تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 3

ئانا،مېنى بىر قېتىم سۆيۈپ قوي‹ھېكايە› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  720
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 6
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 22:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
ئانا،مېنى بىر قېتىم سۆيۈپ قوي
ھېكايە
-قىزىم،ناشتا قىلىپ مېڭىڭ؟-دېدى مايسخان ئانا قىزىنىڭ ئالدىراش ئۆيىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقنى كۆرۈپ.
-رەھمەت ئانا،بۈگۈن بالدۇراق ئشقا بارمسام بولمايتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرسقۇممۇ توق ،-دېدى نۇرىمان قەدەملىرىنى توختىپ.
-شۇنداق بولسىمۇ ناشتا قىلىپ مېڭىڭ قىزىم،ئەتىگەندە ناشتا قىلماي ئۆيىدىن چىقىش ياخشى ئەمەس،-دېدى مايسخان ئانا قىزىغا كۆيۈنگەن ھالدا.
-بۈگۈن يۇقىردىن باھالاش ئۆمكى كېلەتتى.شۇڭا،ئالدىراپ قالدىم،ئانا؟ئەتە بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلايلى،-دېدى نۇرىمان.
-مەيلى،ئۇنداق بولسا ئشقا بالدۇراق بېرىڭ قىزىم،-دېدى مايسخان ئانا.
- كەچتە بالدۇراق قايىتىپ كېلىمەن.تاماق ئەتمەي تۇرۇڭ،ئۆزۈم كېلىپ ئېتىپ بېرىمەن،خۇش ئانا،-دېدى نۇرىمان ئانسنى قۇچاقلاپ قويۇپ.
نۇرىمان ئانىسى بىلەن خۇشلىشىپ ئىتىك قەدەملىرى بىلەن ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.
باياتتىن دېگەندەك ئۇ ئشقا بالدۇراق بارمىسا بولمايىتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن كېلىدىغان باھالاشقا ياخشى تەييارلىق قىلىش،باھالاشتا ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئىدارە رەھبەرلىكى قايتا-قايتا ئشلەيدىغان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەكىتلىگەنىدى.
ئۇ ئاللىقانداق خىياللار بىلەن كېتىپ باراتتى. تۇيۇقسىز تېلېفۇنى ئەنىسز سايراپ كەتتى.تېلېفۇن ناتونۇش بىر ئادەمدىن كەلگەنىدى.
-ۋەي،ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم...
_ئانا،مەن سىنى بەكلا سېغىندىم ،تىزراق كەلسەڭچۇ،ئانا!
تېلېفۇندىن ناتونۇش بىر قىزچاقنىڭ زائىپ ئاۋازى ئاڭلاندى.نۇرىمان قىزچاقنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ:
_خاتا ئورۇپ قاپسىز،قىزىم!مەن سىزنىڭ ئانىڭىز ئەمەس،-دېدى نۇرىمان سىلىق تەلەپپۇزدا.
-خاتا ئۇرۇپ قاپسىز،ئۇنداق دېمەڭ جېنىم ئانا؟مەن قىزىڭىز ئايپەرى...
-ئايپەرى...
-نەچچە كۈندىن بۇيان سىزنى بەك سېغىنىدىم،يېنىمغا قاچان كېلىسز،جېنىم ئانا؟
-قىزىم،تېلېفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپسىز،خۇش...
نۇرىمان ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورۇنغا تېلېفۇنى ئۇزۇۋەتتى.دېمىسىمۇ بۇ خاتا ئۇرۇلغان تېلېفۇنىدى.چۈنكى ئۇ تېخى توي قىلمغان،ئائىلە قۇرمىغانىدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان نۇرىماننىڭ ئائىلىسىگە نەچچە يەردىن ئەلچى كەلگەن بولسىمۇ ھەممسىنى چىرايلىق رەت قىلىپ يولغا سالغانىدى.چۈنكى نۇرىماننىڭ پۈتۈشۇپ قويغان ئادىمى تېخى ئاسپرانتلىق ئوقۇشنى تۈگەتمىگەنىدى.
بىر كۈنلۈك ئالدىراش خىزمەتنى تۈگەتكەن نۇرىمان ئۆيگە قايىتىپ كەلدى-دە، سومكىسىنى شىرە ئۈستگە تاشلاپ قويۇپ كىرسلوغا يۆلىنىپ چۇڭقۇر خىياللارغا غەرق بولۇپ كەتتى.ئۇنىڭغا بۈگۈنكىدەك ھاردۇق يەتمىگەنىدى.بىر كۈنلۈك باھالاشنىڭ جىددىي ھالىتى ئۇنى ئوبدانلا چارچىتىپ قويغانىدى.
تويۇقىسز ئەتىگەن ئۇرۇلغان نۇمۇردىن يەنە تېلېفۇن كەلدى.نۇرىمان بۇ قېتىم سالماقلىق بىلەن تېلېفۇننى قوبۇل قىلدى.
-ۋەي...
-ئانا،قاچان قايىتىپ كېلىسز؟يولىڭىزغا ئېنىتىزار بولۇپ كۆزۈم تېشلەي دېدى،سىزنى بەك سېغىنىدىم؟
بۇ قېتىم نۇرىمان قاتتىق گەپ قىلىپ تېلېفۇننى قويۋىتىشنى ئويلغان بولسىمۇ،لېكىن بۇ نارىسدە بالىنىڭ زەئىپ چىقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ:
_ئوبدان قىزىم،تېلېفۇننى يەنە خاتا ئۇرۇپ قۇيۇپسىز ! _دىدى –دە،تېلېفۇننى بېسىۋەتتى.
شۇنىڭدىن تارتىپ نۇرىمانغا بۇ نۇمۇردىن كەينى-كەينىدىن تېلېفۇن كېلىدىغان،بالىنىڭ سېغىنىشلىق نالىسى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. نۇرىمان بەزىدە جىلە بولۇپ ئاچچقىلىنىپمۇ قالاتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي ئاچچىقى يېنىپ:‹‹بولدىلا كىچىك بالىكەنغۇ›› دەپ نۇمۇرغا قاراپ تېلېفۇننى ئالمايدىغان بولىۋالدى .
بىر كۈنى ئۇ ئشىانىسدا ئالدىراش ئشلەۋاتاتتى.ئۇنىڭ تېلېفۇنى يەنە ئەنىسز سايراپ قالدى. قارىسا يەنە شۇ تونۇش ناتونۇش نۇمۇردىن تېلېفۇن كەلگەنىدى.ئۇ تېلېفۇننى بېسىۋەتتىپ يېنىك تېىنىپ قويدى-دە،ئۆز ھەللەكىچلىكى بىلەن بولۇپ كەتتى.بىراق تېلېفۇننى قايتا –قايتا سايراۋەرىدى.ئۇ ئاچچىقىنى تەستە بىسىۋىلىپ تېلېفۇننى ئالدى .بىراق بۇ قىتىم ھېلىقى قىزنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش چىقىۋاتاتتى.
_ئانا،مەن سىنى بەك سىغىندىم ،تېزراق قايتىپ كەلگىن . دادامنىڭ ئېيىتىپ بېرىشچە،بۇ سېنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرۇڭ ئىكەن. ھەرگىز خاتا ئەمەس دەيدۇ.ئانا،مەن بەكلا قىينىلىپ كەتتىم.سىنى بەكلا سىغىندىم.دادام سېنى بەك ئالدىراش دەيدۇ،دادام ماڭا كېچە-كۈندۈز قاراپ بەك ھېرىپ كەتتى. دادامىدىن ئاڭلسام باشقا شەھەرگە ئوقۇشقا كېتىپسەن.ئەگەر مېنى كۆرگىلى كېلەلمىسەڭ،مېنى تېلېفۇندا بولسىمۇ بىر قېتىم سۆيۈپ قويساڭلا بولدى،ئانا.بۇلامدۇ؟_ قىزنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى پەسلەپ كېتىپ باراتتى .
نۇرىمان قىزنىڭ سەبىي سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نېمە قىلىشىنى،نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتتى.
-جېنىم ئانا،ئاخىرىقى قېتىم بولسىمۇ مېنى بىر قېتىم سۆيۈپ قوي...
قىزنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتۋاتاتتى. تېلېفۇنىدىن بۈغلۇپ-بۇغلۇپ يىغىلاۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-جېنم قىزىم،نېمە بولدى سىزگە؟گەپ قىلىڭ...
ـ ئانا،سىزنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى...مېنى...بىر...قېتىم...سۆيۈپ...قوي...
نۇرىمان قىزچاقنىڭ ئۇزۇلۇپ-ئۇزۇلۇپ ئېيتىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ تەلىۋىنى رەت قىلىشقا كۆڭلى قويمىدى .شۇنداق قىلىپ ئۇ تېلېفۇننى ئاغزىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ قىزنى ئارقا-ئارقىدىن نەچچىنى چوكلتىتىپ سىۆيۈپ قويدى.
تېلېفۇندىن قىزنىڭ :
_رەخمەت ...ئانا ،مەن بەك...خوش...بولدۇم ...مەن بەك ...بە...ختلىك ..._دېگەن گەپلىرى ئاڭلاندى. شۇ چاغدا نۇرىماننىڭ تېلېفۇنى ئۈزۈلۈپ كەتتى .
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭغا يەنە شۇ نۇمۇردىن تېلېفۇن كەلدى. بىراق بۇ قېتىم تېلېفۇن ئۇرغان ئادەم ھېلىقى قىزچاق بولماستىن،بەلكى بىر ئەر ئىدى.
-ۋەي،قىزىم بۇ سىزمۇ؟
_كەچۈرۈڭ خانىم، بۇ كۈنلەردە سىزگە كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى سىلىپ قويدۇم.مېنى راستىنلا كەچۈرۈڭ! ئەسلىدە مەن بالدۇراق تېلېفۇن ئۇرۇپ سىزدىن كەچۈرۈم سۇراي دېگەنىدىم. بىراق قىزىمنىڭ ئىشى بىلەن ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم.سزنى ‹‹ئانام›› دەپ تولا تېلېفۇن قىلغان قىزىم بەش ياشقا كىرگەندە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.ئانىسى بولسا قىزىمنى توغۇش جەرياندا بەختكە قارىشى ئۆلۈپ كەتكەنىدى.بالا ئانام قېنى دەپ بەكلا يىغىلاپ تۇرۋالدى.قانداق قىلاي،ئانىسنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋەرنى قىزىمغا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. چۈنكى قىزىم نەچچە قىتىملىق خىمىيىلىك داۋالاشقا چۈشتى،تۇلىمۇ قىينالدى.ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ سېلىپ ئۇنى تېخمۇ ئازاپلىغىم كەلمىدى.ئۇ دائىم ئاغرىق ئازابى دەستىدىن ئېڭىراپ ئانىسىنى چاقىراتتى.ئاخىرى قىزىمنىڭ زارىغا چىدىماي خالىغانچىلا بىر تېلېفۇن نۇمۇرنى دەپ بەرگەنىدىم.كىم ئويلسۇن دەپ بەرگەن نۇمۇر سىزنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىڭىزكەن ئەمەسىمۇ؟! ئەرنىڭ ئاۋازى تۇلىمۇ بوش ھەم ئازاپلىق ئاڭلىنىۋاتاتتى.
_قىزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟_دىدى نۇرىمان قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن.
_ئۇ كەتتى خانىم، مىنى بۇ دۇنياغا تىكەندەك يالغۇز تاشلاپ،ئانىسنىڭ يىنىغا بارسا كەلمەسكە كەتتى. ئۇنى تېلېفۇندا سۆيۈپ قويغىنىڭىزدىن كېيىن ‹‹ئانا››سىنىڭ ئاۋازى چىققان تېلېفۇننى كىچىك قوللىرى بىلەن مەھكەم تۇتقۇنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كېتىپ قالدى.
ئەرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيشنى بىلەلمەي قالغان نۇرىماننىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچلىرى تاراملاپ ئېقشىقا باشلىدى.

mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1773
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4795
تۆھپە : 16
توردا: 359
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-19

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 21:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇردىن باشلانغان قىسىمىغا دىققەت قىلسىڭىز بۇلاپتىكەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 00:07:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشىمچە بۇ تەرمىلەر ژورنىلدا ئېلان قىلىنغان تەرجىمە ئىدىغۇ..ئۇنىڭدا  تېلېفۇننى تاپشۇرىۋالىدىغىنى بىر ئەر كىشى، تېلېفۇن بەرگۈچى بىر كىچىك بالا، ئاخىرىدا تېلېفۇندا چۈشەندۈرگۈچى ئاپىسى ئىدى. قاتتىق ئۆزلەشتۈرۈش بوپتۇغۇ بۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  720
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 6
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 22:14:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمنە ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇتتىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!بەلىكىم بۇ ئەسىرىم ئۆتمۇشتە ئوقۇغان بىرەر ئەسەرلەر كاللامغا كېلۋىلىش سەۋەبىدىن ئوخشاپ قالغاندۇ.تور بىكتىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ يولداشلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىسلەر.شۇڭا،ئەسەرنى تولۇق ئۆزلەشتۇرۋالغان دەپ كەتمەي،ئىلىمىراق چۈشەنچە بەرسەڭلا!مەن ئويلايمەن.دۇنيادا خىجللىق،بېشى چۈشكەن ھالدا تەنىقىت ئاڭلاش،......قاتارلىقلاردىن ئېغىر ئىش يۇقتۇر.
سلەر دېگەندەك ئاشۇنداق ئوخشاشلىق بولۇپ قالسا مەن بۇ ئەسەرنى يازمىغان بولاي!!!!
ۋاقىتڭلارنى ئېلىپ قويدۇم،كەچۇرۇڭلار!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش