ئەدەبىيات ئاسىيلىققا مۇھتاج
(ماقالە )
ئەركىن مۇھەممەت خاقان
ئەدەبىيات ــ روھىيەتنىڭ جاكارچىسى. « ئەدەبىيات » تىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزى بىر ئىسىم، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئېقىم ۋە ئىزىملار بار. « ئاسىيلىق » ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا، ئاسىيلىق ــ يېڭىلاش دىمەكتۇر. ئاسيىلىقنىڭ ئىپادىسى نىمجان روھىيەتنىڭ قەلىب يارىسى، ئالىي ئاڭ ئېگىلىرىنىڭ غەلبىسىدۇر. خۇددى ئۆمەر ھەييام ئېيتقاندەك :
پۈتكۈل نەرسىلەرنى يارىتىپ ئاللاھ ،
ھەممىنى سۇندۇرۇپ ئاتىدۇ، ئى ، ۋاھ!
ياخشى بولسىغۇ بۇزمايتتى بەلكىم،
گەر يامان بولسا ئۇ ، ئېيت، كىمدە گۇناھ؟
ئەمما بۇ مۇناپىقانە ئاسىيلىق ئەمەس. بۇ ئاسىيلىق ئەسلى ماھىيەتلىك بۈيۈك ئەنئەنىنى ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلاندۇرىدىغان ئاسىيلىق. بۇ ئاسىيلىق ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇق قەدەملىرىنىڭ ئەڭ تۇغرا يۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاسىيلىق. بۇ ئاسىيلىق ئۆزىنى تاۋار قىلىپ، چىرىپ كەتكەن نىمجان تېنىنى سۆرەپ ھىچقانداق قىممەتسىىز ۋە ئۈنۈمسىز تىمىسقىلاپ يۈرگەن چۈشكۈن ئەدەبىياتنى، باشقىلارنىڭ قىممەت قورالىغا ئايلىنىپ، ئۆز مەسئولىيىتىنى ئادا قىلالمىغان ناجىنىس ئەدەبىياتنى، مەۋجۇدلىقىدىن مەنا يوق، ئۆزى تەۋە مىللەتكە، ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان روھقا، ئەنئەنىگە، مەدەنىيەتكە، سەنئەتكە، ئەخلاققا، ئىتىقادقا بولغان مەجبۇرىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش تۇرماق ، ئەدناسى ئەل قاتارى مەۋجۇدلىقىنى ساقلىيالمىغان مۇناپىقانە ئەدەبىياتنى زامان سەھنىسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان ئاسىيلىقتۇر.
ئاسىيلىقنىڭ نىشانى ئەدەبىيات ئېتىنى مىنىپ، قەلەم قامچىسى بىلەن قۇراللىنىپ، مەدەنىيەتنى ئوپىراتسىيە قىلىش. شاكىلىنى شاللاپ، مېغىزىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا يېڭى قان بېرىپ، ئەسلى روھ، يېڭىچە قىياپەتتە مەۋجۇدلىقىنى دۇنياغا جاكارلاش. خۇددى گىرمانىيەلىك داڭدار پەيلاسوپ نىچشى ئادەملەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان پەسكەشلىكلىرىدىن سەسكىنىپ، « تىراگىدىيە تەلىماتى » نى تەرغىپ قىلىپ « خۇدا ئۆلدى » دەپ جاكارلىغاندەك. ئەمما ئۇنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يېرى شۇكى، ئۇ ئىنساننى خۇدانىڭ ئورنىغا قۇيۇپ، « ھۇقۇق ئىرادىسى» نى ئىنساننىڭ ئۆز- ئۆزىنى يارىتىدىغان بىردىنبىر يۇلى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئېنىقكى، ئۇ چىن خۇدانى تاپالمىغان. ئەينى چاغدا مۇتلەق ئەركىن ئادەمنى ئەۋزەل بىلىپ، خۇدانى تۇپراققا « كۆمۈۋەتكەن » بۇ ئاسىي روھنىڭ ئۆزى ئادەملەر تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن. ئۇ تۇپراققا ئايلىنىپ بىر ئەسىردىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئادەملەرنىڭ شۇ چاغدىكى غېرىب روھى ئۆلدى، لېكىن ھازىر نىچشى تەنھا ئەمەس. ئۇنىڭغا « ئاسىيلىق » دەپ جار سالغىچىلار، ئاسىيلىقتىن ئۇلۇغلۇق يارىتىپ، روھنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقۇچىلار ھەمرا. ئامرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى، نوبىل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، « گاڭگىرىغان بىر ئەۋلات » ئېقىمىنىڭ بەرپاچىسى ھىمىڭۋاي، لاتىن ئامرىكا سېھرى رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى گارسىيە ماركوس، ئۇلۇغ ھەم قورقۇنىچلىق غايىنىڭ تۈرتكىسىدە، جاھانغا خاقان بۇلۇشنى كۆزلەپ، پۈتۈن دۇنياغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ئۇرۇش مەستانىسى ئادلوف گېتلىر،دەلدۈش روھقا خەنجەر ئۇرۇپ، خەنزۇ مىللىتىنىڭ يېڭى روھىنى ئويغاتقان دېمۇگراتىك ئەدەبىياتنىڭ بايراقتارى لۇشۈن، ئىسسىق قېنى بىلەن ئەرك ناخشىسى ياڭرىتىپ، ئۇيغۇرنىڭ يېڭى روھىيەت سەھىپىسىنى ئاچقان ئوت يۈرەك، قەھرىمان شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەينى زاماندىن « ئاينىپ » قۇڭغۇزغا ئايلىنىپ ياشاشنى ئەۋزەل كۆرسە، شۇنىڭغىمۇ ئىمكان يوق، ئۆز ئاتا –ئانىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان چۈشكۈنلۈكنىڭ يىگانە جەڭچىسى كافكا... قاتارلىقلار ئاسىيلىقنىڭ تىپىك ئۈلگىلىرى. ئۇلار ئاسىيلىقتىن ئۇلۇغلۇق ياراتتى. ئاسىيلىقتىن يېڭى دەۋىر ئاچتى، ئاسىيلىقتىن ئەبەدىيلىك ئابىدىسى تىكلىدى. زۇلمەت ئورمانلىىدا ئازغان قەۋم ئەنە شۇنداق « دانكو » لارغا مۇھتاج بولغىنىدەك، شالغۇت مەدەنىيەت، ئۆلىۋاتقان روھ، ئەيىش- ئىشرەتلىك تەنلەرمۇ ئاسىيلىققا مۇھتاج. ئۇلارنىڭ ئازغۇنلىقى ئاسىيلىقنىڭ تەقەززاسى. چۈنكى تاللاش دۇقمۇشىدا تېڭىرقىغانلار كۆپىنچە خالتا كوچىغا كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار يېڭى كۆزگە، يېڭى قەلىبكە، يېڭى قەدەملەرگە تەشنا. ئىپادىزىمچى شائىر ۋېتمان ئېيتقاندەك، بىزنىڭ ئارىمىزدا: « كىيىن مەيدانغا كېلىدىغان تېخىمۇ سەلتەنەتلىك بىر يېڭى ئىرق مەۋجۇت، يېڭى رىقابەت مەۋجۇت، يېڭى سىياسىي، يېڭى ئەدەبىيات ۋە يېڭى ئىتىقاد مەۋجۇت، يېڭى كەشپىيات ۋە سەنئەت مەۋجۇت. » بۇ مەۋجۇتلۇق يېڭىلاشتىن بارلىققا كېلىدۇ. يېڭىلاش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. مەدەنىيەتتىكى مەھرۇملۇق بىزنى ئازاپلاپ، ھايۋانىيلىق ۋەھىيدەك قەلىبلەرگە ئورناپ، ئىتىقاد بىزدىن يۈز ئۆرۈپ، ياۋايىلىق ئەۋج ئالغان دەملەردە، پەقەت ئەدەبىياتتىكى ئاسىيلىقلا روھىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. نىچشى ئېيتقاندەك : « ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ چېكىنىشى ئەقىلنىڭ زىيادە تەرەققى قىلىپ، ھوقۇق ئىرادىسىنى تۈپ مەنبە قىلغان ئىجادىيەت كۈچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن بولغان ». شۇڭا ھازىر بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىزدە يېڭىلىق يوق، تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئىجادىيەتلىرىمىزدە تۇغۇلۇش يوق. بەلكى كىلونلانغان كالىدەك كۆچۈرمىكەشلىك ۋە دورامچىلىقتىن بارلىققا كەلگەن پەرىقلىق ۋارىيانت بار خالاس. ئۇلار تۇغۇلغان تەغدىردىمۇ سىياھ بىلەن قەغەز پەقەتلا ئۇلارنىڭ قەبرىگاھى. تېخىمۇ ئىچىنىشلىقى ئەخلەت ئەسەرنى ئىجات قىلغۇچىنىڭ ئۆمۈر ئىسراپچىلىقىدۇر. سەن ئەخلات ياساپ ئۆمرۈڭنى ئىسراپ قىلغىچە، پۇشتۇڭدىن تامغان ئەۋلادىڭنى چىن ئىنسان قىلىپ تەربىيلە. چۈنكى ئاسىيلىق ئەخلەتكە ئەمەس، ئادەمگە خاس. تەن ئەخلەتتىن ئاجراپ، روھنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ، تومۇردىكى قانلار ئۆركەشلىگەندە ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا ئاسىيلىقنىڭ بىخلىرى كۆكلەيدۇ. ئىدىيەدىن رىئاللىققىچە، روھتىن تەنگىچە بولغان مەۋھۇملۇقتا ئاسىيلىق مەۋىج ئۇرۇپ رىئاللىققا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىق شۇكى، بۇرۇنقى ئەجداتلار تەبىئىي ئۇلاغلاردىن پايدىلىنىپ تەڭپۇڭلۇقنى قۇغدىغان بولسا، ھازىرقى ئەۋلادلار ياسىغان تۆمۈر « ئۇلاغ » لار غارقىراپ نەرە تارتىپ، تەبىئەت ۋە ئىنسان تەبىئىتىنى بۇلغىماقتا. بۇ بۇلغىنىش بىۋاستە ئىنساننىڭ قان ۋە روھىغا تۇتاشقان. ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئاشۇ بۇلغىنىۋاتقان ۋە بۇلغىنىش ئالدىدا تۇرغان قان ۋە روھنى تىل بىلەن تىز سىزما قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىنسانلارنى جىنايەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش. ئەلۋەتتە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئەشەددىي ئاسىيلىق كېرەك.
ئىنساننىڭ ئاسىيلىقى ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىرگە ئىگە. سېنىڭ ۋارىسانە ئاسىيلىقىڭ ھىدايەتكە ۋە بەخىتكە باشلايدۇ. مۇناپىقانە ئاسىيلىقىڭ سېنى ھالاكەت جىلغىسىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. مانا ھازىر ئادەملەر تەبىئەتنىڭ داغدام يۇلىدا ماڭماي، ئۆزى ياسىۋالغان سۈنئىي جەمىيەتنىڭ خالتا كۇچىسىغا كىرىۋىلىپ، تېڭىرقىماقتا. ئەقلىمنى ئىشلىتىپ، ئاقىللىق قىلىپ، تەبىئەتنى بوي ئەگدۈرىمەن دەپ ئۆزىنى چاغلىماي، ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپ، تۇغرا يولدىن پەش قېقىپ، ئاخىرى بېرىپ تەبىئەتنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، جازاسىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئاقىۋەتچۇ؟ ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قورقۇنىچلىق، نەچچە يۈز چۈمۈلە كىرىپ چىقىۋاتقان ئەمما ئادەمنىڭ بىر تال بارمىقىمۇ پاتمايدىغان بىر چۈمۈلە ئوۋىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئادەم تۇراتتى. ئۇ ئادەم تۇيۇقسىز قۇشمىسىنى تۈرۈپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ، غەزەپلىك ھالدا بىر چۈمۈچ سۇ ئەكىلىپ، چۈمۈلە ئۇۋىسىغا قۇيدى. ھەي ئېسىت! چۈمۈلىلەرنىڭ تەقدىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ... يەر شارىدىكى ئالتە مىليار د ئادەم چەكسىز ھەم قۇدرەتلىك تەبىئەتنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇ بىر ئادەمنىڭ ئالدىدىكى نەچچە يۈز چۈمۈلىدۇر خالاس. قانداق قىلىش كېرەك؟ پەقەت بىرلا يول : ئالىملار، دوكتۇرلار ، دوختۇرلار، تەتقىقاتچىلار، سىياسىيونلار، زوڭتۇڭلار، تىلەمچىلەر، سولامچىلەر سۇخەنچىلەر، پاھىشىلەر، ھىجىقىزلار، زىيالىلار، دېھقانلار، ئەرلەر، ئاياللار، يازغۇچى- شائىرلار، ئادەملەر ـ ئىنسانلار... ھازىر تەبىئەتكە قىلىۋاتقان ئاسىيلىقىغا ئاسىيلىق قىلىش كېرەك.
ئىنساننىڭ تەبىئەتكە قىلغان ئاسىيلىقى تەبىئەتتىكى ھەممە نەرسىنى بۇلغىدى. سۇ- تۇپراق، مۇھىت- ھاۋا، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كىچەك... ھەممە، ھەممە بۇلغاندى. مەسىلەن، ھازىر بىز ئىچىۋاتقان سۇ، يەۋاتقان ئۇن، زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار بار. بۇنى ئادەملەر ئوبدان بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە ئىستىمال قىلىدۇ. بىز كىيىۋاتقان كىيىملەرمۇ خىمىيىلىك تالا دېگەندەك بەدەنگە زىيانلىق تەركىبلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان. دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىۋاتقان ئوغوتلارنىڭ ھەممىسى زىيانلىق خىمىيىلىك ماددىلاردىن ياسالغان. بۇ ماددىلار تۇپراقنى بۇلغايدۇ. بۇ ماددىلاردىن ئۇزۇق ئالغان زىرائەتلەر ئىستىمال ئارقىلىق ئادەمنىڭ تېنىنى بۇلغايدۇ... بۇ بولغىنىشلار قوشۇلۇپ مۇھىت- ھاۋانى بۇلغايدۇ. ساپ ھاۋا ھەم ساپ تەنسىز ئىنسان ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنسىزلىك. دېمەك، ئىنسان تىرىشىپ تىرمىشىپ، ئەقلىنى ئىشلىتىپ، مىڭ –مىڭ بەدەل تۆلەپ بەخىتكە ئىنتىلىپ، تەبىئەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ، بارلىق بەدەللىرى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ بوينىغا سىرتماق ياسىماقتا. ئەينى چاغدىكى سىيىت نوچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئېلىپ كەلگەنلىكىدەك تىراگىدىيە ھازىرقى يەر شارىدىكى ئالتە مىليارد ئادەمنىڭ ئورتاق تىراگىدىيىسىگە ئايلانماقتا. كۆرۈش تەس ئەمەسكى، بۇ بۇلغىنىش تىراگىدىيەنىڭ مەنبەسى – ئەڭ ئاۋال يەنىلا شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى بۇلغىنىپ ، دىلىدا مۇناپىقانە ئاسىيلىق ئېڭىنىڭ ئويغانغانلىقىدىندۇر. بۇ دەل قايسى بىر ئايەتتە : « ئۆز – ئۆزەڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار » دېگەن ھۆكۈمگە ئەمەل قىلمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. دېمەك كېسەلنىڭ يىلتىزى تېپىلدى، ئەمدى ئۇنى ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈر پىچاق ــ ئاسىيلىق كېرەك . بۇ ئاسىيلىقنىڭ جاكارچىسى ۋە نىجادچىسى، تەشۋىق- تەرغىباتچىسى يەنىلا شۇ ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى بولغان ئەدەبىياتتۇر.
ئۇنداقتا ھازىرقى بىزدىكى ئەدەبىياتچۇ؟ بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز تۇخۇم بېسىپ ياتقان كۇرۇك مېكىيانغا ئوخشايدۇ. مېكىياننى تۇتسا بەدىنى ئوت، ئاستىغا ئاپئاق ئۈمۈدلۈك تۇخۇملارنى بېسىپ ياتقان، لېكىن نەتىجىدە ئۇ تۇخۇملارنىڭ كۆپىنچىسى پالاخ چىقىدۇ. يەنە بىر قىسمى مىڭ مۇشەققەتتە تۇخۇمدىن چىقاي دېگەندە، ئېچىرقىغان ئانىسىغا يەم بۇلىدۇ. تەلىيى ئوڭ كېلىپ تۇغۇلۇپ قالغان ئاندا- ساندىلىرىنى بولسا ئانىسى تاشلىۋەتكەن. يەيدىغان يېمى يوق، بەدىنىدە پېيى يوق، قانات قۇيرىقى تېخى ئۆسۈپ – يېتىلمىگەن. بىچارىلەرچە چۇرۇقلاپ، دان ئىزدەپ تىمىسقىلاپ يۈرگىنى يۈرگەن. دېمەك ئۇلارنىڭ كەلگۈسىمۇ خىرە. لېكىن ئاسماندا سېخى قۇياش ھىكمەت نۇرىنى ئايىماي ئۇلارنىڭ بەدىنىگە سەپمەكتە. چۈنكى پۈتۈن دۇنيادا پەقەت بىرلا قۇياش بار. نەۋائىيمۇ شۇ قۇياشنى كۆرگەن، گىيۇتىمۇ ئاشۇ قۇياشنى سۆيگەن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن چىڭگىز ئايتماتوفمۇ ئاشۇ قۇياشنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى يازغان، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن سارترىمۇ پەلسەپە دېڭىزىغا چۈشكەن ئاشۇ قۇياشنىڭ ئوتىدا سۆيگۈ ئىزلىگەن. مانا ھازىر ئورخان پامۇك بىلەن بىزمۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئاشۇ قۇياشنىڭ نۇرىدا تاۋلانماقتىمىز. لېكىن ھازىر بىزدىكى ئەدەبىيات سەيناسىنى ياۋا ئوتلار قاپلىدى، قۇرۇقتىن- قۇرۇق ۋەقەشۇناسلار يامرىدى. تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەسەبىي ئىچىرقىغان سۆيگۈ نىقابى ئاستىدىكى شەھۋانىيەت تەسۋىرلىرى ئەۋىج ئالدى. ئەدەبىيات ماھىيىتىدىن ئىنساننى بەخىتلىك ياشاشقا يىتەكلەيدىغان ئۆچمەس مەشئەل بۇلىشى كېرەككى، ھەرگىز روھنى زەھەرلەپ، زاۋاللىققا باشلايدىغان ئەپيۇن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەدەبىيات گويا سۇڭەكسىز سىڭىر. ئەگسەڭ ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ، تۇتساڭ يۇمشاق ئەمما مۇستەھكەم، چاينىساڭ لەززەتلىك ئەمما چىشىڭ ئۆتمەيدۇ. جاپاسىغا چىداپ ئوبدان ھىزىم قىلالىساڭ، يىلىكىڭنى تۇلۇقلاپ، بەدىنىڭنى قۇۋۋەتلەپ، روھىڭنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەدەبىيات قاننى ساپلاشتۇرۇپ، ھۈجەيرىنى ياشارتىدىغان ۋىتامىنكى، ھەرگىز ئۇننى ئاقارتىش ئۈچۈن قوشۇلغان رەڭ دورىسى ئەمەس. بەزىلەر رەڭۋازلىق قىلىپ ئەدەبىيات تاۋكاسىنى ئۆڭدۈرىۋەتتى. ئەدەبىياتتا رەڭۋازلىق ئاقمايدۇ. ۋاقىتلىق ئۆپكە كۆرسىتىپ ھېسىپ سېتىپ نان تاپقان ۋە نام تاپقانلارغا ئۇزۇن ئۆتمەي تارىخنىڭ لەنەت تامغىسى بېسىلىدۇ. چۈنكى ئەدەبىياتقا رەڭ ئەمەس جان كېرەك. بۇ جەڭگاھنى تاللىغانلارغا دەۋىرنىڭ ھەقىقىي ۋىجدانى بۇلالايدىغان روھ كېرەك. مەدەنىيەتتىكى بۇلغىنىشنى، ئىتىقاتتىكى بۇرۇلۇشنى، روھىيەتتىكى بۇزۇلۇشنى قەتلى قىلىپ، ئىنساننى ھەقىقىي بەخىت يولىغا باشلىيالايدىغان ئاسىيلىق كېرەك.
بۇ ئاسىيلىقنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تۇپرىقىدا توغۇلىشى مۇقەررەر. چۈنكى « بارلىق بۈيۈك ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي ئەنئەنە بىلەن چەتئەل تەسىرىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدا تۇرغان بۇلىدۇ. » ( ئانھېل راما ) دۇنيا تارىخىنى ئاختۇرۇپ كۆرسەك، بۈيۈك ئەدىپلەرنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىغان. گىرمانىيەلىك داڭدار يازغۇچى ۋە شائىر گىيۇتى دەسلەپ يۇنان ئەپسانىلىرىنى تەتلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئالغان ھەمدە « فائۇسىت » تەك چوڭ ھەجىملىك داڭلىق ئەسەرلىرىدە يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى پىرسۇناژلارنى ئارىيەت ئالغان. كېيىن ئۇ يەنە شەرق شائىرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شەرقچە ئۇسلۇبتىكى نۇرغۇن شىئېرلارنى يازغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گارسىيە ماكوس ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا كافكانىڭ « شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى » ناملىق پوۋىستىنى ئوقۇپ قاتتىق تەسىر قىلىپ، «ئەسلى ئەسەرنى مۇشۇنداق يازسىلا بولىدىكەنغۇ، يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن » دەپ، ئوقۇشنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنمىش. گىرمانىيىلىك داڭلىق پەيلاسوپ نىچشىمۇ شوپىنخاۋىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا ئۇنىڭ پەلسەپىسىگە پۈتۈنلەي مەستانە بولغان، دائىم ئۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئويلانغان. كېيىن شوپىنخاۋىرنىڭ ئىرادىچىلىك پەلسەپىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شوپىنخاۋىر ئوتتۇرغا قويغان « ياشاش ئىرادىسى » پەلسەپىسىنى « ھوقۇق ئىرادىسى » دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. دېمەك ئاخىرقى ھېسابتا نىچشى يەنىلا باشقىلارنىڭ ئىدىيە ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ پەلسەپە سېستىمىسىنى ياراتقان. دېمەك، باشقا مىللەتلەردىكى داڭدار ئەدىبلەر بولسۇن، ئۆزىمىزدىن چىققان نەۋائىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغىچە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردىن ئادىل تۇنىيازغىچە، زوردۇن سابىر ھەتتا مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن مۇھەممەت باغراشقىچە... قەدىمدىن ھازىرغىچە، تارىختىن بۈگۈنگىچە باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ۋە ئۇچرىمايدىغان بىرمۇ ئەدىب يوق. چۈنكى بىلىم ۋە ماھارەت باشقىلار ياراتقاننى، باشقىلار جۇغلىغاننى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ بىيىتىشتىن كېلىدۇ. ئەنئەنە بىلەن يېڭىلاش، بۇزۇش بىلەن تۈزەش ، تېڭىرقاش بىلەن تاكامۇللىشىش ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ئورتاق كەچمىش.
دېمەك قەدىمىي بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ ھەغدالىرى بولغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئەنئەنىنىڭ يېڭىلىنىشى، ئەخلاقنىڭ « زامانىۋىيلىشىشى »، خەلقنىڭ مەنىۋىي تەلىپىنىڭ ئېشىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇپ، ئاسىيلىق ئەدەبىياتىنى تەقەززا قىلماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆچەكتىن چىقىشى كېرەك. ئۆزىنى زامانغا لايىق قىياپەتتە بېزەپ، كىلاسسىك ئېقىندىن قان تولۇقلاپ، خەلقنىڭ روھىيەت قەدىمىنى ھەقىقىي توغرا يولغا يىتەكلەپ ماڭىدىغان يېشىل تۇغقا ئايلىنىشى كېرەك. ماددىي مەئىشەتنىڭ كەينىدىن تېمىسقىلاپ، ئۆزىنىڭ روھىنى يۈتتۈرۈپ قويغان كىشىلىرىمىزدىكى پەلسەپە نامراتلىقى ئەدەبىياتنىڭ كاۋاكلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىنمۇ قەلەم خەنجىرى بىلەن يولۋاسنى بويسۇندۇرالايدىغان ۋۇسۇڭ پالۋانلار چىقىپ، قاغجىراپ كەتكەن روھىيەت باياۋانىدىكى « لىياڭشەن كۆلى » گە ئىدىيە تۇغلىرىنى قاداپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقى تۇغۇرسىدا ئىزدىنىۋاتقان پالۋانلارنى ئەتراپىغا توپلاش كېرەك. شۇندىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى چاقناش مۇنچىسىدا يۇيۇنۇپ، خەلقنىڭ چۈشكۈنلەشكەن ئاڭ زىندانىغا مەشئەل ياقالايدۇ. بۇ مەشئەل دەل ئاسىيلىق ئەدەبىياتىنىڭ چوغىدىن ئوت ئالىدۇ. بۇ ئوت قەلىمىنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سىياھقا چىلاپ، ۋىجدانىنى ئالقىنىغا ئالالايدىغان ئەدىبلەرنىڭ قەدەملىرىدە يانىدۇ.
بۇ ئاسىيلىق ئەدەبىياتى ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈندۈزدىن كىيىنكى تۈنلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئاددى چىراق. ئۇ خەلقنىڭ ئاھ - زارىغا ، دەرت ھالىغا مەلھەم بولىدۇ. نىجىس ئىپلاسلىقلىرىنى، پەسكەش سەپسەتىلىرىنى ئىدىيە سوتىدا جازالايدۇ. بۇ ئاسىيلىق ئەدەبىياتى باياۋانغا باغرىنى يېقىپ، مىڭ يىللىق مۇردىدەك « خۇدايىم بېرىدۇ» دەپ ياتقان بوۋاينىڭ ئەسكى چاپىنىنى تەسۋىرلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئۆلگەن ئەڭ ئىپتىدائىي روھىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ، جاھان ئەھلىگە جاكارلايدۇ. بۇ ئاسىيلىق ئەدەبىياتى زامانىۋىيلىق ئۆتەڭلىرىدە گاڭگىراپ يۈرگەن زىيالىيلارنىڭ قويىۋالغان ۋاچچاللى ساقىلىنى ياكى بەدىنىنى ياپالماي، ئەۋرەتلىرىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان چاكىنا كىيىمىنى تەسۋىرلىمەيدۇ. بەلكى ئات ئۈستىگە توغۇلۇپ، ئات ئۈستىدە جان بېرىدىغان زامانلاردىكى ئەجداتلىرىنىڭ ھازىرقى ناجىنىس ئەۋلادلىرىنىڭ ئېرسىيەت گېنىدا چۆكمە بولغان تىندۇرما روھىنى چىللايدۇ. چۈنكى نەچچە ئەسىرلىك بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بۈيۈك مەدەنىيەتنى باغرىغا بېسىپ ياتقان بۇ مۇقەددەس زېمىندا نەچچە ئونمىڭ پارچە روماندا يېتىپ ئاشقىدەك ئەدەبىي ئەۋزەللىك ۋە سېھرىي گۈزەللىك بار. نەچچە ئونمىڭ قىسىملىق كىنو ئىشلىسە خورا پ قالمايدىغان قەدىمىي فولىكلور زاپىسى ۋە بىر قانچە خىل دىننىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن شەكىللەنگەن ئىلاھىي ئىزلار بار. قەدىمكى قەھرىمانلىق دەۋرى، كېيىنكى ئىسلاملىشىش دەۋرى ۋە يېقىنقى زاماندىكى دېمۇگراتىك ئويغىنىش دەۋرىدىن قالغان ئۆلمەس ئىپتىخارلىق ۋە ئۆچمەس داغلار بار. قومۇلدىن تۇتاشقان ئوتنىڭ ئۇيغۇرغا خاس جاسارىتى ۋە ھارارىتى بۇ بۈيۈك زېمىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەرگىچە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. تۇرپاندىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت، يالقۇنتاغدىكى سىرلىق قامەت دۇنيانىڭ ھىچنەرىدە يوق. باشئەگىمدىكى سۆيگۈ سىمفۇنىيىسى، قەشقەر ، خوتەن، غولجا، لوپنۇر، تارىم، تەكلىماكاندىكى چۆچەكسىمان سېھرىي رىئاللىق « يۈزيىل غېرىبلىق » تىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە: شۇ ئەۋزەللىكنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرغا خاس جەڭگىۋار قىياپەتتە دۇنياغا جاكارلاش. مانا بۇ ئاسىيلىق ئەدەبىياتىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى.
ئەدەبىيات ئوت ئەمەس، بەلكى ئوتنى چۇخچىلايدىغان لاخشىگىر. خەلقنىڭ قەلبىدە سۇس پىلدىرلاپ كۆيىۋاتقان ئوتنى قوچۇش قەلىبكە نىسبەتەن ئاسىيلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبىدىكى بەخىت ئوتلىرىنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن قىلىنغان ئاسىيلىقنى ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدۇ. تۈنۈگۈندە، بۈگۈندە ۋە ئەتىدە، تەندە ۋە روھتا، پۈتكۈل ئىنساننىڭ ۋوجۇد تىلسىماتىدا، زامان- ماكاندا، ھەرمىنۇت، ھەر دەقىقىدە ئاسىيلىقنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ. ئىنساننىڭ ھەر قەدىمىدىن ئاسىيلىقنىڭ خۇرۇچلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن، ياشاش مەنتىقىسىدىن كەلگەن . ئاسىيلىق ئەدەبىياتى ئىنساننىڭ شۇ ماھىيەت ۋە مەنتىقىسىدىن كەلگەن ئۇلۇغلۇقنى ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ جاھان ئەھلىگە جاكارلايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئە.م.خاقان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-10 23:44