش، بۇ يولدا ھارمىغىن ئەسلا،
مەگەر قالساڭ قارا تۈندە، چىراغ ياقاي دېسەم مەن يوق.
ۋەتەن-ئەلنى ئۇلۇغ بىلگىن، ئۇنى دەپ ئوتقىمۇ كىرگىن،
جامائەت بولسا نارازى، يۆلەك بولاي دېسەم، مەن يوق.
تەكەببۇر بولمىغىن ھەرگىز، ئۇ بىر ئاللاھقىلا خاستۇر،
بېشىڭغا ياغسا تاشبوران، چاپان ياپاي دېسەم مەن يوق.
بىكارغا ئىشلىسەڭ مەيلى، لېكىن لالما بولۇپ قالما،
ياماننىڭ ئىزىنى باسساڭ، يولۇڭ توراي دېسەم مەن يوق.
بولۇپ قالما قۇلى پۇلنىڭ ، ھالال تاپ، يولىغا سەرپ قىل،
چېچىپ ئىسراپقا يول ئاچما، «بولار،ــ دەي، ــ ھاي» دېسەم مەن يوق.
ئەقىل-ئىدراك تىغىدا كەس ھەۋەس يىلانى بېشىنى،
قارا ئۆڭكۈرگە چۆكسەڭ گەر، قولۇڭ تارتاي دېسەم مەن يوق.
ئوتۇن كۆيگەن كەبى ئوتتا، كۆيەر ئىشرەتتە بار جىسمىڭ،
بىتاپ-مەجرۇھ بولۇپ ياتساڭ، شىپا قىلاي دېسەم مەن يوق.
كۆيۈك ئوتىدا كۈل بولما، گۈلى بول ساڭا كۆيگەننىڭ ،
تولا شاخ ئاتلىما، مەزمۇت قوناق سۇناي دېسەم مەن يوق.
قازا بەكلا تۇيۇقسىزدۇر، ئۇنىڭ ياش-قېرىسى يوقتۇر،
پۇشايمان ئىلكىدە يىغلاپ، قوتاز سوياي دېسەم مەن يوق.

شامال ۋە شام

يىراقلاردىن ئاچچىق شاماللار كېلىپ،
غېرىب شۇ شامنى ئۆچۈرەر يەنە.
كۆزۈڭنى ئېچىپ باق، كۆرەلمەيسەن
ئۆي ئىچى قاراڭغۇ ئەنە.

شاماللار سوقمايدۇ كۈچلۈك چىراغنى،
چۈنكى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ كۈچى.
پەقەت شۇ مىسكىن شامغا ئۇۋال،
بارمىكىن شامدا ئۇنىڭ بىر ئۆچى.

شامغۇ يانار بىر كۈنى ئوت بولۇپ،
شامالمۇ ئۆچۈرەلمەس ئۇنى شۇ چاغدا.
يانمايدۇ بىكاردىن لاۋۇلداپ ئۇچقۇن،
يانار ئۇ ئاخىرى مەجبۇر بولغاندا...
ــ بىر ھەۋەسكار ئوقۇغۇچى.
يۇقۇرىقى شېئىرنىڭ بىر كۇپلېتى تۆت مىسرادىن تۈزۈلۈپ، مۇرەببە شەكلىدە يېزىلغانلىقىغا، قاپىيە شەكلىنىڭ ئەركىن قاپىيەدە كەلگەنلىكىگە قاراپ، بىز ئۇنىڭ ۋەزىنلىك شېئىر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شېئىرنىڭ ئاساسىي ۋەزىن ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، بۇ 11 بوغۇملۇق شېئىر، تۇراق شەكلى « شاماللار/ سوقمايدۇ/ كۈچلۈك چىراغنى،/( يەنى3/3/5)» بولۇپ، مىسرالار سۆز پۈتۈنلۈكى بويىچە تۇراقلارغا ئايرىلغان، دېمەك، بۇ بارماق ۋەزىنلىك شېئىردۇر. بىراق شېئىرنىڭ ھەرقايسى مىسرالىرىنىڭ بوغۇم سانى تەڭ بولمىغاندىن باشقا، تۇراق، ۋەزىنلىرى چۈشمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شېئىردا شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە تىل تولىمۇ كەمچىل، ئادەتتىكى مەنتىقىسىز گەپنى مىسرالارغا تىزىپ قويغان. بۇ شېئىرنى تۈزىتىمەن دېسە، قايتىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە قىلىپ يېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ھەر بىر تۈردىكى سەنئەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، ئىجادكار ۋە ئىشتىراكچىلارنىڭ رىئايە قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدە-پىرىنسىپلىرى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، شەكلى، قانۇنىيىتى بولىدۇ. شېئىر باشقا تىل سەنئەتلىرىگە ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسۇلى، شەكلى، قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بولغان سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىغان تىل ئىپادىلىرى شېئىر سەنئىتى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا شېئىر ھەۋەسكارلىرىغا دەيدىغىنىمىز، شېئىر يېزىڭ، ئۇ مەيلى ۋەزىنلىك شېئىر بولسۇن، مەيلى ئەركىن شېئىر بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆز تۇرى ۋە شەكلىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىڭ، بولمىسا ئارتۇقچە زورۇقماي، ئىدىيە-ھېسسىياتىڭىزنى ئەدەبىياتنىڭ چامىڭىز يېتىدىغان باشقا تۈر ۋە ژانىرلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەڭ.



麦麦提敏 . 亚库普 : 巴楚县第一中学

mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 870
تۆھپە : 5
توردا: 178
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 16:12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ «ماقالە» شېئىرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە شەكىللىرى توغرىسىدىكى بىر قىسىم نەزىريەنى ئەتىراپلىق ئوتۇرىغا تاشلاپتۇ، لېكىن مەن ھەممىسىنى ئاساسەن ئەدەبىيات نەزىريىسىدىن يۇغلاپلا ئالغاندەك ھېس قىلدىم. مېنىڭچە ماقالىلىرىمىز يېڭىچە بىر نېمىلەرنى دەپ بېقىشى كېرەكمىكىن؟....

يىراقتىن بىر قارا كۆلەڭگە ماڭا قاراپ كەلمەكتە...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2194
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 20:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر چىن ۋە قايناق ھېسسىياتقا تويۇنغان ئوبرازلىق سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مۇئەييەن رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىق تەلىپىگە ئاساسەن قانۇنىيەتلىك ھالدا تەرتىپكە تىزىلىشىدىن مەيدانغا كېلىدىغان تىل سەنئىتىدۇر.

چىن ۋە قايناق ھېسسىياتقا تويۇنغان ئوبرازلىق سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مۇئەييەن رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىق تەلىپىقانداق بولىدۇ؟
قايسى قانۇنىيەت ئاساسىدا تەرتىپكە تىزىلىدۇ سۆزلەر؟

بۇ سوئاللارغا قەتئىي جاۋاپ تەلەپ قىلىمەن!شېئىر توغرىسىدا نەزەرىيە يازغانىكەن بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدۇ ھەقىچان!
ھەم بەزى ھۆكۈملەرگە مەنبە تەلەپ قىلىمەن!


مەن سالغان ئوت ۋە ماڭا سالغان ئوت

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 11:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر يۇقۇرقى تېمىنى يوللىغۇچى ماقالە ئەمەس بەلكى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللانغان تېما دەپ قارىسا ئۇنداقتا تېما يوللىغۇچىنىڭ خالىس ئەمگىگىدىن يەنى ئەدەبىيات نەزىريىسىدىكى شئېىريەتنىڭ تۈزۈلىشى ھەققىدىكى نەزىريىۋى قائىدىلەرنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇنغانلىقىدىن سۈيۈنمەي بولمايدۇ....ئەپسۇسلىنارلىق يېرى تېما يوللىغۇچى ۋاكالىتەن يوللانغان تېما ئىكەنلىكى توغۇرلۇق قىلچە ئەسكەرتىش بەرمىگەن شۇنداقلا قايسى كىتاپتىن،كىملەر تۈزگەن كىتاپتىن؟ ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.
   يۇقۇرقى تېمىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئاپتورنىڭ لاياقىتى پەقەت ۋە پەقەت ۋاكالاتەن تېما يوللىغۇچى دېگەن بىرلا ئۆلچەمگە چۈشىدۇ!  چۈنكى ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىپ قويۇش بىلەن باشقىلارنىڭ كىتاۋى،نەزىريىسى ئىسمىنى يېزىۋالغۇچىنىڭ ماقالسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ.
    مېنىڭچە تېما يوللىغۇچى باشقىەلارنىڭ كىتاۋىنى ۋاكالىتەن يوللاپ خاسىيەتلىك ئىش قىلغاندىن كېيىن كىملەرنىڭ كىتاپلىرىدىن،قانچىنچى بەتلىرىدىن ئېلىنغانلىقىنىمۇ يوللىۋەتسە خاسىيەتلىك ئىشنى ئاخىرغىچە قىلغان بولاركەن.
  
  قېرىنداشلار تېما يوللىغۇچى بىلەن تېما ئاپتوررى ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم.باشقىلارنىڭنادىر ئەسەرلىرىنى مۇنبەرگە خالىس يوللاپ قويغۇچىلارمۇ بار.ئۆزى يازغان ئەسەرنى يوللايدىغانلارمۇ بار.مېنىڭچە تېما يوللىغۇچى دېگەن ئۇقۇم بىلەن تېما ئاپتوررى-ئەسەر ئىگىسى دېگەن ئۇقۇمنى يارقىن ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى .شۇنداق بولغاندا يۇقۇرقى تېمىدەك ئەھۋال يەنى باشقىلارنىڭ كىتاۋىغا تېما يوللىغۇچى ئۆز ئىسمىنى  ئاپتور سۈپىتىدە يېزىۋالدىغان ئىش سادىر بولمايدۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1729
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2321
تۆھپە : 10
توردا: 597
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 18:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر تۈردىكى سەنئەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، ئىجادكار ۋە ئىشتىراكچىلارنىڭ رىئايە قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدە-پىرىنسىپلىرى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، شەكلى، قانۇنىيىتى بولىدۇ. شېئىر باشقا تىل سەنئەتلىرىگە ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسۇلى، شەكلى، قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بولغان سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىغان تىل ئىپادىلىرى شېئىر سەنئىتى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا شېئىر ھەۋەسكارلىرىغا دەيدىغىنىمىز، شېئىر يېزىڭ، ئۇ مەيلى ۋەزىنلىك شېئىر بولسۇن، مەيلى ئەركىن شېئىر بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆز تۇرى ۋە شەكلىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىڭ، بولمىسا ئارتۇقچە زورۇقماي، ئىدىيە-ھېسسىياتىڭىزنى ئەدەبىياتنىڭ چامىڭىز يېتىدىغان باشقا تۈر ۋە ژانىرلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەڭ.

يىگىت يۈرىكى مىسلى كائىنات،
سىغار ئۇنىڭغا جىمى مەۋجۇدات...
                       -ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1784
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 240
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 19:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق جاھان بوپكەتتى بۇ ؟
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارماڭ قېرىندىشىم !!!
    شىئېرنىڭ تۈزۈلىشىنى سىزدەك ئەستايىدىللىق بىلەن تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ، بارماقلىرىڭىزنىڭ كومپىيوتېر تاختىسى ئۈستىدە قانچىلىك ھارغانلىقىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالايمەن . مىساللارمۇ بەك جايىدا ئېلىنىپتۇ .
   باشقىلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ھۆرمەت قىلىشنىمۇ بىلەيلى قېرىنداشلار !!!بۈگۈننىڭ تۆنۈگۈن ئەمەسلىكى راست ، ئەمما بىز بۈگۈننى تۆنۈگۈنگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ، دېيەلمەيمىز!؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1462
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 698
تۆھپە : 0
توردا: 147
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 19:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللانمىدىن ئۆزۇقلۇق يەتتى ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  162
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 117
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 20:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كەچۈرىڭلار يارەنلەر، بۇرادەرلەر. يۇقارقى ماقالىنىڭ ئاپتۇرى مەمتىمىن ياقۇپ كۆتۇغ ئەپەندى مېنىڭ يېقىن دوستۇم، خىزمەتدىشىم بولۇپ، ماقالىنى تەييارلاپ بولۇپ، مەكتىپىمىزدە ئىشلىمەكچى بولغان «مەكتەپ ژورنىلى» غا ئىشلىتىشنى، ۋاكالەتەن يازغۇچىلار تورىغا يوللاپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان ئېدى. ئۇ ئۆزى يازغۇچىلار تورىغا ئەزا بولۇشقا تالاي قېتىم كىرىشىپ باققان، ھەم ئىككىمىز بىرلىكتە تۇرۇپ، ئەزا بولۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمما نېمە سەۋەپتىنكىن، پارول يازىدىغان يەردە ۋە باشقا يەرلەردە خاتالىق كۆرۈلدى ( بىرقانچە قېتىم ئارقا-ئارقىدىن يوللاپ باققان بولساقمۇ) دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىپ، ئەزا بولۇش مەغلۇپ بولدى. بولمىسا ئۇ ئۆزى يوللىسىمۇ بولاتتى. بۇ يەردە مېنىڭچە پەۋقۇلاددە چوڭ خاتالىق يوققۇ دەيمەن. ماقالىدىكى ئۇتۇق ۋە نوقسانلارغا قارىتا تەكلىپ-پىكلىر بەرگەنلەرگە رەخمەت. بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شېئىرلارنى «شېئىر چىن ۋە قايناق ھېسسىياتقا تويۇنغان ئوبرازلىق سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مۇئەييەن رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىق تەلىپىگە ئاساسەن قانۇنىيەتلىك ھالدا تەرتىپكە تىزىلىشىدىن مەيدانغا كېلىدىغان تىل سەنئىتىدۇر» دېگەن قانۇنىيەتتە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى شۇ بويىچە تەربىيەلەيمىز، باشقا يادىغا كەلگەنچە يازسا بوىۋېرىدىغان تەرەپلىرىنى وەقەت قوشۇمچە پايدىلانما سۈپىتىدە سۆزلەيمىز. بولمىسا بۆيۈك شائىر ناۋاي ھەزرەتلىرىمۇ شېئىر يازغاندا قانۇنىيەتكە رىئايە قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولمىغان بولاتتىغۇ دەيمەن.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2322
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 85
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 14:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ناھايتى ياخشى يوللىنپتۇ  .شئىر يېزىشنى يېڭىدىن ئۈگەنمەكچى بولغان  ئەمما ئۆلگە قىلىپ پايدىلنش ماتىريالى تاپالمايۋاتقانلاراغا تولمۇ باپ كېلىدىكەن .مېنىڭچە بۇماتىريال ئوتتۇرا مەكتەپ  دەرسلىك كىتاپى ۋە ھاجى ئەخمەت  كۆلتىگىن ئەپەندىنىڭ  كىتاۋدىن پايدلنىپ تاللاپ ئېلىنغاندەك قىلىدۇ  (بىر قىسىم مىساللار بۇنىڭ سىرتىدا ).پايدىلانمىلار ئەسكەرتىپ قۇيۇلغان بولسا ...مۇمكىن بولسا ئارۇز ۋەزنلىك شئىرلارنىڭ ۋەزىن ۋە بەھىر تۈلىرى قائىدلەر كونكىرىت ئاددى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرلۈپ يوللاپ قويۇلغان بولسا .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 727
تۆھپە : 0
توردا: 203
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 20:05:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا بەك ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلۈپتۇ .ئوقۇپ خوش بولدۇم بۇ ماقالىنى يېزىش جەرياندا جاپا چەككەن مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتوغ ئەپەندىمنىڭ  شۇنداقلا بۇ تېمىنى يوللىغان ئۆزتۇغ ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرىدە توختاخۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-12 20:08  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1729
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2321
تۆھپە : 10
توردا: 597
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 20:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شېئىر چىن ۋە قايناق ھېسسىياتقا تويۇنغان ئوبرازلىق سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مۇئەييەن رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىق تەلىپىگە ئاساسەن قانۇنىيەتلىك ھالدا تەرتىپكە تىزىلىشىدىن مەيدانغا كېلىدىغان تىل سەنئىتىدۇر»- خورازدىكى خو!

يىگىت يۈرىكى مىسلى كائىنات،
سىغار ئۇنىڭغا جىمى مەۋجۇدات...
                       -ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش