تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 1

كېچىدىكى باھار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3208
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 42
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىدىكى باھار
مەريەمگۇل ئېزىز
چىمچىقلىتار كۆزىنى كېچە،
ۋىلىق-ۋىلىق كۈلەر تۇلۇنئاي.
ۋادىلارنى قىچىقلار شامال،
ئىللىق بىر ھىس ئاقار توختىماي.

كۈلۈمسىرەپ ئۇزىغان ئاق قار،
نەمخۇش بۇلۇپ ئۈنمەكتە ئاستا.
بىخ سۈرەي  دەپ ئويلىغان شىۋاق،
كۆزلىرىنى يېرىم قىسماقتا.

چۆچەك سوراپ يۈرەر ئۈژمىلەر،
يىلىمىنى چۈشىسە جىگدە.
قۇشقاچ غەمسىز ئۇخلار كاماردا،
كاككۇك ئۈنلەر بىر مۇڭلۇق ئۈندە.

لەۋ تامشىتار ئون تۈپ سۇۋادان،
مەيىن شامال ئالغاندا سۈيۈپ.
پارلاپ بارار بىر ئۇلۇغ سۆيگۈ،
ئېقىن سۇنىڭ باغرىدا كۆيۈپ.

گۈرۈلدىسە ئۆستەڭدە دولقۇن،
قىرغاق لىۋى يېرىلار چاك-چاك.
ئۇيقىسىرىغان ھەجەر قوڭغۇزى،
ئىزدەپ يۈرەر ئۆزىگە غەمناك.

باھارىغا تەشنا يۈرۈگۈم،
كىزىپ يۈرەر شۇ تاپ دالىدا،
.ساڭا تەبىر بىرەلمەي يۈردۈم،
بۇ يۈرەكنىڭ باياۋانىدا.

idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3105
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى ئىچكىي تۇيغۇ ، ئەۋجلىنىپ تۇرغان ھېسسىيات ھەقىقىتەنمۇ ئادەمنى گۈزەللىك ئالىمىگە باشلاپ كىرىدۇ، ھاياتنىڭ لەززىتىنى  ھېس قىلدۇرىدۇ، ھېسسىيات شۇ قەدەر نازۇك ۋە ئىنىچكە بولىشىغا قارىماي  ئېنىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش