ئەرلىك يولۇڭغا سىڭمەكتىمەن
( نەسىر)
قەلبىنۇر ئىلياس
سېنىڭ ئەرلىك يولۇڭ !
ئەركەكلەر يولىنىڭ نەمۇنىسى ،ئەركەكلەر روھىنىڭ نۇرانىسى.
سېنىڭ ئاتىلىق يولۇڭدا تۈز سىزىقنىڭ راھىتىلا تۈنىمەيدۇ، ئەگرى سىزىقلىق ئازاپنىڭ ھەسرىتىلا ئۆكسىمەيدۇ.
سېنىڭ مۇقەددەس يولۇڭدا سانسىز مېھنەتنىڭ ئالتۇن تاياقچىسىدەك تۈز لۈك بىلەن تالاي كەچمىشنىڭ يادەك ئېگىلگەن ئەگىرلىكى بار .
بىلىمەن سەن خىزىر ئەمەس، پەرىشتە پېشانەڭگە سۆيۈپ باخمىغان، شۇڭا رىۋايەتنىڭ يالغان پەردازلىرى بىلەن ئوبرازىڭنى ساختا سۈپەتلەپ ، چىنلىقىڭنى خىرەلەشتۈرگۈم يوق.
سېنىڭ تۈزلۈكۈڭ- مېنىڭ بۈيۈكلىكىمنىڭ ئەندازى،سېنىڭ ئەگىرلىكىڭ مېنىڭ يارالمىشىمنىڭ سەۋەبى . شۇڭا ئەرلىك يولۇڭغا سىڭمەكتىمەن، باھار يامغۇرى بولۇپ ،ئەقىدىدەك تۆكۈلمەكتىمەن.
تۈز سىزىقتەك سىزىلغان ھايات قەدىمىڭدە ، بىر نۇرانە ئىزنالارنىڭ بارلىقىدىن شەكلەنمەيمەن. ۋىجدان بۇلىقىدەك بۇلدۇقلاپ تۇرغان سەمىميەتلىرىڭنىڭ ئايىغى قۇرىمىسىكەن دەيمەن .
سېنىڭ تۈزلۈكۈڭ – مېنىڭ ئالىمىمگە يېقىلغان چىراغ ،سېنىڭ ئەگىرلىكىڭ خاسلىقىمغا تۆكۈلگەن دەرد- پىراق. شۇندىمۇ سېنىڭ ئەرلىك يولۇڭغا سىڭمەكتىمەن ، قەلبىڭنىڭ يوچۇقلىرىغا دال بولۇشنى ئىستەپ ، ئەت- ئېتىمدىن مۇھەببەتلىك سۆكۈلمەكتىمەن.
ئەگرى سىزىقتەك سىزىلغان ھاياتلىق تۈگۈچلۈرىڭدە ، بىر ئاچچىىق قىسمەتلەرنىڭ يالدامىسىدىن قالغان تەجىربىنىڭ خۇرىچى بار، مەغلۇبيەتلىرىڭنىڭ تەكتىدىمۇ ، ئەرلىك چۈشكۈنلىكىنىڭ چىقىش يولى تاپالايدىغان جەسۇرلىغى بار .شۇڭا ئىشىنىمەنكى سېنىڭ تۈز سىزىقتەك مەردانىلىغىڭ بىر چەكسىزلىك، ئەمما سېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەگىرلىكىڭ مۇتلەق ئەمەس.
سېنىڭ ئەرلىك يولۇڭ !
ئەركەكلەر يولىنىڭ داۋامى ، ئادىمىيلىك يولىنىڭ پايانى.
سېنىڭ ئاتىلىق يولۇڭغا ئامەت تۇتاشقان ، باغرىڭغا مەسۇليەت يىلتىز تارتقان ، قەلبىمنىڭ ئارمانلىرى سىغدالغان .
تەڭرىم، ئەگرى قۇۋۇرغاڭدىن، يۈرىكىڭنى قوغدىسۇن دەپ ياراتقان مېنى . سۆيگۈ تاختىيىغا ياتقۇزۇپ ،ئەگىرلىكىڭنى تۈزلىسۇن دەپ بەرگەن مېھىرنى . شۇڭا ئەرلىك يولۇڭغا سىڭمەكتىمەن ،ئۇدۇم ئەقىدىلىرىنى ئۇلۇغلاپ ئەرلىك ئەزىزلىكىڭنى ، ئاياللىق دۇنيارىمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەۋەررۈك بىلىپ چەگمەكتىمەن .
سېنىڭ ئەرلىك يولۇڭ !
پەرزەنىتلەر يولىنىڭ قاياشى ، مەسۇليەت ئاسمىنىنىڭ قوياشى.
سېنىڭ ئاتىلىق يولۇڭغا ناتىۋان يۈرەكلەرنىڭ تىلەكلىرى تېمىپ تۇرىدۇ،
قەۋىملەرنىڭ ماغدۇرسىز قالغان تېنى يۆلىنىدۇ .رومانتىكىغا چىلانغان تۇيغۇلىرىم تەبەسۈم ئىلكىدە بۆلىنىدۇ.
تەڭرىم ، دىلكەش قىلىپ ياراتقان بىزنى ، ھەسەت بەدناملىرى قارايتمىسۇن چېھىرنى ، لەۋلەردىن ئايرىمىسۇن شەيتان ،سۆيگۈ تەشنالىغىدا قىلىپ تۇرۇشقا زىكىرنى .
ھاياتلىق مەنتىقىسىگە چۆككەنسىرى، سېنىڭ ئەرلىك يولۇڭغا سىڭمەكتىمەن . ھاياتلىق قىممىتىنى چۈشەنگەنسىرى ، قەدرىڭنى بىلمەكتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-16 01:31